ھىجراننامە
ھىجراننامە
ئالىمجان مەتقاسىم (غەمناكى)
1
مېنى كىم ۋەسلى دىلدارغا بىچارە خارۇ-زار ئەتتى،
قىلىپ سۈرگۈن مېنى مەنگە، ئۆزۈمگە ئىنتىزار ئەتتى.
خىيابان چۆلىدە ياياق، سوغۇقتىن تەرلىسەم پىژ-پىژ،
ئۆزۈمنى ئاشىنا ئەيلەپ، گۈزەلنى بىئىتىبار ئەتتى.
تىلىپ كۆكسۈمنى مەھشەردەك،يۈرەكنى تىلغىسام ئاھ-ۋاھ،
ھىجىر قاينامىدا پۇژغۇن ئۆلۈمنى بىغۇبار ئەتتى.
كۆزۈمنى داغلىدىم جىمجىت، يېشىمنى تىللىدىم قانچە،
ساياق كۆڭلۈمگە ۋىجداننى ۋاپالىق ئۇز خۇمار ئەتتى.
قورۇق مەڭزىمگە داستانلار ئېقىپ ئەگىزگە يار بولدى،
خازان پەسلىمگە قۇش قونماي، كېچەمنى ماڭا خار ئەتتى.
ئىشىپ ئىشقىمدا مىسكىن يىپ، يېشىمدىن ئۈنچىلەر تىزىپ،
مېنى ئالەمگە رەسۋايى، ئۆزىگە تىلتۇمار ئەتتى.
تېنىمنى قىلدى گۈل قەپەس، مېنى گويا غېرىب بۇلبۇل،
ئۆزۈمنى چاڭقىغان بىر چۆل، كۆزۈمنى گۈلىزار ئەتتى.
راۋا ئەيلەپ ماڭا مەننى، دېدى: ئەمدى ئۇنۇت كەتكىن،
كېچەمنى ماڭا ناتونۇش، يۇلتۇزغا مازار ئەتتى.
2
ئەجەب روھىمغا ئىز سالمىش، تېنىمگە شەلپەرۇ – كېپەن،
كۆزۈمگە قىپقىزىل زىندان، يۈرەككە ناتىۋان ۋەتەن.
يۈزۈمدە كۆكلىگەن غۇنچە ئارا پەرۋانە يۇلتۇزلار،
خىجالەت ئىلكىدە يىغلاپ، توزۇيدۇ بىرمۇ – بىر قەستەن.
غېرىب كىرپىكتە چىت ياساپ، قاماي دېسەم شۇ قارچۇققا،
ماڭا ئاسىي بولۇپ سەللەر، كۆزۈمدە كېزەر باغۋەن.
بېقىپ زۇلمەتتە ئولتۇرسام، چۇقۇپ سايەمگە ھاسامنى،
مۇسادەك مەڭزىمدە يول ئايرىپ يۈرەر چارىسىز دەرتمەن.
مىشىلداپ كۆكسۈمدە بۇلبۇل، زەپ ئۇخلاتمايدۇ تۈنلەردە،
رىيازەت چۆلىدە دانلاپ، ياسايدۇ يېشىدىن چىمەن.
خۈنۈك ئايغا سەپ تارتىپ ئۇچىدۇ مەردانە جۈپ تۇرنا،
چۇۋۇلۇپ مىسلىسىز يۇلتۇز، يۈرىيدۇ مەن بىلەن بۇ تەن.
3
ئەزەلدىن چاڭقاقلىقىم ئۈزرە تىلەك تۇتمىدىم پەيمان،
شەپەقگۈن مەي ئۇزات ھەردەم كۆزۈمدە لىققىدە ھىجران.
نېسىپ قىسمەتتە ھەر قەترە، ئۆزۈمدە بىپايان بىر چۆل،
بىلەي مەناسىنى ھەرئان، لېۋىمدىن ئاققۇزۇپ قان- قان.
شېخىمدا ئۈنلىمەس كاككۇك، بېغىمدا ئاچمىغان چېچەك،
قونۇپ كىرپىككە ھەر تۈندە، شەبنەمنى قىلار ۋەيران.
مېنىڭ روھىمغا مەستانە، تەكەللۇپ خاكىسار ئاھۇ،
كېزەر گىريانە-گىريانە، گۈلىستاننى قىلىپ پايخان.
ھىجىر قەترىسىدە پىشقان قوقاس تەندە سىر ئاشكار،
لاۋۇلداپ چوغ كۆيەر تەنھا ئۆزىدىن ئۆلتۈرۈپ بىر جان.
