ھىزب ئەتتەھرىر

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search
ھۆججەت:HizbTahrir logo main.jpg
ھىزبۇتتەھرىرنىڭ لوگوسى

ھىزب ئەتتەھرىر ياكى ھىزبۇتتەھرىر ئەلئىسلامىي (ئەرەبچە: حزب التحرير؛ ئىنگ: Hizb ut-Tahrir) ئىسلامىي ئازادلىق پارتىيىسى دېگەن مەنىدە بولۇپ، سىياسى، ئىسلامىي پارتىيە بولۇپ، پەلەستىنلىك شەيخ مۇھەممەد تەقىييۇددىن نەبھانىي (ھ. 1326 - 1398 / م. 1909 - 1977) تەرىپىدىن ھ. 1372 / م. 1953 - يىلى قۇرۇلغان[1].

نىشان[تەھرىرلەش]

ئىسلام تۈزۈملىرىنى ئورنىتىش، خەلقنى ئىسلام چۈشەنچىلىرى ئاساسىدا ئاقارتىش ۋە ئۇنىڭغا دەۋەت قىلىش، ئۆزگەرتىشتە پىكىرگە تايانغان ئاساستا ئىسلام خەلىپىلىكىنى تىكلەش ۋە ئىسلام ئۈممىتىنىڭ قەددىنى رۇسلاشنى نىشان قىلىدۇ[1].

پارتىيە تارىخىدا بىرقانچە قېتىم كۆپچىلىك ئالىملار تەرىپىدىن تەنقىدكە ئۇچرىغان بولۇپ، بۇلار پارتىيە نىشانىدىن چەتنىگەن، دەپ قارالغان. مەسىلەن، ئەقىدە ۋە تەربىيە تەرەپلىرىگە سەل قاراپ، دىققەتنى پىكرىي ۋە سىياسىي تەرەپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈش، ئەقىدە مەسىلىلىرىدە ۋە مۇسۇلمان كىملىكنى بەرپا قىلىشتا  ئەقىلگە ھەددىدىن زىيادە ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئەھكاملارنى ئىجرا قىلىدىغان ئىسلام ھۆكۈمىتى قۇرۇلغانغا قەدەر ئەمرىمەرۇپ، نەھيىمۇنكەرنى ئېسىپ قويۇش... قاتارلىقلار[1].

رەھبەرلەر[تەھرىرلەش]

شەيخ تەقىييۇددىننىڭ ۋاپاتى (1977) دىن كېيىن پارتىيە رەئىسلىكىگە ئابدۇلقەدىم زەللۇم، ئۇنىڭدىن كېيىن ئەتاﺋ خەلىل ئەبۇررىشتە (2003) چىققان. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، بولۇپمۇ پەلەستىن، لىۋان، ئىئوردانىيە، ھىندونېزىيە، مالايسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە پائالىيەتلىرى بار[1].

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

  1. 1.0 1.1 1.2 1.3 ئىلمىي گۇرۇپپا: «معجم مصطلحات العلوم الشرعية»، 683 - بەت. پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھىرى (KACST)، م. 2017، رىياد. ئىلمىي گۇرۇپپا: «الموسوعة الفلسطينية»، 1- توم، 564 - بەت. «هيئة الموسوعة الفلسطينية» نەشرى، م. 1984، دەمەشق.