چەتئەل ئىشتىياقى ۋە ئۇيغۇرلۇق ئەندىشىسى

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن چەتئەلگە چىقىش قىزغىنلىقىنىڭ مەن ئامېرىكىغا ماڭغان 2009- يىلى باھاردىكىگە قارىغاندا مىسلىسىز كۈچەيگەنلىكىنى بايقىدىم. ئۈرۈمچىدە 2009-يىلى تومۇزدىن بۇرۇن "مۇنچە يەردە ئۆيىمىز بار" دېگەندەك ئىبارىلەر بىلەن ماختىنىش مۇدىمىشكەن، ھازىر "مۇنچە بالىمىز چەتئەلدە" دېگەن سۆزلەر بىلەن پەخىرلىنىش ئالقىشلىنىدىغان بولۇپتۇ. قارىغاندا پاجىيەلىك كۈنلەردە بىخەتەرلىككە ئېرىشەلمىگەن ئۈرۈمچى ئۇيغۇرلىرى جاننىڭ ئامانلىقىغا پەخىرلەنگەن ئايۋان ساراينىڭ باش- پاناھ بولالمايدىغانلىقىنى ئاڭقارغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ "بالىمىز چەتئەلدە" دېگىنى "، "ئۇلار بىخەتەر جايدا، ئەسلا بوزەك قىلىنمايدىغان ماكاندا" دېگەنلىكى بولسا كېرەك. ئۇلار بوۋىلار قالدۇرغان "ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا رەڭگى رۇيىڭ سامان بولماس" دېگەن ھېكمەتنىڭ مەنىسىنى ئاشۇ ئەنسىز، تەشۋىشلىك كۈنلەردە سارغايغان چىرايلاردىن ئۆگەنگەندۇر. قەشقەرنىڭ پۇلدارلار قاتلىمىغا تەۋە شىركەتچى بايلار ئىچىدە بالىلىرىغا ئېنگىلىزچە ئۆگىتىدىغانلارنى ئاساسەن ئۇچراتمىدىم. پەقەت بىر قىسىم باي مەمۇرلارنىڭ ئەمدىلا تۆرت - بەش ياشقا كىرگەن بالىلىرىنى ئېنگىلىزچە كۇرۇسقا بەرمەكچى بولۇشلىرى ماڭا ئۇيغۇرنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تىجارەت ئەنئەنىسى بېيىتقان پۇلدارلار بىلەن تۈزۈم سەۋەپلىك بېيىغان زامانىۋىي بايلار ئوتتۇرىسىدىكى سېلىشتۇرما بولۇپ تۇيۇلدى. قەشقەردە ئۈرۈمچىدىكى چەتئەل قىزغىنلىقىغا ئوخشايدىغان بىرەر گەۋدىلىك ھادىسىنى ئۇچراتمىدىم.

قەشقەرگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئامېرىكىدا تۇرۇپ قالغان دوستلاردىن ئاڭلشىمچە مەن تۇرغان كانزاس شىتاتىغا 2011-يىلى يېڭىدىن يىگىرمىدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياش كېلىپ ئورۇنلۇشۇپتۇ. ئەسلى 2011-يىلى ئىيۇندا مەن ۋەتەنگە قايتىشتىن بۇرۇن پۈتۈن شىتات بويىچە ئۈچ ئۇيغۇر بار ئېدۇق. 2005-يىلدىن 2011-يىلغىچە بۇ شىتاتتا ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ تۆرتتىن ئاشمىغانىكەن. ئامېرىكىدىكى چېغىمدا ئۇيغۇرلاردىن ئاڭلىشىمچە2009 -يىلى تومۇزدىن 2010-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئامېرىكىغا كەلگەن ئۇيغۇر 300دىن ئاشىدىكەن. 2009-يىلى تومۇزدىكى پاجىيەدىن كېيىن ياۋرۇپادىكى مۇساپىرلار لاگىرلىرىغا قېچىپ كېلىپ پاناھلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ 1000دىن ئاشىدىكەن. تومۇزدىكى پاجىيە سەۋەبلىك ياۋرۇپاغا كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرنىڭ سانى 1949-يىلدىن كېيىن غەرپ- ياۋرۇپا ئەللىرىگە بېشىنى قولتۇقىغا قىسىپ تەۋەككۈل قىلىپ كەلگەن بارلىق ئۇيغۇرللارنىڭ ئومۇمى سانىدىنمۇ جىق ئىكەن. مەنچە 2009-يىلى تومۇزدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەرگە تەلپۈنۈش دولقۇنىنى تارىختىكى1949 ۋە 1960-يىللاردىكى چەتئەللەرگە يۈزلىنىش دولقۇنىدىن كېيىنكى ئۈچىنجى قېتىملىق مۇساپىرلىق دولقۇنى دېيىش مۇمكىن. ئەلۋەتتە، ئامېرىكىدىن قايتىپ ئۈرۈمچىدە جىق تۇرماي قەشقەرگە ئاتلانغانلىقىم ئۈچۈن ئۈرۈمچى ئۇيغۇرلىرىدىكى ۋە ئۈرۈمچىگە مۇساپىر ئۇيغۇرلاردىكى چەتئەل ئىشتىياقىنى يېتەرلىك ھىس قىلىپ يېتەلمىگەن بولۇشۇم مۇمكىن.

