ھۆرۈلقا ئىبرايىم

ئورنى Wikipedia


«ئانارخان»فىلىمىنى 1962-يىلى بېيجىڭ كىنو ستودىيىسى بىلەن شىنجاڭ كىنو ستودىيىسى بىرلىشىپ ئىشلىگەن. ھازىر بۇ فىلىم ئىشلەنگىنى 50 يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ كەڭ تاماشىبىنلار يەنىلا بۇ فىلىمنى سۆيۈنۈپ كۆرۈپ كەلمەكتە.


ھۆرۈلقا ئىبرايىم 1938-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 1951-يىلى ئۈرۈمچى 2-قىزلار مەكتىۋىدە ئوقۇۋاتقان چاغدا شىئەن سەنئەت ئىنىستىتوتىغا تاللانغان. ئۇ بۇ يەردە ئۈچ يىل ئۇسۇل كەسپىي بويىچە تەربىيلەنگەندىن كىيىن، 1954-يىلدىن 1955-يىلغىچە يەنە شىنجاڭ ئىنىستىتوتىنىڭ سەنئەت پاكۇلتىتوتىدا ئوقۇغان. 1955-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان. 1956-يىلدىن 1957-يىلغىچە، بېيجىڭ ئۇسۇل مەكتىۋىدە بىر يىل بىلىم ئاشۇرغان. 1960-يىلى شىنجاڭ ناخشا-ئۇسۇل درامما ئۆمىگىگە يۆتكۈلۈپ كەلگەن. 1961-يىلى بېيجىڭ كىنو ستودىيىسىنىڭ خادىملىرى «ئانارخان» فىلىمىنى ئىشلەش ئۈچۈن شىنجاڭغا كېلىدۇ. ئۇلار تۇشمۇتۇشتىن ئانارخاننىڭ رولىنى ئالىدىغان ئارتىست ئىزدەيدۇ ھەمدە ئۆمەكتىكى ئارتىستلارنى كۈزۈتىدۇ. ھۆرۈلقا ئىبرايىم ئۇسۇل كەسپىدە ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ بۇ رولغا تاللىنىشىغا ئانچە ئىشەنچ قىلالمايدۇ. ئەمما فىلىم رىژىسۇرى-لى ئىنجى بىر نەچچە كۈن كۈزۈتۈش،سىلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئاخىرى ھۆرۈلقا ئىبرايىمنى ئانارخاننىڭ رولىنى ئالىدىغان دەسلەپكى نامزات قىلىپ تاللايدۇ. لى ئىنجى ھۆرۈلقا ئىبرايىمغا:«بىز قەشقەرگە ئارتىست تاللاشقا ماڭىمىز، ئەگەر ئانارخاننىڭ رولىنى ئالىدىغانغا تېخىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك ئارتىست تېپىلماي قالسا، سىزگە چوقۇم تىلگىرامما بېرىمىز. تەييارلىق قىلغاچ تۇرۇڭ.» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن فىلىم ئىشلەش گورۇپپىسىدىكىلەر قەشقەرگە يۈرۈپ كېتىدۇ. ھۆرۈلقا ئىبرايىم:«مەن بەرىبىر قىپقالدىم،ئانارخاننىڭ رولىنى ئالالمايدىغان بولدۇم.» دەپ بۇ ئىشتىن ئۈمۈدىنى ئۈزۈپ تۇرغاندا ئىككى ھەپتىدىن كىيىن قەشقەردىن ئۇنىڭغا:«دەرھال كېلىڭ،فىلىمنىڭ سىرىتقى كۆرنۈشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن، سىزنى ساقلاپ قالدۇق.» دېگەن خەۋەر كېلىدۇ. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ھۆرۈلقا ئىبرايىم خوشاللىقىنى باسالماي قالىدۇ. ئۆزىنىڭ ئانارخان رولىنى ئالىدىغانلىقىدىن قاتتىق ھاياجانغا چۈمىدۇ. ئۇ قەشقەرگە كەلگەندىن كىيىن فىلىمنىڭ سىنارىيىسىنى قولىغا ئېلىپ، تەپسىلى ۋە تەكرار-تەكرار كۆرىدۇ. سىنارىيىدە تەسۋىرلەنگەن ئانارخان ئوبرازى ھەقىقىتەن كىشىنىڭ يۈرىگىنى ئېزىدىغان ئوبراز ئىدى. ئۇ ئۇزاق مەزگىل داۋام قىلغان فىۋداللىق تۈزۈم ئىچىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ يەنى پاجەئەلىك ھايات كۆچۈرگەن يۈزلىگەن-مىڭلىغان ئانارخانلاردەك، ئاقكۆڭۈل، ساددىلىق، مۇلايىم خاراكتىرىنى تولۇق ئىپادىلەشكە ھەقىقىتەن ئاجىزلىق قىلاتتى. شۇ چاغدافىلىم رەھبەرلىك گورۇپپىسى ھۆرۈلقا ئىبرايىمنىڭ تۇرمۇش تەجىربىسىنىڭ كەملىگى، فىلىمدە ئانارخان ئوبرازىنى يارىتىشقا ھەقىقىتەن قىينىلىپ قالىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىپ،ئۇنى باشقا ئارتىستلار قاتارىدا ئەمگەكچى ئۇيغۇر دىھقانلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆگىنىشكە ئۇيۇشتۇرىدۇ. ئۇ بىر تەرەپتىن فىلىمدە رول ئالسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر دىھقانلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى، پىسخىكىسىنى ئىگەللەش مەخسىدىدە نۇرغۇنلىغان دىھقان قىز-ئاياللار بىلەن تونۇشۇپ، ئۇلار بىلەن سىردىشىپ، ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى دەرت-ئەلەم،ئازاپ-ئوقۇبەت ۋە ئىنتىلىشلەرنى چوڭقۇر چۈشۈنۈپ يېتىدۇ. زالىملار ھۆكۈم سۈرگەن زۇلمەتلىك كونا جەمىيەتتە قاتمۇ قات ئازاپ چېكىپ،تېڭىرقاپ قالغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ «ئانارخان»غا مۇجەسسەملەشكەن ئوبرازىنى ئەينەن يارىتىش ئۇنىڭغا ھەقىقىتەن ئاسانغا چۈشمەيدۇ. لىكىن پىشقەدەم رىژىسۇرلارنىڭ ۋە باشقا كەسپداشلىرىنىڭ ياردىمى شۇنداقلا ئۆزىنىڭ قېتىقىنىپ ئۆگىنىشى نەتىجىسىدە ئۇ ئانارخان ئوبرازىنى ناھايىتى مۇۋاپىقيەتلىك ئويناپ چىقىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى ھەم خەلقىمىز قەلبىدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر قالدۇردى. ھازىر «ئانارخان» فىلىمى ئىشلەنگىنى 50 يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ بۇ فىلىم كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ سۆيۈنۈپ كۆرۈدىغان نادىر فىلىمى بولۇپ قالدى.[1]

ھۆرۈلقايولدىشى-مەخسۇت

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

  1. ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى،خۇرشىدەم ئابلىمىت, «ئانارخان» ئوبرازى ۋە ھۆرۈلقا ئىبرايىم توغرىسىدا