چېڭلۇڭ

ئورنى Wikipedia

چېڭلۇڭ (成龙 )ئەسلى ئسىمى (陈港生)ئىنگلىزچە ئىسمى Jackie Chan ،ئەسلى يۇرتى شەندۇڭ،تۇغۇلغان جايى شياڭگاڭ.كەسپى ئارتىس ،رېژسسور ،ناخشىچى.ئىلگىرى ئاخىرى بۇلۇپ ئەنگىليە MBEئوردىنى،فىرانسىيە ئەدەبىيات سەنئەت چەۋەنداز ئوردىنىغا ئېرىشكەن.شىياڭگاڭدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن 10ياشنىڭ بىرى بۇلۇپ باھالانغان.توي قىلغان بىر ئۇغلى بار.

چېڭلۇڭ

قىسقچە تەرجىمھالى

چېڭلۇڭ 1954يىلى تۇغۇلغان بۇلۇپ ،ئەينى چاغدا ئۇنىڭ ئاتا -ئانىسى شەندوڭدىن شىياڭگاڭغا قىچىپ بارغاندا تۇنۇشقان.ئەينى يىللىرى شىياڭگاڭ ئىقتىسادى كاسات بۇلۇپ ،ئاتا -ئانىسىنىڭ چېڭلۇڭنىڭ تۇغۇت پۇلىنى تۆلەشكە چامى يەتمەيتى.شۇ چاغدىكى تۇغۇت دۇختۇرى چېڭلۇڭنىڭ ئۇغۇل ئىكەنلىكنى كۆزدە تۇتۇپ ،ئۇنىڭ بىقۋالماقچى بۇلغان.لېكىن چېڭلۇڭ ئات يىلى تۇغۇلغاچقا ،ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى دەپ بىلگەن ،ھەم باشقا پەرزەنت بولمىغاچ ،دۇختۇرنىڭ ياخشى كۈڭلىنى رەت قىلىىپ ،مىڭ بىر جاپادا پۇلنى غەملەپ چېڭلۇڭنى ئىلىپ ئۈيىگە قايتىقان.چېڭلۇڭ شىياڭگاڭدا تۇغۇلغاچقا يەنە كىلىپ ئۆزلىرىنىڭ شياڭگاڭدىكى تېنچ تۇرمۇشىنى خاتىرلەش ئۈچۈن ئۇغلىغا 陈港生)دەپ ئىسىم قۇيغان .چېڭلۇڭنىڭ ئاتا-ئانىسى فىرانىسيە ئەلچىسنىڭ ئۈيىدە ئاشپەز ،خۇجىدار بولغان. چېڭلۇڭ كىچىك ۋاقتىدا ياخىشى ئۇقۇماي ،داۋاملىق ئۇرۇشۇپ يۈرگەن.ئەتراپتىكى فىرانىسيەلىك ،ئامىرىكىلىقلارنىڭ بالىلىرىنى بوزەك قىلغان .داۋاملىق ئۇرۇشۇپ ،ئىىش تېرىپ يۈرگەچ 1-سىنىپنى پۈتتۈرۈپلا ئۇقۇشتىن چىكىنگەن.چېڭلۇڭ جىدەلخورلىقتىن باشقا يەنە چامباشلىققا قىزىقىدىغان بۇلۇپ ،ئەينى چاغدىكى ساۋداخوا،يۇسۇچىي قاتارلىق چولپانلار ئۇنىڭ قەلبىدىكى مەبودە بۇلۇپ،ئۇ گۇمپە ئۈگىنىشكە ھېرىسمەن بۇلۇپ قالغان .كىيىن دادىسى ئۇنى شۇ چاغدىكى چېڭلۇڭ چۇقۇنىدىغان ئايال چامباش چولپان يۇسۇچىيۇ نىڭ دادىسى يۈجەنيۇەنگە شاگىرتلىققا بەرگەن.باش ئەلچىنىڭ خىزمىتىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقتىن باش ئەلچى بىلەن ئاۋسىتىرالىيگە كەتكەن .دەسلەپتە چېڭلۇڭ ئېغىر مەشىققە چىدىمىغان.كىيىن ئۇ يۈجەنيۇەننى ئاتاق ئاتا تۇتقان لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن يۈجەنيۇەن چېڭلۇڭغا تېخمۇ قاتتىق تەلەپ قۇيغان. 1961-يىلى چېڭلۇڭ جوڭگو تىياتىر ئىنىستوتىغا كىرىپ داڭلىق جىڭجۈ تىياتىر ئارتىسى ،ئۇستازى يۈجەنيۇەندىن جىڭجۈ تىياتىرى ۋە چامباشچىلىق ئۈگەنگەن.كىيىن دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ جىڭجۈ تىياتىرى كاساتلاشغان.رىژرسسورلار ئارتىس تاللىغاندا داۋاملىق چېڭلۇڭغا كۆزى چۈشكەن.ھەم بىر قىسىم كىنولاردا ئالاھىدە ھەركەتلەرنى كۈچىنىڭ بارىچە ياخىشى ئىشلىگەنلىكتىن ،1971-يىلى سۈرەتكىە ئىلىنغان «精武门»ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنكى لى شياۋلۇڭنىڭ «龙争虎斗»فىلىمدىكى ئالاھىدە ھەرىكەتلەرنى ئىلىشقا قاتناشقان. چېڭلۇڭ چامباشچىلىق قىلىپ يۈرگەن كۈنلەردە چېن زىچىياڭ بىلەن تۇنۇشقان.چېڭلۇڭ ئاۋسىترالىيگە قايتقاندىن كىيىن (چېڭلۇڭ يۇجەنيۇەندىن گۇمپا ئۈگىنۋاتقان چاغلاردا چېڭلۇڭنىڭ ئاتا-ئانىسى باش ئەلچى بىلەن بىللە ئاۋسىترالىيگە يۈتكەلگەن ) ،لوۋىي يىڭى قۇرغان شېركەتتە باش دېرىكتور بۇلۇپ ،چېڭلۇڭنى قايتىپ كىلىپ يىڭىدىن ئىشلىمەكچى بولغان بىر فىلىمدا ئەر باش رولچىنىڭ رولىنى ئىلىشنى ئۇقتۇرغان.بۇ چېڭلۇڭنىڭ تۇنجى قىتىم ئەر باش رولچى بۇلۇشى ئىدى.كىيىن لوۋىي ئۇنى ئىككىنچى لى شىياۋلۇڭ قىلىپ چىقماقچى بۇلغان ھەم شۇ سەۋەپتىن ئۇنىڭغا چېڭلۇڭ دەپ ئىسىم قۇيغان.1976-يىلى سۈرەتكە ئىلىنغان 《新精武门》دا چېڭلۇڭ لى شياۋلۇڭنىڭ رولىنى ئالغان.لېكىن چېڭلۇڭ قالماشتۇرالماي ،مەزكور فىلىمنىڭ بىلەت كىرىمى تۈۋەن بولغان .بىراق لوۋىي يەنىلا شۇ خىلدىكى فىلىملەردىن 少林木人巷》、《风雨双流星》、《飞渡卷云山》 قاتارلىقلارنى ئىشلىگەن بولسىمۇ بىلەت كىرىمى ياخىشى بولمىغان.سودىگەرلەرمۇ ھىچقايسى سىتۋىلىشنى خالىمىغان.بۇ چاغدىكى چېڭلۇڭ بىلەت كىرىمدىكى زەھەرلىك دورىغا ئايلانغان.

