ھەشۋىييەلەر
ھەشۋىييەلەر (الحَشْوِيَّةُ) دىنىي تېمىلاردا ئەقىل يۈرگۈزۈشنى رەت قىلىپ، ئەمرلەرنىڭ تاشقى/لەۋزىي مەزمۇنىغا سادىق ھالدا بېكىتىش/تەشبىھ ۋە جىسملاشتۇرۇش/تەجسىم قىلىشقىچە بارىدىغان تەلىماتلارنى ئۆزلەشتۈرۈۋالغۇچىلار.
سۆز يىلتىزى
[تەھرىرلەش]ئەرەبچىدە: «‹بىرنەرسىنىڭ ئىچىنى تولدۇرىدىغان قىممەتسىز نەرسە، خەشەك؛ ساياق، تايىنى يوق ئاۋام› دېگەن مەنىدىكى ھەشا (الحَشَا) ياكى ھەشۋ (الحَشْو) كەلىمەسىگە نىسبەت بېرىلگەن ئاتالغۇ» دېگەن مەنىدە.
ئىستىلاھ
[تەھرىرلەش]ئەقىدە ئىلمى ئىستىلاھىدا: «(بۇ ئاتالغۇ مۇئەييەن بىر پىرقەنىڭ نامى بولماستىن) خىلمۇخىل مەزھەب ۋە پىرقەلەردە تېپىلىدىغان نەسلەرگە قارىغۇلارچە ئېسىلىۋېلىش، يۈزەكى چۈشىنىش، ئەقىلنى پۈتۈنلەي چەتكە قېقىش ۋە توقۇلما ھەدىسلەرنى تەكشۈرمەستىن قوبۇل قىلىش قاتارلىق ئورتاقلىققا ئىگە بىر خىل ئومۇمىي يۆنىلىش، ئېقىم ۋە بىر خىل تەپەككۇر مېتودى»دىن ئىبارەت. شۇڭا بۇ، دىنىي ئەقىدىنى ئىسپاتلاشتا ئەقىل بىلەن نەقىلگە بىرلىكتە تايىنىدىغان قۇرئانىي مېتودتىن چەتنىگەن يۆنىلىشتۇر. ئادەتتە بۇ ئاتالغۇ ھەربىر پىرقە باشقا پىرقەلەرنى قارىلايدىغان بىر تىل - ھاقارەتكە ئايلانغان.
قاراڭ
[تەھرىرلەش]«ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت»، 1/177؛
قازى ئەھمەد نەكرىي: «دەستۇرۇل ئۆلەماﺋ»، 2/26؛
دوكتور ھەسەن مۇھەممەد شافىئىي: «الْمَدْخَلُ إِلَى دِرَاسَةِ عِلْمِ الْكَلَامِ (ئىلمىكالام تەتقىقاتىغا كىرىش)»، 75 - بەت، ۋەھبە كۇتۇبخانىسى، قاھىرە. م. 1991؛
دوكتور ئەھمەد قوشتى ئابدۇررەھىم: «الْاِتِّجَاهَاتُ الحَشويَّةُ في الفِكْرِ الإسْلاميِّ (ئىسلام فىكرىدىكى ھەشۋىييەلىك يۆنىلىشلىرى)»، 5، 6 - بەتلەر، دارۇل فەزىلە، قاھىرە. م. 2016.