چېن مىنئېر

ئورنى Wikipedia

چېن مىنئېر، ئەر، خەنزۇ، 1960- يىلى 9- ئايدا تۇغۇلغان، جېجياڭ جۇجىدىن، 1981- يىلى 8- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1982- يىلى 9- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

  ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى.

  1978- يىلىدىن 1981- يىلىغىچە شاۋشىڭ پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكوم مەكتىپىنىڭ جۇڭگو ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان.

  1981- يىلىدىن 1982- يىلىغىچە شاۋشىڭ پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكوم مەكتىپى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئىش بېجىرگۈچىسى بولغان.

  1982- يىلىدىن 1983- يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپى نەزەرىيە ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش سىنىپىدا ئوقۇغان.

  1983- يىلىدىن 1984- يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىسى شاۋشىڭ شەھەرلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ نەزەرىيە ئوقۇتقۇچىسى بولغان.

  1984- يىلىدىن 1987- يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىسى شاۋشىڭ شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئىش بېجىرگۈچىسى، مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى بولغان.

  1987- يىلىدىن 1989- يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىسى شاۋشىڭ ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.

  1989- يىلىدىن 1990- يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىسى شاۋشىڭ شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.

  1990- يىلىدىن 1991- يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىسى شاۋشىڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

  1991- يىلىدىن 1994- يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىسى شاۋشىڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىمى بولغان.

  1994- يىلىدىن 1996- يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىسى شاۋشىڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان (بۇ مەزگىلدە 1995- يىلىدىن 1996- يىلىغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ بىر يىللىق تۈزۈمدىكى ياش، ئوتتۇرا ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش سىنىپىدا ئوقۇغان).

  1996- يىلىدىن 1997- يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىسى شاۋشىڭ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شاۋشىڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.

  1997- يىلىدىن 1999- يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىسى نىڭبو شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان.

  (1995- يىلىدىن 1998- يىلىغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە ئىشلەپ تۇرۇپ ئاسپىرانتلىق سىنىپىنىڭ قانۇنشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇغان).

  1999- يىلىدىن 1999- يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىسى نىڭبو شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

  1999- يىلىدىن 2001- يىلىغىچە «جېجياڭ گېزىتى» گېزىتچىلىك گۇرۇھىنىڭ باشلىقى، پارتكومىنىڭ شۇجىسى بولغان.

  2001- يىلىدىن 2002- يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.

  2002- يىلىدىن 2007- يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.

  2007- يىلىدىن 2012- يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى بولغان.

  2012- يىلىدىن 2012- يىلىغىچە گۇيجۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

  2012- يىلىدىن 2013- يىلىغىچە گۇيجۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى بولغان.

  2013- يىلىدىن 2015- يىلىغىچە گۇيجۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى بولغان.

  2015- يىلىدىن 2016- يىلىغىچە گۇيجۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.

  2016- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە گۇيجۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  2017- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.

  2017- يىلىدىن باشلاپ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى.

  17- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 18- ، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى.