ھۆسەيىنخان تەجەللى

ئورنى Wikipedia

ئاتاقلىق شائىر، داڭلىق تېۋىپ، مائارىپچى  ۋە خىمىك ھۆسەيىنخان ئەكبەر تەجەللى ھەزرەتلىرى مىلادى 1856-يىلى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاغىلىق ناھىيىسى زۇڭلاڭ يېزا ئايكەن كەنتىدىكى دىنىي ئالىم، ماھىر تېۋىپ قۇتبىدىن شاھ ھەزرەتلىرىنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇقۇش يېشىغا يەتكەندە ئاتا – ئانىسى ئۇنى مەككىگە ئېلىپ بارغان ۋە باشلانغۇچ مەلۇماتىنى مەككىدە ئالغان. قۇتبىدىن شاھ پەرزەنتىنى يۇقىرى مەلۇماتلىق كىشى قىلىپ يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە ھىندىستانغا ئېلىپ بېرىپ ئىمتىھانغا قاتناشتۇرغان. ئىمتىھاندىن ئۆتكەندىن كېيىن، دېھلى شەھىرىدىكى [دېھلى دارىلئۇلۇم ] مەدرىسىدە، ئاندىن ئىراننىڭ [ئىسپاھان دارىلفۇنۇنى]دا كېيىن ئافغانىستاننىڭ [كابۇل دارىلفۇنۇنى] دا ئوقۇتقان. تەجەللى ئوقۇش جەريانىدا خىمىيە، تىبابەت، ئىلمىي نۇجۇم، تارىخ، لوگىكا، تىلشۇناسلىق، جۇغراپىيە قاتارلىق ئىلىملەرنى ئۆگىنىپ، يۇقىرى ماھارەت ۋە ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈپلا قالماستىن، ئەرەپ، پارس، ئوردۇ ۋە ھىندى تللىرىنىمۇ مۇكەممەل ئۆگەنگەن. بۇلاردىن تاشقىرى دۇنيا ئەدەبىياتى ۋە شەرق كىلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەنمۇ پىششىق تونۇشقان، ئاشۇ ساھەدىكى پېشۋالارنىڭ ئىجادىيەتلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مەلۇم تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان. بۇ نەتىجىلىرى بىلەن [مەۋلىۋى] لىككە ئېرىشىپ، مەدرىسنى تاماملىغان تەجەللى مەككە، مەدىنە، دېھلى، كابۇل، تېھران، ئىستانبۇل، ھەتتاككى روسىيىدىكى بەزى شەھەرلەرگىچە بېرىپ، خىلى بىر مەزگىللەر گىچە ساياھەت ۋە سودا – سېتىق ئىشلىرى بىلەن تۇرۇپ قالغان. تەجەللى ھەج ۋە ئوقۇشنى تۈگىتىپ، ئاتا- ئانىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، يەكەن، قەشقەر، قاغىلىق، گۇما قاتارلىق جايلاردا مۇدەررىسلىك قىلغان ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. خىميە ئىلمى بويىچىمۇ تەجرىبە تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى تىبابەتچىلىك بىلەن بىرلەشتۇرگەن ئاساستا ئۇيغۇر تىبابەتچىلىنىڭ سەۋىيىسىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن، تىبابەتچىلىك ۋە ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، كېسەللەرنىڭ دەردىگە داۋا، رەنجىگە شىپا بۇلۇپ، يوقسۇللارنى داۋالىغاندا ھەق ئالمىغان ياكى ئاز ھەق ئالغان. ئۇ ئۆزىنىڭ تىببىي ماھارىتى بىلەن خەلق ئارىسىدىكى ھەرخىل كېسەللىكلەرنى، جۈملىدىن يۈرەك كېسىلى، ئۆپكە ۋە سىل كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋاپلا قالماي، بەلكى راك [سەرتان] كېسىلىنىمۇ ئىلان گۆشى [زەھىرى] بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋالاپ ساقايتقان.

تەجەللى يەرلىك ئوت-چۆپ دورىلارنىڭ خىمىيىلىك تەركىبلىرىنى تەكشۈرۈپ، ئېنىقلاپ كېسەل كىشىلەرنى كۆپىنچە ئاددىي دورىلار بىلەن داۋالاپ ساقايتقان.

