گېرمانىيەنىڭ «سودا ئارقىلىق ئۆزگىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش» تىن ئىبارەت خىتايغا قارىتىلغان سىياسىتى ھەققىدە

ئورنى Wikipedia

ئاپتورى: ياسىمىن سامرائى (Yasmin Samrai)

خىتايچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: ئەخمەتجان تۇراق

ئاپتور ياسىمىن سامرائى – ستانفورد ئوبزورى (Stanford Review) نىڭ تەكلىپلىك يازغۇچىسى، ئۇنىڭ تەتقىقات قىزىقىشى خەلقئارالىق سىياسەت

ئامېرىكا 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قۇرغان «لىبېرالىزملىق خەلقئارا تەرتىپ» ياۋروپانىڭ 70 يىلغا يېقىن تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلدى، لېكىن گېرمانىيەنىڭ بۈگۈنكى شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئاساسلىقى خىتاينىڭ ئۆتكەن 30 يىللىق ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلغانلىقىغا مەنسۇپ. خىتاينىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىگىلىكى تېز تەرەققىي قىلغان بۇ 30 يىلدا، خىتاينىڭ گېرمانىيە تاۋارلىرىغا بولغان ئېھتىياجى زور دەرىجىدە ئېشىپ، ئاخىرىدا گېرمانىيە 2007 – يىلىدىن 2008 – يىلىغىچە بولغان يەر شارى پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنى ئوڭۇشلۇق ھەل قىلدى ھەمدە ئۇنىڭ ياۋرو رايونىدىكى يېتەكچى ئورنىنى قايتىدىن تىكلىدى.

بۈگۈنگە قەدەر، گېرمانىيە بىلەن خىتاي يەنىلا ئىنتايىن ياخشى، ئاكتىپ ئىقتىساد – سودا مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلدى ھەمدە كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق ساھەلەردە بىر قاتار چوڭقۇر ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى، بۇنىڭدىكى مەقسەت ئامېرىكىنىڭ يەر شارى ئىشلىرىدا قالدۇرغان بوشلۇقىنى تولدۇرۇش ئىدى. گېرمانىيە «ئاتلانتىك ئوكيان كۆۋرۈكى» (Atlank Brucke) تەتقىقات ئورنى ۋە گېرمانىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق يېقىنقى تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، گېرمانىيەلىكلەر ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارىغان: ھەمكارلىق ھەمراھلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، خىتاي ئامېرىكىدىن بەكرەك ئىشىنىشكە ئەرزىيدۇ. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا – خىتاي سودا ئۇرۇشى داۋاملىق يامانلاشقان بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن گېرمانىيە كارخانىلىرى يەنىلا خىتايغا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشنى پىلانلىدى.

2016-يىلى خىتاي گېرمانىيە كارخانىلىرىنى كۆپلەپ سېتىۋالغاندىن بۇيان، گېرمانىيەنىڭ خىتايدا مەبلەغ سالغان كارخانىلىرى ئىزچىل گېرمانىيە دائىرىلىرىنىڭ يېقىندىن دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغىدى. گېرمانىيە ئەمەلدارلىرى مۇنداق دېدى: بۇ كارخانىلار گېرمانىيەنىڭ سانائەت ماشىنا ئادىمى ۋە يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىلغار ئورنىغا تەھدىت سېلىشى مۇمكىن؛ گېرمانىيە ئەركىن، ئېچىۋېتىلگەن بازار ئەندىزىسى ئارقىلىق، خىتاي گېرمانىيە كارخانىلىرىنى يېنىكلىك بىلەن سېتىۋالسا ھەمدە بۇ كارخانىلارنىڭ تېخنىكا ۋە ئىختىساسلىقلار ئۈستۈنلۈكىنى خىتاينىڭ دۆلەت مەنپەئىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرسا بولىدۇ. گېرمانىيە سانائەت بىرلەشمىسى (BDI) بىر سىياسەت ھۆججىتىدە مۇنداق دېدى: گېرمانىيە ئەركىن، ئېچىۋېتىلگەن بازار ئەندىزىسى بىلەن خىتاينىڭ «ھۆكۈمەت يېتەكچى تىپىدىكى ئىقتىساد» رىقابىتى كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتىدۇ، گېرمانىيە خىتايغا مەبلەغ سالغان كارخانىلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى گېرمانىيە – خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستىقبالىغا ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، لېكىن بەزى پىتنە – پاساتلار چىقىپ، گېرمانىيە كارخانىلىرىنى سېتىۋالغاندىن باشقا، خىتاي يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىرلىككە كەلگەن خىتايغا قارىتىلغان سىياسىتىنى شەكىللەندۈرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇندى، دەپ كۆرسەتتى .

گېرمانىيە قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى

ئىلگىرى خىتاينىڭ ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ كۆلىمى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، تاۋار ئىشلەپچىقىرىش بىلەن داڭق چىقارغان «دۇنيا زاۋۇتى» ئىدى. ھازىر، خىتاينىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىدا سانائەت تىپىدىكى ئىقتىسادنىڭ مۇلازىمەت تىپىدىكى ئىقتىسادقا ئۆزگىرىشتەك چوڭ يۈزلىنىش بارلىققا كەلدى، بۇ شۈبھىسىزكى، گېرمانىيەنىڭ ياسىمىچىلىقىغا يوشۇرۇن تەھدىت پەيدا قىلدى. شۇڭا، گېرمانىيە سودا ساھەسىنىڭ رەھبەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ خىتايدىكى كەسپىنى زور دەرىجىدە تەڭشەشكە مەجبۇر بولدى ھەمدە سىستېمىلىق رىقابەت نۇقتىسىدىن خىتاينىڭ گېرمانىيەگە ئېلىپ كەلگەن خىرىسنى تەھلىل قىلىشقا باشلىدى.

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئىككى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى، شۇنداقلا گېرمانىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى. گېرمانىيە زۇڭلىسى ئانگلا مېركېل (Angela Merkel) ئىككى يۈزلىمىچىلىك تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، بىرلا ۋاقىتتا ئامېرىكا ۋە خىتايغا ياخشىچاق بولۇشقا ئۇرۇندى. مەسىلەن، ئامېرىكا جاسۇسلۇق پائالىيىتىگە قاتناشقان خىتاي تېلېگراف ماگناتى خۇاۋېينى جازالىغاندىن كېيىن، مېركىل خۇاۋېيدىن گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بىلەن «جاسۇسسىز كېلىشىم» ئىمزالاشنى تەلەپ قىلىپ، خۇاۋېيغا گېرمانىيەنىڭ تورىغا ئارقا ئىشىك ئورناتماسلىققا ۋەدە بەرگەن، لېكىن خۇاۋېينىڭ گېرمانىيەنىڭ 5 Gقۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلغان. بۇ ماقالىدە مېركىلنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئامېرىكىنىڭ جازاسىغا ئۇچرىشى مۇمكىن دەپ قارىغان. ئامېرىكا ئىلگىرى گېرمانىيەنى 5 G تور قۇرۇلۇشىدا خۇاۋېي ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتمەسلىككە ئاگاھلاندۇرغان، بولمىسا گېرمانىيە بىلەن بولغان ئاخباراتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئازايتقان. قىسقىسى، گېرمانىيەنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ناھايىتى قىيىن، ئەگەر ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا داۋاملىق تەۋرىنىپ تۇرسا، بۇ جەزمەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خاتىرجەمسىزلەندۈرىدۇ، ئامېرىكىنى تېخىمۇ غەزەپلەندۈرىدۇ.

گېرمانىيەنىڭ خىتايغا بولغان ئاجىزلىقى ۋە ئەۋزەللىكى

گېرمانىيەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، رۇسىيە گەرچە تېخىمۇ تەھدىتچانلىققا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن خىتاينى يەنىلا بىرىنچى رىقابەتچى دەپ قاراشقا توغرا كېلىدۇ، مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ گېرمانىيە كارخانىلىرى، ھۆكۈمەتلىرى ۋە جەمئىيەتلىرىگە ئارىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. گېرمانىيە ھازىر «سودا ئارقىلىق ئۆزگىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش» تەك ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا خىتايغا قارىتىلغان سىياسەتى ئۈستىدە توختۇلۇپ، خىتايغا يېڭى سىياسەت قوللانغاندىلا، ھازىرقى «چوڭ دۆلەتلەر رىقابىتى» دەۋرىگە ماسلىشالايدۇ، دەپ قاراۋاتىدۇ.

بۇ ھەرىكەتنىڭ بىرىنچى قەدىمى ھالقىلىق ساھەلەردە خىتايغا تايىنىشنى ئازايتىش. مەسىلەن، گېرمانىيەنىڭ دۇئىسبۇرگ (Duisbag) ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ تىرانسپورت ۋە ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنىنىڭ بىرى بولۇپ، جۇڭگونىڭ « بىر بەلباغ بىر يول » تەشەببۇسىنىڭ ياۋروپادىكى مەركىزىي تۈگۈنى بولۇپ قالدى. 2018 – يىلى 9 – ئاينىڭ 3 – كۈنى، دۇيسبۇرگ بىلەن خۇاۋېي بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خۇاۋېينى بۇ شەھەرنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق شەھەر دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتىكى مۇلازىمەت سودىگەرلىرى دەپ جاكارلىدى.

دۇيسبۇرگ بىر تەرەپتىن خىتاي مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي مەبلەغ سالغان كارخانىلار ئېلىپ كەلگەن قەرز خەۋپ – خەتىرىدىن ھوشيار بولىدۇ. كۆپ ساندىكى تەھلىلچىلەر «قەرز دىپلوماتىيەسى» ئارقىلىق دۇيسبۇرگنىڭ ئەھۋالىنى سۈپەتلەشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان بولسىمۇ، لېكىن گېرمانىيەنىڭ «تۆمۈر دېتى بەلبېغى» (يەنى سانائەت رايونى) نىڭ بىر قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە گېرمانىيەنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولۇشى بىلەن، دۇيسبۇرگدا روشەنكى بىر قەدەر يۇقىرى قەرز خەۋپ – خەتىرى مەۋجۇت ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، خۇاۋېي ئۈسكۈنىسىنى ئىشلىتىش گېرمانىيەنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ – خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ. بىر گېرمانىيە ئەمەلدارى مۇنۇلارنى بىلدۈردى : خىتاي ھەتتا بۇ خىل ئىقتىسادىي پىشاڭ ئارقىلىق ياۋروپانى كونترول قىلالايدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، گېرمانىيە يەنە مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ، ئامېرىكا – خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ يامانلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك، چۈنكى بۇ گېرمانىيە – خىتاي ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە ئىقتىساد – سودا مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن (مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ھامان، خىتاي گېرمانىيە مەبلىغىدىكى كارخانىلار بيۇكراتلىق توسالغۇسى ۋە قانۇننىڭ ئېنىقسىزلىقىغا دۇچ كەلمەيدۇ) .

قەرز خەۋپ – خەتىرى يۇقىرى دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، گېرمانىيەنىڭ ئەۋزەللىكى روشەن. بىرىنچىدىن، گېرمانىيەدە ھەم خىتاينىڭ يۇقىرى سوممىلىق قەرزى يوق، ھەم ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان ئىقتىسادىي جازاسىغا قاتناشمىغان؛ ئۇنىڭدىن قالسا، گېرمانىيە بىلەن خىتاي ياۋروپا – ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا جايلاشقان بولۇپ، جۇغراپىيەلىك رىقابەت مۇناسىۋىتى مەۋجۇت ئەمەس. گېرمانىيە بۇ ئەۋزەللىكلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قاراتقان بىرلىككە كەلگەن سىياسىتىنى شەكىللەندۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ تېخىمۇ تەڭپۇڭ بولغان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىغا تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى