چىرا بازىرى

ئورنى Wikipedia
چىرا بازىرى

策勒镇.Chira town

چىرا ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى بازارلىق
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە چىرا ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 10 دانە
نوپۇس 15 مىڭ
يەر مەيدانى ؟ كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 903(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新R
تور بېكەت چىرا ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

چىرا بازىرىشىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىخوتەن ۋىلايىتىنىڭ چىرا ناھىيىسى گە قاراشلىق مەمۇرىي بازار بۇلۇپ، تەكلىماكان قۇملۇقى نىڭ چېتىگە، بىر تەرىپى تاغلىق، ئۈچ تەرىپى قۇم، تۈزلەڭلىك رايونىغا جايلاشقان. تۇپراق قاتلىمى قېلىن، قۇمساڭ ئەت تۇپراق، سۇ ئۆتكۈزۈشچانلىقى بىر قەدەر ياخشى؛ يەر ئىسسىقلىقى بايلىقى ئىنتايىن مول، سۇ بايلىقىنىڭ ساقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىنغان.

مەمۇرىي رايونلىرى[تەھرىرلەش]

چىرا بازىرى ۋاكالەت نومۇرى: 653225100. قاراشلىق 10 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، بۇلار:

  • جامە مەھەللىسى،
  • مەخمەل مەھەللىسى،
  • تۇزاقچى كەنتى،
  • سايئۆستەڭ كەنتى،
  • چاقما كەنتى،
  • ھوجدا كۆل كەنتى،
  • كۆكمەت كەنتى،
  • يار بويى كەنتى،
  • ئەنئېرىق كەنتى،
  • باش كۆكمەت كەنتى،
  • دۆڭئېرىق كەنتى،
  • توغرى كالى كەنتى قاتارلىقلار.

ئىقتىسادى[تەھرىرلەش]

چىرا بازىرى پارتكوم، ھۆكۈمەت ئىتتىپاقلىشىپ پۈتۈن بازاردىكى ھەر مىللەت خەلقى ئەمەلىيەتنى مەۋقە قىلشان ئالتە بىر «300 مىڭ» قۇرۇلۇشىنى زىچ چۆرىدەپ، رايون نىشانى، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئاساس قىلىغان، ئىقتىسادىي ئورمان مېۋىلىرى، چارۋىچىلىق مەيدانى، دېھقانچىلىق قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى، 2-، 3-كەسىپلەر تەڭ تەرەققىي قىلغان.

پۈتۈن بازاردىكى ھازىر باغۋەنچىلىك كۆلىمى (ھويلا-ئاراملارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 19 مىڭ مو بۇلۇپ، ئانار، ئۆرۈك، ياڭاق، چىلان قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئورمان 1.7 مو (800 مىڭ تۈپ). 2004-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، يىل ئاخىرىدا قولدا قالغان چارۋا 29517 تۇياق (دانە)، چىقىم قىلىنغان تاۋار چارۋا 14800 تۇياققا يەتكەن. پاختا بىرلىك مەھسۇلاتى 110.45 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 717.925 توننىغا يەتكەن؛ ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش، يىتەكلەش 4480 ئادەم / قېتىم، 126.17 مىڭ يۈەن كىرىم قىلغان؛ مېۋە-چېۋە سوغۇق ساقلاش، پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپى يېزا ئىگىلىك ئەسلىھەلىرى، يېمەك-ئىچمەك، گىلەم پىششىقلاپ ئىشلەش، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتى ساياھەت كەسپى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان. ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2349.27 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، مالىيە كىرىمى 18.1994 مىڭ يۈەنگە، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 957.3 يۈەنگە يەتكەن.