ھەز سۇلتان مازارى

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺳﯘﺗﯘﻕ ﺑﯘﻏﺮﺍﺧﺎﻥ ﻣﺎﺯﯨﺮﻯ[تەھرىرلەش]

ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺳﯘﺗﯘﻕ ﺑﯘﻏﺮﺍﺧﺎﻥ ﻣﺎﺯﯨﺮﻯ (ﻳﻪﺭﻟﯩﻜﻠﻪﺭ ﮬﻪﺯﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﻣﺎﺯﯨﺮﻯ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﺸﯩﺪﯗ) ﺋﺎﺗﯘﺵ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜﭺ ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺳﯘﻧﺘﺎﻍ ﻳﯧﺰﯨﺴﻰ ﻣﻪﺷﮭﻪﺕ ﻛﻪﻧﺘﯩﮕﻪ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ، ﺧﻪﺭﯨﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺋﯘﺯﯗﻧﻠﯘﻕ 76.10 ﮔﺮﺍﺩﯗﺱ، ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻛﻪﯕﻠﯩﻚ 39.41 ﮔﺮﺍﺩﯗﺱ، ﺩﯦﯖﯩﺰ ﻳﯜﺯﯨﺪﯨﻦ ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻜﻰ 1298 ﻣﯧﺘﯩﺮ، ﻣﺎﺯﺍﺭ ﮬﻪﻳﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﺍ، ﻗﻮﺭﺷﺎﯞ ﺗﺎﻡ، ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ، ﺳﻪﺭﺭﺍﭖ، ﻳﺎﺗﺎﻕ (ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺮﺧﺎﻧﺎ)، ﺋﯩﺶ ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﺶ ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﻯ، ﮬﻮﻳﻼ، ﻛﯚﻝ، ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻣﯧﯟﯨﻠﯩﻚ ﺑﺎﻏﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﺐ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﯚﻟﯩﻤﻰ 10 ﻣﯩﯔ ﻛﯟﺍﺩﺭﺍﺕ ﻣﯧﺘﯩﺮﺩﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﺘﺎ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺳﯘﺗﯘﻕ ﺑﯘﻏﺮﺍﺧﺎﻥ ﻣﻪﻗﺒﻪﺭﯨﺴﻰ (ﮔﯜﻣﺒﻪﺯ) ﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺳﯘﺗﯘﻕ ﺑﯘﻏﺮﺍﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻯ ﺋﻪﺑﯘ ﻧﻪﺳﯩﺮ ﺳﺎﻣﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻗﺒﻪﺭﯨﺴﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯘﻟﯘﻏﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺑﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﺎﺭ.

ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺳﯘﺗﯘﻕ ﺑﯘﻏﺮﺍﺧﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺳﺎﻟﻐﯘﭼﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪ ﻛﯚﻝ ﻗﺎﺩﯨﺮﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﻧﻪﯞﺭﯨﺴﻰ، ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 3 - ﺋﻪﯞﻻﺩ ﺧﺎﻗﺎﻧﻰ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﺘﺎ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯚﻟﯩﻤﺎ ﺋﻪﺑﯘ ﻧﻪﺳﺮ ﺳﺎﻣﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﯞﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﺭﻩﺏ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﺎﻏﺎﻧﻰ. ﺋﯘ ﺗﻪﺧﺘﺘﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ (ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 943\ 942 ?? 955\956 - ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ) ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ، ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﺶ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺯﻭﺭ ﻛﯜﭺ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﯞﻩ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﯚﻟﯩﻤﺎ ﮬﻪﻡ ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﺎﻟﯩﻢ. ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺳﯘﺗﯘﻕ ﺑﯘﻏﺮﺍﺧﺎﻥ ﮬﯩﺠﺮﯨﻴﻪ 344 - ﻳﯩﻠﻰ (ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 955\956 - ﻳﯩﻠﻰ) ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﯘﺷﯘ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺳﯘﺗﯘﻕ ﺑﯘﻏﺮﺍﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﺧﺖ ﯞﺍﺭﯨﺴﻰ ﻣﯘﺳﺎ ﺑﯩﻨﻨﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻜﯧﺮﯨﻢ(ﺑﺎﻳﺘﺎﺵ ﺋﺎﺭﺳﻼﻧﺨﺎﻥ) ﺋﯘﻧﻰ ﻳﺎﺩ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﻪﻗﺒﻪﺭﯨﻨﻰ ﻳﺎﺳﺎﺗﻘﺎﻥ، ﺑﯘ ﻣﻪﻗﺒﻪﺭﻩ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺗﺎ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﻛﯚﭖ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺭﯦﻤﻮﻧﺖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ. ﻣﻪﻗﺒﻪﺭﻩ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﻳﺎﻏﺎﭺ ﺗﯜﯞﺭﯛﻛﻠﯜﻙ، ﯞﺍﺳﺎ ﺟﯜﭖ، ﺗﯜﺯ ﺗﻮﺭﯗﺳﻠﯘﻕ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺗﻮﭘﺎ، ﻳﺎﻏﺎﭼﺘﯩﻦ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ، ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻧﻪﻗﯩﺸﻠﯩﻚ ﻳﺎﻏﺎﭺ ﭘﻪﻧﺠﯩﺮﯨﻠﯩﻚ ﺋﯩﻤﺎﺭﻩﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﻩ ﺋﻪﯓ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﺋﯩﻤﺎﺭﯨﺘﻰ ﯞﻩ ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﮪ ﺋﯩﺪﻯ. ﻏﻪﺭﺏ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﯩﻠﻠﯧﻲ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺳﯘﺗﯘﻕ ﺑﯘﻏﺮﺍﺧﺎﻥ ﻣﺎﺯﯨﺮﯨﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﺸﯩﭽﻪ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﻛﺎﭘﻤﺎﻥ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﺳﯜﺭﻩﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻣﺎﺯﺍﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﻰ ﮬﻪﺷﻪﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﮔﯜﻣﺒﻪﺯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﮔﯜﻣﺒﻪﺯﻧﯩﯔ ﺗﯚﺕ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻤﯘ ﻣﯘﻧﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ. ﮔﯜﻣﺒﻪﺯ ﻛﯚﻙ، ﻳﯧﺸﯩﻞ، ﺳﯧﺮﯨﻖ ﻛﺎﮬﯩﺶ ﭼﺎﻗﭽﯘﻗﻼﺭ ﯞﻩ ﻧﻪﻗﯩﺸﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺰﻩﻟﮕﻪﻥ. ﮔﯜﻣﺒﻪﺯﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﻩ ﻗﯘﻟﯘﭘﻼﻗﻠﯩﻖ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﻳﺎﻏﺎﭺ ﺋﻪﮔﻤﻪ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﺍ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ " 1838- ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﺎﻛﯩﻤﺒﯧﮕﻰ ﺯﯗﮬﯘﺭﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺭﯦﻤﻮﻧﺖ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻥ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻪﺭﻩﺑﭽﻪ ﺧﻪﺕ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ.

ﭼﺎﻏﺎﺗﺎﻳﭽﻪ "ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﻩﺋﻰ ﺑﯘﻏﺮﺍﺧﺎﻥ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻗﻮﻟﻴﺎﺯﻣﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺧﻮﺟﺎ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺷﯧﺮﯨﭗ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻣﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ، ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ ﺳﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺋﯩﻤﺎﻡ - ﻣﻪﺯﯨﻨﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﭖ، ﯞﻩﺧﭙﻪ ﻳﻪﺭ ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﭗ، ﻣﺎﺯﺍﺭﻧﻰ ﺋﺎﯞﺍﺗﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﻰ ﯞﻩ ﭘﺎﺯﯨﻠﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻝ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﺎﺑﺮﯗﻱ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ. ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﻳﻪﻛﻪﻥ ﺳﻪﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﯩﺘﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﺷﯩﺪﺧﺎﻥ (ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 1533?? 1559- ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ)ﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ - ﺋﯜﭺ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﺎﺗﯘﺷﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﮬﻪﺯﺭﯨﺘﻰ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺳﯘﺗﯘﻕ ﺑﯘﻏﺮﺍﺧﺎﻥ ﻣﻪﻗﺒﻪﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﯞﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻗﯘﺭﺍﻥ - ﺗﯩﻼﯞﻩﺕ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺷﯘ ﺩﻩﯞﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﻪﻧﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯩﺶ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﻠﯩﻖ ﮔﯜﻣﺒﻪﺯ ﺗﻮﺭﯗﺳﻠﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﯓ ﻛﯚﻟﻪﻣﺪﻩ ﺭﯦﻤﻮﻧﺖ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﭗ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﻘﯘﺯﻏﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﻣﺎﺯﺍﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻧﻪﻗﯩﺸﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺭﻩﯕﺪﺍﺭ ﻛﺎﮬﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﻨﻨﻪﺗﻠﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ. ﻳﻪﻛﻪﻥ ﺳﻪﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺧﺎﻧﻰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﯩﺴﻤﺎﻳﯩﻞ ﺑﺎﮬﺎﺩﯨﺮﻏﺎﺯﻯ (ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 1670?? 1678- ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ) ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﻳﺎﺭﻟﯩﻖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ: ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺳﯘﺗﯘﻕ ﺑﯘﻏﺮﺍﺧﺎﻥ ﻣﺎﺯﯨﺮﯨﻐﺎ ﯞﻩﺧﭙﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﺷﺮﻩ - ﺯﺍﻛﺎﺗﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﺎﺝ - ﺳﯧﻠﯩﻖ ﺋﯧﻠﯩﻨﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﻜﻪﻥ. ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭽﻪ، ﮬﯩﺠﺮﯨﻴﻪ 1241 - ﻳﯩﻠﻰ (ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 1827\ 1826 - ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ) ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻰ ﺋﯩﺴﮭﺎﻕ ﯞﺍﯓ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺭﯦﻤﻮﻧﺖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﺎﭘﺎﻕ ﺧﻮﺟﺎ ﻣﺎﺯﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺷﻪﻛﻠﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺳﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ.

ﺋﻮﻣﯘﻣﻪﻥ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺳﯘﺗﯘﻕ ﺑﯘﻏﺮﺍﺧﺎﻥ ﻣﺎﺯﯨﺮﻯ 1000ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ، ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ، ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺕ، ﭘﯘﻟﺪﺍﺭﻻﺭ ﯞﻩ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯧﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﭖ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺭﯦﻤﻮﻧﺖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ.

ﻣﺎﺯﺍﺭﺩﯨﻜﻰ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺳﯘﺗﯘﻕ ﺑﯘﻏﺮﺍﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﮔﯜﻣﺒﯩﺰﻯ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ - ﻛﯧﻴﯩﻦ 1901 − 1902 - ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ، ﺋﺎﺗﯘﺵ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻳﻪﺭ ﺗﻪﯞﺭﻩﺵ ﯞﻩ 1944 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﻪﻟﻜﯜﻥ ﺋﺎﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.

ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺳﯘﺗﯘﻕ ﺑﯘﻏﺮﺍﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﮬﻰ 1956 - ﻳﯩﻠﻰ ﯞﻩ 1959 - ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﻛﺸﻰ ﻳﯜﺯﻯ ﺗﯚﺕ ﭼﺎﺳﺎ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ، ﺧﯩﺶ - ﻳﺎﻏﺎﭺ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺗﯚﺕ ﺗﯧﻤﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﻳﯜﺯﻯ ﮔﯜﻟﻠﯜﻙ ﺧﯩﺶ ﺗﯩﺰﻣﺎ ﻧﻪﻗﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﻨﻨﻪﺗﻠﻪﻧﮕﻪﻥ، ﺋﯜﺳﺘﻰ ﺋﯜﭼﺒﯘﻟﯘﯕﻠﯘﻕ ﻳﺎﻏﺎﭺ ﻟﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﻧﺘﯘ ﺋﯚﮔﺰﯨﻠﯩﻚ، ﺗﯜﺯ ﺗﻮﺭﯗﺳﻠﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻣﯘﻧﺎﺭ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ. ﻣﯘﻧﺎﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﮬﯩﻼﻝ ﺋﺎﻱ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻥ.

ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﮬﻨﯩﯔ ﻛﯚﻟﯩﻤﻰ 196 ﻛﯟﺍﺩﺭﺍﺕ ﻣﯧﺘﯩﺮ، ﺋﯘﺯﯗﻧﻠﯘﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﻰ 14 ﻣﯧﺘﯩﺮ، ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻜﻰ 85 .5 ﻣﯧﺘﯩﺮ، ﺋﯜﺳﺘﻰ ﺑﯩﮕﯩﺰﺳﯩﻤﺎﻥ، ﻗﺎﯕﺎﻟﺘﯩﺮ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﭘﻼﻧﻐﺎﻥ. ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺳﯘﺗﯘﻕ ﺑﯘﻏﺮﺍﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﻰ ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﮬﻨﯩﯔ ﻗﺎﭖ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻦ ﺟﻪﻧﯘﺑﻘﺎ ﺋﯘﺯﯗﻧﻠﯘﻗﻰ 3.20 ﻣﯧﺘﯩﺮ، ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﻰ 2.32 ﻣﯧﺘﯩﺮ، ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻜﻰ 1.55 ﻣﯧﺘﯩﺮ، ﺳﯩﺮﺗﻰ ﺋﺎﻕ ﮔﻪﺝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻗﺎﺭﺗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﻗﻪﺑﺮﻩ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺩﯗﺧﺎﯞﺍ ﻳﻮﭘﯘﻕ ﻳﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺋﯜﭺ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﻩ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﭘﻪﻧﺠﯩﺮﯨﻠﯩﻚ ﺩﯦﺮﯨﺰﻩ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺩﯦﺮﯨﺰﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻜﻰ 2.83 ﻣﯧﺘﯩﺮ، ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﻰ 1.80 ﻣﯧﺘﯩﺮ، ﺳﯩﺮﺗﻰ ﻧﻪﻗﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺭﯦﺸﺎﺗﻜﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺭﺍﻟﻐﺎﻥ. ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﮪ ﺩﯦﺮﯨﺰﻩ ﺗﻪﻛﭽﯩﺴﯩﮕﻪ ﭼﻮﯓ - ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﻜﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺗﺎﺵ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ، ﺗﺎﯞﺍﭘﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﺪﻩ ﺑﯘ ﺗﺎﺵ ﺧﺎﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﻪﻝ - ﭘﯘﺕ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻰ ﺑﺎﺭﻻﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﺎﻏﺮﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﯜﺭﻛﯩﺴﻪ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺳﺎﻗﯩﻴﺎﺭﻣﯩﺶ. ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺳﯘﺗﯘﻕ ﺑﯘﻏﺮﺍﺧﺎﻥ ﻣﺎﺯﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﺍ ﺋﻪﺑﯘ ﻧﻪﺳﯩﺮ ﺳﺎﻣﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﭼﺎﺳﺎ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻳﺎﻏﺎﭺ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﻠﯩﻖ ﺋﯜﺳﺘﻰ ﻳﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﻪﻗﺒﻪﺭﯨﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﺯﯗﻧﻠﯘﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﻰ 3.30 ﻣﯧﺘﯩﺮ، ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻜﻰ 3.70 ﻣﯧﺘﯩﺮ، ﻛﯚﻟﯩﻤﻰ 11 ﻛﯟﺍﺩﺭﺍﺕ ﻣﯧﺘﯩﺮ. ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺳﯘﺗﯘﻕ ﺑﯘﻏﺮﺍﺧﺎﻥ ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﮬﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ، ﻣﻪﺩﺭﯨﺲ، ﻳﺎﺗﺎﻕ، ﻣﯘﻧﭽﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﺋﯩﻤﺎﺭﻩﺗﻠﻪﺭ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.

ﻣﺎﺯﺍﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺳﯘﭘﺎ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 19 - ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ. ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﻛﯚﻟﯩﻤﻰ 1192 ﻛﯟﺍﺩﺭﺍﺕ ﻣﯧﺘﯩﺮ، ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻜﻰ 7.43 ﻣﯧﺘﯩﺮ، ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﻳﻪﺭ ﻛﯚﻟﯩﻤﻰ 10889 ﻛﯟﺍﺩﺭﺍﺕ ﻣﯧﺘﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﻯ - ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯩﺸﯩﻜﻰ، ﺗﯚﺕ ﺩﯦﺮﯨﺰﯨﺴﻰ ﺑﺎﺭ، ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺭﻩﺕ 12 ﺗﺎﻝ ﺗﯜﯞﺭﯛﻛﻰ ﺑﺎﺭ، ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻝ، ﺟﻪﻧﯘﺏ، ﺷﻪﺭﻕ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﻩ ﮬﻪﻳﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﭘﯧﺸﺎﻳﯟﺍﻥ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺷﯩﻤﺎﻝ ﯞﻩ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯧﺸﺎﻳﯟﺍﻧﺪﺍ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺭﻩﺕ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺗﺎﻝ ﺗﯜﯞﺭﯛﻙ، ﺷﻪﺭﻗﯩﺪﻩ ﺋﯜﭺ ﺗﺎﻝ ﺗﯜﯞﺭﯛﻙ ﺑﺎﺭ. ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻨﯩﯔ ﺗﯜﯞﺭﯛﻛﻰ 43 ﺗﺎﻝ. ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻨﯩﯔ ﻣﯧﮭﺮﺍﺏ ﯞﻩ ﭼﺎﺳﺎ ﺗﻮﺭﯗﺳﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯧﺸﺎﻳﯟﺍﻥ ﺗﻮﺭﯗﺳﻠﯩﺮﻯ ﺧﯩﻠﻤﯘﺧﯩﻞ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﺳﯩﺰﻣﺎ ﻧﻪﻗﯩﺸﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺑﯧﺰﻩﻟﮕﻪﻥ. ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ ﺗﻮﭘﺎ، ﺧﯩﺶ ﯞﻩ ﻳﺎﻏﺎﭺ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻰ ﻳﺎﻏﺎﭺ ﺭﯦﺸﺎﺗﻜﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺭﺍﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﺎﺳﯩﻠﯩﺸﻰ ﭘﯘﺧﺘﺎ، ﻛﯚﺭﻛﻪﻡ ﯞﻩ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﺴﻰ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺳﯜﭘﺴﯜﺯﯛﻙ ﻛﯚﻝ ﯞﻩ ﻳﺎﭘﻴﯧﺸﯩﻞ ﺑﻮﺳﺘﺎﻥ ﺗﯧﺮﻩﻛﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺭﺍ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﭖ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﮬﯚﺳﻦ ﻗﻮﺷﯘﭖ، ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﻩ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺑﯘ ﻣﺎﺯﺍﺭ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺋﯩﭽﻰ - ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﺧﺘﯩﺸﯩﻐﺎ ﺳﺎﺯﺍﯞﻩﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ. ﻣﺎﺯﺍﺭﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﺴﯩﺪﺍ 1993 - ﻳﯩﻠﻰ ﭘﯜﺗﻜﻪﻥ 45 ﻣﯧﺘﯩﺮ ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻜﺘﯩﻜﻰ ﮬﻪﻳﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺎﺭ ﺑﺎﺭ. ﻣﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﺗﻪﯞﻩ 12 ﻣﻮ ﺑﺎﻍ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺑﺎﻏﺪﺍ ﺋﻪﻧﺠﯜﺭ، ﺋﯜﺯﯛﻡ، ﺷﺎﭘﺘﯘﻝ، ﺋﺎﻣﯘﺕ، ﺋﺎﻧﺎﺭ، ﺑﺎﺩﺍﻡ ﯞﻩ ﻗﺎﺭﯨﺌﯚﺭﯛﻙ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯧﯟﯨﻠﯩﻚ ﺩﻩﺭﻩﺧﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ.

ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺳﯘﺗﯘﻕ ﺑﯘﻏﺮﺍﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﮬﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﯞﻩ ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ 1996- ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻳﺎﺳﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼﭖ، ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﻧﺪﻯ. ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻛﯚﻟﻪﻡ ﯞﻩ ﺋﯘﺳﻠﯘﺏ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﮬﻪﻳﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﻛﯚﺭﻛﻪﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺳﺎﻟﺪﻯ، ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻣﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﺗﻪﯞﻩ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻤﯘ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻳﺎﺳﺎﻟﻤﺎﻗﺘﺎ.

ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺳﯘﺗﯘﻕ ﺑﯘﻏﺮﺍﺧﺎﻥ ﻣﺎﺯﯨﺮﻯ 10- ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﯞﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ. ﺋﯘ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﻰ - ﺳﯩﺮﺗﯩﻐﺎ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺳﻪﻳﻠﯩﮕﺎﮪ ﯞﻩ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺗﮕﺎﮪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺳﯘﺗﯘﻕ ﺑﯘﻏﺮﺍﺧﺎﻥ ﻣﺎﺯﯨﺮﻯ 1956 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺧﻪﻟﻖ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ "ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻧﯘﻗﺘﯩﻠﯩﻖ ﻣﯘﮬﺎﭘﯩﺰﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﺭﯗﻥ" ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ.

(ﺭﺍﮬﯩﻠﻪ ﺩﺍﯞﯗﺗﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺯﺍﺭﻟﯩﺮﻯ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﯨﻦ )