ژىيۇل ۋېرن

ئورنى Wikipedia
ژىيۇل ۋېرن(Jules Verne فرانسۇزچە "ژۈل ۋەغن" دەپ ئوقۇلىدۇ)
كەسپى يازغۇچى
تۇغۇلغان ۋاقتى 1828-يىل 28-فېۋرال
تۇغۇلغان يېرى ناڭت
ۋاپات بولغان ۋاقتى' 1905-يىل 24-مارت
ۋەتەنداشلىقى فرانسۇز
ئىجادىيەت تىلى فرانسۇزچە
ئىجادىيەت ئۇسلۇبى سەرگۈزەشتە، فانتازىيە

ئۇيغۇرلارغا تونۇشلۇق بولغان فرانسىيەنىڭ داڭلىق فانتازىيەلىك رومان يازغۇچىسى ژىيۇل ۋېرن 1828-يىلى 28-فېۋرالدا، فرانسىيەنىڭ غەربىدىكى ناڭت شەھرىدە تۇغۇلۇپ، 1905-يىلى 24-مارتتا ئامىيەن شەھرىدە ۋاپات بولغان.

تەرجىمىھالى ۋە دەسلەپكى ئىجادىيە ھاياتى[تەھرىرلەش]

ژىيۇل ۋېرن فرانسىيەنىڭ غەربىدىكى ناڭت شەھرىدە دۇنياغا كەلگەن. دادىسى پىيەر ۋېرن قانۇن خىزمەتچىسى، ئاپىسى بولسا ناڭت بۇرژۇئازلىرىدىن بولۇپ، ژىئۇل بەش بالىنىڭ چوڭى ئىدى. دادىسى ئۇنىڭ بىر ياراملىق ئادوۋكات بولۇشىنى ئۈمىت قىلاتتى. پادىشاھلىق تولۇق ئوتتۇرىدا رىتورىك ۋە پەلسەپە ئۈگەنگەن ژىيۇل 1848-يىلى پارىژدا قانۇن كەسپىنى تۈگەتكەن. شۇ چاغلاردىلا شېئىر ۋە داستان يېزىشقا باشلىغان. پارىژدىكى ئوقۇش مەزگىلىدە، قانۇندىن بەكرەك تىياتىرغا قىزىقىدىغان ۋېرن تىياتىرخانىدا ئالېكساندىر دىيۇما بىلەن تونۇشىدۇ. "تارىخى تىياتىرخانا"نىڭ ئىگىدارچىسى بولغان دىيۇما ۋېرىننىڭ "ئۈزۈلگەن نەيچە"دىراممىسىنى ئويناتقۇزىدۇ. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن، دادىسىنىڭ خىزمىتىگە ۋارسلىق قىلىشنى رەت قىلغان ژىئۇل "دۆلەتلىك كۈتۈپخانە"دىن ئايرىلمايدىغان بولۇپ قالىدۇ ۋە كونا ساياھەتچى ۋە قىدىرىپ تەكشۈرگۈچى، ئەما بولۇپ قالغان ژاك ئاراگو بىلەن يېقىن بۇرادەرلەردىن بولۇپ قالىدۇ.

1851-يىلى "ئائىلىلەر مۇزىيى" ژورنىلىدا تۇنجى ھېكايىلىرى "مېكسىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ تۇنجى كېمىلىرى" ۋە "ھاۋادىكى بىر ماجىرا" لارنى ئېلان قىلىدۇ. كىيىنكى يىلى "لىرىك تىياتىر"غا كاتىپلىققا ئورۇنلىشىدۇ. بۇ مەزگىللەردە، نۇرغۇنلىغان دىرامما ۋە ھېكايىلەرنى يېزىپ چىقىدۇ. ئۇ يېزىپ چىققان ئوپىرا "كولىن مايار"قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشىپ، 40 قېتىم ئوينىلىدۇ.

1856-يىلى، ژىيۇل ۋېرن كەلگۈسىدىكى ئايالى، 26 ياشلىق، ئىككى بالا بىلەن تۇل قالغان ئامىيەنلىك ياش ئايال ئونورىن مورەل بىلەن تونۇشۇپ توي قىلىدۇ. 1861-يىلى يالغۇز ئوغلى مىشەل تۇغۇلىدۇ.

ئاجايىپ-غارايىپ ساياھەتلىرى[تەھرىرلەش]

1862-يىلى ژىيۇل ۋېرن تۇنجى رومانى "بەش ھەپتىلىك شار ساياھىتى"نى "پىيەر-ژۈل ھەزەر" نەشرىياتىدا ئېلان قىلدۇرىدۇ. بۇ كىتاپ دەرھاللا پۈتۈن دۇنيادا ئاجايىپ ياخشى ئىنكاس قوزغايدۇ. مەزكۇر نەشرىيات ۋېرن بىلەن 20 يىللىق توختام تۈزىدۇ: ياشلارغا قارىتىلغان ژورنال "مائارىپ ۋە قايتا قۇرۇش" ژورنىلى ئۈچۈن رومان يېزىشقا كېلىشىدۇ. "كاپىتان ئاتتېرانىڭ كەچۈرمىشلىرى" رەسمى رومان شەكلىدە چىقىشتىن بۇرۇن، مەزكۇر ژورنالدا ئېلان قىلىنىدۇ. 40 يىل مابەينىدە، ژىيۇل ۋېرن جەمئى 64 تومدىن تەشكىل تاپقان "ئاجايىپ-غارايىپ ساياھەتلەر" نى تاماملايدۇ. 1863-يىلى، "20-ئەسىردىكى پارىژ"نى يېزىپ چىقىدۇ. بۇ رومان پەقەت 1994-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن ئېلان قىلىنىدۇ.

1867-يىلى 16-مارتتا، ئىنىسى پول بىلەن لىۋىرپۇلدا "ئۇلۇغ شەرق" كېمىسىگە ئولتۇرۇپ، ئامرېكىغا سەپەر قىلىدۇ. بۇ سەپىرىدىن "دولقۇنلۇق ھايات" رومانى مەيدانغا كېلىدۇ.(1870-يىل). 1868-يىلى، "مۇقەددەس مىشەل" ناملىق كېمىنى سېتىۋالىدۇ ۋە شۇندىن كىيىن، كېمىسىنى خىزمەت ئىشخانىسىغا ئايلاندۇرىدۇ. 1872-يىلى، ئايالىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئامىيەن شەھرىگە كۆچۈپ كېلىدۇ. ئىككى يىلدىن كىيىن، "دۇنيانى 80 كۈندە ئايلىنىش" رومانىنى ئېلان قىلىدۇ. 1878-يىلى كېمىسى "مۇقەددەس مىشەل 3" بىلەن لىسسابوندىن ئالجىرغا قەدەر ئايلىنىدۇ ۋە 1880-يىلىغا قەدەر، شوتلاندىيە، نورۋىگىيە ۋە ئېرلاندىيەلەرنى كېزىپ چىقىدۇ. 1884-يىلى، ئايالىنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئوتتۇرا دېڭىزنى ئايلىنىپ كېلىدۇ.

ئاخىرقى يىللىرى[تەھرىرلەش]

1886-يىلى، ژىيۇل ۋېرندىن پۇل سوراپ كەلگەن نەۋرە ئىنىسى گاستون ئۇنىڭغا ئىككى پاي ئوق چىقىرىدۇ ۋە ۋېرننىڭ پۇتى ئۆمۈرلۈك پالەچ بولۇپ قالىدۇ. 1888-يىلى، ئامىيەن شەھەرلىك مەجلىسكە سولچىل جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋەكىلى بولۇپ سايلىنىدۇ ۋە بۇ ۋەزىپىدە 15 يىل ئولتۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ۋېرن ھەرگىز بىر جۇمھۇرىيەتچى ئەمەس، بەلكى مەيدانى ئېنىق شاھىزىمچى. 1900-يىلى كۆزىگە ئاق چۈشۈپ قالىدۇ. دىيابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ژىيۇل ۋېرن 1905-يىلى 24-مارتتا، ئامىيەن شەھرى، لوڭگىۋىل كوچىسى(بۈگۈنكى ئىسمى ژىيۇل ۋېرن چوڭ كوچىسى)دىكى ئۆيىدە بۇ دۇنيادىن خوشلىشىدۇ. قەۋرىسى ئامىيەندىكى مادلەن قەۋرىستانلىقىدا. ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن كىيىن، بىر نەچچە رومانى ئوغلى مىشەل ۋېرن تەرىپىدىن ئېلان قىلدۇرىلىدۇ.

ئەسەرلىرى[تەھرىرلەش]

ئەگەر ژىيۇل ۋېرننىڭ رومانلىرىنىڭ يېزىلىش ئۇسلۇبىنى كۈزىتىدىغان بولساق، بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان ئۈچ خىل ئالاھىدىلىكنى بايقايمىز: 1. بىر جۇغراپىيىلىك سەپەر 2. بىر ئەخلاقى سەپەر 3. بىر ئىلمى سەپەر

رومانلىرى[تەھرىرلەش]

  • بەش ھەپتىلىك شار ساياھىتى- 1863
  • يەر شارىنىڭ مەركىزىگە سەپەر- 1864(ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان)
  • گراف شاڭتۆلەن- 1864
  • يەر شارىدىن ئايغىچە- 1865
  • كاپىتان ئاتتېرانىڭ كەچۈرمىشلىرى- 1867(بىرىنچى توم: ئېنگىلىزلار شىمالى قۇتۇپتا. ئىككىنچى توم: مۇز چۆلى
  • كاپىتان گرانتنىڭ پەرزەنتلىرى- 1868 (بىرىنچى توم: جەنۇبى ئامرىكا. ئىككىنچى توم: ئاۋىسترالىيە. ئۈچىنچى توم: تىنچ ئوكيان.(ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان)
  • سۇ ئاستىدىكى 20 مىڭ كېلومېتىرلىق سەپەر- 1870(ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان)
  • ئاي شارىنىڭ ئەتراپىدا- 1870
  • دولقۇنلۇق ھايات- 1871
  • قامالنى بۇزغۇچىلار- 1871
  • دوختۇر ئوكس- 1872
  • ئۈچ رۇس ۋە ئۈچ ئېنگلىزنىڭ جەنۇبى ئافرىقىدىكى سەرگۈزەشتىلىرى- 1872
  • دۇنيانى 80 كۈندە ئايلىنىش- 1872 (ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان)
  • موي دۆلىتى- 1873
  • سىرلىق ئارال- 1874-1875(بىرىنچى توم: دېڭىز ھالاكىتى. ئىككىنچى توم: ۋاز كېچىلگەنلەر. ئۈچىنچى توم: ئارالنىڭ سىرى.(ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان)
  • شاڭسەللور كېمىسى- 1875
  • مىشەل ستروگوف- 1876
  • ئېكتور سەرۋاداك- 1877
  • قارا ھىندى ئاراللىرى- 1877
  • 15 ياشلىق كاپىتان- 1878
  • بېگۇمنىڭ مال-دۇنياسى- 1879
  • بىر جوڭگولۇقنىڭ جوڭگودىكى خەۋپلىك سەرگۈزەشتىلىرى- 1879
  • پارلىق ئۆي- 1880
  • ئون سائەتلىك ئوۋ- 1881
  • ئامازوندىكى ژاڭگادا پويىزى- 1881
  • روبىنزونلار مەكتىپى- 1882
  • ئىنفرا يېشىل نۇر- 1882
  • جاھىل كېرابان- 1883
  • جەنۇپ يۇلتۇزى- 1884
  • ئوتتا قالغان ئارال- 1884
  • بوراننىڭ گۈركىرىشى، يامغۇرنىڭ سىمىلدىشى- 1884
  • ماتىياس ساندورف- 1885
  • غالىپ روبۈر- 1886
  • لاتارىيە بېلىتى- 1886
  • جەنۇپقا قارشى شىمال- 1887
  • فرانسىيە يولى- 1887
  • ژىل برالتار- 1887
  • ئىككى يىللىق تەتىل- 1888
  • ئىسىمسىز ئائىلە- 1889
  • شىمالى قۇتۇپقا يۈرۈش- 1889
  • سېزار كاسكابەل- 1890
  • برانىكان خانىم- 1891
  • كارپاتلار قەلئەسى- 1892
  • كلودىيۇس بومبارناك- 1892
  • ئېرلاندىيە ئوغلى- 1893
  • كاپىتان ئانتىفەرنىڭ كەچۈرمىشلىرى- 1894
  • ماشىنىلىق ئارال- 1895
  • بايراق ئالدىدا- 1896
  • كلوۋىس داردانتور- 1896
  • مۇز ئالۋاستىسى- 1897
  • گۈزەل ئورىنوكو دەرياسى- 1898
  • غەلىتە ئادەمنىڭ ۋەسىيىتى- 1899
  • ئىككىنچى قىسىم- 1900
  • ھاۋادىكى سەھرا- 1901
  • ژاڭ-مارى كابىدۇلەننىڭ قىسسىلىرى- 1901
  • ئاكا-ئۇكا كىپلار- 1902
  • ساياھەت ياردەم پۇلى- 1903
  • لىۋونىيەدىكى پاجىئە- 1904
  • دۇنيانىڭ خوجىسى- 1904
  • دېڭىز باسقۇسى- 1905

ژىيۇل ۋېرننىڭ ئەسەرلىرى تورلاردا[تەھرىرلەش]

كىتاپلار

ئاۋازلىق رومانلىرى