ھايات شۇنداق ئۆتەرمۇ

ئورنى Wikipedia

نۇرانىيە قەشقىرى

ئاللاھ بىزنى شۇنچە بەرىكەتلىك،ئۇلۇغ كۈنلەرگە ئۇلاشتۇردى،ھەر بىر تىنىقىمىز ئۈچۈن شۈكۈرلەر بولسۇن. مۇھاجىرەت ھاياتى ئىنساننى ناھايىتى تىز چوڭ قىلىۋىتىدىكەن،ئۆمرۈمدە ئۈگىنىشنى ئارزۇ قىلغان بارلىق نەرسىلەرنى ئۈگىنىش پۇرسىتىگە ئىرىشكىنىمدىن خۇرسەنمەن. ئاللاھ ئىنسانلارنى شۇنداق خىلمۇ خىل يارىتىپتۇكى دۇئا قىلسا ۋەتىنىم دەپ ئىغىزىدىن چىقمايدىغانلارنىمۇ ئۇچراتتىم، دۇئاسىنى خىتاي ئاڭلاپ قالمايتى بولمىسا، خىتاي توغۇرلۇق سۆزلىسە قۇلىقى كۆيۈپ دىر دىر تىترەپ كىتىدىغانلارنى كۆرۈپ ئىرى خىتاي قولىدا شەرقى تۈركىستان قۇرغۇچىلارنىڭ شايكىسى دەپ ئۆلتۈرۈلگەن مومامنى ئەسلەتتى. ئۇنىڭ خىتاي دىگەن سۆزنى ئاڭلىسا قورقۇپ تۇردىغان ھالىتى ئەينى ۋاقىتتا كۆزۈمگە سىغمىغان بولسا مانا ھازىر ئۇنىڭ قەلبىدىكى تەسىراتىنى تىتىماقتىمىز. شۇنداق قورقۇپ جان ساقلىيالامىزمۇ دىگەن ئويلار خىياللىرىمدىن كىچىدۇ. ھامىنى بىر ئۆلۈم مەرتلەرچە ياشا، ساڭا ئاللاھ كۇپايە، بىرىپ بىرە كاپىرنى قەتلى قىلىش قولۇڭدىن كەلمىگەن بىلەن نارازى بولۇش، تىللاش، ئۇلارنىڭ ھىلە مىكىرلىرىنى ئىچىپ تاشلاش بولسىمۇ قولۇڭدىن كىلىدۇ دىگەنلەر خىيالىمدىن كىچىدۇ. بالام ھافىز بولسۇن دەپ ئارزۇ قىلىپ قولىغا بىرەر قىتىم قۇرئاننى ئىلىپ ئوقىمايدىغان ئاتىلارنى ئانىلارنى كۆردۈم. چوڭ چوڭ ئىشلارنى قىلىشنى خىيال قىلىدىغان، خىيالىدىن كىيىن ئۇخلاپ قالىدىغان ئوغلانلارنى ھەم كۆردۈم. بۇلارنى سۆزلىسەم قەيسەر مەرت ئوغلانلارنى كۆرمىدىڭمۇ دەپ سورىماڭ. مەدىكار ئىشلەپ تاپقان پۇلىنى مىللەت ئۈچۈن،ۋەتەن ئۈچۈن دەپ سەرپ قىلىۋاتقان،بارلىقىنى ۋەتەن مىللەتنىڭ ئازاتلىقى، ئىمانى ئۈچۈن ئاتاپ قولىدىن كىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان مەرت ئوغلانلىرىمىزنى، ئون ئوغۇل بالىغا تىگىشكۈسىز خانىم قىزلىرىمىزنى ھەم كۆدۈم. ئاللاھ بىزنى توغرا يولغا باشلىسۇن،ھىدايەت قىلغان قەلبىمىزنى باشقا ياققا بۇرۋەتمىسۇن. ئاللاھتىن ھەممىمىزگە ئىمان،تەپەككۇر قىلىدىغان كاللا،پايدىلىق ئىلىم تىلەيمەن.

قەدىرلىك ئۇيغۇرۇم بىز ئەڭ قىيىن كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۋاتىمىز. ۋەتەندە خەلقىمىز قەپەس ئىچىدە،مۇھاجىرەتتە بولسا دەرت ئىچىدە قالدى. يەرشارىدا بىرەر ھايۋاننىڭ نەسلى قۇرۇپ كىتىدىكەن دىيىلسە دەرىجىگە بۆلۈپ قوغدىلىدىغان ھايۋانلار قاتارىغا كىرگۈزۈپ ئالاھىدە ئىكىلوگىيەلىك موھىت ھازىرلاپ قىلمىغىنى قالمايدۇ. بىراق شۇ خىتاي ئاتمىش سەككىز يىلنىڭزى قانچىلىغان مىللەتنىڭ نەسلىنى قۇرتىۋەتتى بۇنىڭ بىلەن ھىچكىمنىڭ كارى يوق. بىپەرۋا بولغان يەردە شۇ مۇدھىش كۈنلەر بىزنىڭ بىشىمىزغا كەلدى. ئىت پۇق يەيدىغان خۇيىنى مەڭگۈ تاشلىمايدۇ،چۈنكى پوق يىيىش ئۇنىڭ تەبىئىتى،نۇرغۇن سىناقلاردىن ئۆتۈپ مول تەجىربە توپلىغان خىتاي يۇمشاق ۋاستەبىلەن بىزنىڭ نەسلىمىزنى قۇرۇتۇپ ئۇيغۇر دىگەن ئىسىمنى تارىخ بىتىدىن يوقىتىپ قەغەز يۈزىدىلا قويۇش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتمەكتە. مۇشۇنداق بىر پەيتتە بىزگە ئاللاھتىن باشقا ھىچبىر ياردەمچى يوق،چۈنكى دۇنيا دىپلۇماتىيەسى مەنپەت ئۈستىدە چۆگىلەيدۇ. ھەممە ئالدى بىلەن ئۆز مەنپەتى ئۈستىدە ئويلىنىپ ئىش تۇتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن باشقىلاردىن ئاغرىنىشقا ھەققىمىز يوق،چۈنكى ئاللاھ ھەممىمىزگە شۇنداق ۋەتەننى ئامانەت قىلىپ بەرگەن. بىر ئاتىنىڭ خاتالىقى ئۈچ ئەۋلادقىچە تەسىر كۆرسىتىدۇ،بىزنىڭ ئۈچ يۈز يىللىق قۇللۇق تارىخىمىزدا قانچە ئەۋلاد ياشىدى،شۇ خاتالىقلارنى تۈزىتىشكە قادىر بولالماي مانا بۈگۈنگە ئۇلاشتۇق. قەدىرلىك ئۇيغۇرۇم، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى كوچىغا چىقىپ تولىيالمىساڭلارمۇ دۇئادا ئاللاھقا پىچىرلاپ بولسىمۇ زۇلۇمنى سۆزلەڭلا، بەندە ئاڭلىمىغاننى ئاللاھ ئاڭلايدۇ، شۇندىلا سىلەرگە يۇقىرى ئاۋازدا ۋاقىرىيالىغىدەك غەيرەتنى ئاللاھ بىرىدۇ. شەخسىيەتچى بولمايلى. ئۆزىمىز ئۈچۈنلا دۇئا قىلىپ ۋەتەن ئۈچۈن دۇئا قىلىشنى ئۇنتۇپ قالمايلى. ئۆز ئامانىتىنى ساقلىيالماي، مەن مۇسۇلمان دىگەنلەرنى تۇز كور دىسەك ئارتۇق كەتمەس. شۇ ۋەتەن بىز ئۈچۈن ئامانەتتى،بىز ئۈچۈن شۇۋەتەننى قوغداش،ئەزان ئاۋازىنى شۇ ۋەتەندە ياڭرىتىش، خانىم قىزلىرىمىز ھىجاپلىرى بىلەن ۋەتەننىڭ كوچىلىرىدا ئەركىن مىڭىشكە ئىرىشتۈرۈش ھەر بىر ئۇيغۇر مۇسۇلمىنى ئۈچۈن پەرز ئەين بۇنى ئۇنۇتمايلى. دۇئاغا كۆتۈرۈلگەن قوللار تىلىپ كەتكەن بىلەن ئاللاھ سىزنىڭ دۇئايىڭىزنى ئاڭلاپ، دۇئالىرىڭىزنى ئىجابەت قىلىپ ھىرىپ كەتمەيدۇ. خىتاي ئەجداتلىرىدىن تاتىپ رەھىمسىز، ھىلە مىكىرگە تولۇپ تاشقان بىر مىللەت. دۈشمەننى چۈشەنمەي تۇرۇپ دۈشمەن ئۈستىدىن غالىپ كەلگىلى بولمايدۇ. قەدىرلىك قىرىنداشلىرىم، خىتاي ھازىر يالغان تارىخ ئويدۇرۇپ چىقىۋاتىدۇ،ئۆز تارىخىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ بىلىشىمىزگە يول قويمايۋاتىدۇ. ۋەتەندىكىلەر ئۆز تارىخىنى بىلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدى، مۇھاجىرەتتىكى قىرىنداشلار بولسىمۇ ئۆز تارىخىمىزنى ئۈگىنىپ قويساق، بالىلىرىمىزغا ئۆز تارىخىمىزنى ئۈگەتسەك، ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئىزى يوقاپ خىرەلىشىپ قالمىسا دەيمەن.

مۇھاجىرەتتىكىلەرنىڭ كۆز ئالدىدىكى مەسىلىلەر ھەقىقەتەن ئىغىر، بىرنى يەڭسەك بىرى كىلىپ ھىچ ھالىمىزنى قويمىدى، شۇنداقتىمۇ ياشىغان ئىكەنمىز بۇ ھاياتقا يۈز كىلەلىگىدەك،قىيامەتتە مەن ماۋۇ ئىشنى ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن قىلدىم دەپ ئاللاھتىن كەچۈرۈم تىلىيەلىگىدەك ياشىساق دەيمەن. مىللەت سىز بىزنىڭ بەرداشلىق بىرەممەسلىكىمىز بىلەن يوقىلىپ كەتمىسۇن،مۇسۇلمان يوقالمايدۇ بۇ بەرھەق،بىراق مىللىتىمىز كاللىمىزنى سىلكىۋەتمىسەك يوقىلىدۇ،ئەۋلادلىرىمىز ئۇيغۇر بولماي باشقا مىللەت مۇسۇلمانلىرىغا سىڭىپ كىتىدۇ،ئۇيغۇر دىگەن نام تارىخ بىتىدىن ئۆچۈپ كەتمىسۇن.ئون ئىككى ئەسىرنىڭزى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىۋاتقان بىر قەۋم بىزگە كەلگەندە يوق بوپ كەتمىسۇن،«ھەممىڭلار بىر پادىچى،ھەممىڭلار ئۆز پاداڭلاردىن سورىلىسىلەر »دىگەن ئايەتنى تەپەككۈر قىلايلى، «تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئوچۇق دەلىل كۆرسەتمىدۇقمۇ »دىگەن ئايەتنى تەپەككۇر قىلايلى.ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە ھەممىنى دىدى، رەسۇلىللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەممىنى بىزگە تولۇق يەتكۈزدى. تەپەككۇر قىلايلى! ئىھ ئۇيغۇرۇم تەپەككۇر قىلايلى!ئۆز ئۆزىمىزنى قۇتقۇزايلى! ئاللاھ بىزنى تەمادىن يىراق قىلسۇن. دۈشمەنگە سەددىچىننى سىلىپ ئىچىگە تىقىلىپ ياشاتقۇزغان ئەجداتلىرىمىز كەبى بىزنىمۇ شۇنداق باتۇر،ئۇيۇشقاق،ئەقىللىق قىلسۇن. ئامىن.

2017-يىل 6-ئاينىڭ 22-كۈنى

ئىستانبۇل

Share

Tweet


ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى