چىنىگۈل

ئورنى Wikipedia

چىنىگۈل قەلەمپۇر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق، چىنىگۈلگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ياللۇغ قايتۇرۇش، سۈيدۈك ۋە قاننى راۋانلاشتۇرۇش، ھەيز كەلتۈرۈش، يىرىڭلىق ئىششىقنى قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە نامى :چىنىگۈل


چىقىش ئورنى : شەرقىي تۈركىستان

تەبىئىتى :ھۆل سوغۇق

تونۇشتۇرۇلىشى[تەھرىرلەش]

چىنىگۈلچىنىگۈل قەلەمپۇر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق، چىنىگۈلگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 ~ 40 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ غولى تىك، توپلىشىپ ئۆسىدۇ، ئىنچىكە، ئۇزۇن، بۇغۇملىرى ئېنىق؛ يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسىدۇ، يوپۇرمىقىنىڭ شەكلى يىپسىمان ياكى يىپسىمان تېمىنە شەكلىدە، تولۇق گىرۋەكلىك، يوپۇرماق تۈۋى غىلاپسىمان بولۇپ غولىنى يۆگەپ تۇرىدۇ؛ گۈلى يەككە ياكى بىرقانچىسى شالاڭراق توپلىشىپ ئۆسىدۇ، گۈل كاسسىسى كانايسىمان، گۈلتاجى يوپۇرمىقى بەش دانە، يىپسىمان يېرىلغان، رەڭگى سۇس قىزىل، ئاق ياكى سۇس قىزغۇچ سۆسۈن، غوزا مېۋىسىنىڭ شەكلى، ئۇزۇنچاق، ئۇچى تۆت چىشلىق بولۇپ بۆلۈنگەن.

مۇندەرىجە[تەھرىرلەش]

  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
  • تونۇشتۇرۇلىشى
  • خۇسۇسىيىتى
  • دورىلىق قىسمى
  • تەبىئىتى
  • ئىشلىتىش مىقدارى
  • يىغىپ تەييارلاش ئۇسۇلى
  • ئۆسۈش ئورنى
  • رېتسىپلار
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

خۇسۇسىيىتى[تەھرىرلەش]

ياللۇغ قايتۇرۇش، سۈيدۈك ۋە قاننى راۋانلاشتۇرۇش، ھەيز كەلتۈرۈش، يىرىڭلىق ئىششىقنى قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

دورىلىق قىسمى[تەھرىرلەش]

دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ۋە يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.

دورىلىق قىسمى[تەھرىرلەش]

دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ۋە يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.

تەبىئىتى[تەھرىرلەش]

ھۆل سوغۇق.

ئىشلىتىش مىقدارى[تەھرىرلەش]

ئەھۋالغا قاراپ 8 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.

يىغىپ تەييارلاش ئۇسۇلى[تەھرىرلەش]

بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز، كۈز پەسىللىدە، گۈللەشتىن ئىلگىرى ئورۇۋېلىپ، توغراپ سايىدا قۇرۇتۇپ؛ گۈللەپ بولغاندىن كېيىن يىلتىزىنى يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

ئۆسۈش ئورنى[تەھرىرلەش]

شەرقىي تۈركىستان نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.

رېتسىپلار[تەھرىرلەش]

چىنىگۈلچىنىگۈلدىن 12 گرام، قۇشقاچتىلىدىن 10 گرام، كۆك سېغىزدىن 12 گرام، مامكاپتىن 35 گرام، خام چۈچۈكبۇيىدىن 5.2 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر سۈيدۈك يولى ياللۇغى ۋە دوۋساق ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

چىنىگۈلدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا سۈرتۈپ بەرسە، تاشقى جىنسىي ئەزانىڭ شەلۋەرىشى ۋە سۇ ئۆرلەپ تۇرىدىغان چاقىلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

مۇۋاپىق مىقداردىكى چىنىگۈلنى سۇدا قاينىتىپ يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، سۇ ئۆرلەپ تۇرىدىغان چاقىلار ۋە ئاياللارنىڭ تاشقىي جىنسىي ئەزاسىنىڭ شەلۋەرىشىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

چىنىگۈلدىن مۇۋاپىق مىقداردا دەملەپ ئىچىپ بەرسە، ھەيز كەلمەسلىك ۋە يىرىڭلىق ئىششىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.

چىنىگۈل يىلتىزىدىن 35 ~ 70 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قىزىلئۆڭگەچ راكى ۋە توغرا ئۈچەي راكىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.