گېستاپو

ئورنى Wikipedia

گېستاپو (مەخپىي دۆلەت ساقچىسى)، 1934- يىلى 4- ئايدا ھېنرىك ھىمملېر تەرىپىدىن رېينخارد ھېيدرىك ۋە ھېنرىك مۇللېرگە ھۇقۇق بېرىپ قۇرۇلغان. مۇھىم گېستاپو باشقۇرغۇچىلىرىدىن يەنە بىرى بولسا ھېرمان گۆرنىڭدۇر.

تۇنجى بولۇپ بورانقۇش قىسمىدىن (SA) ۋە گېرمان ساقچىلىرىدىن كۆزگە كۆرۈنگەنلەر ئېلىندى. پۇقراۋىي كىيىم بىلەن ساقچى دائىرىلىدىن ئايرىلدى. دەستلەپكى ئىسمى Geheime Polizei Amt يەئنى GPA ئىدى. لېكىن بۇ ئىسىم بەك ئاددىي كۆرۈلگەن بولسا كېرەككىم، كېيىنچە گېستاپو دەپ ئۆزگەرتىلدى. تولۇقى بىلەن Die Geheime Staatpolizei دۇر.

2- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىسە تەخمىنەن 45،000 ئەزاسى بار ئىدى. ئىشخانىلىرىغا  Gestapoleitstellen دېيىلەتتى. كۈنىمىزدىكى ئىستىخبارات تەشكىلاتلىرىغا ئۈلگە بولالايدۇ. 2- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە مۇھىم قۇماندان ۋە گېنېراللارنىڭ قوغدىغۇچىلىقىنى ئۈستلەنگەن بەئەينى ئەسكەرى ساقچىلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقارغان. بەئزى ۋاقىتلاردا ئېسئېسچىلار (SS) بىلەن ئورتاق ئىش قىلغان. گېستاپو شۇنداقلا ئۇرۇش مەزگىلىدە گېرمانىيەدە بولغان ئىتتىپاقداش جاسۇسلىرىنى يوقىتىشتىمۇ قوللىنىلغان. گېستاپو خادىملىرى ئادەتتە مۇھىم كىرىش ئىشىكلىرىگە قاراۋۇل قىلىناتتى، ۋەزىپىلىرى كىرىش كارتلىرىنى تەكشۈرۈش ئىدى.

شۇنداقلا توپلاش لاگىرلىرىدا ئاكتىپ رول ئۇينىغان. ئۇرۇشتى كېيىن كۆپىچىسى قېچىپ كەتكەن، تۇتۇلۇپ قالغانلار ئۇرۇش جىنايەتچىسى قارىلىپ ئوققا تىزىلغان. 2- دۇنيا ئۇرۇشى تېما قىلىنغان كىنولاردا تولا ۋاقىتتا ئېسئېسچىلار بىلەن بىللە كۆرۈلگەن. گېستاپوچىلارنىڭ يەنە بىر ۋەزىپىسى ئىسە ئۇرۇش مەيدانىدا بولۇپ ئۆتكەنلەردىن بىخەۋەر خەلقنى غەليانغا كەلتۈرۈش، ئۇلارنى دۈشمەن قۇۋۋەتلىرىگە قارشى پۇقراۋىي بىر كۈچ سۈپىتىدە قوللىنىلىشقا ھازىرلاش ئىدى.