Jump to content

گەز ئۆتىڭى خارابىسى

ئورنى Wikipedia

گەز ئۆتىڭى خارابىسى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەسى نىڭ بۇلۇڭكۆل يېزىسى نىڭ گەز كەنتى ئەتراپىغا جايلاشقان. گەز ئۆتىڭى خونجىراپ پورتىغا بارىدىغان، غەربىي پاكىستان غا بارىدىغان «جۇڭگو-پاكىستان تاشيولى»دا نامى داڭلىق بولغان خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى بىر ئۆتەڭ.

گەز دەرياسى بويىدىكى ئەگرى-بۈگرى يولدا تۇرۇپ دەريانىڭ ئۇ يېقىغا قارىغاندا، قارشى تەرەپتىكى تاغ ئۈستىدە بىر تاش بىلەن قوپۇرۇلغان قورۇق تامنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 10 مودىن ئارتۇق كېلىدۇ. قورۇق تامنىڭ ئوتتۇرىسىدا قۇرۇلۇش كۆلىمى تەخمىنەن 40 كۋادرات مېتىر كىلىدىغان تاش ئۆي بار، قوپال بولغان ئىپتىدائىي گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 3 مېتىردىن ئاشمايدۇ، ئۆگزىسى قارا قوڭۇر تاشلار بىلەن يېپىلغان، ئىلگىرى ئىسكىنە بىلەن تاشنى كەسكەن ئىزلىرىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ

مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]