ھورمۇن

ئورنى Wikipedia

ھورمۇن دىگىنىمىز بەدەندىكى مەلۇم ئاجراتما ئەزادا ئىشلىنىپ قان ئايلىنىش سىستىمىسىغا قويۇپ بىرىلىدىغان ۋە قان ئارقىلىق تەسىر قىلغۇچى ئەزاغا يىتىىپ بىرىپ بەدەننىڭ مەلۇم بىر خىل ياكى كۆپ خىل فىزىئولوگىيلىك فۇنكسىيىسىنى تەڭشەيدىغان خېمىيىلىك ماددىلارنى كۆرسىتىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە :ھورمۇن

ئىنگىلىزچە :hormone

چۈشەنچە[تەھرىرلەش]

6پارچەھورمۇنھورمۇن دىگىنىمىز بەدەندىكى مەلۇم ئاجراتما ئەزادا ئىشلىنىپ قان ئايلىنىش سىستىمىسىغا قويۇپ بىرىلىدىغان ۋە قان ئارقىلىق تەسىر قىلغۇچى ئەزاغا يىتىىپ بىرىپ بەدەننىڭ مەلۇم بىر خىل ياكى كۆپ خىل فىزىئولوگىيلىك فۇنكسىيىسىنى تەڭشەيدىغان خېمىيىلىك ماددىلارنى كۆرسىتىدۇ. ھورمۇنلارنىڭ بەزىدە يەرلىك (ئۆزى ئىشلەپچىقىرىلغان ئەزادا) تەسىرىمۇ بولىدۇ، لىكىن كۆپىنچە ھاللاردا باشقا بىر ئەزادىكى ھورمۇن قوبۇللىغۇچى ئاقسىلغا بىرىكىش ئارقىلىق شۇ ئەزادىكى ھۆجەيرىلەرگە مەلۇم ئۇچۇر يەتكۈزۈپ ئۇلارنىڭ گېن ئىپادىلىشىنى ئۆزگەرتىدۇ ۋە مۇناسىپ فىزىئولوگىيلىك تەسىر پەيدا قىلىدۇ. ھورمۇنلارنىڭ تەسىرچانلىقى ناھايتى يۇقىرى بولۇپ، ھورمۇن مىقدارىنىڭ ئازىيىشى ياكى كۆپىيىشى دەرھال فىزىئولوگىيلىك ئىنكاس پەيدا قىلىدۇ.

مۇندەرىجە[تەھرىرلەش]

  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
  • چۈشەنچە
  • فۇنكىسىيەسى
  • بىرلىككە كەلتۈرۈش
  • ئىچكى مۇۋازىنەت
  • ئۆسۈش
  • ھورمۇننىڭ كونتىروللىقى ۋە كىسەللىكلەر
  • قورساق ئېچىش ۋە تويۇشنىڭ ھورمۇنلۇق كونتىرول قىلىنىشى
  • ئىنسۇلىن ھورمۇنى ۋە دىئابىت كېسىلى
  • ئەرلىك ھورمۇن ۋە چاچ چۈشۈش
  • ھورمۇن ئىشلەپچىقارغۇچى ئەزالار
  • ھىپوسالامۇس (hypothalamus)
  • ھىپوفىز بېزى
  • بۆرەك ئۈستى بېزى
  • قالقانبەز
  • قالقانسىمان بەز
  • ئاشقازان ئاستى بېزى
  • چىلفوزا بېزى
  • تۇخۇمدان
  • ئۇرۇقدان
  • بالا ھەمرىيى
  • ھورمۇنلارنىڭ رولى
  • دورىلار
  • ھورمۇن بار يىمەكلىك
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

فۇنكىسىيەسى[تەھرىرلەش]

ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقارغۇچى ئەزالار ئىچكى ئاجرىتىش سىستىمىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. بەدەندىكى ھەربىر فىزىئولوگىيىلىك پائالىيەت دىگۈدەك ھورمۇنلارنىڭ تەڭشىشى ۋە كونتىروللۇقى ئاستىدا بولۇپ، ئەگەر ئىچكى ئاجراتما سىستىمىسىدا چاتاق كۆرۈلسە چوقۇم بەدەننىڭ نورمال فۇنكىسىيىسىگە تەسىر كۆرسەتمەي قالمايدۇ. مەسىلەن، بىزنىڭ قانداق بولۇپ ئانا بەدىنىدە بىر تۆرەلمە ھالىتىدە ئانىنىڭ ئىممۇنىت سىستىمىسى تەسىرىگە ئۇچرىماي ھاياتلىقنى باشلىشىمىزدىن تارتىپ، بىزنىڭ بالياتقۇدا ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىمىزگىچە؛ بىزنىڭ قايسى ۋاقىتتا، قانداق ئانىمىزدىن تۇغۇلۇشىمىزدىن تارتىپ، تۇنجى قېتىم يىغلىشىمىزغىچە؛ بويىمىزنىڭ توختىماي ئۆسۈپ چوڭ بولۇشىدىن تارتىپ، بالاغەتكە يىتىش مەزگىلىنىڭ تۇيۇقسىز باشلىنىشىغىچە؛ بىزنىڭ يولۋاسنى كۆرسەك دەرھال قىچىشىمىز ياكى جىددىيلەشكەندە يۈرەك رىتىمىنىڭ تىزلىشىشىدىن تارتىپ، ياخشى سۆز ئاڭلىساق، يىقمىلىق چىرايلارنى كۆرسەك مۇھەببەت تۇيغۇمىزنىڭ قوزغىلىشىغىچە؛ قورساق ئېچىشنى ھېس قىلىپ توقلىنىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشتىن تارتىپ، تاماقتىن كىيىن تويۇش تۇيغۇسىدا بولۇشىمىزغىچە؛ ھەتتا قاچان ئۇخلاپ قاچان ئويغىنىشىمىزغىچە بولغان بارلىق پائالىيەتلىرىمىز ھورمۇنلارنىڭ كونتىروللىقى ئاستىدا بولىدۇ. دىمەك بىز ھورمۇنلارنى چۈشەنمەي تۇرۇپ ئۆز پائالىيەتلىرىمىزنى تىگىدىن چۈشىنىشىمىز مۇمكىن ئەمەس.خۇلاسىلىساق، ھورمۇنلار تۆۋەندىكى ئۈچ چوڭ فۇنكىسىيەگە ئىگە:

بىرلىككە كەلتۈرۈش[تەھرىرلەش]

بۇ دىگەنلىك ھورمۇنلار بىر غىدىقلىغۇچى مۇھىت تەسىرىگە ئاساسەن بەدەندىكى بارلىق ئەزالارنى شۇنىڭغا ماس ھالدا ئىنكاس قايتۇرۇشقا يىتەكلەيدۇ.

ئىچكى مۇۋازىنەت[تەھرىرلەش]

يەنى بەدەننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بارلىق ئەزالارنىڭ نورمال ئەھۋالدىكى خىزمەتلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق يۈرۈشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

ئۆسۈش[تەھرىرلەش]

مەلۇم جانلىقنىڭ ۋە مەلۇم ئەزانىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش جەريانى پۈتۈنلەي ھورمۇنلارنىڭ كونتىروللىقىدا بولىدۇ.

ھورمۇننىڭ كونتىروللىقى ۋە كىسەللىكلەر[تەھرىرلەش]

بەدەندىكى ھەربىر فىزىئولوگىيىلىك پائالىيەت دىگۈدەك ھورمۇنلارنىڭ تەڭشىشى ۋە كونتىروللۇقى ئاستىدا بولۇپ، ئەگەر ئىچكى ئاجراتما سىستىمىسىدا چاتاق كۆرۈلسە چوقۇم بەدەننىڭ نورمال فۇنكىسىيىسىگە تەسىر كۆرسەتمەي قالمايدۇ.

قورساق ئېچىش ۋە تويۇشنىڭ ھورمۇنلۇق كونتىرول قىلىنىشى[تەھرىرلەش]

ئاۋۋال ئاشقازاندىكى تاماقلارنىڭ ھەزىم قىلىنىشىغا ئەگىشىپ ئاشقازاندىكى نېرۋىلار ئاستا-ئاستا ئۇنى غىدىقلاپ گرەلىن (ghrelin) دەيدىغان ھورمۇننى ئىشلەپچىقىرىشقا باشلايدۇ ۋە ئاخىرى مىقدارى ئېشىپ قان ئارقىلىق مېڭىگە يىتىپ بارىدۇ. مېڭىنىڭ ھىپوسالامۇس قىسمىدىكى سېگمېنىت نېۋرونلىرىغا جايلاشقان گرەلىن قوبۇللىغۇچى ئاقسىلغا بىرىكىپ ئىشتىھانى ئاچقۇچى نېۋرو پېپتىدلاردىن NPY، AgRP قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. بۇ پېپتىدلار ئىشتىھانى ئېچىپ قورساقنى ئاچقۇزىدۇ، دە سىز دەرھال تاماق يىيىشنى ئويلايسىز. تاماق يىيىش جەريانىدا، ئاشقازاندىن ئىشلەپچىقىرىلىدىغان گرەلىننىڭ مىقدارى تۆۋەنلەپ، بەدەندىكى ياغلاردىن ئىشلەپچىقىرىلىدىغان لەپتىن (leptin) دەيدىغان ھورمۇننىڭ مىقدارى تەدرىجىي ئېشىپ بارىدۇ. لەپتن مېڭىدىكى ھىپوسالامۇسقا يىتىپ بىرىپ NPY، AgRP قاتارلىق ئىشتىھانى ئاچقۇچى پىپتىدلارنى تورمۇزلايدۇ، ۋە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا POMC قاتارلىق ئىشتىھانى تۆۋەنلەتكۈچى نېرۋاپېپتىدلىرىنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ. ئاخىرى لەپتىننىڭ مىقدارى يۇقىرىلاپ مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە سىز تويغانلىقىڭىزنى ھېس قىلىسز، دە يىيىشتىن توختايسىز. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، تاماقنى تىز يەيدىغان كىشىلەر ئادەتتە ئىشتىھالىق كىلىدۇ چۈنكى بەدەندىكى لەپتىن مېڭىگە يىتىپ بىرىپ ئىشتىھانى تورمۇزلىغۇچە بەلگۈلىك ۋاقىت كىتىدۇ.

