ھەمرائۇل ئەسەد غازىتى

ئورنى Wikipedia

«تارىخى مۇھەممىدى» كىتابىدىن پارچىلار

ئاپتورى: ئەلىخان تۆرە ساغۇنى

ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرۇپ نەشىرگە تەييارلىغۇچى: ئابدۇرېشىتھاجى كېرېمى

ھەمرائۇل ئەسەد غازىتى

بۇ ئۇرۇشنىڭ بايانى شۇنداق ئىكەنكى: رەسۇلۇللاھ ئۇھود ئۇرۇشىدىن قايتىپ مەدىنىگە كىردى. ئەنسار مۇھاجىر رەئىسلىرى ئۇھوددىن قايتقان كەچدە كىچىچى ئۇخلىماسدىن رەسۇلۇللاھنىڭ ئىشىك ئالدىدا تاڭ ئاتغۇچە گۈزەتگۈچىلىك قېلىپ چىقتى. چۈنكى قۇريش كاپىرلىرى مەككىگە قايتماي، يولدىن يېنىپ يەنە مەدىنىگە ھۇجۇم قېلىش ئىھتىمالى بارئىدى. قۇرەيش كۇففارلىرى ئۇھوددىن قايتىپ مالال دېگەن جايغا كېلىپ قوندى. قوشۇن رەئىسلىرى شۇكۈنى ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىپ،: ـ «بۇ ئۇرۇشدا مۇھەممەدنى يەڭدۇق، بەدرە ئۇرۇشىدا ئۆلگەنلەرنىڭ ئۈچىنى ئېلىپ، ئۇلارنىڭ قىساسىنى قايتىرۋالدۇق، شۇنداق بولسىمۇ، بۇ ئىشنى چالا قېلىپ، قايتقىنىمىز تازا ياخشى بولمىدى، قايتىپ بېرىپ مۇھەممەد باشلىق بارلىق ئادەملىرىنى قىرىپ تۈگۈتىشىمىز كېرەك ئىدى. نېمىشقا ئۇلارنىڭ خوتۇن بالىرىلىرنى مال دۇنيالىرىنى ئېلىپ بىرلىگۈجە قايتمايمىز؟ بۇ ئۇرۇشدا دۈشمەنلىرىمىزنى يەڭگەن بولساقمۇ، ئۇنىڭ يارىشىقىنى قىلالمىدۇق، ئەمدى بولسىمۇ، بۇيەردىن يېنىپ، مەدىنىگە كىرىپ ئۇلارنى ھاردىق ئېلىشىغا قويماي تىزىدن بۇ ئىشقا ئاتلىنايلى» دەپ كىڭەشتى.

بۇلارنىڭ شۇ كۈندىكى قىلغان سۆزلىرىنى ئابدۇللا ئىبنى ئۇمارىل دېگەن كىشى ئاڭلاپ ئولتورغان ئىدى. ئاللاھ دىلىگە سالدى بولغاي، دەرھال رەسۇلۇللاھ قىشىغا كېلىپ بۇ خەۋەرنى يەتگۈزدى. رەسۇلۇللاھ بۇ خەۋەرنى ئاڭلىشى بىلەن دەرھال، ئۇلارنىڭ كېلىشىدىن بۇرۇن دۈشمەننىڭ ئالدىغا چىقىشقا بۇيروق بەردى. «ئۈنكەنكى ئۇھود ئۇرۇشىغا چىقمىغانلاردىن ھېچ بىر كىشى چىقمىسون» ـ دېدى. ئۇلارنىڭ سانى يەتتەيۈزگە يېقىن ئىدى. شېھىت بولغان يەتمىش نەچچەنەپەر كىشىدىن باشقا كىشىلەرنىڭ ھەممىسى قالماي چىقتى. لېكىن بۇلارنىڭ ئىچىدە يارىدارلار كۆپ ئىدى. بەش ـ ئون يەردىن يارىدار بولغان كىشىلەرمۇ سەپدىن قالمىدى. ھەزرەت تەلھەئىبنى ئابدۇللا يەتمىش نەچچە يىرىدىن يارىلانغان بولسىمۇ، بۇ ئەسكىرى قوشۇندىن ئايرىلىپ قېلىشقا كۆڭلى ئۇنىمىدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئىبنى مەكتوم مۇئازىنى مەدىنىگە ۋالى قېلىپ تەيىنلەپ، ئۆزى قوشۇن بىلەن بىللە يولغا چىقتى.

ئۇھود ئۇرۇشىدا كۆتۈرۈلگەن غازات تۇغى ھەزرىتى ئەلىگە تاپشۇرۇلدى. بۇ ئۇرۇشقا چىقمىغانلاردىن كۆپ كىشىلەر بۇ قېتىم ئۇرۇشقا چىقىشنى تىلىگەن بولسىمۇ، رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا رۇخسەت قىلمىدى. يالغۇزغىنە ئۇھوددا مەرگەن باشلىقى بولۇپ، شۇ يەردە قىمىرلىماي تۇرۇپ شېھىت بولغان ئابدۇللانىڭ ئوغلى جەبىرگە رۇخسەت بەردى. ئۇندىن باشقا ھېچ بىر كىشىگە رۇخسەت بىرىلمىدى. بۇنىڭ سەۋەۋى، جەبىر ئېيتتى: ــ «ئۇھود غازىتىگەسىز بىلەن چقماقچى ئىدىم. چىقالماسلىقىمنىڭ سەۋەبى دادامدىن تۇغۇلغان توققوز بالىنىڭ ئىچىدە يالغۇز مەنلا بىر ئوغۇل ئىدىم، ئۇھود غازىتىغا چىقىدىغان چاغدا دادام دېدى:« بۇقىز بالىلارغا قاراپ تۇرغىدەك بىرەر ئەركەك بولمىسا قانداق بولىدۇ، ئۇمىدىم شۇكى ئوغلوم، بۇ غازاتدا شېھىت بولسام، سەن بۇبالىلارغا قارىشىڭ كېرەك» دېدى. مانا شۇ ئاتامنىڭ سۆزىنى قايرىۋىتەلمەي ئامالسىزلىقتىن سىزدىن ئايرىلىپ قالغان ئىدىم. ئەمدى بۇ ئۇرۇشتىن ئايرىلىپ قالسام بولمايدۇ، رۇخسەت قېلىڭ يا رەسۇلۇللاھ» ـ دەپ قاتتىق تەلەپ قېلىپ تۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ رۇخسەت بەردى. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشقا چىققانلار ئىچىدە رەسۇلۇللاھتىن باشقا ئاتقا مىنگەن كىشى يوق ئىدى. قالغان ساھابىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك پىيادە ئىدى. شۇ يۈرۈش قېلىشىچە ھەمرا ئۇل دېگەن جايغا كەلدى. بۇ يەر مەدىنىدىن سەككىز مىل يىراقلىقدىكى بىر يەر ئىدى. مانا شۇ جايغا كەلگەندە ئاللاھتەئالا تەرىپىدىن بۇ ئايەت نازىل بولدى.

-:«ئۆتكەنكى ئۇھود ئۇرۇشىدا شۇنچە كۆپ جاراھەتلەنگەن بولسىمۇ، يەنە ئاللاھ ئەمرىگە ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قېلىپ، ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا تەقۋا يولىنى تۇتقۇچىلارغا، ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇلۇغ ساۋاپ بۇلغۇسى، ئاللاھ تائالا جەننەت ئاتا قىلغۇسىى».

پەيغەمبىرىمىزنىڭ مەدىنىدىن چىقىپ، ئەسكىرى قوشۇن بىلەن بۇ يەرگە كەلگەنلىكى ئۇلارغا مەلۇم بولدى. قۇرەيش رەئىسلىرىدىن سەفۋان ئىبنى ئۇماييانىڭ ئىككىنچى قېتىم ئۇرۇش قېلىشقا رايى يوق ئىدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دېدىكى:

― ئەي قۇرەيش خەلقى، بۇ ئۇرۇشدا بەختىمىز ئىچىلىپ، بىز غەلىبە قازاندۇق. ئۇرۇشدا ئابرۇي قازاندۇق. ئەمدى قايتىپ بېرىپ، يەنە ئۇرۇش قىلىدىغان بولساق قىنى قىزىپ تۇرغان، ئۆچ ئېلىشقا تەقەززە بولۇپ، غەزىپى تىشىپ تۇرغان، تەجرىبىلىك دۋشمەن بىلەن توقونوشىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئۇھود ئۇرۇشىدا ياردەمدە بۇلالمىغاملارمۇ ياردەمگە كېلىدۇ، ئۇ چاغدا ئۇرۇش بىزنىڭ زىيىنىمىزغا كېلىپ، قولىمىزدىكى غەنمەتدىن ئايرىلىپ قالىمىز. ئەڭ ياخشىسى ھازىرقى ئابرويىمىز بىلەن كەتكىنىمىز تۈزۈك، دېدى.

