ھۈسىيىن تەمبۇر

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

تالانتلىق چالغۇچى ھۈسىيىن تەمبۇر 1904 - يىلى ئىلىدا تۇغۇلغان. 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرى ئىلىدا كۆن - خۇرۇم ئىشلەش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، موزدۇزلۇق كەسپىمۇ كەڭ راۋاجلانغان. شۇ چاغدىكى موزدۇزلار ئىچىدىن نۇرغۇن ناخشا - ساز ئۇستىلىرى چىققان. ھۈسىيىن تەمبۇر ئىلى موزدۇزلىرى ئىچىدىن چىققان كۆزگە كۆرۈنگەن تالانت ئىگىسى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ تەمبۇرغا ناخۇل ئۇرۇشتىكى ماھارىتىنى ئومۇم ئېتىراپ قىلغان. غۇلجىدىكى ئاتاقىق سازەندىلەرنىڭ بىرى بولغان زوردۇن نۇسرەت ئەينى ۋاقىتتا: «مېنىڭ سازەندە بولۇپ قېلىشىمغا سەۋەبچى بولغان نەرسە ھۈسىيىنىمنىڭ تەمبۇرغا ناخۇل چېكىشى. ئۇنىڭ ئۆسەك ئاھاڭىغا يەككە چالغان بىر قېتىمقى سازى يۈرىكىمگە تەمبۇر ئۆگىنىش ئوتىنى تۇتاشتۇرغانىدى» دېگەن. ھۈسىيىن تەمبۇر روزى تەمبۇردىن كېيىنلا كارۇشاڭ ئاخۇنۇمدىن ساز ئۆگىنىشكە باشلاپ، ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نۇرغۇن ئاھاڭلارنى ئۆزلەشتۈرگەن. ھۈسىيىن تەمبۇر سۈيدۈڭدە كۆپ ۋاقىت تۇرغان ۋە سازغا كامىللىقى بىلەن داڭق چىقارغان. 30 - يىللارنىڭ بېشىدا ئۇ كۈرەدە ئېچىلغان دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىدە ساز مۇئەللىمى بولغان. 1934 - يىلى غۇلجىدا سەنائىي نەفىسە قۇرۇلغاندا، ئەڭ دەسلەپكى قابىل سازچىلار قاتارىدا چاقىرتىلغان. ئۇ ھەسەن تەمبۇر، روزى تەمبۇر قاتارلىق مۇزىكا ئۇستىلىرى بىلەن بىللە ئەينى يىللاردا سەھنىلەشتۈرۈلگەن خەلق داستانلىرى «غېرىب - سەنەم»، «پەرھاد - شېرىن» قاتارلىق ئەسەرلەرگە مۇقام ئاھاڭلىرىنى كىرىشتۈرۈشتە كۆپ ھەسسە قوشقان. ھۈسىيىن تەمبۇر «جۇنۇن ئىككىنچى»، «دېھقان ناخشىسى»، «مۇجدى كەلدى»، «كىردىم يولۇڭغا» قاتارلىق يېقىملىق ئاھاڭلارنى ئىشلىگەن. ھۈسىيىن تەمبۇر خۇشخۇي، چاقچاقچى، ئاۋازى ساز سەنئەتكار بولۇپ، مۇقام ۋە خەلق ئاھاڭلىرىنى تەمبۇردا نەپىس ئورۇنداپ، تەمبۇرغا ناخۇل چېكىشنى كامالەتكە يەتكۈزگەن. ئەپسۇسكى شۇم ئەجەل بۇ ياش تالانت ئىگىسىنى 1938 - يىلى 34 يېشىدىلا ئارىمىزدىن ئېلىپ كەتتى. ھۈسىيىن تەمبۇرنىڭ ۋاپاتى توغرىسىدىكى خەۋەر ئەينى چاغدا ئىلىنى تەۋرىتىۋەتكەن. دەپنە مۇراسىمىغا مۇزىكا ئەترەتلىرى قاتنىشىپ، مەرھۇمنىڭ جەسىتى ناھايىتى داغدۇغىلىق ئۇزىتىلغان. روزى تەمبۇر بۇ تالانت ئىگىسىنىڭ ئۆلۈمىگە ھەسرەت چېكىپ، بېلىگە ئاق باغلاپ، تاۋۇتنىڭ ئالدىدا يىغلاپ ماڭغان.[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]