ئىنسۇلىن ھورمۇنى ۋە دىئابىت كېسىلى[تەھرىرلەش]

4پارچەئىنسولىن ھورمۇنىتاماق يىگەندىن كىيىن ئوزۇقلۇق ماددىلار ئاشقازان ۋە ئۈچەيدە ھەزىم قىلىنىدۇ ۋە كۆپىنچىسى گلۇكوزا (ئالتە كاربونلۇق ئاددى قەنىت، ئەڭ مۇھىم ئېنىرگىيە مەنبەسى) غا ئايلىنىپ كىچىك ئۈچەيدىن قانغا سۈمۈرىلىدۇ. ئاندىن گىلۇكوزا قان ئايلىنىش سىستىمىسىدىن بەدەندىكى بارلىق ئەزالارغا، بولۇپمۇ ئېنىرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى بولغان مېڭە، سۆڭەك مۇسكۇلى، يۈرەك مۇسكۇلى ۋە گلۇكوزىنى گلۇكوگېنغا ئايلاندۇرۇپ ئامباردا ساقلايدىغان جىگەر قاتارلىق ئەزالارغا سۈمۈرۈلىدۇ، دە گلۇكوزىنىڭ قاندىكى مىقدارى تۆۋەنلەپ نورمال ھالەتكە قايتىدۇ. لىكىن بۇ نورمال بولغان فىزىئولوگىيلىك جەريان يەنە شۇ ھورمۇنلارنىڭ ياردىمىسىز تاماملىنالمايدۇ. قاندىكى گلۇكوزا مىقدارى ئاشقانلىقىنى سەزگەن ھامان ئاشقازان ئاستى بېزى (pancreas) دىكى بىتا- ھۆجەيرىلەر (β-cell) ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرىشقا باشلايدۇ ۋە ئىنسۇلىن قاندا ئايلىنىپ ھەر قايسى ئەزالارنىڭ ھۆجەيرە پەردىلىرىگە جايلاشقان گلۇكوزا توشىغۇچى ئاقسىل-4(GLUT4) نى ئاكتىپلاشتۇرۇش ئارقىلىق گلۇكوزىنىڭ قاندىن بەدەندىكى ئەزالارغا سۈمۈرۈلۈپ قاندىكى مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تاماق يەپ ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەنسىرى قاندىكى گلۇكوزىنىڭ مىقدارى تۆۋەنلەيدۇ ۋە شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىنسۇلىننىڭ مىقدارىمۇ تۆۋەنلەيدۇ.

ئەرلىك ھورمۇن ۋە چاچ چۈشۈش[تەھرىرلەش]

چاچ چۈشۈشئائىلىڭىزدە بۇ بىر ئېرسىي كېسەللىك بولمىسا، ھەم سالامەتلىكىڭىز ياخشى، تۇرمۇشتا زىيادە ئېغىر روھىي بېسىم (ئېنىقكى چېچىڭىز چۈشۈپ كىتىشتىن بولغان بېسىمدىن باشقا ) بولمىسا، ئۇ ھالدا بۇ سىزنىڭ بەدىنىڭىزدە ئەرلىك جېنسىي ھورمۇن تېستوستېرون (testosterone) نىڭ مىقدارى نورمالدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ياشلاردا چاچ چۈشۈپ تاقىرباش بوپقىلىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى ئەرلىك جىنىسىي ھورمۇننىڭ نورمالسىزلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.

ياشلاردا چاچ چۈشۈپ تاقىرباش بوپقىلىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى ئەرلىك جىنىسىي ھورمۇننىڭ نورمالسىزلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.لىكىن شۇنداقتىمۇ روھى بېسىمغا مۇناسىۋەتلىك ھورمۇن كورتىزول (cortisol)، ئوزۇقلىنىش ئەھۋالى ۋە مىتابولىزىمغا مۇناسىۋەتلىك ھورمۇن قالقان بەز ھورمۇنى (thyroid hormone) نى تەكشۈرتۈپ نورمال چىقسا، ئۇ ھالدا بۇ چوقۇمكى تېستوستىروننىڭ مىقدراىنىڭ ئۆرلەپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن بولغان بولىدۇ.

ئەرلىك جېنىسي ھورمۇن تېستوستېرون ئادەتتە ئىككى خېل ئېنزىمنىڭ تەسىرىدە باشقا ئىككى جېنسىي ھورمۇنغا ئايلىنىش ئارقىلىق فۇنكىسىيىسىنى جارى قىلدۇرىدۇ. بۇلارنىڭ بىرى ئاروماتەيىز ياكى ئاروماتلىغۇچى ئېنزىم (aromatase) دەپ ئاتىلىدىغان ئېنزىم بولۇپ بۇ ئېنزىم تېستوستېروننى ئاياللىق جېنسىي ھورمۇن ئېستېروگېن (estrogen) غا ئايلاندۇرىدۇ؛ يەنە بىرى بولسا 5-ئالفا رىداكتەيىس (reductase 5-a) دەپ ئاتىلىدىغان ئېنزىم بولۇپ، بۇ ئېنزىم بەدەندىكى تېستوستېروننى ئەرلىك ئىككىلەمچى ئالاھىدىلىكلەر ۋە بارلىق ئەرلىك خۇسۇسىيەتلەرنى ئىپادىلەشتىكى ئەڭ مۇھىم ھورمۇن دى-ھېدرو-تېستوستېرون (dehydrotestosterone) غا ئايلاندۇرىدۇ. دىمەك ئاياللار بەدىنىدە ئاروماتەيىس ئېنزىمى كۆپ بولغاچقا تېستوستېروننى دەرھال ئېستىروگېنغا ئايلاندۇرۇپ تۇرىدۇ، لىكىن يەنىلا ئاياللاردىمۇ تۆۋەن مىقداردا تېستوستېرون بولىدۇ، ئەگەر ئازلاپ كەتسە ئاياللاردىكى جېنىسىي سۇسلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەرلەر بەدىنىدە بولسا 5-ئالفا رىداكتەيىس ئېنزىمىنىڭ مىقدارى يۇقىرى بولغاچقا (سېمىزلىك كېسىلىگە گېرىپتار بولغان ئەرلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا) تېستوستېروننى دەرھال دى-ھېدرو-تېستوستېرون غا ئايلاندۇرىدۇ.

ئەگەر ئەرلەر بەدىنىدە تېستوستېروننىڭ مىقدارى ھەددىدىن زىيادە كۆپىيىپ كەتسە، ئۇ ھالدا بۇ ھورمۇن دى-ھېدرو-تېستوستېرون مىقدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىۋىىتىدۇ. يۇقىرى مىقداردىكى دى-ھېدرو-تېستوستېرون (dehydrotestosterone) ئەرلەردە چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ھورمۇن ئىشلەپچىقارغۇچى ئەزالار[تەھرىرلەش]

ئەزالار

ئاساسلىق ھورمۇن ئىشلەپچىقارغۇچى ئەزالار تۆۋەندىكىچە:

ھىپوسالامۇس (hypothalamus)[تەھرىرلەش]

ھىپوسالامۇس مۇھىتنىڭ غىدىقلىنىشىنى بىۋاستە سىزەلەيدىغان مېڭىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا (بۇرۇننىڭ يۆنىلىشىگە ئۇدۇل ھالدا مېڭىنىڭ ئوتتۇرىسىدا)جايلاشقان ئىنتايىن مۇھىم ئورگان بولۇپ، ھىپوسالامۇس ھەم نېرۋا ھۆجەيرىلىرىنى ھەم ئىچكى ئاجراتما ھۆجەيرىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىردىنبر ئەزا بولۇپ، ئۇ مۇھىتتىن ئالغان تەسىرگە ئاساسەن ھورمۇنلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق پۈتۈن بەدەننىڭ ئىنكاسىنى كونتىرول قىلىدۇ. بەدەندىكى ئەڭ مۇھىم فىزىئولوگىيلىك جەريانلارنىڭ ھەممىسىنى دىگۈدەك مۇشۇ ئەزا باشقۇرىدىغان بولۇپ كەيپىياتقا مۇناسىۋەتلىك بارلىق تۇيغۇلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ؛كۆپىيىشنى بىۋاستە كونتىرول قىلىدۇ؛ بەدەننىڭ ئېنىرگىيە ھالىتى، ئىشتىھا، ئورۇق-سېمىزلىك ۋە مىتابولىزىمنى بىۋاستە كونتىرول قىلىدۇ؛ تۆرەلمىنىڭ قايسى ۋاقىتتا تۇغۇلۇشى، تۇغۇت جەريانى ۋە سۈت ئىشلەپچىقىرىشنى ئالىي كونتىرول قىلغۇچى ئەزامۇ شۇ ھىپوسالامۇس بولۇپ، بۇ ئەزا ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق ھورمۇنلار تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

1. كورتىكوتىروفېن ئاجراتقۇچى ھورمۇن (CRH)

بۇ ھورمۇن بېسىم ياكى پىسخىكىلىق جىددىيلىشىشكە ئالاقىدار ئەزالارنى تۇنجى بولۇپ قوزغاتقۇچى ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن: ئەگەر سىز بىر كالىدىن سۈت ساغماقچى بولغاندا كالا تونۇيدىغان ئادەم كالىنى ساغسا ياكى كالىغا ئوت بىرىپ ياخشى مۇئامىلە قىلىپ ئاندىن ساغسا سۈت كۆپ چىقىدۇ؛ لىكىن كالا ئۆچ كۆرىدىغان ياكى كالىنى قورقۇتقان ۋە ياخشى مۇئامىلىدە بولمىغان ئادەم ساغسا سۈت ئاز چىقىدۇ.چۈنكى كالا مۇھىتتىن (سۈت ساغقۇچىدىن) بېسىم ھېس قىلغاندا سۈت ئىشلەپچقىرىشتىكى مۇھىم ھورمۇنلار CRH ھورمۇنىنىڭ تورموزلىشىغا ئۇچرايدۇ، دە سۈت ئاجرىلىپ چىقىىشنى توسالغۇغا ئۇچرىتىدۇ.

2. گونادوتروپىن ئاجراتقۇچى ھورمۇن (GnRH)

بۇ ھورمۇن بارلىق كۆپىيىشكە مۇناسىۋەتلىك فىزىئولوگىيلىك جەريانلارنى كونتىرول قىلىدۇ. مەسىلەن: بوۋاقنىڭ مېڭىسى مۇشۇ ھورمۇننى كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىغان ۋاقتىتا بوۋاق تۇغۇلىدۇ. مۇشۇ ھورمۇنىڭ مىقدارى مۇئەييەن دەرىجىگە يەتكەندە بالاغەتكە يىىتىش باسقۇچى باشلىنىدۇ ھەم مۇشۇ ھورمۇن ھامىلدار بولۇشقا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ھورمۇنلارنى بىۋاستە كونتىرول قىلىدۇ. بۇ ھورمۇننىڭ بىۋاستە رولى بولسا بىر تۆۋەنلەپ بىر يۇقىرىلىغان رېتىمدا ئىشلەپچقىرىلىش ئارقىلىق ھىپوفىز بېزىدىن فولىكۇل (تۇخۇم) پىششىقلىغۇچى ھورمۇن (FSH) ۋە لۇتىنايىزلاشتۇرغۇچى (سېرىق تەنچە ھاسىل قىلغۇچى) ھورمۇن (LH) نى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ.

3. ئۆستۈرگۈچى ھورمۇننى ئاجراتقۇچى ھورمۇن (GHRH)

بۇ ھورمۇن ھىپوفىز بىزىدا ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن (GH) نىڭ سېنتىزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

4. ئۆستۈرگۈچى ھورمۇننى تورمۇزلىغۇچى ھورمۇن (GHIH)

بۇ ھورمۇن ھىپوفىز بىزىدا ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن (GH) نىڭ سېنتىزلىنىشىنى توسىدۇ. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ھورمۇن بىلەن بۇ ھورمۇننىڭ نېسبىتى قانچىلىك مىقداردا ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن سېنتېزلىنىشنى كونتىرول قىلىدۇ.

5. قالقەنبەز ھورمۇنىنى غىدىقلىغۇچى ھورمۇننى ئاجراتقۇچى ھورمۇن (TRH)

بۇ ھورمۇن ھىپوفىز بىزىدىن تروپىننى غىدىقلىغۇچى ھورمۇن (TSH) نى ئىشلەپچىقىرىدۇ.

6. پرولاكتىننى تورمۇزلىغۇچى ھورمۇن (PIH)

دوپامىن (dopamine) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ھورمون بىر ئامىنو كېسلاتاسىدىن ئۆزگەرگەن ئامېن تىپىدىكى كىچىك مولىكۇلا ئېغىرلىقىدىكى ھورمۇن بولۇپ بۇ ھورمۇننىڭ مىقدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلسە كەيپىياتنىڭ يۇقىرى بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. شۇڭا نۇرغۇن پىسخىك كېسەللىك دورىلىرى مۇشۇ ھورمۇننىڭ مىقدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق كېسەل داۋالايدۇ. بۇ ھورمۇننىڭ يەنە بىر قوشۇمچە رولى ھىپوفىز بىزىدىن ئاجرىتىلىدىغان، سۈت كۆپەيتكۈچى ھورمۇن پرولاكتىن (Prolactin) نى تورمۇزلايدۇ.

7. ئوكسىتوسېن (oxytocin)

مۇھەببەت ھورمۇنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ھورمۇن باشقا جېنسىي ھورمۇنلار بىلەن بىرگە يات جېنىسقا قىزىقىش قىلمىشىنى كونتىرول قىلىدۇ. بۇ ھورمۇننىڭ مىقدارى ئاشىق بولغان كىشىلەردە يۇقىرى بولىدۇ ھەم ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەت جەريانىدا مىقدارى جىددىي يۇقىرىلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ ھورمۇن تۇغۇت جەريانىدا تولغاق كەلتۈرۈش رولىغا ئىگە بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك مۇسكۇلنى قىسقارتقۇچى ماددا ھېسابلىنىدۇ ۋە تولغاق جەريانىدا مىقدارى ئادەتتىكىدىن 20 ھەسسە يۇقىرىلايدۇ؛ شۇڭا تولغاقنىڭ ئازابى ھەممىدىن يامان. بۇ ھورمۇن يەنە ئانىلىق قىلمىشلارنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولۇپ سۈت ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە ئاننىڭ بالىغا بولغان باشقىچە مۇھەببىتىنى كونتىرول قىلىدۇ. شۇڭا،تولغاق كەلمەستە ئوپراتسىيە ئارقىلىق تۇغقان ئانىلارنىڭ سۈت ئىشلەپچىقىرىشى تەبىئىي تۇغقان ئانىلاردىن خىلىلا ناچار بولىدۇ. بولۇپمۇ دەسلەپكى بىر قانچە كۈندە كېچىكىپ سۈت كىلىشكە باشلايدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، ئىمكانىيەت بولسىلا تەبئىي تۇغۇشنى تاللاش ئانا ۋە بالىنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تاللاشتۇر. بۇ ھورمۇن يەنە بالىلاردىكى يالغۇزلۇق كېسىلى (autism) نى داۋالاشتا ئۈنۈمى بارلىقى بايقالغان.

8. ۋازوپرەسسېن (vasopressin)

بۇ ھورمۇن ئاساسلىقى ئوسموس بېسىمىنى يۇقىرىلىتىش ئارقىلىق قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش رولىغا ئىگە.

ھىپوفىز بېزى[تەھرىرلەش]

ھىپوفىز بىزى

(pituitary, hypophysis) - بۇ بەدەندىكى ئەڭ مۇھىم ئىچكى ئاجراتما ئەزالىرىنىڭ بىرى بولۇپ، كۆپىنچە ھىپوسالامۇستىن كەلگەن ھورمۇنلۇق ئۇچۇرلارغا ئاساسەن يىڭى ھورمۇنلارنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە شۇ ئارقىلىق پۈتۈن بەدەن فۇنكىسىيىسىنى تەڭشەش رولىغا ئىگە. بۇ بەز بەدەندىكى ئەڭ بىخەتەر جايغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ؛ يەنى ھىپوفىز بېزى مېڭە سۆڭەكلىرى بىلەن بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى سۆڭەكلەرنىڭ دەل ئوتتۇرىغا، ھىپوسالامۇسنىڭ ئۇدۇل ئاستىغا جايلاشقان بولۇپ، خۇددى مېڭە سۆڭەكلىرىنىڭ ئارىسىدىكىدە بىر ئۇۋىدەك دۆڭچە ئىچىگە مەھكەم ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ھىپوفىز راكى ۋە باشقا بىنورماللىقلار تۈپەيلى ھامىلدا بولالمايدىغان، بويى ئۆسمەيدىغان ياكى گېگانىت ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدىغان .... دىگەندەك بىر مۇنچە كېسەللىكلەر مۇشۇ ئەزانىڭ فۇنكىسىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ھىپوفىز بېزى ئىشلەپچىقىرىدىغان ھورمۇنلار تۆۋەندىكىچە:

1. ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن (GH)

بەدەننىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. سۆڭەك ۋە مۇسكۇللارنى يوغانتىپ، قاندىكى گلۇكوزىنى ئازايتىدۇ. ئاقسىللارنىڭ سېنتىزلىنىشىنى ئاشۇرۇپ، ماينى پارچىلايدۇ. ئۆستۈرگۈچى ھورمۇننىڭ ئاساسلىق فۇنكىسىيەلىرى جىگەردىن ئىنسىۇلىنسىمان ئۆستۈرگۈچى فاكتور-1 (IGF1) نىڭ سېنتىزلىنىشىنى غىدىقلاش ئارقىلىق ئىلىپ بىرىلىدۇ.

2. ئادرىنوكورتىكوتروپىك ھورمۇن (ACTH)

ئاساسلىقى بېسىم ھېس قىلغاندا ئاجرىتىلىپ بۆرەك ئۈستى بىزىدىن كورتىزول (cortisol) ئاجىرىتىپ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

3. پرولاكتىن (Prolactin)

ئاساسلىقى سۈت ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئاياللار كۆكسىنىڭ يوغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە تۆرەلمىگە بولغان ئىممۇنىت چىدامچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ (تۆرەلمە بىر پۈتۈنلەي يات بولغان بىر جانلىق بولۇپ ئادەتتە بۇ خىل جانلىقلارغا قارىتا بەدەندە ئىممۇنىت قارشىلىق شەكىللىنىدۇ، لىكىن نۇرغۇنلىغان ھورمۇنلارنىڭ بىرلىكتە تۆرەلمىنى قوغدىشى ئارقىسىدا ئانا بەدىنىدە تۆرەلمىگە قارىتا ئىممۇنىت چىدامچانلىقى شەكىللىنىدۇ). ئۇ يەنە جېنسىي غىدىقلىنىشنى تۆۋەنلىتىش ۋە جېنسىي ھورمۇنلارنىڭ مىقدارىنى ئازايتىش رولىغا ئىگە.

4. فولىكۇل پىششىقلىغۇچى ھورمۇن (FSH)

ئاساسلىق رولى تۇخۇم ھۆجەيرىلىرى ۋە ئىسپىرما ھۆجەيرىلىرىنىڭ پىشىپ يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

5. لۇتىنايىزلاشتۇرغۇچى (سېرىق تەنچە ھاسىل قىلغۇچى) ھورمۇن (LH)

ئاساسلىقى ئاياللار تۇخۇم ھۆجەيرىسىنى پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىپ 10.00mm چوڭلۇققا يەتكەن بىر تۇخۇم (قىسمەن ھاللادا ئىككى تۇخۇم، بۇ قوش كېزەك بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن) ھاسىل بولغاندا، LH مىقدارى جىددىي ئېشىپ ئۇنىڭ تەسىرى بىلەن تۇخۇم تۇخۇمداندىن قويۇپ بىرىلىدۇ ۋە ھامىلدارلىققا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن تۇخۇمداندا سېرىق تەنچە (پروگىستېرون ئىشلەپچىقىرىپ ھامىلدارلىقنى ساقلايدۇ) ھاسىل قىلىدۇ.

6. قالقانبەز ھورمۇنى (ترويىد ھورمونى) نى غىدىقلىغۇچى ھورمۇن (TSH)

بۇ ھورمۇن قالقانبەزنى غىدىقلاپ قالقانبەز ھورمۇنى (T3, T4) ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ ھورمۇننىڭ مىقدارىنى ئۆلچەش ئارقىلىق قالقانبەز ئىقتىدارىغا دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ؛ يەنى TSH نىڭ مىقدارى نورمالدىن ئېشىپ كەتسە، بۇ قالقانبەز ئىقتىدارىنىڭ چېكىنگەنلىكى ۋە يىتەرلىك مىقداردا T3, T4 ئىشلەپچىقىرالمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

بۆرەك ئۈستى بېزى[تەھرىرلەش]

بۆرەك ئۈستى بىزى ئورنى(adrenal gland) - ئەڭ كۆپ سان ۋە تۈردىكى ھورمۇنلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان مۇھىم ئىچكى ئاجراتما ئەزاسى بولۇپ ھەر بىر بۆرەكنىڭ ئۈستى قىسمىدا بىردىن بولغان بىر جۈپ بەزدۇر. بۆرەك ئۈستى بېزى ئىككى پەرقلىق قەۋەتتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇلار بۆرەك ئۈستى بېزى قاسرىقى ۋە بۆرەك ئۈستى بىزى ئوتتۇرا قىسمىدىن ئىبارەت. قاسراق قىسمى ئاساسلىقى ئالدوستېرون (aldosterone)، كورتىزول (cortisol) ۋە كورتىكوستىرون (corticosterone) قاتارلىق ھورمۇنلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. ئوتتۇرا قىسمى بولسا ئاساسلىقى ئېپىنېفرىن (ئادرىنالىن دەپمۇ ئاتىلىدۇ، epinephrine, adrenaline) ۋە نورئېپىنېفرىن (نورئادرىنالىن دەپمۇ ئاتىلىدۇ، norepinephrine, noradrenaline) نى ئىشلەپچىقىرىدۇ. بۇ ئىككى ھورمۇن ئىككىلەمچى نېرۋا سىستمىسىدا كەم بولسا بولمايدىغان رول ئوينايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۆرەك ئۈستى بېزى قاسرىقى پروگېستىرون، ئېستىروگېن، تېستوستېرون، دى ھىدروتېستوستېرون قاتارلىق جېنسىي ھورمۇنلارنىمۇ ئاز مىقداردا ئىشلەپچقىرىدۇ.

قالقانبەز[تەھرىرلەش]

قالقانبەز(thyroid gland) - كاناينىڭ تۆۋەن يىنىغا جايلاشقان قالقانبەز ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئىككى ھورمۇن تروكسىن (T4) ۋە تىرىئودوتروكسىن (T3) نى ئىشلەپچىقىرىدۇ. بۇ ھورمۇنلار بەدەننىڭ ئوكسېگىن سۈمۈرىشىنى يۇقىرىلىتىپ مىتابولىزىمنى تىزلەشتۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قاندىكى كالتىسىينى تۆۋەنلىتىدىغان كالسىيتونىن (calcitonin) ھورمۇنىنىمۇ ئىشلەپچىقىرىدۇ. قاندا ئاساسلىقى T4 مەۋجۇت بولۇپ تەسىر قىلغۇچى ھۆجەيرىلەرگە كىرىشتىن بۇرۇن T3 ئايلىنىشى شەرت. بۇ ھورمۇنلاردىكى 3 ۋە 4 دىگەن سانلار ئۇلارنىڭ خېمىيلىك تۈزۈلۈشىدىكى يود (I) سانىغا قارىتىلغان. ئەگەر قاندا T4 كەملەپ كەتسە تۆۋەندىكى نورمالسىزلىقلار كىلىپ چىقىدۇ:

1. پوخاق : يود يىتىشمەسلىكتىن قالقانبەز يوغىناپ كىتىپ پوخاقنى شەكىللەندۈرىدۇ. شۇڭا يودلۇق تۇز ئىستىمال قىلسا پوخاقنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

2. ھەرىكىتى ئازلاش ۋە سەمىرىپ كېتىش

3. چاچ چۈشۈش ۋە چاچ قۇرغاقلىشىش

4. سوغۇققا سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كىتىش ۋە قان كەملەش

ئەگەر T4 نىڭ قاندىكى مىقدارى ئېشىپ كەتسە تۆۋەندىكى نورمالسىزلىقلار كىلىپ چىقىدۇ:

1. ھارغىنلىق ۋە ئاجىز ھېس قىلىش

2. ئورۇقلاش

3. توختىماي قورساق ئېچىش

4. جىددىيلىشىش

5. ئىسسىققا سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كىتىش

قالقانسىمان بەز[تەھرىرلەش]

قالقانسىمانبەز(parathyroid gland) - بىر جۈپ كىچىك بەز بولۇپ ئادەتتە بىرى قالقانبەزنىڭ ئىچىگە، يەنە بىرى تېشىغا جايلاشقان بولىدۇ. ئاساسلىقى قالقانسىمان بەز ھورمۇنى (parathyroid hormone) نى ئىشلەپچىقىرىدۇ. قالقانسىمان بەز ھورمۇنى قاندىكى كالتىسىي مىقدارىنى تەڭشەيدىغان ئاساسلىق ھورمۇن بولۇپ سۆڭەكتىن كالتىسينىڭ قانغا قويۇپ بىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق قاندىكى كالتىسىي مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ. ئۇ يەنە ۋىتامىن D نىڭ ھاسىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئاشقازان ئاستى بېزى[تەھرىرلەش]

ئاشقازان ئاستى بىزى(pancreas) - كىچىك ئۈچەي بىلەن ئاشقازاننى ئارلىقىغا جايلاشقان تورسىمان يىيلىغان ھەجىمى ئەڭ چوڭ بەز بولۇپ، ئۇنىڭدا ئالفا ھۆجەيرە ۋە بىتا ھۆجەيرىلەر بار. ئالغا ھۆجەيرىلەر ئاساسلىقى جىگەرنىڭ گلۇكوزا ئىشلەپچىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھورمۇن گلۇكاگون (glucagon) نى ئىشلەپچىقىرىدۇ. بىتا ھۆجەيرىلەر بولسا ئىنسۇلىن (insulin) نى ئىشلەپچىقىرىدۇ.

چىلفوزا بېزى[تەھرىرلەش]

چىلىغوزا(pineal gland) - مېڭىگە جايلاشقان بولۇپ، بۇ بەز ئاساسلىقى مىلاتونىن (melatonin) دەپ ئاتىلىدىغان ئۇخلاش-ئويغىنىش ۋە پەسللىك دەۋرىيلىكنى كونتىرول قىلغۇچى ھورمۇننى ئىشلەپچىقىرىدۇ.

تۇخۇمدان[تەھرىرلەش]

تۇخۇمدان(ovary) - ئاياللاردىلار بار بولۇپ بالياتقۇنىڭ ئىككى ئۇچىىدا بىردىن ئىككىسى بار. تۇخۇم ئىشلەپچىقارغاندىن باشقا ئاساسلىقى (بالاغەتكە يەتكەندىن كىيىن) ئېستىروگېن (estrogen) ۋە پروگېستېرون (progesterone) دىن ئىبارەت ئىككى ئاياللىق جىنسىي ھورمۇننى ئىشلەپچىقىرىدۇ. يەنە ئاز مىقداردا ئەرلىك جېنسىي ھورمۇن تېستوستېرون (testosterone) مۇ ئىشلەپچىقىرىدۇ.

ئۇرۇقدان[تەھرىرلەش]

ئۇرۇقدان(testicle) - پەقەت ئەرلەردىلا بار بولۇپ، ئىسپىرما ئىشلەپچىقارغاندىن باشقا، ئاساسلىقى (بالاغەتكە يەتكەندىن كىيىن) ئەرلىك جىنسىي ھورمۇن تېستوستىرون ۋە ئاز مىقداردا ئېستروگېننى ئىشلەپچىقىرىدۇ.

بالا ھەمرىيى[تەھرىرلەش]

(placenta) - پەقەت ھامىلدارلىق مەزگىلىدىلا بار بولغان ۋاقىتلىق ئەزا بولۇپ، ئىنتايىن مۇھىم روللارغا ئىگە. بۇنىڭ ئىچىدە ئىچكى ئاجراتما ھورمۇنلارنى ئىشلەپچقىرىشمۇ مۇھىم روللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئاساسلىقى ئىنسان كورىيونىڭ گونادوتروپىن (human chorionic gonadotropin, hCG) ۋە بالا ھەمرىىي لاكتوگېنى قاتارلىق بالا ھەمرىيىغا خاس ھورمۇنلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. ھامىلدارلىقنى تەكشۈرۈش ئەسۋابى ئاساسلىقى سۈيدۈكتىكى hCG مىقدارىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھامىلدار ياكى ئەمەسلىكىنى بەلگىلەپ بىرىدۇ. ھامىلدارلىقنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىللىرىدە بولسا بالا ھەمرىيى يەنە كۆپ مىقداردا پروگىستېرون ۋە ئېستىروگېننى ئىشلەپچىقىرىدۇ.