گۇگۇڭ

ئورنى Wikipedia

ئورنى: بېيجىڭ شەھرىنىڭ مەركىزىدە

ياساش باشلانغان ۋاقىت: 1406-يىلى باھا: غايەت زور خان جەمەتى قۇرۇلۇش توپى ۋە ئىنتايىن مول بولغان يادىكارلىقلار مىڭ-چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تارىخى پاكىتى.

بېيجىڭ خان ئوردىسى دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ، ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان قەدىمقى زامان خان ئوردىسى توپى. بۇ جۇڭگو قەدىمقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ يوقىرى پەللىسىنى نامايەن قىلىدۇ. ئۇ مىڭ سۇلالسىنىڭ يۇڭلې يىللىرى (1406-يىلى) سېلىشقا باشلانغان. مىڭ ،چىڭ دىن ئىبارەت ئىككى سۇلالىنىڭ ئوردىسى بولغان، شۇ چاغلاردا زىجىنچىڭ دەپ ئاتالغان. 1925-يىلى گۇگۇڭ دەپ ئاتالغان. 1421-يىلى مىڭ چىڭزۇ پايتەختنى بېيجىڭغا يۆتكەپ ئەكەلگەن. 1911-يىلىدىكى شىنخەي ئىنقىلابىدا چىڭ ھۆكۈمىتى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، ئاخىرقى پادىشاھ پۇيى گۇگۇڭدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، فېئودال پادىشاھلىق تۈزۈمگە خاتىمە بېرىلدى. گۇگۇڭ شۇ چاغقىچە جۇڭگونىڭ ھۆكۈمران سىنىپلىرىنىڭ سىياسى ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ كەلگەن. بۇ يەردە 24 پادىشاھ ھۆكۈمرانلىق قىلغان. گۇگۇڭ دۆلىتىمىزدىكى مەدىنىي يادىكارلىقلار ئەڭ كۆپ ۋە ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان مۇزىي. گۇگۇڭ مۇزىيى 1925-يىلى قۇرۇلغان. ساقلانغان يادىكارلىقلار ئاساسەن چىڭ ئوردىسىنىڭ كونا بۇيۇملىرى. ياپۇنغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى كۆزدە تۇتۇلۇپ، ئەڭ مۇھىم 5 تۈركۈم يادىكارلىق جەنوبى جۇڭگوغا يۆتكەلگەن.ئۇرۇش غەلبە قىلغاندىن كېيىن،بىر قسىمى گۇگۇڭغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن، بىر قىسمى تەيۋەنگە يۆتكەپ كېتىلگەن. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، دۆلەت ھەرخىل تەدبىر_چارىلەرنى ئىشلىتىپ چېچىلىپ كەتكەن يادىكارلىقلارنى يىغىپ، گۇگۇڭدىكى بۇيۇملارنىڭ سانىنى مىليونغا يەتكۈزدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە تۇچ بۇيۇملار، قاشتېىشى بۇيۇملىرى، ئالتۇن -كۈمۈش بۇيۇملار، ساپال قاچىلار،ياغاچ ئويمىلار، يىپەك كەشتە بۇيۇملىرى، كىتاپ-قامۇسلار، ھۆسىنخەت-رەسىملەر، ئۆي جابدۇقلىرى قاتارلىقلار بار بولۇپ جۇڭگو تارىخى مەدەنىيىتنىڭ ئەڭ يوقىرى سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

گۇگۇڭنىڭ ئىگەللىگەن يەر كۆلىمى 720مىڭ كۇۋادىرات مېتىر بولۇپ،قۇرۇلۇش كۆلىمى 150مىڭ كۇۋادىرات مېتىر، ھازىر بار بولغان قۇرۇلۇشلار 980 يۈرۈش، ئۆيلەر 8700 ئېغىز. گۇگۇڭنىڭ سىرتى 10مېتىر ئىگىزلىكتىكى سېپىل بىلەن ئورىلىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ سىرتىدا 50مېتىر كەڭلىكتىكى خەندەك_دەريا بار. مىڭ ، چىڭ زامانلىرىدا ئوردا بېيجىڭنىڭ ئوتتۇرىسىغا سېلىنغان بولۇپ، شىمال-جەنوپنى ئوق قىلىپ، جەنوپ،شىمال يۆلىنىشىدە سېلىنغان. بۇ پادىشاھنىڭ ھوقۇقى چەكسىز دىگەن فىئودال ھۆكۈمرانلىق ئىدىيەسىنى نامايەن قىلىدۇ. گۇگۇڭنىڭ سىرتىدا خان شەھىرى، خان شەھىرىنىڭ سىرتىدا بېيجىڭ شەھىرى بولۇپ شەھەر قات-قات ئورالغان ، بۇ ناھايىتى چىڭ بولغان دەرىجە تۈزۈمىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. تارىختىن بۇيان گۇگۇڭ ئوت ئاپىتى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نۇرغۇن قېتىم قايتا ياسالغان، بىراق ئاساسىي قۇرۇلما ئۆزگەرمىگەن. پۈتكۈل ئوردا قۇرۇلۇشى جەنوبى تەرەپتىكى ئالدى ئوردا ۋە شىمالى تەرەپتىكى كەينى ئوردىدىن ئىبارەت ئىككىگە بۆلىنىدۇ. ئالدى ئوردا تەيخې،جۇڭخې، باۋخې قاتارلىق قەسىرلەردىن تەركىپ تاپقان. بۇ ئۈچ قەسىر گۇگۇڭدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان قۇرۇلۇشلار بولۇپ ، خاننىڭ مۇراسىم ئۆتكۈزىدىغان ئورنى ، شۇنداقلا فېئودال ھۆكۈمرانلىقنىڭ سىمۋولى. كەينى ئوردا چىيەنچىڭ قەسىرى، جىياۋتەي قەسىرى، كۇننىڭ قەسىرلىرىنى مەركەز قىلىپ ،ئوڭ- سول ئىككى تەرەپ يەنى شەرق ،غەرپ ئىككى تەرەپتىكى ئالتە قەسىرنى قانات قىلغان. بۇلار پادىشاھ، خانىش، باشقا توقال خانىشلارنىڭ تۇرىدىغان ئورنى. بۇ ئىككى تەرەپتىكى ئوردىلارنىڭ چېگرىسى ناھايىتى روشەن بولۇپ،خالىغانچە ئۆتكىلى بولمايتتى، بۇ كونا جۇڭگونىڭ دەرىجە ئايرىش ئەنئەنىسىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. جۇڭگونىڭ ھۈنەرۋەن -ئۇستىلىرى بۇ قۇرۇلۇشنى ناھايىتى ئىنچىكە پىلانلىغان، قات-قات سېپىل-دەرۋازىلار بىلەن قەسىر-ئايۋانلارنى تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇپ ناھايىتى ھەۋەتلىك قۇرۇلۇش توپىنى ھاسىل قىلغان. گۇگۇڭ ئوردىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى ۋە قۇرۇلۇش ئالاھىدىلىكى جۇڭگونىڭ قەدىمقى زامان مەدەنىيىتى ۋە قۇرۇلۇش سەنئىتىنىڭ يارقىن ئىپادىسى بولۇپ، ئۆي ئىچى بىلەن ھويلا -ئاراملارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ،ماتىرىيالنىڭ يۆتكەپ ئىشلىتىلىشى،بېزەش ئالاھىدىلىكى ، تاللاش تۈرلىرىنىڭ كۆپ بولىشى ۋە ئىشلىتىلىشى بۇ خان ئوردىسى قۇرۇلىشىدا ناھايىتى يوقىرى سەۋىيىدە ئىپادىلەنگەن.