ھىڭ

ئورنى Wikipedia

ھىڭ كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، ھىڭغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، توسالغۇلارنى ئېچىش، مەددە چۈشۈرۈش، زەھەر قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

تونۇش[تەھرىرلەش]

ھىڭ كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، ھىڭغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 50-200 سانتىمېتىر، ئالاھىدە سېسىق پۇرىقى بار؛ ئوق يىلتىزى توم، شەكلى تۈۋرۈكسىمان ياكى ئۇرچۇقسىمان، پوستىنىڭ رەڭگى قارامتۇل قوڭۇر كېلىدۇ. يىلتىزىنىڭ ئۇچىدا ھالقىسىمان ئىزلىرى بولىدۇ، غولىنىڭ تۈۋىدە نۇرغۇن ساندا يوپۇرماق سېپىنىڭ تالاسىمان قالدۇقلىرى بولىدۇ؛ تۈۋىدىن ئۆسكەن يوپۇرماقلىرىنىڭ سېپى ئۇزۇن بولىدۇ. غولىدىكى يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، ئۈچ - تۆت قايتىلانغان پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق بولۇپ، كىچىك يوپۇرماقلىرى يەنە پەيسىمان چوڭقۇر يېرىلغان، يېرىقچە يوپۇرماقلىرى يىپسىمان كېلىدۇ؛ گۈل رېتى مۇرەككەپ كۈنلۈكسىمان بولۇپ، ئۇچىدا ئۆسىدۇ، رەڭگى سېرىق، زىچ ۋە ئۇششاق بولىدۇ. مېۋىسى قوش ئاسماق مېۋە بولۇپ، شەكلى ياپىلاق سوقىچاق كېلىدۇ. چۆل-باياۋان، قاقاس تاغلاردا بولىدۇ.

خۇسۇسىيىتى[تەھرىرلەش]

توسالغۇلارنى ئېچىش، مەددە چۈشۈرۈش، زەھەر قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

دورىلىق قىسمى[تەھرىرلەش]

دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ۋە غولىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سۈتلۈك شىرىسى ئىشلىتىلىدۇ.

تەبىئىتى[تەھرىرلەش]

ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

ئىشلىتىش مىقدارى[تەھرىرلەش]

ئەھۋالغا قاراپ 5.0 ~ 8.0 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.

يىغىپ تەييارلاش ئۇسۇلى[تەھرىرلەش]

بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ چېچەكلەشتىن ئاۋۋال غولىنى تۆۋەنكى قىسمدىن كەسكەندە، ئاق سۈت چىقىدۇ بۇنى بىر نەچچە كۈن تۇرغۇزۇپ ئۆزلۈكىدىن قاتقاندا قىرىۋېلىپ، غولىنى يەنە كېسىپ قاتقان سۈتىنى يەنە قىرىۋېلىپ تاكى شىرىلىك سۈتى تۈگىگىچە ئېلىپ، قاتقان سۈتىنى سايىدا قۇرۇتقاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئاز مىقداردا ئۆرۈك مېغىزى ياكى شاپتۇل مېغىزىنى قوشۇپ، يۇمشاق يانجىپ ئۇن قىلىنىدۇ؛ يىلتىزىنى كولاپ، سىقىپ شىرىسىنى چىقىرىپ، تەبىئىي قۇرۇتۇپ ياكى يىلتىزىنى كولاپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، يۇمشاق سوقۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

ئۆسۈش ئورنى[تەھرىرلەش]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى چۆل-باياۋان ۋە قاقاس تاغلاردا ئۆسىدۇ.

رېتسىپلار[تەھرىرلەش]

ھىڭدىن يېرىم گرامنى قايناق سۇ بىلەن ئۇخلاشتىن ئاۋۋال ئىچىپ بەرسە، نېرۋا ئاجىزلىقى ۋە ئۇيقۇسىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.

مۇۋاپىق مىقداردىكى ھىڭنى قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، قورساق كۆپۈش، قورساقتا مونەك تۇرۇپ قېلىش، سېسىق كېكىرىش، مەددىلەرنىڭ مونەك بولۇپ تۇرۇۋېلىشى، بەزگەك، تولغاق، زەھەرلىك موگۇ بىلەن زەھەرلىنىش، سوزۇلما خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

ھىڭنى سوقۇپ قۇرت يېگەن چىشقا قويۇپ بەرسە، قۇرت يېگەن چىشنىڭ ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.

ھىڭنى تۇخۇم سېرىقى بىلەن قوشۇپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، يۆتەل ۋە بېقىن ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.

ھىڭنى سۇدا ئېرىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئاۋاز پۈتۈپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

ھىڭنى سۇدا ئېرىتىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، چايان ۋە دۆ چاققان جايلارنىڭ ئاغرىقىنى پەسەيتىپ، زەھەر تارقىتىدۇ.