نىگاھ مەپتۇنلۇقى ئىچرە مېنىڭ مەجنۇنلۇقۇم رەسۋا،
كۆزۈمدە توڭلىغان سۈرەت ئارا كەزمەكتىدۇر ئەپغان.
ھايات زەۋقىمنى قان رەڭدە سۇنۇپ كېچەمگە ۋەيرانە،
قىسىق كۆڭلۈمگە ۋىجداننى قىلار رەپتارى سەرگەردان.
گەر قۇيساڭمۇ ئەي، ساقىي سۈبھىدىن سىياھ شەبنەم،
ئۆزىدە بۇخسىغان ياشقا، تىگىشمەس قاننى بۇ سەرسان.
4
ۋەسلىنى قۇچقاي تېنىم روھىمدا بىر مەۋھۇم پىراق،
سۈبھى دەمدە پەر قاقار، كۆزۈمگە چەنلەپ بىر رۇچاق.
ئىزگۈ ئاتەش باغرىدا قانغاي لېۋىمدىن سۇ ئىچىپ،
بەلكى ئاھۇ قارچۇقىدا ساپلىسام دىلغا پىچاق.
شۇ كېچىدە ئاھ ئۇرۇپ، ئاسسام ئۆزۈمنى سايىغا،
مەنلا سۈرگۈن تەنھا چۆلدە، كۆزلىرىم گويا بۇلاق.
ئايمۇ مەھزۇن شولىسىنى ئىرغىتىپ قاقسا نېتەي،
تەنھا سايە لەۋزى بولۇپ، چۈشتى قىزىل يۇپۇرماق.
كىرپىكىدە نەرە تارتىپ، كارۋىنىم قالسا سۇسىز،
كۆزلىرىم دەرياسىنى تاپقاي كۆڭۈل كېزىپ ياياق.
ياكى ھەسرەت باغلىرىدا تورغىيىم ئۇچماس ناگاھ،
بەرگى شەبنەم لەۋلىرىدىن يا تاپارمەن ئىشتىياق.
يا كۆمەرمەن دىلغا تەنھا شۇ كىيىك بىچارىنى،
ئىبرەتى ئالەم بولۇپ مەڭگۈ يۇقالسۇن بۇ قوشاق.
5
تىلىم كېكەچ، ئۆزۈم غەمكىن ھايات شۇنداق ئۆتەرمۇ جان،
سېنىڭ لۇتفىڭ ئۈچۈن ھەر كۈن دىلىم ئازار يۇتارمۇ جان؟
يۈرەك يىغلار، ئۈمىد ئۈنلەر، كەچمىشلەر قالار توڭلاپ،
گويا قاتقان غېرىب مۇزدەك ماڭا قاراپ تۇرارمۇ جان؟
قولۇم كۆكتە، قۇشۇم چۈشتە، ماڭا سۇنار كۆڭۈل گۈلنى،
مېنى خۇشھال ياشاتماققا رەزىل گۈلنى ئۈزەرمۇ جان؟
سۆيۈپ مەھزۇن ھاياتىمنى، چارىسىز ياتىمەن تەندە،
لېكىن زالىم كۆزۈڭ بىرلە، قارا قەلبىڭ كۆيەرمۇ جان؟
ئىمىش بۇلبۇل ساڭا مەقبۇل، خەندانى كۆڭۈل رەزگىڭ،
قويۇپ بەرسەم ۋاپا لەفزىم سېنى پايخان قىلارمۇ جان؟
دىلىم دىلدۇر، تىلىم تىلدۇر، جېنىم جاندۇر، سۆزۈم سۆزدۇر،
خىيال خاندۇر، ئۈمىد تاجدۇر، يۇلتۇزلار يانارمۇ جان؟
كېرەكى يوق جانان لېۋى، يا رۇخسار گۈزەل پەرى،
كېرەك شەمشەرنى جا قىلساڭ، خار غەمناك ئۆلەرمۇ جان؟
6
يېگانە پۇرقىتىڭدىن ۋاھ، يېشىمغا ئاشىنا بولدۇم،
چىكىپ تۈگىمەس پىراقلارنى گويا قوقاس لاۋا بولدۇم.
ھەجەب سايرىدىم تەندە، كۆزۈملا سۆزلىدى تىمتاس،
غەزەلخانلىق قىلىپ تۈندە ئۆزۈمگە رەھناما بولدۇم.
سېنىڭدىن ئۆزگە غەم بولسا ماڭا ئارتۇقچە يەكپارەم،
سېنىڭسىز ھەر غېرىب ياشقا پەقەت مەنلا داۋا بولدۇم.
بۇ دۇنيا ئەھلى دەۋرانى ۋىسالدىن باشقىغا ئاشىق،
پەلەكنىڭ چارقىغا ئۆزۈم يىغلاڭغۇ بالا بولدۇم.
قۇسۇپ بۇلبۇلمۇ گۈلزاردا، رەڭ ئالدى كۆزىگە قاندىن،
ۋىسالسىز مەنمۇ باغرىم داغ زىمىستانغا راۋا بولدۇم.
خار قەلبىمگە پەر قاقتىم، سامادىن ئەيلىدىم بىر شان،
نىگاھقا سانجىلىپ لەھزە كېچەمگە زەپ قارا بولدۇم.
ئۇرۇپ مەشرىققە كۆكسۈمنى چۈشۈمنى تىللىدىم ھەر كۈن،
مەگەر دۇنياغا تاڭ ئاتماس، دىلىمغا نۇر – زىيا بولدۇم.
7
مېنى بالقىغان كۆكسۈم ھىجىر بارخانىدىن ئىزدەڭ،
غېرىب قارلىغاچ ئۇۋا سالغان كۆڭۈل ئايۋانىدىن ئىزدەڭ.
تىنەپ بۇلبۇلغا قونداق بۇپ ئىگىلگەن ناتىۋان بىر شاخ،
ۋە ياكى كېچە پەرۋانە، كۆيۈك گۈلخانىدىن ئىزدەڭ.
قىيىلغان كۆكتىكى قۇزغۇن، غېرىب كىرپىكتىكى دەمدەر،
ئازابتىن ئىڭرىغان كىيىك، قارا پىغانىدىن ئىزدەڭ.
مۇئەللەق چېھرىدە كۈلگەن شۇ ئەزىم بۇلۇتلاردىن،
ۋە يا گۈلدىكى شەبنەم، يىغا-قىيانىدىن ئىزدەڭ.
بولۇپ سۈلكەتكە مەھكۇملۇق، تولۇنئايغا مايىللىق،
ئىشىق چۆلىدە سەرسان، ئازاب ۋەزخانىدىن ئىزدەڭ.
سېلىپ تەختىمنى ئەرشكە، ماڭا غىلماننى جور ئەيلەڭ،
لېكىن قەلبىمدىكى مەردنى ئەرك مەيدانىدىن ئىزدەڭ.
ئۆلۈرسەم گەر ئاشۇ چۆلدە، قىزىل بەرقۇت خىياباندا،
مېنى بۇ يولدا يېگانە، ئىشىق كارۋانىدىن ئىزدەڭ.
8
نېتەي بەختىمگە كۆز قىسقان بۇ دەۋران ئۈنلىمەس بولدى،
مېنى تۈنلەردە سايەمدىن ئاسرىغان كۈنلىمەس بولدى.
پىشانەم شور، ئۆزۈم لەقۋا، چىۋىنمۇ قونمىغاي ئەسلا،
قېنىمنى شۇرىغان ھەتتا پاشىمۇ كۈيلىمەس بولدى.
مېنىڭ تەنھا ئاشۇ تامدىن ئۆزگە ھېچ نىگارىم يوق،
كېچىلەر زەپ چۆچەك ئېيتسام ئۇمۇ ئۈندىمەس بولدى.
زامانلار دوست ئىدۇق قانچە، ھەشەمەت كۆكلىگەن تەندە،
قۇرۇپ قاقشالغا ئايلاندىم، سايەم ئىستىمەس بولدى.
گۈلۈمنىڭ تەقۋىمى سولدى، مېنى تاشلاپ جۇدۇنلارغا،
كۆزۈمدىكى قىراۋلارمۇ باھارنى چۈشىمەس بولدى.
ئۆزۈمدىن يىرگىنىپ سايەم، زۇلمەتكە ئەجەب مايىل،
رەڭگىمدىن قېچىپ شەلپەر، ئۆزىنى رەڭ دېمەس بولدى.
ھەننىۋا مېنى تاشلاپ، كېتىشتى باغ تامان تاقلاپ،
يېشىمدا ئاينىغان چۆللەر، كۆزۈمنى خالىماس بولدى.
مېنى تۇپراق بۇ كەڭ ئاسمان، يەكلىدى تېنىم ھەتتا،
ۋەتەنسىز بۇ قارا تۈندە، ئۆلۈممۇ ئىزدىمەس بولدى.
ئاپتورنىڭ «مەن ئۆزۈمنىڭ زۇلمەت كېچىسى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن ئېلىندى.