ماڭقۇرت
ماڭقۇرت سۆزى ئەڭ دەسلەپتە «ماناس داستانى» دا تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، چىڭغىز ئايتماتوۋ ئۆز ئەسىرىدە ماڭقۇرت سۆزنى ئوبرازلاشتۇرۇپ، مەناغا ئىگە قىلغان يازغۇچىدۇر.[1]
ئۇ «ئەسىردىن ئۇزاق بىر كۈن» رومانىدا ئۇرۇش ئەسىرلىرى توغرىسىدا ئۇلارنىڭ قىزىق ئاپتاپتا، باشلىرىغا تۆگىنىڭ ئۈچىيىدىن ياسالغان قاپ كىيدۈرىلىدىغانلىقى ۋە بۇ قاپنىڭ ئىسسىق تەپتىدە تارىيىپ ۋە چىڭىپ، نەتىجىدە ئەسىرلەرنىڭ مېڭىسىنى قىسىپ ، نورمال ئويلاش، تەپەككۈر قىلىش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قىلىنغانلىقى تەسۋىرلىنىدۇ. ماڭقۇرت ئۆز ئىسمىنى بىلمەيدۇ، ئائىلىسىنى بىلمەيدۇ، قىسقىسى ئۆزىنىڭ بىر ئىنسان ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدۇ.[1]
ماڭقۇرت كەلىمىسى بەلكى موڭغۇلچىدىكى «ئەخمەق» مەنىسىدىكى manguurak دېگەن سۆز بىلەن تۈركچىدىكى «ئەقلىدىن ئاداشقان» مەنىسىدىكى mengirt دېگەن سۆزلەردىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. ماڭقۇرتنىڭ مېتافورىكىلىق مەنىسىدىن ئالغاندا ئۆزىنىڭ تارىخى، مىللىتىنىڭ يىلتىزىنى بىلمەيدىغان ، ئائىلە ۋە تۇققاندارچىلىقنى ئۇنتۇپ قالغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە نېولوگىزىم نۇقتىسىدىن ئالغاندا ياكى ژۇرنالىزمدا قوللىنىش مەنىسى ماڭقۇرتىزم ياكى ماڭقۇرتاتسىيە دەپ ئاتىلىدۇ.[1]
ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ماڭقۇرتنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى بىرى باشقىلارنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقمايدىغان يەنە بىرى ئۆزلۈكىنى يوقاتقان ئىنساندۇر.[1]
ئايتماتوۋ ئەسىرىدە ماڭقورتنى سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ياشىغان يەرلىك مىللەتلەرنىڭ تەقدىرىگە ۋە ئاسمىلاتسىيە قىلىنىش ھادىسىسىگە سىمۋول قىلغان بولۇپ، سوۋت ئىتتىپاقىنىڭ ئېلىپ بارغان مەدەنىيەت قىرغىنچىىلىقىنى قاتتىق قامچىلىغان.[1]