چەۋەنداز ماركا ئىشلىرى چەكلىك شىركىتى

ئورنى Wikipedia

چەۋەنداز ماركا ئىشلىرى چەكلىك شىركىتى

دۆلەت سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ھوقوق بەرگەن شىنجاڭ چەۋەنداز ماركا ئىشلىرى چەكلىك شىركىتى 2004-يىلى 2-ئايدا رەسمى قۇرۇلغان. شىركىتىمىز قۇرۇلغان مۇشۇ قىسقىغىنە 13 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىدە، كىچىكلىكتىن زورىيىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسى پەيدىن-پەي مۇكەممەللىشىپ، تىجارەت دائىرىسنى ماركا رويخەتكە ئىلىش، داڭلىق ماركا يارىتىش، ماركا ھوقوقىنى قوغداش، پاتنىت ئىلتىماس قىلىش، كاخانا ماركا ئىستراتىگىيەسى توغرىسىدا مەسلىھەت بېرىش، شىركەت قۇرۇش، زامانىۋى كارخانا باشقۇرۇش، ماركا لاھىيەلەش،تەكشىلىكتە لاھىيەلەش قاتارلىق  ئەقلىي مۈلۈك ئىشلىرىڭىز ئۈچۈن سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىشقىچە كىڭەيتىپ،مۇلازىمەت سۈپىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ،  كەڭ تىجارەتچى ۋە كارخانىچىلارنىڭ ماركىغا بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈش، ماركا ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ،ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ماركا يارىتىش، بازارنى جانلاندۇرۇش، شۇنداقلا تىجارەت پائالىيىتىدە سېستىمىلىق ماركا ئوبرازىنى بەرپا قىلىش مەخسىتىدە مەيدانغا كەلگەن . شىركىتىمىز خادىملارنىڭ كەسپى ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن قىيىن شارائىتتا مەخسۇس ئىقتىساد ئاجرىتىپ ماركا ئىدارىسىنىڭ بېيجىڭ ۋە مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلېرىدا ئاچقان ماركىغا دائىر كۇرۇسلىرىغا ئاكتىپ قاتناشتۇرۇپ، شىركەتنىڭ كەسپى ئىقتىدارى ۋە بىلىم ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ كەلدى.بىز ئىشىنىمىزكى شىنجاڭ چەۋەنداز ماركا ئىشلىرى چەكلىك شىركىتى كونا-يېڭى خېرىدارلارغا سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىپ،كارخانىچىلار ۋە يەككە-تىجارەتچىلەرنىڭ ماركا بىلەن قۇراللىنىپ دۇنياۋىي ماركا بەرپا قىلىش ۋە ئۆز تىجارىتىنى ئادىل ساغلام ئېلىپ بىرىپ، بازار رىقابىتىدە ئەركىن نەپەس ئېلىپ جەمىئەت ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن پۈتۈن ھۇجۇدى بىلەن خىزمەت قىلىدۇ.

      شىركىتىمىز شىنجاڭ ئابىدە بىئو-تىخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ مىھرى بىئو-تىخنىكا چەكلىك شىركىتى،ئۈرۈمچى  پەخرى سودا چەكلىك شىركىتى ،شىنجاڭ سەفىيە خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى،ئۈرۈمچى سادا سودا چەكلىك شىركىتى ،شىنجاڭ ئەلبېك يىمەك – ئىچمەك چەكلىك شىركىتى، ئىھسان مايچىلىقى قاتارلىق 80 دىن ئارتۇق كارخانا بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ ، ھەر تۈرلۈك ماركا ئىشلىرىنى ۋاكالىتەن بىجىرىپ  دىيارىمىزدىكى كۆپلىگەن  كارخانىچىلار ۋە يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى. شىركىتىمىز قۇرۇلۇپ تاكى بۈگۈنگىچە 11898 دىن ئارتۇق ماركىنى دۆلەت ماركا ئىدارىسىغا يوللاپ ، ماركىنىڭ ئوڭۇشلۇق تەستىقلىنىشىنى قولغا كەلتۈردى. شىركىتىمىزدە ئەقلىي مۈلۈك ساھەسىدە كۆپ يىللىق خىزمەت تەجىربىسىگە ئىگە ئەمەلىي ۋە نەزىرىيە جەھەتتە مول تەجىربىلىك ئادۋۇكاتلار ۋە ماركا ۋاكالەتچىلىرى قاتارلىق كەسپى خادىملار سىز ئۈچۈن سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىدۇ. ئەقلىي مۈلۈك ئىشلىرىڭىزدىكى ئەڭ ئىشەنچىلىك تاللىشىڭىز شىنجاڭ چەۋەنداز ماركا ئىشلىرى چەكلىك شىركىتى.

   :بىزنىڭ ئەۋزەللىكىمىز

  ماركىنىڭ ئوڭۇشلۇق تەستىقلىنىش نىسپىتى 92.78% تىن يۇقىرى

كەسىپلەشكەن ئەقلىي مۈلۈك ئىشلىرى مەسلىھەتچىلەر قوشۇنى ھەقسىز تەكشۈرۈش بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئۇچۇرلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش: خېرىدارلارنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرى ، ماركا ئۇچۇرلىرى ۋە شىركەت ئۇچۇرلىرىنىڭ مەخپىيەتلىكى ئالاھىدە قوغدىلىنىدۇ.

ماركا رويخەتكە ئىلىنىپ بولغاندىن كىيىن مۇلازىمەت دائىرىمىزدە ماركىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيمىز. ( مۇلازىمەت قىلىش ۋاقتى ئون يىل )

ماركىنى ئۆتۈنۇپ بىرىش ۋە ماركىنى سېتىش سەھنىسى بىلەن تەمىنلەيمىز