دورىگەرلىك جەھەتتە قەدىمكى تىببى كىتابلاردىكى نوقتىلار ۋە ئۆزى تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈپ چىققان نۇسخىلار ئاساسىدا،  تەرياك، ھەببى، زوفا، ھەببى جەۋھىرى، ھەببى ئازارىقى [ستىرخىنىن كومۇلىسى]، پولات كۇشتىسى، سىماپ كۇشتىسى، پۈتۈن بەدەننى كۈچلەندۈرىدىغان ھالۋايى بىزە قاتارلىق ئېسىل دورىلارنى  ئىجاد ۋە ئىختىرا قىلىپ خەلقنى داۋالاپ كېسەللىك ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغان.

تەجەللى 7000 خىل دورىنىڭ ئىسمىنى بىلگەن، 5000 خىل دورا ياسىيالىغان، ھەمدە [تەجەللى نۇسخىلىرى] ناملىق قول يازما كىتابىنى قالدۇرۇپ كەتكەندىن باشقا، نۇرغۇنلىغان شاگىرتلارنى تەربىيىلەپ ۋارىس قالدۇرۇپ كەتكەن. ئۇنىڭ شاگىرتلىرى خەلقىمىزنىڭ سەھىيە ئىشلىرىغا زورتۆھپە قوشقان. خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت شىپاخانىسىنىڭ 125 ياشلىق مۇدۇر ۋىراچى مەرھۇم تۇردى ھاجى [مەزكۇرغا 1983 يىلى مۇدۇرۋراچلىق ئۇنۋانى بىرىلگەن ئىكەن]، قاغىلىقتىن يۈسۈپ ئەپەندى، ياسىن ئاخۇن داموللا، سەيدىنا ئەپەندى [ئافغانىستانلىق]، سادىق مەخسۇم، گۇمىدىن مەھمۇد ھاجى، ئىبراھىم ھاجى، قەشقەردىن يۈسۈپ ھاجى قەشقەرى [سۆھبەتدىشى]، مۇسا ئاخۇنۇم قاتارلىقلار تەجەللىنىڭ تىببىي  ماھارىتىدىن تەربىيە ئالغان پىشقەدەم داڭلىق تېۋىپلاردۇر.

قەشقەر ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت شىپاخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇ قادىر ھاجىدا [مىزان تېۋىپ] ناملىق بىر كىتاب بۇلۇپ، ئۇنىڭ باش ۋە ئاخىرقى قىسىملىرىدا تەجەللىنڭ  يەككە دورىلار رېتسېپى 75 پارچىنى ئىگىلىگەندىن باشقا، قۇرۇق يۆتەلنىڭ رېتسېپى  ئۈچ پارچە، قورساق ئاغرىقى [ئىچ ئۆتكۈ]، قىزىل، باش ئاغرىقى، بوۋاسىر، باش، قۇلاق ۋە چىش ئاغرىقلىرىغا شىپا بولىدىغان رېتسېپلار بار. ئۇنىڭدا يەنە ئادەم داۋالايدىغان رېتسېپلاردىن باشقا، چارۋا ماللارنى داۋالاش تۇغرىسىدىمۇ رېتسېپلار بار.

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلانى ئالىم ھۈسەيىنخان ئەكبەر [تەجەللى] نىڭ تىبابىتىمىزگە قوشقان تۆھپىسى، ئۇ ئۆزى ياشىغان دەۋردىن باشلاپ تا ھازىرغىچە كىشىلەر ئارسىدا مەدھىيىلىنىپ  كەلمەكتە.

تەجەللى شائىر نوقتىسىدىن ئەقلىي، ئىلمىي، ئەدەبىي كامالىتى كۆپ تەرەپلىمە ۋە مول بولغانلىقتىن، ئۆز دەۋرىدىكى ئالىم، ئەدىبلەر ئۇنىڭغا «تەجەللى-مۇجەللى» تەخەللۇسنى قويۇشقان.

«تەجەللى-مۇجەللى»- ئەرەپچە سۆز بولۇپ، «تەجەللى»- چاقناپ تۇرغان نۇر، دىگەن مەنىدە، «مۇجەللى»- مۇسابىقە مەيدانىدا بىرىنچىلىكنى ئالغۇچى، دىگەن مەنىدە ئىدى.

شائىر ئىسلام دىنى ئىلمىنىڭ بارلىق تارماقلىرىدا، دۇنياۋى مۇھىم پەنلەردىن تىلشۇناسلىق، ئەدەبىيات، تارىخ، لوگىكا، تەبىئەت، ئاستىرنومىيە، خىمىيە، مېدىتسىنا، ماتىماتىكا قاتارلىقلاردا كىشىنى ھەيران قالدۇرارلىق دەرىجىدە ئالى مەلۇماتقا ئىگە ئىدى.

ئۇيغۇر ئالىمى، شائىر ھۈسەيىنخان تەجەللى-مۇجەللى ھاياتىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى قاغىلىق، يەكەن، گۇما ناھىيىلىرىدە ئۆتكەن. ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە تىبابەتچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى پاساھەت ۋە بالاغەت جەھەتتە روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىدى. ئۇ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا سەركەردە بۇلۇپلا قالماستىن، شۇنداقلا ئەرەب ۋە پارىس ئەدەبىياتىدىمۇ ئالى ماھارەت ئىگىسىدۇر.

ئۇنىڭ ئىلمى، ئەدەبىي تەلىماتلىرىدىن ئەڭ سۆيۈملۈك شاگىرتى گۇمىلىق ئابدۇجېلىل داموللا ھاجىم، شۇنىڭدەك ئالىم، ئەدىبلەردىن ئاتۇشلۇق ئابدۇقادىر داموللام، شەمسىدىن داموللا ھاجىم، ئۆزبەك ئالىمى زەرىف قارى ھاجىم، قەشقەردىن ئابدۇكېرىم زىيائى، پوسكامدىن ئىسرافىل داموللام، يەكەندىن سالىھ داموللام، گۇمىلىق ئىسمائىل ھاجىم، قاغىلىقتىن مۇتىئۇللا ئەلەم ئاخۇنۇم، شائىرلاردىن فۇرقەت قاتارلىقلار ئىلھام ۋە روھىي ئوزۇق ئالغان.

ئۇنىڭ بۇلغارىيە قاتارلىق ئەللەردە نەشىر قىلىنغان «بەرقى تەجەللى، سەبقى مۇجەللى»، «دىۋان تەجەللى» قاتارلىق كىتابلىرى ۋە تاشكەنتتە «باياز» لارغا كىرگۈزۈلۈپ، ئەينى يىللاردا ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئەدەبىيات دەرسى سۈپىتىدە ئوقۇتۇلغان شۆھرەتلىك ئەسەرلىرىدىن باشقا، مەرھۇم ئابدۇلھىكىم مەخسۇم ھاجىمنىڭ مۇبارەك ئىلكىدە بىردىنبىر قول يازمىلار ھالىتىدە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان «دىۋان ئەرەبى» (ئەرەبچە شېئىرلار توپلىمى)، «تۆھبەتۇل بەررەيىن» («ئىككى قۇرۇقلۇققا تۆھپە»)، «مەجمۇئەتۇل قەسائىدە» («قەسىدىلەر توپلىمى»)، «سەبدەرنامە»، («قەھرىمانغا بېغىشلايمەن»)، «تىلسىم ئىشىق» («ئىشىق مۇھەببەت تىلسمى») ۋە قۇرئاننىڭ ئۇيغۇرچە تەپسىرى قاتارلىقلار بار.

شائىرنىڭ «تەجەللى» (چاقناپ تۇرغان نۇر) ۋە «مۇجەللى» (مۇسابىقە مەيدانىدا ئۇتۇپ چىققۇچى) دېگەن ناملىرى ئۇنىڭ ئىلمىي ۋە ئەدەبىي كامالىتىگە مۇناسىپ ھالدا ئالىم ۋە ئەدىبلەر تەرىپىدىن بېرىلگەن تەخەللۇس ئىدى. بىر قانچە يىلدىن بويان ھۈسەيىنخان تەجەللى ھەققىدە نۇرغۇنلىغان ماقالىلەر ئېلان قىلىندى ۋە ئۇنىڭ نام-شەرىپى دۇنياۋىي مەشھۇر كىشىلەر قاتارىدا ئۇيغۇر ئىلىدە ئىشلەنگەن ئىسلام دىنى لوغىتىگە كىرگۈزۈلدى.

مەنبە: قاۋۇل ساۋۇر قاتارلىقلار تۈزگەن «قاغىلىق تارىخ ماتىرىياللىرى»

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى