چىن مەدەنىيىتى

ئورنى Wikipedia

چىن مةدةنىيىتى. ئۇنىڭ تارقىلىش دائىرىسى بۈگۈنكى شةنشىنىڭ گۇةنجۇڭ، خةنجۇڭ رايونلىرىنى مةركةز قىلىپ، شةرقتة خةنگۇ ئۆتكىلى(خەنگۇ ئوتكۇلى ھازىرقى خېنەن ئولكىسى لىڭباۋ ناھىيىسىنىڭ شەرقى شىمالىدىكى ۋاڭدۇ كەنتى تەۋەسىدە) دىن باشلىنىپ، شةربتة گةنسۇنىڭ ئوتتۇرا قىسمى، جةنۇبتا چىنلىڭ[چىنلىڭ تېغى ئىلىمىزنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى كىسىپ ئۆتىدىغان تاغ -مۇھەرىردىن] غىچة، شىمالدا خېلةن تېغىنىڭ كةڭ زېمىنلىرىنى ئۆز ئىچىگة ئالىدۇ. چىلۇ مةدةنىيىتى بىلةن ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، چىن مةدةنىيىتىدة روشةن بولغان مةنپةئةتپةرةستلىك ئالاھىدىلىكى بار. چىنلىقلارنىڭ ھةۋةس بىلةن سۆزلةيدىغان مةسىلىلىرىنىڭ ھةممىسى بوز يةر ئېچىش، تېرىقچىلىق قىلىش، جازا يۈرۈشى قىلىش، يات ئةلدىن تېرىقچىلىق قىلىشقا كةلگةنلةر قاتارلىق دۆلةت ئىگىلىكى ۋة خةلق مةنپةئةتىگة مۇناسىۋةتلىك ئىشلار بولۇپ، ئۇلار ۋاپادارلىق-مېھرىبانلىق، ئةدةپ-قائىدىلىك پةلسةپة دةلىل-ئىسپاتلىرىنى ئانچة ئېتىبارغا ئېلىپ كةتمىگةچكة، ئةدةب-ئةخلاق نورمىلىرىغا مۇناسىۋةتلىك بولغان ئةخلاقىي تةلىپىمۇ ناھايىتى بوش ئىدى