گانگ دەرياسى

ئورنى Wikipedia

گانگ دەرياسى (ھىندىچە: गंगा \ گانگا، ئىنگ: Ganges) گانگې دەرياسى ياكى گانگا دەرياسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھىندىستاننىڭ شىمالى توپراقلىرىدىن ۋە بانغىلادىشتىن ئۆتەدۇرغان 2700 كم ئۇزۇلۇقىدىكى ئاقارسۇ. شەرققە قاراپ، بېنگال قولتۇقىغا توغرا ئاقىدۇ ۋە براھماپۇترا ئىرماقى بىلەن بىرلىكتە 4/5 قىسمى بانگلادېشكە تەۋە بولغان، 45،000 km² لىق بىر دېلتا ھاسىل قىلىپ بېنگال قولتۇقىغا قويىلىدۇ.

جۇغراڧىيە[تەھرىرلەش]

گانگ، يۇقارى ھىمالايا يايلاقلارىدىكى باگىراتى (Bhagirathi ) ۋە ئالاكناندا (Alaknanda ) ئاقارسۇلارىنىڭ بىرلىشىشىدىن ھاسىل بولىدۇ. تار ۋە تىك بوغۇزلار بىلەن سىۋالك تۆپىلىكلىرى ۋە كىچىك بىر تىجارەت شەھەرى جايلاشقان ھاردۋار ۋادىسى يويىچە ئاقىدۇ. كەڭ دائىرىلىك ياي ھاسىل قىلىپ شىمالىي ھىندۇستاننىڭ بۈيۈك ئالۇۋيال ۋادىسىدا، كانپۇردىن ئابدۇللاھئاباد قا قاراپ تۈشىدۇ؛ بۇ يەردە جۇمنا ئىرماقى بىلەن بىرلىشىدۇ. شەرققە قاراپ ئاقىدۇ ۋە ۋارانسىدىن 200 مىل قەدەر سوڭرە سول تەرەڧتىن گوگرا ۋە گانداك دېيىلىدىغان ئىككى ئاقارسۇنى، ئوڭ تاماندىن بولسا پاتنادىن ئۆتۈپلا، دەججان يايللاقلارىدا بىرلەشكەن بىر ئاقارسۇ بولمىش سون نى ئالىدۇ.

گانگ ۋادىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم سانائەت رايونى، دېلتا ئۈستىدە قۇرۇلغان، بانكالار ۋە سانائىي مەبلەغلەر سېلىنغان، كالكۇتتا ۋە ھوراھ لاردۇر. ھىمالايا تاغ تىزمىسى ۋە دەججان يايلاغى ئارراسىدا بولغان گانگ ۋادىسى، كەسپىي دېھقانچىلىقق، تۈرلۈك سانائەت بازىلىرى، زىچ نۇڧۇسلۇق شەھەرلىرى ۋە قىستاڭ قاتناشى بىلەن ھىندىستاننىڭ قەلبىدۇر. شۇنداقلا ھىندۇلار، ئۆلۈكلەرى كۆيدۈرۈپ كۈللەرىنى گانگ دەرياسىغا تۆكۈلىدۇ.