گانا خەلقئارا كىنو فېستىۋالى

ئورنى Wikipedia


گانا خەلقئارالىق كىنو-فىلىم بايرىمى (Cannes International Film Festival) يەنە كەنجۇت شەھىرى خەلقئارالىق كىنو-فىلىم بايرىمى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، فرانسىيەنىڭ گانا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ بايرام 1939-يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى ئەڭ تەسىر كۈچگە ئىگە، ئەڭ يۇقىرى ئورۇندىكى خەلقئارالىق كىنو-فىلىم بايرىمىدۇر.

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە نامى :گانا خەلقئارا كىنو فېستىۋالى


چەتئەلچە نامى :Cannes International Film Festival

باشقا نامى :كەنجۇت شەھىرى خەلقئارالىق كىنو-فىلىم بايرىمى

تەسىس قىلغان ۋاقىت :1939-يىلى

يولغا قويغان ئۇرۇن :فرانسىيە گانا شەھىرى

مۇكاپات تۈرى خاسلىقى :ياۋروپادىكى ئۈچ چوڭ خەلقئارالىق كىنو-فىلىم بايرىمىنىڭ بىرى

ئەڭ ئالىي مۇكاپاتى :ئالتۇن پالما مۇكاپاتى

قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇش[تەھرىرلەش]

6پارچەگانا خەلقئارالىق كىنوفىلىم بايرىمىگانا خەلقئارالىق كىنو-فىلىم بايرىمى (Cannes International Film Festival) يەنە كەنجۇت شەھىرى خەلقئارالىق كىنو-فىلىم بايرىمى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، فرانسىيەنىڭ گانا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ بايرام 1939-يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى ئەڭ تەسىر كۈچگە ئىگە، ئەڭ يۇقىرى ئورۇندىكى خەلقئارالىق كىنو-فىلىم بايرىمىدۇر.

بۇ بايرام ۋېنتسىيە خەلقئارالىق كىنو-فىلىم بايرىمى، بېرلىن خەلقئارالىق كىنو-فىلىم بايرىمى بىلەن بىرلىكتە ياۋروپادىكى ئۈچ چوڭ خەلقئارالىق كىنو-فىلىم بايرىمى دەپ ئاتىلىدۇ، ئەڭ ئالىي مۇكاپاتى «ئالتۇن پالما مۇكاپاتى» دۇر. نۆۋەتتىكى گانا كىنو-فىلىم بايرىمى ھەر يىلى 5-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ، مۇددىتى 12 كۈن ئەتراپىدا، ئادەتتە چارشەنبە كۈنى باشلىنىپ، كېلەر ھەپتىنىڭ يەكشەنبە كۈنىدە ئاخىرلىشىدۇ. بۇ مەزگىلدە كىنو-فىلىم رىقابىتىدىن باشقا يەنە، بازار كۆرىكى تەڭلا ئۆتكۈزۈلىدۇ. بايرام ئالتە بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ ئۇلار، «رەسمىي رىقابەت»، «رېژىسسورلار قوش ھەپتىلىكى»، «بىر تۈرلۈك نەزەر»، «فىلىم تەقرىزچىسى ھەپتىلىكى»، «فرانسىيە كىنو-فىلىمى يېڭى قىياپىتى»، ۋە «يىغىلىش سىرتىدىكى بازار كۆرىكى» قاتارلىقلاردۇر.