Jump to content

ھوللىۋود

ئورنى Wikipedia

ﮪﻮﻟﻠﯩﯟﻭﺩ (Hollywood) – ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﺎﻟﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪ ﺋﺸﺘﺎﺗﻰ ﻟﻮﺱ ﺋﺎﻧﮋﯦﻠﯧﺲ ﺷﻪﮪﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭼﯧﺘﯩﮕﻪ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﺴﻰ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻱ. ﮪﻮﻟﻠﻮﯞﻭﺩﻧﻰ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﻩ ﺳﯜﺭﻩﺕ ﺗﺎﺭﺗﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻓﻮﺗﻮﮔﺮﺍﻓﻼﺭ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻥ, 20- ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ, ﺑﯘ ﺟﺎﻱ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻓﻮﺗﻮﮔﺮﺍﻓﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ. ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﭼﻮﯓ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﻮﻧﺘﯩﺮﻭﻟﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺷﻨﻰ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﻓﯩﻠﯩﻢ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ, ﺑﯩﺮ ﻛﯩﻨﻮﭼﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ. ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﻯ-ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﻩ, ﺩﺍﯞﯨﺪ ﮔﺮﺍﻳﻔﯩﺲ, ﭼﺎﺭﻟﯩﺰ ﭼﺎﭘﻠﯩﻦ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﺎﺭﻻﺭ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻛﯩﻨﻮﭼﯩﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﯞﯨﻲ ﻧﻮﭘﯘﺯﻏﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ, ﯞﺍﻝ ﻛﻮﭼﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯘﻟﺪﺍﺭﻻﺭﻣﯘ ﻛﯩﻨﻮﭼﯩﻠﯩﻖ ﺳﺎﮪﻪﺳﯩﮕﻪ ﻗﻮﻝ ﺗﯩﻘﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ. ﮪﻮﻟﻠﯩﯟﻭﺩ ﻛﯩﻨﻮ ﺷﻪﮪﯩﺮﻯ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻟﺘﯩﺲ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ. ﺯﻭﺭ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ, ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻛﯩﻨﻮﻻﺭ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻐﺎ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ. ﮪﻮﻟﻠﯩﯟﻭﺩﻣﯘ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﮪﻮﻟﻠﯩﯟﻭﺩ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻣﻮﺩﺍ ﺋﯧﻘﯩﻤﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ, ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ, ﻛﯩﻨﻮ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻣﻪﺯﻛﯩﺰﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮪﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﮪﻮﻟﻠﯩﯟﻭﺩﺗﺎ ﺩﯗﻧﻴﺎﯞﯨﻲ ﻧﻮﭘﯘﺯﻏﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻛﯩﻨﻮﭼﯩﻠﯩﻖ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ «ﭼﯜﺵ ﺯﺍﯞﯗﺗﻰ», «ﺩﯦﺴﻨﻰ», «20- ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﻓﻮﻛﯩﺲ(ﺗﯜﻟﻜﻪ)», «ﻛﻮﻟﻮﻣﺒﯩﻴﻪ», «ﺳﻮﻧﻰ», «ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﻯ», «ﯞﺍﺭﻧﯧﺮ ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭﻟﻪﺭ»  ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﺎﮔﯩﻨﺎﺗﻼﺭ ﯞﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﭘﯩﻼﺳﺘﯩﻨﻜﺎ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ. ﺑﯘ ﺟﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻛﻪﺳﯩﭙﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺷﻪﺭﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮪﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺗﻪﯓ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.

ﮪﻮﻟﻠﯩﯟﻭﺩﻗﺎ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ, ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺳﻪﯞﯨﻴﻪ, ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﺘﯩﻜﻰ ﺭﯦﮋﯨﺴﺴﻮﺭ, ﺳﯩﻨﺎﺭﯨﺴﺖ, ﭼﻮﻟﭙﺎﻧﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﯜﻧﯜﻣﭽﯩﻜﻼﺭ ﺗﻮﭘﻼﺷﻘﺎﻥ.ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﮪﻮﻟﻠﯩﯟﻭﺩ ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﻲ ﻛﯜﭼﻜﻪ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ, ﺭﻩﯕﮕﺎﺭﻩﯓ ﻣﻮﺩﯨﻼﺭ ﻣﯘﺟﻪﺳﺴﻪﻣﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﮪﻪﺭ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ. ﮪﻮﻟﻠﯩﯟﻭﺩ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻣﯩﻘﯩﻴﺎﺳﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ, ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻤﻮﯞﻭﻟﻠﯘﻕ ﺑﻪﻟﮕﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ.

ﺗﺎﻡ ﻛﺮﻭﺱ, ﺑﺮﻩﺩ ﭘﯩﺖ, ﯞﯦﻞ ﺷﯩﻤﯩﺲ ﯞﻩ ﺟﻮﻧﻨﯩﻲ ﺩﯨﭗ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﭼﻮﻟﭙﺎﻧﻼﺭ «ﮪﻮﻟﻠﯩﯟﻭﺩﺗﯩﻜﻰ ﺗﯚﺕ ﺧﺎﻗﺎﻥ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ.

مەنبە

[تەھرىرلەش]