كۆزىتىشىمچە چەتئەلگە تەلپۈنىۋاتقان گاھى كىشىلەرنىڭ مەقسىدى كېيىنكىلەرگە يېڭى ھاياتلىق موھىتى يارىتىش، ئەۋلادلارغا بىخەتەر، ئەركىن، باراۋەر، ئەۋزەل مەۋجۇدلۇق شارائىتى ئىزدەش ئىكەن. ياپۇنىيەدىكى بىر ئۇيغۇردىن گوللاندىيەدىكى بىر تېلۋىزور مۇخپىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ "سىز نېمە سەۋەبتىن ياپۇنىيەگە كەلگەن؟" دېگەن سۇئالىغا ھېلىقى ئۇيغۇرنىڭ"بالامنىڭ مەندەك بوزەك بولماسلىقى ئۈچۈن"دەپ جاۋاپ بەرگەنلىكى رۇشەن ئېسىمدە. گاھى كىشىلەرنىڭ چەتئەلگە چىقىشتىكى مەقسىدى كىشىلىك سالاھىيىتىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىش ئۈچۈن ئىكەن. قىزىقارلىق يېرى ئۇلار سالاھىيىتىدە ئۆزگىرىش بولۇش دېگەننى ھاكىمىيەتنىڭ نەزىرىگە ئىلىنىش دەپ چۈشىنىدىكەن. گاھى بىلمەسلەر چىگرىدىن چىقىپلا كەتسە ئەسلى ۋەتىنىدىكى ئىككىنجى پۇقرالىق سالاھىيىتى ئۆزگەرگەنلىك سەۋەبىدىن ئىشلارنىڭ يۈرۈشۈپ كېتىدىغانلىقىغا قايىل ئېكەن. بۇنداق تونۇشتىكى كىشىلەر مەندەك ئامېرىكىدا ئوقۇغان كىشىنىڭ قەشقەردە "ئۇششاق بالىلار"غا دەرس ئۆتۈپ يۈرۈشلىرىنى ئەقلىگە سىغدۇرالمايدىكەن. ھەتتا بەزىلەر دېپلۇمۇمنىڭ بار يوقلىقىنى سوراپ باققانمۇ بولدى. ئۇلا ھۆكۈمەتنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشمىگەن كىشىلەرنىڭ ئەتىۋارىدىن گۇمان قىلسا كېرەك.

ۋەتەندە ئاڭلىغان پاراڭلاردىن قارىسام بەزىلەر رىياللىقتىن بىزارلىق، كەلگۈسىدىن ئۈمىدسىزلىك، بالىلارنىڭ ئىستىقبالى، مائارىپنىڭ نىمجانلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن چەتئەلگە ئىنتىلىدىكەن. يەنە بەزىلەر ئۇيغۇرنى "ئىللەتلىك" ھىساپلاپ بالىسىنى بۇ ئىللەتلەردىن خالى چوڭ قىلىش مەقسىدىدە چەتئەلگە يولغا سېلىۋاتقانلارمۇ بار ئىكەن. بەزىلەر جوڭگۇدا ئۇيغۇرنىڭ ئىستىقبالىدىن ئۈمىد ئۈزۈپ چەتئەللەردىن ئۇيغۇرغا چىقىش يولى ئىزدەش مەقسىدىدە مۇساپىرلىقنى ئىختىيار قىلىشىدىكەن. يەنە بەزىلەر ۋەتەندىكى مائارىپنىڭ ھېلى ساپا مائارىپى، ھېلى قوش تىللىق مائارىپ دەپ بالىلارنى ئىتائەتمەن يارىماسلارغا ئايلاندۇرۇۋاتقانلىقىدىن نارازى بولغاچقا مائارىپى تەرەققىي قىلغان غەرپكە ئىنتىلىدىكەن. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ۋەتەندە پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تولۇق ئۆگىتىش ئەركىنلىكى بولمىغانلىق سەۋەبىدىن كۆچمەن بولۇشنى تاللايدىكەن. يەنە گاھىلار چەتئەلگە سەپەر قىلغاننى دىن يولىدا ھىجرەت قىلىش دەپ قاراپ پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتى ھىساپلايدىكەن. قىزىقارلىق يېرى بەزىلەر چەتئەلگە چىققانلارنى مۇۋەپپەققىيەت قازانغۇچىلار دەپ قارايدىكەن. يېقىندا بىر سورۇندا ۋەتەندە بىر تىجارەت قىلىپ قاملاشتۇرالماي تىكىۋەتكەن بىرىنىڭ پارىڭى بولۇپ ئۇنىڭ نەدىلىكى سورالدى. مەن ئۇنىڭ تۈركىيەدە ئىكەنلىكىنى دېسەم بىر دوستىمىز، "ۋاھ، خېلى ئىش قىلىپتۇ جۇمۇ!" دەپ ماختاپ كەتتى.