بۇنىڭ ئۈستىگەمەھبەدەل خۇزليىن دېگەن كىشى ھازرا قەبىلىسىنىڭ رەئىسلىرىدىن ئىدى. ئۆزى ئىمان كەلتۈرمىگەن بولسىمۇ، رەسۇلۇللاھقا خەيرى خالىقى بار ئىدى. ئۇھوددىكى مۇسۇلمانلارغا كەلگەن مۇسىبەتنى ئاڭلاپ، كاپىر مۇسۇلمان دېمەي پۈتۈن قەبىلە خەلقى بويىچە قاتتىق قايغۇرغان ئىدى. ئىسلام ئەسكەرلىرى ھەمرا ئۇل ئەسەدگە چۈشكەن چاغدائۇ كىشى كېلىپ، رەسۇلۇللاھقا كۆڭۈل ئېيتىپ، شۇنداق دېدىكى:

― ئەي مۇھەممەد، سىلەرگە بولغان بۇ مۇسىبەت ئاللاھ ھەققى بەك ئىغىردەك تۇيۇلۇپ، خۇددى بىزنىڭ بېشىمىزغا كەلگەندەك ھېس قىلدۇق. بۇ مۇسىبەتنى باشقىلارنىڭ بېشىغا كەلسىچۇ دېدۇق. سىنىڭ مەرتىۋەڭنى ئاللاھنىڭ ئۈستۈن قېلىشىنى تىلىدۇق. لېكىن نېمە چارىمىز بولسۇن. بىز دېگەندەك بولمىدى. ـ دېدى.

―بۇ دېگەن سۆزى رەسۇلۇللاھقا خوش يېقىپ، ئۇنىڭدىن رازى بولغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ كىشى بۇيەردىن ئايرىلىپ رۇھائا دېگەن يەرگە كەلگەندە قۇرەيش قوشۇنىغا يولوقدى. سەفۋان زىبن ئۇماييا باشقىلارنىڭ گېپىگە كىرمەسدىن مەدىنە تەرەپكە قاراپ يېڭىدىن يۈرۈش قىلماقچى بولۇپ تۇرۇۋاتاتتى. شۇ چاغدا ئەبۇ سوپياننىڭ كۆزى مەھبەدۇل ھۇزايىرگە چۈشتى. بۇنىڭ مەدىنە تەرەپتىن كېلىۋاتقانلىقىنى بىلگەچ: ـ «ئارقاڭدا نېمە بار؟» دەپ سورىدى. بىلگىنىم شۇكى: «مۇھەممەد كۈچلۈك قوشۇن تارتىپ قىزغىنلىق بىلەن، كېلىۋاتىدۈ. ئۇھود ئۇرۇشىغا قاتنىشالمىغانلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ، بۇ قېتىم يېڭىدىن ئۇرۇش قىلماقچى بولۇپ چىقىپدۇ. پۈتۈن ئەسكەرلىرى قاينىغان قازاندەك غەزەپلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەلپازىدىن قارىغاندا سىلەردىن ئۈچ ئالغىنى كەلگىدەك» ـ دېدى.

يۇقىرىدىكى سەفھەننىڭ ئېيتقان سۆزىگە بۇ سۆز قوشۇلوپ، قۇرەيش قوشۇنغا قاتتىق قوقونوچلوق چۈشتى. ئاندىن ئەبۇ سوپيان، مەھبادىل خۇزايدىن مەسلىھەت سوراپ:ـ «ئەي مەھبەد، سىنىڭچە بىز قانداق قىلساق ياخشىراق بۇلار ؟» ـ دېدى. ئاندىن مەھبادىل خۇزائىي ئېيتتى: ـ «مۇھەممەدنىڭ بۇ كېلىشىدىن قارىغاندا، سىلەر بۇ يەردىن قېچىپ ئۈلگىرەلمەسدىن، ئۇنىڭ قوشۇنى كېلىپ قالسا سىلەر ۋەيران بولىسىلەر، ئەڭ ياخشىسى بۇ يەردىن تىزدىن كىتىۋالغىنىڭلار ياخشى» ـ دېدى. بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قۇرەيش قوشۇنلىرىنىڭ قورقونچىسى تېخىمۇ ئېشىپ، ئالدىرىغان پىتى چىقىشتى. قورقونچولوقتىن ئېغىر يۈكلىرىنىمۇ ئېلىشقا ئۈلگىرمىدى. ئۇنىڭ ئالدىدا ئىسلام ئەسكەرلىرىدىن ئۈچ كىشى رازۋېدكا قېلىش ئۈچۈن يولغا چىققان ئىدى. دۋشمەن كۆزىگە كۈرۈنۈپ قېلىپ ئۇلاردىن ئىككىسى قولغا چۈشتى. بىرسى قېچىپ قۇتۇلۇپ، دۈشمەننىڭ كەتكەن خەۋىرىنى رەسۇلۇللاھقا يەتگۈزدى. قولغا چۈشكەن ئىككى كىشىنى ئامان بەرمەي، دەھال ئۆلتۈردى. ئۇلارنىڭ قېچىپ كىتپ بارغان يېرىدە، ئۇرۇشۇشتىن ۋاز كىچىش ھەققىدە سەفۋاننىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، رەسۇلۇللاھ ئېيتتىكى:ـ «سەفۋان دىن يولىدا توغرا يول تۇتمىغان بولسىمۇ، قۇرەيش قەۋمېنى بۇ ئۇرۇشدا توسقان بولغانلىقى ئۈچۈن ۋە دۇنيا ئىشىدا ئاللاھ ئۇنى توغرا يولغا سالىدۇ، بۇ ھەقتە ئۇلار ئۈچۈن بەك پايدىلىق ئىش قىلدى.

:« مېنىڭ جىنىم ئۇنىڭ قۇدرەت قولىدا بولغان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇلار ئۈچۈن ئاسماندىن ئازاب تاشلرىنى ياغدۇروشنى بەلگىلىگەن ئىدىم، ئەگەر قايتىپ كەلگەن بولسا، كەتكەنىگە پۇشايمان قېلىپ، ئۆتكەن زامانلەردىكىدەك ناموئىشىەنجىسىز بولۇپ، ھېچ بىرى قالماي ھالاك بولاتتى.» دەپ قۇرەيش قوشۇنلىرى قايتقان تەقدىردە غەزەپ ئىلاھىگە قېلىپ، ئاسمان ئازابى بىلەن ھالاك بولىشىدىن خەۋەر بەردى.

قۇرەيش قەبىلىلىرىنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان رەسۇلۇللاھ، شۇ جايدا ئۈچ كۈن تۇردى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەمرى بىلەن ھەر كۈنى كەچدە، بەشيۈز يەرگە ئوت يىقىلدى. بۇنداق قېلىشتىن مەقسەت يىراقتىن كۆرۈنگەن دۋشمەنگە ئەسكەرنىڭ كۆپلىگىنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنى قورقوتوش ۋە شۇ ئەتراپدىكى ھىلىغىچە ئىمانغا كەلمىگەن ئەرەب قەبىلىلىرىگە ھەيبە كۈرسۈتۈش ئىدى. چۈنكى قۇرئان قانۇنىدا مۇسۇلمانلار ئۆزئارا مۇئامىلە ئىشلىرىدا بىر ـ بىرىگە ھىيلە -مىكرە ئىشلەتمەسلىك ھارام قىلىنغان ئىدى. ئەمما، ئۇرۇش مەزگىلىدە زۈرور تىپىلسا، ھىلە-مىكرە ئىشلەتمەك پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتى ئىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ تەرجىمە ھالىنى ئوقۇغان كىشىلەر كۆپ جايدا بۇنداق ئىشلارنىڭ بولغانلىقىنى كۈرەلەيدۇ.

ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كېيىن دۋشمەنلەردىن ھېچ بىر خەۋەر بولماي مەدىنىگە قايتتى. بۇ قايتىشدا قارا باسقاندەك بولۇپ قۇرەيش شائىرى ئەبۇ ئىززا دېگەن كىشى يولدا ئۇچراپ قېلىپ، قولغا چۈشتى. بۇ ئادەم رەسۇلۇللاھقا ۋە مۇسۇلمانلارغا ھەر يەردە تىلى بىلەن كۆپ زىيان سالغان كىشى ئىدى. ئىسلام دىنىنى ۋە مۇسۇلمانلارنى يامان كