چۇ دەرياسى

ئورنى Wikipedia

چۇ دەرياسى (خەنزۇچە: 楚河) تىيانشان تاغلىرىدىكى سوۋېت قىسمىنىڭ شىمالىي يان باغرىدىن باشلىنىپ قىرغىزىستاننى بېسىپ ئۆتۈپ، قازاقسىتاننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى چۆللۈكلەرگە قەدەر ئېقىپ كېلىدىغان دەريا.

قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇش[تەھرىرلەش]

دەريا. باش قىسمى جۇۋانارىك بىلەن كوچكوردىن ئىبارەت ئىككى تارماقتىن تەشكىل تاپقان. ئۇزۇنلۇقى 6106 كىلومېترغا يېتىدۇ. كۆلىمى 62 مىڭ 500 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. دەريانىڭ باش قىسمىنىڭ ۋادىسى چوڭقۇر، ئېقىنى تېز، ئىسسىق كۆل ئويقانلىقىدىن ئېقىپ چىققاندىن كېيىن دەريا ۋادىسى كېڭىيىشكە باشلايدۇ. بۇ ئامىسكى ۋادىسىدىن چىققاندىن كېيىن، غەربىي شىمالغا قاراپ بۇرۇلۇپ، چۇ دەريا ئويمانلىقىدىن «چىقىپ» قۇملۇققا تەدرىجىي سىڭىپ كېتىدۇ. تاغدىن چىقىش ئاغزىدىكى يىللىق ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى 130 كۇب مېتر سېكۇنتقا يېتىدۇ. دەريا بويىدا ئورت-توكوي سۇ ئامبىرى قۇرۇلغان. بۇ سۇ ئامبىرىدىن سۇغىرىش ئىشلىرى ئۈچۈن پايدىلىنىدۇ، قاتناش قىلىشقا بولمايدۇ. دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىمىنىڭ توڭلاش مەزگىلى تۆت ئايغا يېتىدۇ.