ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللىي گۈللىنىشى

ئورنى Wikipedia

تارىم تورغاق     

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ  80- يىللاردىن كېيىن خىتايدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز ئېھتىياجى تۈپەيلى « ئىسلاھات ۋە ئىېچىۋېىتىش » (« ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياستى » ۋە « دۆلەت كونتروللۇقىدىكى ئەركىن بازار ئىگىلىك تەدبىرى ») قاتارلىق بىر قاتار يېڭى سىياسەتلەرنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى بىلەن گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر تەرەپلىمە قاتتىق چەكلىمىلىرى بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ساھەلىرىدە زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئاجايىپ بىر گۈللىنىش  ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. بۇ گۈللىنىش ئۇيغۇر ئەدەبىيات- سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت ئىڭنىڭ كۈچىيىشى، ئۇيغۇر مىللىي ئىگىلىكى ۋە مىلليى بۇرژۇئا  تەبىقىسى نىڭ تىكلىنىشى، ئسلام ئېتىقادچىلىقنىڭ ئومۇمىيۇزلىك نورمال ھالەتتىكى ئىپادىلىنىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ كۆپىشى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆز ئپادىسىنىڭ تاپتى.

ئۇيغۇر ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرى

ئۆتكەن 70 يىلدىن بۇيان گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر تەرەپلىمە چەكلىمىلىرى،مىللىي زۇلۇم، مىللىي باراۋەرسىزلىك  ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرى مەۋجۇت بولسىمۇ لېكىن ئىلىم- پەننىڭ ھەر ساھەلىرىدە تۈركىي مىللەتلىرىدىن بولۇپمۇ ئۇيغۇر مىللىتىدىن كۆپلىگەن زىيالىيلار يېتىشپ چىقتى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ  80- يىللاردىن كېيىن خىتايدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز ئېھتىياجى تۈپەيلى « ئىسلاھات ۋە ئىېچىۋېىتىش » (« ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياستى » ۋە « دۆلەت كونتروللۇقىدىكى ئەركىن بازار ئىگىلىك تەدبىرى ») قاتارلىق بىر قاتار يېڭى سىياسەتلەرنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى بىلەن گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر تەرەپلىمە قاتتىق چەكلىمىلىرى بولسىمۇ لېكىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەيسەرلىك، چىدامىلىق ۋە ئىلىم- مەرىپەتپەرۋەرلىكدىن ئىبارەت ئىسىل خىسلەتلىرى بىلەن يۇغۇرۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ شىجائەت، تىرىشچانلىق  ۋە ئىستېداتلىق خىزمەتلىرىنىڭ نەتىجىسدە ئۇيغۇر مىللىتىدە 2-  قېتىملىق مىللىي گۈللىنىش ۋۇجۇدقا چىقتى.  بۇ گۈلىنىشنىڭ نەتىجىسىدە ئىلىم- پەن ساھەسىدە ئۇيغۇر مىللىتى ئىچىدە دۇنياۋى سەۋىيىدىكى دوكتور تاشپۇلات تېيىپ، دوكتور خالمۇرات غۇپۇر، دوكتور ئەركىن سىدىق ۋە دوكتور رىشاد ئابباس قاتارلىق كۆپلىگەن ئالىملار بارلىققا كەلدى. بولۇپمۇ ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدە ئازاد سۇلتان،ئابدۇقادىر جالالىدىن، يالقۇن روزى، دوكتور راھىلە داۋۇت، دوكتور زۇلپىقار بارات ئۆزباش، دوكتور ساجىدە تۇرسۇن قاتارلىق ئۆز مىللىتىنىڭ ئېتنوگرافىيسى، تارىخى، ئارخېئولوگىيىسى، تىل- يېزىقى، مەدىنىيىتى، ئەدەبىيات- سەنئىتىنىى پۇختا بىلىدىغان، دۇنياۋى سەۋىيەدىكى نادىر ئالىم ۋە تەتقىقاتچىلار بارلىققا كەلدى. غەيرىي رەسمىي ستاتىستىكا  مەلۇماتلارغا قارىغاندا ئۇيغۇرلاردىن 270 ئارتۇق دوكتورلار يېتىشپ چېققان. ئۇيغۇر ئەدەبىيات — سەنئىتى ئاجايىپ بىر « ئەدەبىيات- سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرى » نى باشتىن كەچۈردى. ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىيات – سەنئىتى مۇكەممەللەشتى ۋە تاكامۇللاشتى. ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئۇيغۇرلار تارىخىغا ئائىت تارىخى رومانلارنى يازدى. پەقەت ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۇيغۇرلارغا ئائىت ھەر قايسى ساھەلەردە نۇرغۇن كىتاب ۋە ماقالىلارنى يېزىپ نەشر قىلدۇرۇپلا قالماي، يەنە خىتاي قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ زىيالىيلىرىمۇ ئۇيغۇرلارغا دائىر نۇرغۇن كىتاب ۋە ماقالىلارنى يازدى ھەم نەشر قىلدۇردى. سەنئەت ۋە تەنھەرىكەت ساھەسىدە ناخشىچى ئابدۇرىھىم ھېيىت ۋە سەنۇبەر تۇرسۇن،كومېدىيەچى ئادىل مىجىت، پۇتبول چولپانى ئىرفان ھېزىم  قاتارلىق ئاتاقلىق سەنئەتچى ۋە تەنھەركەتچىلەر مەيدانغا كەلدى.

ئۇيغۇر ئالىملىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ « قۇتادغۇبىلىك »، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ « تۈركىي تىللار دىۋانى » ۋە ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ « ئەتەبەتۇل- ھەقايىق » قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنوگرافىيسى، تارىخى، ئارخېئولوگىيىسى،تىل- يېزىقى، مەدىنىيىتى ۋە ئەدەبىيات – سەنئىتىگە دائىر نۇرغۇنلىغان قەدىمىي مەشھۇر ئەسەرلەر رەتلىنىپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى ياكى يەشمىسى بىلەن نەشر قىلىنىشى، ئۇيغۇرلارغا ئائىت مەملىكەت ئىچكى ۋە تىشىدا نەشر قىلىنغان سەرخىل كىتابلارنىڭ نەشر قىلىنىشى، « شىنجاڭ » نىڭ ھەر قايسى جايلىرىنىڭ تەزكىرىلىرىنىڭ يېزىلىشى، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق – ئازادلىق  ئىنقىلابىنىڭ تارىخىغا دائىر نۇرغۇن ماقالىلار ۋە كىتاپلار نەشىر قىلىنىشى، « شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى »، « شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى »، « شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى »، « شىنجاڭ ئارخېئولوگىيىسى »، «شىنجاڭ مەدىنىيىتى »، « مىراس »  ۋە  ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىلمىي ژورناللىرى قاتارلىقلارنىڭ نەشىر قىلىنىشى قاتارلىق خىزمەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىتىنى تونۇپ يېتىشىدە ئىنتايىن زور رول ئوينىدى. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىتاپ- ژورنال قاتارلىق مەتپۇئات بۇيۇملىرىغا قارىتا سىياسى مەزمۇن تەرەپتىن تەكشۇرۇشلىرى كۈنسېرى كۈچىيىپ بارغان بولسىمۇ، ھاتتا بەزى كىتابلار  چەكلەنگەن بولىسىمۇ، لېكىن مەتپۇئاتچىلىقتىكى بۇ خىل ۋەزىيەت تا 2016- يىلنىڭ ئاخىرىغىچە  داۋاملاشتى. 2016- يىلى « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلىمى» تەرىپىدىن خەس مىللىيلاردىن تەشكىللەنگەن مىللىي يېزىقتا نەشر قىلىنغان كىتاب– ژورناللارنى سىياسى تەرەپتىن تەكشۇرۇش گۇرۇپپىسى بىر قانچە يىلدىن بۇيان  سىياسىي جەھەتتىن ھېچقانداق  « مەسىلە » تاپالمىغانلىق تۈپەيلى تارقىتۋېتىلىپ، خەس خىتاي زىيالىيلىرىدىن تەركىپ تاپقان بىر گورۇپپا قايىتىدىن تەشكىللەندى.

« ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېىتىش » (« ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياستى » ۋە « دۆلەت كونتروللۇقىدىكى ئەركىن بازار ئىگىلىك تەدبىرى »)  قاتارلىق بىر قاتار يېڭى سىياسەتلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن  ئۇيغۇر مىللىي سۇدا- سانائىتىمۇ تەرەققى قىلدى.  ئۇيغۇر مىللىي ئىقتىسادىنىڭ نىسپىي ھالدا تەرەققى قىلىشى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەقىياتىغا تۆرتكىلىك رول بولدى.

قىسقىسى، ئۇيغۇر مىللىتى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30— 40-  يىللىرى ئۆز مىللىتى—  ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كىملىكى ۋە بىر مىللەتنىڭ ماھىيەتلىك ئامىللىرى – تارىخى، تىل- يېزىقى ۋە مەدەنىيىتى قاتارلىقلارنى   دەسلەپكى قەدەمدە تونۇپ  يەتكەن بولسا، بۇ قېتىمقى « ئەدەبىيات- سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرى » نى باشتىن كەچۆرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۆز مىللىتىنى گورىزونتال ۋە ۋېرتىكال سىزىقلار بۇيىچە چۆشەندى، تەلتۆكۈس ئويغاندى، مىللىي ئىڭى كۆچەيدى ۋە گەۋدىلەندى، مىللىي ئۇيغىنىشى  شەكىللەندى.

كۆپ مىللەتلىك دۆلەتلار ئۈچۈن ئېتىقاندا ئۆز مەمىلىكىتىدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنىڭ يوقىرى كۆتۈرۈلۈشى ۋە مىللەت ئىڭىنىڭ گەۋدلىنىشى شۇ دۆلەتنىڭ ئومۇمىي خەلقىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنىڭ يوكسىلىشىگە پايدىلىق بىر ئىش ئىدى. لېكىن خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مىللىتىدە شەكىللەنگەن بۇ خىل ۋەزىيەتنى ئۆز ھاكىمىيىتىگە بولغان  بىر خىل تەھدىت ۋە خىرىس ئىلىپ كېلىدۇ، دەپ تونىدى.

ئۇيغۇر مىللىي ئىگىلىكى ۋەمىللىي بۇرژۇئا  تەبىقىسىنىڭ تىكلىنىشى

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-  يىللىرى  خىتايدا « ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېىتىش » (« ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياستى » ۋە « دۆلەت كونتروللۇقىدىكى ئەركىن بازار ئىگىلىك تەدبىرى ») قاتارلىق بىر قاتار يېڭى سىياسەتلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ شەخسىي ئىگىلىككە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىشلەرنىڭ ئاقىۋىتىدە خانىۋەيران بولغان ئۇيغۇر جەمئىتىنىڭ مىللىي ئىگىلىكى ۋە ئۇيغۇر مىللىي بۇرژۇئازىيە تەبىقىسى  قايتا تىكلىنىشكە  باشلىدى.

بىر نەچچە ئون يىل ئىچىدە ئۇيغۇر مىللىي ئىگىلىكى تېز تەرەققى قىلدى. مىللىي سودا- سانائەتچىلەر سودا ۋە سانائەتنىڭ ھەر ساھەلىرىدە قويۇق مىللىي تۈسنى ئالغان شىركەتلەرنى قورۇلدى. مەسىلەن، ئۇرۇمچىدە مىللىي يىمەكلىكلەر بىلەن تەمىنلەيدىغان زەنجىرسىمان سودا دۇكانلىرى بار « ئارمان » ۋە « ئىخلاس » قاتارلىق سودا- سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتلەر قۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى بىۋاستە باشقۇرۇدىغان يەرلىك شىركەتلەر، زاۋۇد- كارخانىلار ، چوڭ سودا دۇكانلار، مېھمانخانا ۋە رېستورانلار بارلىققا كەلدى.

چېگرا سودىسى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، مىللىيلارنىڭ چەت ئەللەر، بولۇپمۇ تۇركىيە ۋە ئورتا ئاسىيادىكى تۈرك رېسپۇپلىكىلارغا بېرىپ بىۋاسىتە سودا قىلىش ياكى شىركەتلىرى بىلەن ئۆزئارا سودا قىلىش ئىمىكانىيەتلىرى بارلىققا كېلىشى بىلەن چەت ئەللەر بىلەن سودا قىلىدىغان بىر تۈركۈم مىللىي شىركەتلەر قۇرۇلدى. بۇ شىركەتلەر ئۆز نۆۋىتىدە مىللىي ئىگىلىكنى خەلقئارالاشتۇرۇش ۋە مىللىي ئىگىلىكنى كۈچلەندۈرۈش رولىنى ئويناش بىلەن بىرگە شەرقىي تۈركىستانلىق يەرلىك مىللەتلەرنى بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارادا تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە تونۇلىشىغا تۆرتلىك رول ئوينىدى.

ئۇيغۇر مىللىي ئىگىلىك ۋە مىللىي سودا- سانائەتىنىڭ راۋاجلىنىشغا ئەگىشىپ ، مىللىي سودا- سانائەتچىلارنىڭ بارلىققا كېلىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر مىللىي بۇرژۇئا تەبىقىسىمۇ شەكىللەندى. بۇ بىر تۈركۈم  ئۇيغۇر مىللىي بۇرژۇئازلاردىن تۆۋەندىكى بىر  قانچە شەخىسلەرنى كۆرسىتىش مۇمكىن: كارخانىچى ۋە ساخاھەتچى نورتاي ھاجى، تۇمارىس مېھمانخانىسىنىڭ خوجايىنى ۋە «شاۋكەت كۆن- خۇرۇم شىركىتى» نىڭ باش دىرېكتورى شاۋكەت ئابلەت، كارخانىچى ئامىنە ئابدۇلھەمىت، كارخانىچى ئابدۇغاپپار ئابدۇرۇسۇل، « غۇلجا خالىس فوندى جەمئىيىتى» نىڭ قورغۇچىسى ئابلىمىت ھوشۇر ھاجى،ئۇرۇمچى« مىراج » رېستورانىنىڭ خوجايىنلىرىدىن كېرەم مامۇت،ئابدۇرېشىت ھوشۇر ھاجى ؛ تىجارەتچى ۋە مەرىپەتپەرۋەر ئابدۇراھمان ھەسەن، خەلقئارا ساياھەت شىركىتىنىڭ جوجايىنى خەيرىگۈل نىياز قاتارلىقلار.

مىللىي ئىگىلىكنىڭ پەيدا بولىشى ۋە راۋاجلىنىشى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئۇيغۇر مىللىي ئىقتىسادىي ئاساسىقا ئاساس سالدى. بۇ ئىقتىسادىي ئاساس ئۆز نۆۋېتىدە ئۇيغۇر مىللىي ئۈسىقۇرۇلمىسىنىڭ تەرەققى قىلىشى ۋە  ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قايتا ئويغىنىشغا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرگە ئىسلام دىنىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قويۇق تۈس ئېلىشىغا ھەمدەمدە بولدى.

ئۇيغۇر مىللىي ئىگىلىكىنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشى، راۋاجلىنىشى ۋە خەلقئارالىشىشى ھەمدە ئۇيغۇر مىللىي بۇرژۇئا تەبىقىسىنىڭ پەيدا بولىشى  خىتاي كومپارتىيە ۋە ھۆكۈمىتىنى زور بىر ۋەسۋەسىگە چۆشۈرۈپ قويدى. چۈنكى بۇ مىللىي ئىگىلىك ئۆز نۆۋىتىدە ئەسلىدىلا خىتايلارنىڭ كىملىك ئالاھىدىلىكلىرىدىن ئۆزگىچە پەرقىلىق بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇرلۇق ( كىملىك) ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ تېخىمۇ گەۋدىلەندۈردى ۋە روشەنلەشتۈردى. بۇ ئىجتىمائىي ھادىسە خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرك مىللەتلىرىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشى ئۇچۈن زور توسالغۇ بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار شەرقىي تۈركىستاندا سادىر بولغان بارماقتا سانىغىدەك « تېررورلىق ۋەقە » لىرىنى دەستەك قىلۋېلىپ، خەلقئارالىق تېررورلىققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، شەرقى تۈركىستانلىق تۈركلەرنى بىر توقماق بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ، ئۇزۇن يىللارغا سۇزۇلىدىغان « ئاسسىمىلياتسىيە ۋەزىپە » سىنى ئاياغلاشتۇرماقچى بولدى. ئەمەلىيەتتە، بۇ جايدا ئانچە- مۇنچە تېررورلوق ۋەقەلىرىنىڭ سادىر بولۇشى پەقەت مىللىي باراۋارسىزلىك، مىللىي زۇلۇم ۋە دىنىي ئېتىقادنىڭ باستۇرۇلۇشى سەۋەپىدىن ئاز ساندىكى بىر قانچە ئادەملەرنىڭ  مەسىلىنى توغرا ۋە  تىنچ يول بىلەن ھەل قىلشنىڭ مۇمكىنچىلىكىگە ئېرىشەلمەي، شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىي خەلقلەر جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىنچىلىقسۇيەر ئەنئەنىسى ۋە ئىرادىسىگە يات بولغان ناتوغرى يولنى تاللاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي باراۋارسىزلىك، مىللىي زۇلۇم ۋە دىنىي ئېتىقادنى باستۇرۇشىغا بەرگەن جاۋابى. تۈركىي خەلقلەر جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەيدىغان بىر ئىشىدىن ئىبارەتتۇر، خالاس.

ئۇيغۇرلاردا مىللەت ئىڭىنىڭ كۈچىيىشى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ « ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياستى » ۋە « دۆلەت كونتروللۇقىدىكى ئەركىن بازار ئىگىلىك تەدبىرى »  نىڭ يۈرگۈزۈلۈشى ۋە ئۇيغۇر مىللىي بۇرژۇئازىيە تەبىقىسىنىڭ  قايتا شەكىللىنىشىنىڭ تۈرتكىسى ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتىدە 2-  قېتىملىق مىللىي ئويغىنىش بارلىققا كەلدى. بۇ مىللىي ئويغىنىش 1980- يىللارنىڭ  بېشىدىن باشلىنىپ تا 2016-  يىللىنىڭ ئاخىرغىچە ئۇزۇن بىر تارىخى دەۋرنى بېشىدىن كەچۈردى. گەرچە بۇ دەۋر جەريانىدا بۇ مىللىي ئويغىنىش خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر تەرەپلىمە قاتتىق  چەكلىمىرىگە ئۆچراپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر مىللىتى تارىخىدا كۆرۈلمىگەن نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت روھىنى ئەڭ يوقىرى سەۋىيىدە كۆتەردى . شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر مىللىتى  ۋە  ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىكى  ھەققىدە ئىدراكىي تونۇش بارلىققا كەلدى . بۇ خىل ئىدراكىي تونۇشقا ئىگە بولۇش ھەربىر مىللەتنىڭ  كىشلىك ھوقۇقى ۋە شۇ مىللەتنىڭ ھەر بىر ئەزاسىدا بولۇشقا تېگىشلىك   بولغان بىلىم.

شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بىر تەرەپتىن « مىللەتچىلىك » ۋە « مىللەتچى» قاتارلىق سۆزلەرگە غەرەزلىك بىلەن ھەرخىل سىياسىي مەزمونلارنى چاپلاپ، شەرقىي تۈركىستاندا « مىللەتپەرۋەرلىك » نوقتىسىدىن چىقىپ سۆزلىگەن يەرلىك  مىللەت كىشلىرىگە « مىللەتچى ئۇنسۇر » دېگەن سىياسىي قالپاقنى كىيدۈرۈپ قولغا ئېلىپ،ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى تۈرمىگە تاشلاش بىلەن بىرگە،يەنە بىر قىسمىنى « ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش دېھقانچىلىق مەيدانى» لىرىغا سۈرگۈن قىلدى، يەنە بىر تەرەپتىن « ئۇيغۇرلار نادان، مەدەنىيەتسىز، قالاق » دەپ مىللىي كەمسىتىش ۋە بويسۇندۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزدى. نۆۋەتتە « مىللەتچى » دېگەن ئاتالغۇنىڭ ھازىرقى زاماندىكى ۋارىيانتى بولغان « ئىككى يۈزلىمىچى » ۋە « بۆلگۈنچى » دېگەن ئۆيدۈرما ئاتالغۇلارنى تۆقۈپ چىقىرىپ، ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ سەرخىللىرىنى يوقاتماقتا.

مىللەتپەرۋەرلىكدىن ئىبارەت بۇ سۆز ئۆز مىللىتىگە غەمخورلۇق قىلىدىغان، ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەيدىغان، ھەر دايىم ئۆز مىللىتى تەرەپىدە تۇرىدىغان، ئۆز مىللىتىنى سۆيىدىغان قاتارلىق لېكسىكىلىق مەنەلەرنى ئىپادىلەيدىغان سۆز. مىللەتپەرۋەرلىك سۆزى بىلەن « مىللەتچىلىك » ۋە « مىللەتچى» قاتارلىق سۆزلەرنىڭ نېگىزلىك لېكسىكىلىق مەنىلىرى ئوخشاش سۆزلەر بولۇپ، پەقەت كونتېكىستتا ئىشلىتىش جەھەتلەردىلا پەرقلەر مەۋجۇت. بۇ سۆزلەر  ئۆز مىللىتىنى باشقا مىللەتلەردىن ئۈستۈن قويۇپ، ئەڭ ئەقىللىق مىللەت دەپ ھىساپلايدىغان ۋە باشقا مىللەتلەرنى بويسۇندۇرۇش ۋە قۇل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان « شوۋىنىزم »، « شوۋىنىزمچى» ۋە « شوۋىنىزمچىلىق » سۆزلىرىدىن تۈپتىن پەرقىلىق. « شوۋىنىزمچىلىق » قىلىۋاتقانلار دەل خىتاي كومپارتىيسىنىڭ ئۆزى. خىتاي دائىرلىرى دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە « كوڭزى ئىنستىتوت » لىرىنى قۇرۇپ « خىتاي تىل- يېزىقى دۇنيادا ئەڭ ئىلغار تىل- يېزىق، خىتاي تىلدىكى تاۋۇشلار ئىنگلىز تىلىدىكى تاۋۇشلاردىن نەچچە ھەسسە كۆپ. بۇ تاۋۇشلار بىلەن كۆپ شەيئىلەرنى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. شۇڭلاشقا خىتايلار ئامېرىكلىقلارغا قارىغاندا ئەقىللىق » دېگەندەك سەپسەتىلەرنى سېتىپ، ئۆزلىرىنى باشقا مىللەتلەردىن ئەقىللىق دەپ ھىساپلاپ  شوۋىنىزمچىلىق قىلماقتا.

ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىكى بۇ خىل  مىللەتپەرۋەرلىكدىن ئىبارەت مىللىي  ئويغىنىشىنىڭ پەيدا بولىشىنى خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى ئۆزىگە بولغان بىر تەھدىت دەپ چۆشەندى. بۇ مىللىي ئويغىنش خىتاي ھۆكۈمدارلىرىنىڭ كۆزلىرىگە ئىككى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئەرۋالىرى كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ئانچە- مۇنچە « تېررورلۇق » ۋەقەلىرىنى دەستەك قىلىپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنى بۇ مىللەتنىڭ مۇقەددەس ئانا زىمىنىدىن يوقىتىشنى قەستلىدى.

ئسلام ئېتىقادچىلىقنىڭ ئومۇمىيۇزلىك نورمال ھالەتتىكى ئىپادىلىنىشى

گەرچە خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل دىنلارغا قاريتا قاتتىق چەكلىمىلىرى ۋە  باستۇرۇشلىرىمۇ مەۋجۇت بولسمۇ، لېكىن خىتايدا «ئىسلاھات ۋە ئىېچىۋېىتىش» (« ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياستى » ۋە « دۆلەت كونتروللۇقىدىكى ئەركىن بازار ئىگىلىك تەدبىرى ») قاتارلىق بىر قاتار يېڭى سىياسەتلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا  مۇسۇلمان تۈرك مىللەتلەر ئېتىقاد قىلىدىغان ئسلام دىنى 70 يىلدىن  بۇيان كۆرۈلمىگەن ئاجايىپ بىر « گۈللىنىش دەۋرى » نى باشتىن كەچۆردى. مۇسۇلمان كىشلەرنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەتلىرى كەڭ دائىرىدە قانات يايدى ۋە ئومۇملاشتى. بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئەلۋەتتە بەھرىمان بولىدىغان  كىشلىك ھوقۇقى ئىدى.

ھەشەمەتلىك  مەسچىتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا كۆپلەپ مەسچىتلەر سېلىندى. يالغۇز ئۇرۇمچى شەھەرنىڭ ئۆزىدىلا تىزىمغا ئالدۇرغان مەسچىت 252 گە يەتكەن (نىياز كېرىمى، زىۋىدە ساتتار: « دىيارىمىزدىكى بىر قىسىم يەر ناملىرى ھەققىدە »،2006- يىل نەشرى).

ئىسلام دىنىنىڭ پەرزلىرىنى ئادا قىلىغۇچىلار زور دەرىجىدە كۆپەيدى، ئەمەلىي ئىبادەتچىلەر كۆپەيدى، مەسىچىتلەر جۇمە نامىزىنى ئوقۇيدىغان ياشلار  بىلەن تۆلىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. ئوتتۇرا ياشلار ۋە ياشانغان كىشلەرنىڭ ھەرەمگە بېرىپ ھاجى بولىشى ئومۇمىي يۈزلۈك ئەھۋالغا ئايلاندى. كىچىك بالىلارنى ئىسلام دىنىنىڭ روھى بىلەن تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىش باشلاندى. ھەر خىل ئىسلامىي مۇراسىملار كەڭ- كۆشەدە ئېلىپ بېرىلدى.

ئسلام دىنىغا ئائىت كىتابلار كەڭ تۈردە نەشر قىلىندى. ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس دەستۇرى— « قۇرئان »، ۋە باشقا ئولۇغ كىتابلىرى— «ھەدىس» قاتارلىق ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسلىرىغا دائىر كىتابلار تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىندى ۋە يەرلىك مۇئەللىپلەر تەرىپىدىن ئىسلام دىنى ھەققىدىكى كىتابلارمۇ يېزىلدى.  ئىسلام دىنىي بۇيۇملىرى بازارلاردا كەڭ كۆلەمدە سېتىلدى. مۇسۇلمانچىلىقنى تەشۋېق قىلىش ئەۋىج ئالدى. قىسمەن يەر ئاستى دىنىي مەكتەپلەرمۇ بارلىققا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شەرقىي تۈركىستان تۈرك مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىدا شەكىللەندۈرگەن ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام دىنىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكى ۋە مەدەنىيەت  ئالاھىدىلىكىگە يات بولغان باشقا ئىسلام دۆلەتلەرنىڭ ئىسلام  مەدىنىيىتىدىكى بەزى  دىنىي ئادەتلىرى ۋە دىنىي تۇرمۇش ئۆرپە- ئادەتلىرىنى قوشۋېلىشتەك ئەھۋاللارمۇ پەيدا بولدى.

«شىنجاڭ» دا خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان زور كۈچ بىلەن چەكلەپ كەلگەن دىنى ئىشلار— ئىسلام دىنىنىڭ ياشلار ئارىسىدا نىسپەتەن كەڭ تارقىلىشى، نورمال ئىسلام ئېتىقادچىلىق پائالىيەتلەرنىڭ كۆپۈيىشى، مۇسۇلمانلارنىڭ نورمال ئېتىقادچىلىقى ئۈچۈن كېرەكلىك ئىسلامىي بۇيۇملارنىڭ نىسپەتەن كەڭ تارقىلىشى قاتارلىق ئىشلار تۈپەيلى  شەرقىي تۈركىستاندا مىللىيلار ئارسىدا بىر مەزگىل ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا كۆرۈلمىگەن، ئۇلار بەھرىمان بولۇشقا تېگىشلىك  ھەققانىي، نورمال قويۇق ئىسلام تۈسى شەكىللەندى.

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىدېئولوگىيىسى بىلەن زىت بولغان ئىسلام دىنى ئىدىېولوگىيىسىنىڭ « شىنجاڭ » دا مۇنداق بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ھالدا كەڭ رەۋىشتە راۋاجلىنىشى ۋە كۈچلىنىشى خوددى فالوگوڭغا ئوخشاش خىتاي كومپارتىيىسىنى ۋەھىمىگە سېلىپ قويدى. ئۇلار ئىسلام دىنىنىڭ خىتايدا بولۇپمۇ « شىنجاڭ » دا مەۋجۇت بولىشى ۋە ئومۇميۈزلۈك تەرەققى قىلىشىنى ئۆزلىرىنىڭ ھاكىمىيىتىگە بولغان  بىر خىل تەھدىت كۈچ دەپ ھىساپلاپ، خىتايدا بولۇپمۇ « شىنجاڭ » دا سادىر بولغان قىسمەن « تېررورلوق » ۋەقەلىرىنى دەستەك قىلىۋېلىپ، « ئىسلام دىنىنى تېررورلۇقنىڭ مەنبەسى»،« ئۇيغۇرلار تېررورلۇقىنىڭ ماكانى » دېگەن سەپسەتىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، خىتايدا ئىسلام دىنى ۋە « شىنجاڭ» دا تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنى بولۇپمۇ ئۇيغۇر مىللىتىنى تەلتۆكۈس يوقىتىش نېيىتىگە كېلىپ، 21- ئەسىردە دۇنيادا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى رۇياپقا چىقاردى.

ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىشى

شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىي مىللەتلەر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ نوپۇسىنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتىئى نەزەر، بۇ خەلقنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئۆزى تارىخدىن بۇيان خىتاي سۇلالىلىرى، چىڭ ئىمپېرىيىسى ۋە خىتاي ھاكىمىيەتلىرى ئۈچۈن بىر تەھدىت بولۇپ ھېسابلىنىپ كەلگەن.

تارىخدىن بۇيانقى خىتاي سۇلالىلىرى، مەنچىڭ ئىمپېرىيىسى ۋە خىتاي ھۆكۈمەتلىرى مۇستەملىكە قىلىۋالغان زىمىنلارنى مەڭگۇلۇك خىتاي دۆلىتىنڭ زىمىنى قىلىۋېلىش ئۈچۈن يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتا ئاسسمىلياتسىيە قىلش ۋە يوقىتىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلگەن.

يېقىنقى نەچچە ئون يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ كۆپۈيىشى، ئۆزلىرىنى تەلتۆكۈس تونۇپ يېتىشى ۋە زامانىۋېلىشى بىلەن بۇ مىللەتنىڭ تېخىمۇ كۆچلۈك بىر گەۋدە بولۇپ شەكىللىنىشى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئۇلارنى ئاسسمىلياتسىيە قىلىش ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنى زور تۈركۈمدە شەرقىي تۈركىستاندا يەرلەشتۇرۇشىگە چوڭ توسالغۇ بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارالىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز تەشۋىقات ۋاستىلىرىنىڭ ھەر تەرەپلىمە تەشۋىقلىرى ئارقىلىق ئاز سانلىق كىشلەر تەرىپىدىن سادىر بولغان ئانچە- مۇنچە « زوراۋانلىق » ۋەقەلىرىنى دەستەك قىلىۋېلىپ، خىتاي خەلقى ۋە خەلقئارا جامائەتكە ئۇيغۇرلارنى « تېررورچى »، « ئىسلام دىنىنى تېررورلۇقنىڭ مەنىبەسى » ۋە « شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېررورلۇقنىڭ قارا بۆلۈتلىرى قاپلاپ كەتتى »  قىلىپ كۆرسىتىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىي مىللەتلەرنى جۇملىدىن ئۇيغۇر مىللىتىنى يوق قىلۋېتىشتەك ئىنسانىيەتكە قارشى رەزىل ئىشقا قول سالدى.

2019- يىلى مارت

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى