چىڭ سۇلالىسى قەغەز پۇلى

ئورنى Wikipedia
بۈيۈك چىڭ دەۋرىدىكى قەغەز پۇل

چىڭ سۇلالىسى قەغەز پۇلى ياكى مەنچىڭ قەغەز ئاقچەسى، چىڭ ۋېنزوڭ شىيەنڧېڭ خاننىڭ 3- يىلى (1853) چىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتى تەرىپىدىن تارقىتىلغان رەسمىي قەغەز پۇل. پۇل بىرلىكى يارماق بولۇپ، 250 يارماقتىن باشلاپ 50 مىڭ ۋە 100 مىڭ يارماققىچە قىممەتتىكى قەغەز پۇللار بېسىلغان. ئۈست تەرىپىدە 「بۈيۈك چىڭ قەغەز پۇلى」دېگەن خەنزۇچە خەت، ئوتتۇرسىغا مەزكۇر قەغەز پۇلنىڭ قىممىتى بېسىلغان بولاتتى. نەقىش ۋە خەتلەر كۆك رەڭدە بېسىلاتتى.

مەنبە[تەھرىرلەش]

چىڭ سۇلالىسى قەغەز پۇلى (خەنزۇچە)