بىر جۈمەدە خاتىپ چەتئەلگە چىقىپ ھىجرەتتە ياشاشنى تەرغىپ قىلىدىغان بىر كىتابقا رەددىيە بەردى. كىتابتا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە كۆچۈپ ئىمان ئىتىقادىنى ئەركىن داۋام قىلىپ ياشاش، ھۆر دۆلەتلەردە پەرزەنتلەرنى ئىمانلىق قىلىپ تەربىيەلەش تەرغىپ قىلىنغان بولسا كېرەك. خاتىپنىڭ ئېيتىشىچە كىتابتا كۆچمەنلىك ھىجرەت دەپ سۈپەتلىنىپتۇ. خاتىپ بۇنى ھىجرەت بولمايدۇ، سەپەر بولىدۇ، دەپ چەشەندۈردى. خاتىپنىڭ ئېيتىشىچە پەيغەمبىرىمىز مەككىنى ئازاد قىلغاندىن كېيىن ھىجرەتنىڭ ئاياقلاشقانلىقىنى جاكارلىغانىكەن. مەن 2004-يىلى شۇنداق بىر گەپنى ئاڭلىغان ئېدىم. مالايسىيەدىكى مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى تونۇشتۇرۇپ پۇل تاپىدىغان بىر ئۇيغۇر كىشى چەتئەلگە چىقىش سەۋداسىدا يۈرگەنلەرگە "مالايسىيەگە چىقىپ ئوقۇشنى ھىجرەت قىلغانغا باراۋەر" دەپ چۈشەندۈرۈپتىكەن. ئۇنىڭ قىلغانلىرىغا شۇ چاغدا خېلىلا غەزىۋىم كەلگەنىدى. كېيىنكى مۇساپىرلىق ھاياتىمدا ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر بايلار ۋە ئەمەلدارلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئىماندىن ئاجراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇلارنى مىسىر، ئەرەبىستان ۋە تۈركىيەلەرگە ئەۋەتىۋەتكەن ئىشلارغا شاھىد بولدۇم. تۈركىيەدە شۇنداق مەقسەدتە ئەۋەتىلگەن بىر بالىىنىڭ دوستۇمنىڭ كومپىيۇتىرىدا شەھۋانى كىنو كۆرۈۋاتقان ھالىتى كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ. مېنى ئەڭ يىرگەندۈرگىنى ئۇنىڭ قىلغان چىركىن ئىشىنى مېنىڭ كۆرۈپ قالغىنىم سەۋەبلىك خىجىل بولماقتا يوق، دوستۇمنىڭ ئۆيىگە شۇ ئىشتىن كېيىنمۇ پات- پات كېلىپ تۇرىشى بولغان ئېدى. بەزىلەر تۈركىيە، ئەرەبىستان ۋە مىسىرلاردا مۇسۇلمانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ نوپۇسنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىغا قاراپ بۇ دۆلەتلەرگە بالىلىرىنى سەپەرگە يولغا سېلىشنى ھىجرەت دەپ چۈشەنگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، ئائىلىدە، جەمئىيەتتە يېتەرلىك ئىسلامىي تەربىيەدە چوڭ بولمىغان بالىنى مەككە مۇكەرەمنىڭ ئىچىدىن ياتاق ئېلىپ بېرىپ ئوقۇتقان تەقدىردىمۇ يامانلىقلاردىن قول ئۈزىشى ناتايىن. مەن بەزىلەرنىڭ مۇشۇنداق يۇرت كۆرۈش، جاھاننى چۈشىنىشتىن ئىبارەت ئەڭ ئەقەللى بىر ئىشنىمۇ ھىجرەت دەپ پەدەزلەپ رىياكار-ساختىپەزلىك قىلىشلىرىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئويلىنىپ قالىمەن. خاتىپ ئادەتتىكى كۆچمەنلىك سەپىرىنىڭ ھىجرەت ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە مەسىلە سۈپىتىدە تىلغا ئالغانغا قارىغاندا بۇنداق "ھىجرەت" چىلىك خاھىشى خېلى ئېغىر بولسا كېرەك.

چەتئەلدە ياشاۋاتقان بىر قىسىم دوستلارنىڭ قارىشىچە ۋەتەندە ياشىغانلىق خورلۇققا، زۇلمەتكە ۋە تەڭسىزلىككە رازى بولغانلىق؛ ئالغا ئىنتىلمەسلىك، ئىلىمدىكى دۇنياۋىي پەللىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ ئادىل رىقابەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش سانىلىدىكەن. ماگىستىرلىقتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا تونۇشقان ساپالىق ئاغىنىلەرنى ئەسلەپ باقتىم. ئۇچاغلاردا ماگىستىرلىقتا ئوقۇغانلارنى چەتئەلگە چىقالايدۇ دەپ قاراش ئومۇملاشقانىكەن. راست دېگەندەك 90-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ياپۇنىيە، ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكىدا داۋاملىق ئوقۇۋېتىپتۇ ۋە ئىشلەۋېتىپتۇ. ئامېرىكىغا بارسام ئابدۇۋاسىت غولام دېگەن بىر ساۋاقدىېشىم سەنت لۇئىس ئۇنۋېرىستىتىدا يارىدەمچى پوروفېسسور بولۇپ ئىشلەۋېتىپتۇ. ئامېرىكىغا بارغىچە بولغان ئارىلىقتا مەن ئۇچراتقان ئۆزلىگىدىن ئېنگىلىزچە ئۆگەنگەن تىرىشچان دوستلارنى ئويلاپ باقتىم، ئاساسەن دېگۈدەك چەتئەللەردە ياشاۋېتىپتۇ. بۇرۇن ۋەتەندىكى چاغلىرىدا ئەل، ۋەتەن دەپ تەر تۆكۈۋاتقان ۋە ھازىرمۇ بۇ يولدا ئىزدىنىۋاتقان بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىم سۆيۈملۈك كىشىلىرىنى ئويلاپ باقتىم ئۇلارمۇ چەتئەللەردە ئىكەن. بۇنداق تىرىشچان، ئىقتىدارلىق، ئۈلگىلىلىك كىشىلەرنىڭ چەتئەللەردە بولۇشى ۋە يۈزلىنىشى كىشىلەردە چەتئەل ئىشتىياقىنى قوزغىغان بولسا كېرەك.

مەن 2009-يىلى تومۇزدىن كېيىن بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىلىرى رىياللىقتىن كەسكىن ئۈمىدسىزلەنگەن، ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئاۋام ھايات بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ ساراسىمىگە چۈشكەن بىر پەيتتە ۋەتەنگە قايتىشنى قارار قىلدىم. شۇ ئارىدا ئامېرىكىدىكى نامى ئۇيغۇرلارغا سۆيۈملۈك بولغان بىر ئۇيغۇر ئالىم بىلەن قارارىم ھەققىدە تېلىپۇندا مۇنازىرىلىشىپ قالدىم. بۇ مۆھتىرەم ئاكىمىز مېنىڭ ئامېرىكىدا ياشاپ قېلىشىمنى تەۋسىيە قىلدى. مەن قارارىمنى ياقىلاپ داۋاملىق مۇنازىرە قىلىشقا باشلىغاندا ئىدارىسىنىڭ ماشىنىسى كېلىپ قالغان سەۋەبلىك گەپ ئۈزۈلدى. ئۇ كىشىنىڭ قارارىمنى قوللىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلغانتىم. ئۇنىڭ قوللىشى مېنىڭ تەۋرىنىپ تۇرغان ئىرادەمنى چىڭىتالايتتى. ئامېرىكىدىكى تونۇش بىلىشلىرىم مېنىڭ قايتىپ كېتىدىغانلىقىمنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ قويۇشمىدى. ھەتتا بەزى چاغلاردا مېنىڭ خىزمەت تېپىشىمغا يارىدەمدە بولىدىغانلىقىنى سەمىمىيلىك بىلەن يەتكۈزۈپ تۇرۇشتى. ئامېرىكىغا كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن كېتىش خىيالى بارلار يوق ھىساپتا بولغاچقا قارشىلىققا ئۇچرىماسلىق ئۈچۈن كېتىش ھەققىدە قەتئىي سۆز ئاچمىدىم.

ۋەتەنگە قايتىش ھەققىدىكى قارارىمنى ئالدى بىلەن يېتەكچىمگە دېيىشكە توغرا كەلدى. چۈنكى ئۇ مېنى يەنە 34 ئايلىق تەتقىقات يارىدەمچىسى قىلىپ تاللىغانىدى. بۇ خىزمەت بەدىلىگە مەن ھەقسىز ئوقۇغاننىڭ ئۈستىگە ئايلىق مۇقىم مۇئاشتىن بەھرىمەن بولاتتىم. ياخشى يېرى مۇشۇ پۇل بىلەن مەن دوكتۇرلۇق ئوقۇشۇمنى تاماملىيالايتتىم. ئېلخەت ئارقىلىق قايتىش قارارىمنى يەتكۈزگىنىمدە مۇئەللىمىم قارارىمغا ھەيران قالغاندەك "راست دەۋاتامسەن" دېگەندىن باشقىنى دېمىدى. مەن ئۇنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ ئۇزۇن بىر پارچە خەت يازغانىدىم. قايتىدىغاندا ۋەتەندىن ئەكەلدۈرگەن بەش ئالتە پارچە كىتابنى خاتىرە سۈپىتىدە ئۇنىڭغا قالدۇرۇپ كەتتىم ۋە ئارىسىغا ماڭا سىڭدۈرگەن ئەجرىگە رەھمەت بىلدۈرۈش مەزمۇنىدىكى ئۆز قولۇم بىلەن يازغان خەتنى قىستۇرۇپ قويدۇم. ئەسلى بۇ خەتنى كومپىيوتىردا يازساممۇ بولاتتى، لېكىن ھۆرمىتىم ۋە رەخمىتىمنى چوڭقۇرراق ئىپادىلىش ئۈچۈن ئاتايىن قولۇمدا يازدىم. ئەپسۇس، ھىچ بىر جاۋاپ بولمىدى. شۇنچە تىرىشچانلىقلىرىم بەدىلىگە پەقەت ئوقۇتقۇچۇمنىڭ چۈشىنىشىگە ئېرىشمەكچى ئېدىم، ئەمما ئېرىشەلمىدىم. شۇنچە ئۇزۇن شۇنچە ئەستايىدىل يازغان خېتىمنىڭ جاۋابسىز قېلىشى ئۇنىڭ مېنىڭ قارارىمنى قوللىمىغانلىقى ئېدى.

2011-يىلى ماينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى ناھايىتى جىددى ئۆتتى. دوستلۇرۇمنىڭ كەتمەسلىك ھەققىدىكى كۈلدۈرۈپ ۋە ئاغرىتىپ تۇرۇپ ئېيتقانلىرىغا يالغاندىن "ماقۇل" دەپ قويۇپ كېتىش تەييارلىقىنى پۈتكۈزۈپ بولدۇم. نېمە تەييارلىق بولاتتى! تاشلايدىغاننى تاشلاپ ئالىدىغاننى ئېلىپ چامدانلاشتۇردۇق شۇ. كىچىكىمدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان بىر ئاغىنەم بولىدىغان، ماڭا ئەڭ قىيالمىغىنى شۇ بولدى. تېلىپۇندا چىرايلىق گەپ قىلدى. ئۆيىگە چاقىرىپ ئىككى كۈن تۇرغۇزۇپ نەسىھەت قىلدى. بىر ئاخشام ئۇخلىماي دېگۈدەك ياخشى سۆزلەرنى ئاڭلاپ پەقەت يۈز كېلەلمىدىم ۋە قايتماسلىققا قوشۇلغان بولدۇم. ئەرتىسى دەرىزىنى ئاچسام ھاۋا شۇنداق چىرايلىق. "بۈگۈن ئەجەپ چىرايلىق كۈن بولۇپتۇ ھە!" دېۋىدىم، ئاغىنەم؛ "ھەئە، ماڭىمۇ بەك چىرايلىق كۈن بولغاندەك كۆرۈنۈۋاتىدۇ، سەن ئاخشام كەتمەسلىككە قوشۇلغان بولغاچقا" دېمەسمۇ يالغان سۆزلىگىنىم ئۈچۈن يۈرۈگۈم ئېزىلدى. مەن بۇ يالغاننى ھەتتا ئەرتىسى ماڭىمەن دېگەن كۈنگىچە داۋاملاشتۇردۇم. ئۇ ھەركۈنى تېلىپۇن قىلاتتى. ئامېرىكىدا قالسام ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ كۆپ ئىش قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقىم ھەققىدە مەسلەھەت بېرەتتى. ئۇ كومپىيوتۇر ئىلىمىنىڭ دوكتۇرى بولغاچقا گەپلىرى ئىنتايىن ئەمەلى ۋە قايىل قىلارلىق ئېدى. ئۇنىڭ "يەنە كېتىشتە چىڭ تۇرساڭ سېنى ئايرۇدۇرۇمدا تۇتقۇن قىلىپ ئامبىرىمغا سولاپ قويىمەن. بىر قانچە كۈن قاماپ قويسام ۋىزاڭنىڭ ۋاقتى ئۆتىدۇ، كېتىمەن دەپمۇ كېتەلمەيسەن!" دېگەنلىرى ھېلىمۇ ئېسىمدە.

ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان بىر ئىش قىزىمنىڭ "ئۇيغۇر" دېگەن بۇ ئەڭ سۆيۈملۈك سۆزنى تەلەپپۇز قىلالمىغىنى بولدى. ئامېرىكىغا كەلگەن ئالدىنقى يېرىم يىلدا قىزىم ئۇيغۇرچە گەپ قىلساق ئۇيغۇرچە جاۋاپ قايتتۇراتتى. كېيىنچىرەك شۇنچە زورلىساقمۇ ئۇيغۇرچە گەپكە ئېنگىلىزچە جاۋاپ بېرىدىغان بولدى. دەسلەپتە بوۋا، مومىلىرىغا تېلىپۇن قىلىپ ھارمايتتى، ئۇيغۇرچە سەۋىيىسى زەيىپلەشكەنچە ئۆيدىكىلەر سۆزلىشىشنى تەلەپ قىلسىمۇ ئۇنىمايدىغان بولدى. بىر قېتىم تېلىپۇندا ئۆيدىكىلەر بىلەن سۆزلىشىۋاتساق يوق ئىشلارنى باھانىداپ خاپا قىلىپ قەتئىي گەپنى گەپكە قوۋۇشتۇرمىدى. دەرھال ئىنكاس قايتتۇرسام قاتتىق تېگىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ، ئاچچىقىم بېسىققاندا سورۇسام "سىلەر تېلىپۇندا دېيىشىۋاتقان گەپلەرنى يا مەن بىلمىسەم، زېرىكمەمدىم. سىلەر نىمىشقا مەن بىلمەيدىغان ئىشلارنى، گەپلەرنى قىلىسلەر؟" دەيدۇ. بالامنىڭ دېگەنلىرى يوللۇق ئېدى. ئۇنىڭ بىلىدىغان گەپلىرى ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار ھەققىدىكى پاراڭلار ئېدى. ۋەتەندىكىلەر بىلەن سۆزلىشىۋاتىمىز دېگىنىمىزدە بىز تېلىپۇندا ئۇ ياشاۋاتقان موھىتتىن ئاسمان زېمىن پەرقلىنىدىغان باشقا بىر دۇنيانىڭ گېپىنى قىلىۋاتاتتۇق. ئۇ دۇنيا ئۇيغۇر تىلىدا بەرپا بولغان دۇنيا، ئۇيغۇرنىڭ دۇنياسى ئېدى. ئامېرىكىدا چوڭ بولۇۋاتقان قىزىمنىڭ كۆرگەن، بىلگەن ۋە ھىس قىلغانلىرى ئۇنىڭ مىڭىسىگە ئېنگىلىزچە ئورۇنلىشاتتى. بىز بىر ئۆيدە ياشاۋاتقان بىلەن قىزىم ئېنگىلىز تىلى بىلەن بەرپا قىلىنغان ئېنگىلىزچە دۇنيادا، ئايالىم ئىككىمىز ئۇيغۇر تىلى بىلەن بەرپا بولغان ئۇيغۇرچە دۇنيادا ياشاۋاتاتتۇق. قىزىم بىزنى ياخشى كۆرەتتى، ئۇ بىزنى ئۆزى بىلەن بىر دۇنيادا كۆرۈشنى ئارزۇ قىلاتتى. ئۆزىنىڭ كاللىسىدىكى ئېنگىلىزچە دۇنيانىڭ تولىمۇ گۈزەل ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتى. ئۇ باشقا تىلدا يارالغان بىر دۇنيانىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان دۇنيانى ئىستىلا قىلىشىنى قوبۇل قىلالمايتتى.

بىر كۈنى ئايالىم تۈرك دوستلىرىمنىڭ ئاياللىرى بىلەن سۆھبەتكە بېرىپ ئامېرىكىنىڭ بولمىغۇر تەرەپلىرى ھەققىدە پاراڭلىشىپ قاپتۇ. بۇنى ئاڭلاپ تۇرغان قىزىم "سىلەر نېمىشقا ئامېرىكىنىڭ يامان گېپىنى قىلىسىلەر، مەن ئامېرىكىلىق، مەن ئامېرىكىنى ياخشى كۆرىمەن" دەپ ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇرۇپتۇ. قىزىم بىر كۈنى "مەن جەيسېىن بىلەن توي قىلىمەن" دېگەن گەپنى كۆتۈرۈپ كەپتۇ. كۈلۈپ كېتىپ باشقا گەپ قىلمىدىم. جەيسېن دېگىنى قىزىم بىلەن يەسلىدە دائىم بىللە ئوينايدىغان قارا تەنلىك بالا ئېدى. قىزىم شۇ چاغدا تۆرت ياشتىن ئەمدى ئاشقان بولۇپ ئۇنىڭ كاللىسىدا ئادەم ۋە شەيئىلەر تۈرلەرگە ئايرىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ نەزىرىدە ئادەملەر ئاتا-بالا، قىز-ئوغۇل. ئەر – خوتۇن، چوڭ كىچىك، ئامېرىكىلىق-ئۇيغۇر دېگەن تۈرلەرگە تەۋە ئېدى. ئۇ بۇنىڭ ئىچىدە ئۆزىنىڭ بالا، قىز، كىچىك، ئامېرىكىلىق دېگەن تۈرگە تەۋەلىكىنى چۈشەنگەندىن كېيىن ئەر-خوتۇن دېگەن تۈرنى چۈشەنگەن ۋە بۇ تۈرگە تەۋە بولۇش ئۈچۈن ئۆزىگە لايىق بېكىتىپ چىققان ئېدى. ئەگەر ئوقۇرمەنلىرىمنىڭ ئېسىدە بولسا "قىزىم، ئامېرىكا ۋە بىزنىڭ ئۇيغۇرلۇقىمىز" دېگەن يازمامدا مەن قىزىمنىڭ يۇرتىنى بىلىشتىن بۇرۇن مىللىتىنى بىلگەنلىكىنى يازغانىدىم. بىر يىللىق ئامېرىكا ھاياتى قىزىمنىڭ تەۋەلىك چۈشەنچىسىدە زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلغانىدى. ئۇ بۇ بىر يىلدا ئۆزىنى ئۇيغۇر دېيىشنى ئۇنۇتمىغان بىلەن ئۇيغۇرنى قانداق تەلەپپۇز قىلىشنى ئۇنۇتقان، ئامېرىكىنىڭ غەيۋىتىنى ياقتۇرمايدىغان دەرىجىدە ئامېرىكىلىق بولۇپ ئۈلگۈرگەنىدى.

ۋەتەندە ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلۇقنى شۇنچە بۇرۇن سىڭدۈرگەن ئامىل نېمە؟ شۈبھىسىزكى 2009-يىلى تومۇزدىكى پاجىيە، ئاپتۇبوستا كىچىككىنە تۇرۇپ يەپ كەتكەن تاياق، كوچىدىكى رەھىمسىز سۈر توقاي قىلىشلار ۋە ئايلاپ دەرىزىدىن قاراشقىلا بولىدىغان لېكىن بىرمۇ ئۇيغۇرنى كۆرگىلى بولمايدىغان غېرىپ كوچىلار. ئەمدى قىزىمغا قارا تەنلىك جەيسېننى ئۆزى بىلەن ئوخشاش ئامېرىكىلىق دېيىشنى ئۆگىتىۋاتقان ئامىل نېمە؟ يەسلىدىكى باراۋەر مۇئامىلە، كوچىدىكى ئىللىق سالام، بازاردىكى قىزغىن مۇلازىمەت، ھەر قانداق يەردە شەرتسىز قوغۇدىلىدىغان ئىنساننىڭ ھۆرمىتى. قىزىمغا بۇلار يەسلىدە دەرسلىك بىلەن ئۆگىتىلمەيدۇ، قىزىم ئۆزىنىڭ بۇلاردىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى تەشۋىقاتنى رادىيودىن ئاڭلىمايدۇ، لېكىن شۇ تەشۋىق قىلىنمىغان