چىغىرتماق

ئورنى Wikipedia
چىغىرتماق

چىغىرتماق چىغىرتماق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، چىغىرتماققا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، قان توختىتىش، زەھەر قايتۇرۇش، ھارارەتنى پەسەيتىش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

تونۇشتۇرۇلىشى [تەھرىرلەش]

چىغىرتماق چىغىرتماق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، چىغىرتماققا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، يەر ئاستى يىلتىزسىمان غولى توغرىسىغا ئۆسىدۇ ۋە توم قىسقا تولغاشما شەكلىدە بولۇپ، قارامتۇل خورما رەڭدە كېلىدۇ؛ يوپۇرماقلىرى تۈۋىدىن كۆپلەپ توپلىشىپ ئۆسىدۇ، شەكلى كەڭ يىپسىمان، چىداملىق، تومۇرلىرى تۈز، روشەن بولىدۇ؛ چەكلىك كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى ئۇچىدا ئۆسىدۇ، رەڭگى كۆكۈش سۆسۈن، ئەتراپى سېرىق رەڭدە بولىدۇ؛ غوزا شەكىللىك مېۋىسى قىسقا تاياقسىمان ئالتە قىرلىق بولىدۇ؛ ئۇرۇقىنىڭ رەڭگى قارامتۇل خورما رەڭدە، قىرلىق بولىدۇ.

خۇسۇسىيىتى[تەھرىرلەش]

قان توختىتىش، زەھەر قايتۇرۇش، ھارارەتنى پەسەيتىش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

دورىلىق قىسمى[تەھرىرلەش]

دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى، ئۇرۇقى ۋە يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.

تەبىئىتى[تەھرىرلەش]

ھۆل سوغۇق.

ئىشلىتىش مىقدارى[تەھرىرلەش]

ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.

يىغىپ تەييارلاش ئۇسۇلى[تەھرىرلەش]

بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلىنى ياخشى ئېچىلغان ۋاقتىدا يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ؛ ئۇرۇقىنى پىشقان چاغدا يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، تاسقاپ، تازىلاپ، يىلتىزىنى ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە قېزىۋېلىپ، توپىلىرىنى ۋە چاچما يىلتىزىلىرىنى ئېلىۋېتىپ، توغراپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

ئۆسۈش ئورنى[تەھرىرلەش]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دەريا ۋادىلىرى، ئېتىز قىرلىرى، ئېرىق بويلىرى، تاغ جىلغىلىرى قاتارلىق نەم يەرلەردە ئۆسىدۇ.