چېلىشىش ئويۇنى

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

چېلىشىش ئويۇنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرىنىڭ بىرى. بۇ ئويۇن ھېيت - ئايەم، زارا خەتمە، سەيلى - ساياھەت، توي - تۆكۈن ۋە خۇشاللىق چوڭ يىغىلىشلاردا مەھەللە بىلەن مەھەللە، يۇرت بىلەن يۇرت ئارا چېلىشىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىپ، كۈچلۈك پالۋانلار ئارا كۈچ سىناشتۇرۇلۇپ بىر - بىرىنىڭ غەيرەت شىجائىتى دەڭسېلىپ، ئۇلارنىڭ باتۇرلۇقى نامايان قىلىنىدۇ. چېلىشىشتا رايونلار ئارا ئوخشىماسلىقمۇ بار. مەسىلەن، قەشقەر، ئاتۇش، كونا شەھەر، يېڭىشەھەر ناھىيىلىرىدە بەل تۇتۇشۇپ ئېگىز كۆتۈرۈپ تاشلاش، يانپاشقا ئېلىش، چۆرۈپ تاشلاش، ئارقىسىغا ئىتتىرىپ يىقىتىش، بېشىدىن ھالقىتىپ تاشلاش قاتارلىق ئۇسۇللار بولۇپ، بۇ ئۇسلۇبتا چەمەك سېلىشقا، چاتراققا پۇت تىقىشقا بولمايدۇ. بۇ ئۇسۇلغا خوتەن، يەكەن، قاغىلىق، مەكىت، يوپۇرغا قاتارلىق جايلارنىڭ چېلىشىش ئۇسۇلى ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدۇ. تۇرپان، قۇمۇل قاتارلىق رايونلارنىڭ چېلىشىش ئۇسۇلىمۇ ئوخشىمايدۇ. چېلىشىش ئويۇنى ئادەمنىڭ ئاز - كۆپلۈكىگە قاراپ توپىلىق ياكى يۇمشاق يەردە ئېلىپ بېرىلىدۇ. تاماشىبىنلار سورۇننى چۆرىدەپ دۈگىلەك ھاسىل قىلىپ ئولتۇرىدۇ. چېلىشقۇچى پالۋانلار يۇمشاق كىيىم كىيىپ، قىزىل رەختتىن پوتا باغلاپ مەيدانغا چۈشىدۇ. پېشقەدەم پالۋاندىن بىر - ئىككى كىشى سورۇننى باشقۇرىدۇ. چېلىشىش ئىككى خىل بولىدۇ. بىرى، ئىختىيارى چېلىشىش بولۇپ بۇنىڭدا ئالدى بىلەن يېشى كىچىك پالۋانلار چېلىشىشقا چۈشۈپ ئاستا - ئاستا چوڭىيىدۇ. كىم يىقىلسا ئۇنىڭ تۇغقىنى ياكى يېقىن دوستى ئۇنىڭ ئورنىغا ئىختىيارى چۈشىدۇ. بۇ خىل چېلىشىش كۆپ ھاللاردا يۇرت ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئىككىنچى خىل چېلىشىش بىر يۇرت بىلەن بىر يۇرت، بىر مەھەللە بىلەن يەنە بىر مەھەللە ئوتتۇرىسىدا مۇسابىقىلىشىش خاراكتېرىنى ئالغان بولۇپ، بۇنىڭدا ئىككى يۇرت ئۆز پالۋانلىرىنى ئاجايىپ ھەيۋەتلىك كۆرسىتىدۇ. چېلىشىشقا چۈشكەن ئىككى پالۋان پوتا باغلاپ مەيدانغا چۈشكەندىن كېيىن، سورۇن باشقۇرغۇچىلار پالۋانلارنى ئۆز ئارا كۆرۈشتۈرۈپ ئۇلارنى بىر - بىرىنىڭ بېلىدىن تۇتۇشقا رۇخسەت قىلىدۇ. ئۇلار بەلۋاغدىن ئوبدان تۇتۇشقاندىن كېيىن باشلاش ئىشارىتى بېرىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن پالۋانلار ئۆز ماھارىتىنى كۆرسىتىپ قايسى تەرەپ قايسى تەرەپنى يىقىتىپ تاغىقىنى يەرگە تەگكۈزسە شۇ تەرەپ يەڭگەن بولىدۇ. بۇ خىل چېلىشىشقا چىرماق سېلىشقا، توسما ئۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. يەنە بىر ئۇسۇلدا ئىككى پالۋان پوتا باغلاپ مەيدانغا چۈشۈپ بەل تۇتۇشقاندىن كېيىن، باشقۇرغۇچى باشلاش ئىشارىتى بېرىدۇ. ئىككى پالۋان قول پۇتلىرىنى تەڭ ئىشقا سېلىپ قارشى تەرەپنى يىقىتسىلا يەڭگەن ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدا ھەرىكەت چەكلەنمەيدۇ. يەنە بىر خىل ئۇسۇلدا ئىككى پالۋان بېلىگە پۇتا، ئوڭ پۇتىنىڭ يوتىسىغا ياشلىق باغلاپ مەيدانغا چۈشىدۇ. ئوڭ قۇلى بىلەن بەلنى، سول قولى بىلەن باغلانغان پوتىنى تۇتىدۇ. ئىككى پالۋان ئوبدان تۇتۇشۇپ بولغاندىن كېيىن باشقۇرغۇچى باشلاش ئىشارىسى بېرىدۇ. بۇ خىل چېلىشىش ئۇسۇلىدىمۇ ھەرىكەت چەكلىمىسى بولمايدۇ. پالۋان قانداق ھەرىكەت قوللانسا مەيلى، پەقەت يىقىتسىلا بولىدۇ. چېلىشىش شەكىللىرىدە ئاساسەن بەدەن ئېغىرلىقى، ياش چەكلىمىسى بولمايدۇ."[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]