باراۋەرلىك، خاتىرىجەملىك، ئىتتىپاقلىق، ئىشەنچ، ئىززەت ئىچىدە ياشايدۇ. مانا بۇ ئۇنى ئامېرىكىلىق قىلىۋاتقان ئامىل . مەن بۇ موھىتنىڭ قىزىمنى ئامېرىكىلىق قىلىپ قويىشىدىن ئەنسىرىدىم. ئۇيغۇرۇمنىڭ نامىنى تەلەپپۇز قىلالمىغان قىزىمنىڭ ئۇيغۇرچە ھاياتىمبنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىشىدىن گۇمان قىلدىم. مەنچە ھېيىت نامازلىرىدا دادىسى بىلەن بىر سەپتە تۇرالمىغان ئۇيغۇر ئۇيغۇر بولامايدۇ. ھېيىت نامىزىغا بارغۇچە مەھەللىدىكى جامائەت بىلەن يەتتە قېتىم تەكبىر ئېيتىپ يۈرىكى ئېرىمىگەن ئۇيغۇر ئۇيغۇر بولالمايدۇ. مەن قىزىمنىڭ ئىككى ھېيىتىمىزدا ئانىسى بىلەن قارا ياغلىقنى چېكىلەپ چىگىپ تۇغقانلىرى ئارىسىدا ئاتا بوۋىسىنىڭ قەبىرىسى ئالدىدا كۆزلىرى ياشلانمىسا، سۈرە-ئايەتلەرنىڭ سېھرىدىن ۋۇجۇدى لەرزىگە كەلمىسە ئۇنى ئۇيغۇر قىلالمايمەن. دادىسى جۈمەدىن كەلگىچە "دادام نېمە تەبلىغ ئاڭلىغاندۇ، ئاللاھنىڭ سۆزلىرىدىن ماڭا نېمىلەرنى يەتكۈزەر" دەپ يولۇمغا ئىنتىزار بولمىسا ئۇنى ئۇيغۇر قىلالمايمەن. ئۆلۈم نەزرىسىدىكى ئۈزۈلمەس قۇرئان ساداسىدىن، توي تۆكۈنلەردىكى مۇڭلۇق دۇئالاردىن روھىي تىترىمىسە مەن ئۇنى ئۇيغۇر قىلالمايمەن. مەم قىزىمنى ئۇيغۇرچە ناخشا - مۇقام ئاڭلاپ مۇڭنىڭ نېمىلىكىنىڭ تېگىگە يەتسىكەن دەيمەن. ئۇيغۇرچە سامانى كۆرۈپ كۆڭلى شاتلانىسكەن، قانلىرى قاينىسىكەن دەيمەن. مەن قىزىمنى ئۇيغۇرلۇق سەۋەبىدىن چەتكە قېقىلسىكەن دەيمەن، مەن قىزىمنى ماڭا ئوخشاش ئۇيغۇرلۇقنىڭ كاساپەتلىرىدە تاۋلانسىكەن دەيمەن. ئۇ شۇندىلا ئۇيغۇر بولالايدۇ. مېنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنىم مەن يىغلاۋاتقان پاجىيەگە قىزىمنىڭ تەمكىن ئولتۇرۇپ ئەقلى تەھلىل يۈرگۈزىشى. مەندىن ئۇيغۇرچە ئۆگەنگەن ئامېرىكىلىق بىر دوستۇم ھېلىقى پاجىيەدىن كېيىن بىر ئىشنى دەپ بەردى. ئۇنىڭ بىر خەنزۇۋان ئوقۇغۇچىسى 2009-يىلى تومۇزدىكى پاجىيەنى تىلغا ئېلىپ يىغلاپ كېتىپتۇ. ئۇ قىز ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلمەيدىكەن. دوستۇم "نېمىشقا يىغلايسەن" دېيىشىگە "نېمىقشا يىغلىمايتتىم، ئۇلار مېنىڭ قېرىنداشلىرىم تۇرسا" دەپتۇ. مىللەتنىڭ بېشىغا كەلگەن دەرت-ئەلەم ئالدىدا دادىسىغا ئېسىلىپ يىغلاپ كەتمىگەن قىز ئۇيغۇرچە بىلگەن تەقدىردىمۇ ئۇيغۇر بولالمايدۇ. قىزىم ئامېرىكىدا چوڭ بولسا بۇنداق قىلالمايدۇ. مەن مېنى ئۇيغۇر قىلغان موھىتتا قىزىمنى ئۇيغۇر قىلىپ چىقىشنى قارار قىلدىم. بۇ مېنىڭ ئۈمىدىم، ھوقۇقۇم، خۇشاللىقىم، بەختىم.



ئالدىنقى: «قۇرئان» دىكى ۋە ئۇيغۇرچىدىكى پەرقلىق ئۇقۇملار

كـىيىنكى: ئۇيغۇرنى كىم تونۇيدۇ