گۆھەرگە دەسسەپ تۇرغان كور گاداي

ئورنى Wikipedia

گۆھەرگە دەسسەپ تۇرغان كور گاداي ئىنسان يىغلاپ تۇغۇلۇپ، جاپا بىلەن ياشاپ، ھەسرەت بىلەن ئۆلۈپ كىتىدۇ! ئىنساننىڭ سىرلىرى ئۇنىڭ مۇناجات ئىلاھىيە قۇببىسىدا ئەمەس، بەلكى بەشەرىيەت ئوقياسىدا! ۋەھدەتتىن تاشقىرى ھېچ نەرسە يوق. بىر بولمىغاندا، تۈمەن بولمىغان بۇلاتتى. بارلىق بولمىغان بولسا يوقلۇق ھەققىدە ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. دېمەك، يوقلۇق -بارلىقنىڭ كۆز ئالدىدا يوقلۇقى، ھىجران -ۋىسالنىڭ شۇ دەقىقىدە يوقلىقى، ئاچلىق -توقلۇقنىڭ شۇ چاغدا يوقلۇقى، خەستەلىك -سالامەتلىكنىڭ تەندە يوقلىقىدۇر. ئىنسان گۆھەرسىزلىكتىن گاداي ئەمەس!چارىسىزلىكتىن بىچارە ئەمەس! ئۇ قۇل، ئەمما بۇنىڭ ۋەجى ئەركنىڭ مەۋجۇت بولمىغانلىقىدىن ئەمەسقۇ، ئاخىر! ئىنسان ھاۋا گۈلدۈرلىگەندە ئولىشىپ -توۋلىشىپ مۇناجات ئۇقۇشتى. ئۇ ئەمدى كۆكتە پەرۋاز قىلىشنىڭ مۇمكىنلىكىنى بىلدى. ئىنسان يۇقما كېسەللىككە زار يىغلاپ قۇربانلىق قىلىشتى. ئۇ ئەمدى ئۆزىنى داۋالاشنىڭ ئىمكانىيەتلىرىنى كۆردى. ئالاھەزەل مۇمكىنلىكنىڭ مۇقەررەرلىك بىلەن بولغان ئالاقىللىرى ئۇنىڭغا پىچىرلىماقتا. بۇ ئۇلۇغ ئۆزلۈكنىڭ پېشايۋانىدا سادىر بولۇۋاتقان ھادىس تېخى ئىنساننى ئۆزلىك سارىيىغا ئېلىپ كىرگىنى يوق.

چۈشەن، ھەممە تەقەززالىرىڭ تەقەززا قىلغۇچى خاسىيەتلىرى بىلەن تەقەززا بولغۇچىنىڭ يېنىدا. تىلەكلىرىڭنىڭ نىجادىيتى سەن روكۇ قىلغان مېھرابتا ئەمەس، سەجدە قىلىۋاتقان چەۋەنداز ئىلىكىدە! تىلەكلىرىڭنىڭ سەۋەبكارى ئاجىزلىقىڭدۇر. ئاجىزلىقىڭ دېڭىز سۈيىنى ئارقىغا ياندۇرالايدىغان ئۇلۇغ كۈچ -قۇدىرىتىڭنىڭ تاغ ھالىتىدىن قۇم ھالىتىگە پارچىلانغانلىقىدىندۇر. ئۇنى پارچىلىغان سەن ئۆزۈڭ! سېنىڭ نەپسىڭ، تەمەخورلىقىڭ، ئۆزگىنى ئانىي تېپىش نىيىتىڭ، ئاچكۆز ھەسەتىڭ، نادان ۋە تەرسالىقىڭ ئۆزۈڭ ياساپ، ئۆزۈڭ ئىقتىدا قىلغان لاتا -پۇرۇچ قونچاقلىرىڭغا بولغان خۇپىيانە قۇللىقىڭ! پارچىلاندىڭ، پارچە -پارچە <ئات> نەپسىڭنى ئەلا بىلىپ، بىر پۈتۈن قەلبى كامىل <ئات مىنگۈچى> ماھىيەتلىرىڭنى تىلىم -تىلىم قىلىۋەتتىڭ! ئۆزلۈك ئەينىكىڭنى سۇندۇرۇپ، ئىنسانىي بىردەكلىككە كىرپىدەك نەشتەر سانچىپ، <سەن ئۆل، مەن تىرىلەي> يولىغا چۈشتۈڭ. ئۆلىمالىرىڭ ئۇزۇن بويلۇق قاتىل ئىبلىس تەلەتىدە تەرلىمىكتە. ئۈمۈت ئارزۇلىرىڭ تالقان بۇلۇپ، قۇمدەك دەرغەزەپ غىچىرلىشىپ، جەڭ -جېدەل جەڭگاھىغا ئۇچۇشتى. نەيزە -ئاپتۇماتلىرىڭ-ئۇنىڭ تەرسا چۇقانلىرى!

قارا، ئى ئالەمنىڭ نۇرانە گۈلتاجى -ئىنسان، ئىش ئەمەلىڭگە قارا :يىرتقۇچلۇقتا گۆشخور ياۋايى ھايۋانمۇ سەندىن ئۆزىنى تۇتقان. ئۇ، توقلۇقتا مۇلايىم، سەن ئەسەبىيسەن. ئاخىرى ھەسرەت داشقازىنىنىڭ ئاستىغا تاشلانغان ئاستىغا تاشلانغان خەشەكتىنمۇ قەدىرسىز كۆيۈۋاتقانلىقىڭنى كۆرۈپ نالە قىلىسەن. سەن ئىنسانلىقىڭنىڭ ئاسىيسى، كامالىتىڭنىڭ قاتىلى، تۇرمۇشۇڭنىڭ بولغانغان بىنەزەر ئەخلىتى! بۇ قۇدرىتىڭنى ئۆزۈڭ تۈزدۈڭ، ئاتەشتىن، ئەمما نەپسانىي ئىستەك بىلەن، تەنتەكلىكلىرىڭدە ئالىقانات چىقىرىپ تۈزدۈڭ! تەقدىرىڭدىن زارلانما! تەقدىرىڭ ئەزەللىك لەھەسىدە، يۇلتۇزلار سەيلىسىدە، پىشانەڭ سەھىپىسىدە ۋە ياكى تەڭرىنىڭ رەھىمى- شەپقىتى، قەھر - غەزىپى ئۇچقۇنلىرىدا ئەمەس، ئۇ، مۇھەببەت - نەپرەتكە تولغان بۇ ئالەمدە!

بىلكى، ئۇ سەن يۇقاتقان، سن ئىزدەپ يۈرگەن، سەن كۈتۈرۈپ يۈرگەن نەرسىدە -ئىنسانىي قىممىتىڭنىڭ قىسمەنلىرىدە، قەلىپ دەرىخىنىڭ مېۋىلىرىدە. جاھان سېنى ئەقىل - ئىدىراك گۈلى قىلىپ ئېچىلدۇرغۇچە قانچە - قانچە يۇلتۇز ئۆمرى كەتتى. سەن جاھاننىڭ ئۆزىنى تېپىش يولىدىكى بىر پارچە ھېكمەت ئەينىكى بولمىقىڭ جائىز ئىدى. سەن بارلىقنىڭ گۈلشىنى، سىرلارنىڭ ئاچقۇچى نەسىبىسىدە ئالەمگە كەلدىڭ. ھەممە ئىقتىدارىڭنى پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭغا ئۇرۇنلاشتۇرۇپ، ئۆز تىزگىنىڭنى ئۆز ئەركىڭگە بەرگەن. ئەقىل- ئىزدە! ئۆزلۈك كامالىغا باشلا! ئەقىل - كىتاپ سەھىپىللىرىدە تاۋلانغان ئۆلمەس روھلار قاتارىدا، تەجىرىبە جەريانلىرىدا پىچىرلىغان دۇنيا ئۇچۇرلىرىدا، تۇرمۇش تەكرارلىقىدا نىگارىنى كۆرسەتكەن ھېكمەت جۇلالىرىدا، تەپەككۇر بىلەن تەسەۋۋۇر قاناللىرىدا. بىلگىنكى، ئۇ، يېنىڭدا، نادانلىقىڭنىڭ لاچىن كۆز قاپچۇقلىرىغا، غەزەپلىرىڭنىڭ يىلان نەشتەر تىلى ئاستىغا، تەرسالىقىڭنىڭ ئات تۇۋاقلىرى تېگىگە كۆمۈلگەن! ھەممە نەرسىنى كۆمگەن ۋە ئۇنىڭ مۇھتاجلىقى سەھراسىدا ئېچىرقاپ - چاڭقاپ يۈرگەن ئىنساندا نە باياشاتلىق - ئاۋاتلىق، نە گۈزەللىك - بەخت، نە سېۋىلىزاتسىيە - كامالەت بولسۇن! ئۇ، تار نەزەر ئۇپۇقىدا، پۇچۇق يارماق تۆشۈكىدە چاشقان كۈتۈپ ياتقان مۈشۈك، مۇبالىغە قىلغاندىمۇ مولۇن، خالاس! ئەي گۆھەرگە دەسسەپ تۇرغان ۋە گۆھەرنى پەرق قىلالمىغان ئەما بىچارە تىلەمچى. سېنى گۆھەر زېمىنگە، گۆھەر سېزەر ئىقتىدارغا قىلغان دۇنيا، سېنى ئىنسان، گۆھەرنى تاش، دەپ ئاتىمىغانمىدى ؟ ئەمدى مۇھىتىڭغا قارا :ۋەھىمە بىلەن بىخۇتلۇق، تەمەخورلۇق بىلەن بېسىمخورلۇق، قۇللۇق سۈكۈتى بىلەن قۇلدارلىق كىبىرى ھاۋا سى، ئاچكۆزلۈك بىلەن ئىسراپخورلۇق. . .

قىسقىسى، كامالەت مىزانىدىن چەتنىگەن غەلىتە روھيەت، مانا سېنىڭ ئۆمۇر مۇھىتىڭ! بۇ مۇھىتتىكى سەن قاتىل بىلەن ئۆلگۈچى، ئوغرى بىلەن بۇلاڭچى، يالغانچى بىلەن زوراۋان، جىنايەتكار بىلەن راھىپ! سېنى ئۆلگەن ياكى كىشلىك دۇنياسىغا تېخى تۆرەلمىگەن دەۋالاي دېسەم، سېنىڭ تاشلىغان زەھەرلىك قالدۇقلىرىڭ ھايات چىمەنزارلىقنى بۇلغىۋەتتى! غەلىتىلىكى شۇكى، بۇ تاشلاندۇقلار ئاداشتۇرغۇچى ساختا كىرىستالدەك، قەلبى ئاجىز كۆزلەرگە جىلۋە قىلىپ، ئۇنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىدۇ! كۆزۈڭنى ئاچ! ئۆز مۇھىتىڭنى ۋە ئۆز قۇدرىتىڭنى بايقا!