1978يىلغا كەلگەندەچېڭلۇڭ ۋۇسىيۇەننىڭ سىيۇەن شېركىتگە بېرىپ 《蛇形刁手》فىلمنى باش رول ئالغان .بۇ فىلىمدە چېڭلۇڭ كۆپ مىقداردىكى يۇمۇرسىتىك ئىلمىتلارنى كىنو جەريانىغا تەبئى سىڭدۈرۈپ ،تاماشبىنلارنىڭ ئالقىشا ئېرىشپ،ئەڭ يۇقىرى بىلەت كىرىمنى ياراتقان.ئۇنىڭدىن كىيىن ئىشلىگەن فىلىم 《醉拳》 ئۇنىڭ ئورنىنى تېخمۇ مۇستەھكەملىگەن.شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ رىژسسورلىق قىلىشقا باشلىغان.ئىلگىرى ئاخىرى بۇلۇپ 笑拳怪招,师弟出马 قاتارلىق فىلمىدە رىژسسور بۇلۇپ يامان ئەمەس نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن.بۇ چاغدا جياخې شېركىتنىڭ چېڭلۇڭغا قايتىدىن كۆزۈ چۈشكەن ھەم ئۇنى فىلىم ئىشلەش ئۈچۈن ھوللىۋوتقا ئاپارغان.لېكىن ئەينى ۋاقىتتا چەتئەللىك رېژسسورلارنىڭ رىژسسورلىقدا ئۇ رولىنى ياخىشى جارى قىلدۇرالمىغان.شۇڭا ئىشلىگەن كىنولىرىمۇ كىشلەر تەرپىدىن ئانچە ئالقىشلانمىغان.83-يىلى ئۇ رىژىسسورلىق قىلغان فىلىم 龙少爷چېڭلۇڭنىڭ قابىلىيىتنى يەنە بىر قىتىم نامايەندە قىلغان.كىيىن چېڭلۇڭ باش رول ئالغان فىلىم «警察故事» ئۇنى ئەڭ ياخىشى رىژىسسور ،ئەڭ ياخىشى فىلىم ،ئەڭ ياخىشى ئارتىس قاتارلىق شەرەپلەرگە مايىل قىلغان.龙兄虎,A计划续集, 飞龙猛将 警察故事续集」,「奇迹, 飞鹰计划 قاتارلىق فىلىملەرنىڭ بىلەت كىرىمى بىردەك ھالدا 30مىليون يۈەندىن ئاشقان.ياپۇنىيدە تېخمۇ كۆپ ئالقىشقا ئېرىشكەن.

چېڭلۇڭ ئېرىشكەن شەرەپلەر:

كومدىيلىك چامباش فىلىم «《醉拳》»ئاسيا تېنچ ئۇكيان كىنو يەرمەنكىسدە ئەڭ ياخىشى كومىدىيلىك فىلىم ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 《警察的故事》 شىياڭگاڭ ئالتۇن شىر مۇكاپاتى ئەڭ ياخىشى ھىكايە فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

چېڭلۇڭ يەنە ھوللىۋودتا كىنو ئىشلىگەن تۇنجى جوڭگولۇق بۇلۇپ ھىسابلىندۇ.

چېڭلۇڭنىڭ ئەسەرلىرى :

1978《蛇形刁手》《醉拳》 1979《笑拳怪招》

1980《师弟出马》

1982《龙少爷》《A计划》

1985《龙的心》《警察故事》

1987《龙兄虎弟》《A计划续集》

1988《警察故事续集》

1989《奇迹》

1991《飞鹰计划》

1992《双龙会》《警察故事之超级警察》

1993《都市猎人》《重案组》

1994《醉拳Ⅱ》

1995《红番区》《霹雳火》

1996《警察故事之简单任务》

1997《一个好人》《我是谁》

1998《尖峰时刻》

2000《龙旋风》

2001《特务迷城》

2001《尖峰时刻 2 》

2002《燕尾服》

بالىلىق ۋاقىتلىرىدا ئىشلىگەن فىلىملىرى

大小黄天霸(1962)

梁山伯与祝英台(1963)

秦香莲(1964)

和我痛饮(1966)

领悟禅宗(1968)

پەقەت چامباش بۇلۇپ رول ئالغان كىنولار

精武门(1971)

龙争虎斗(1973)

北地胭脂(1973)

喜马拉雅(1975)

迷你特工队(1982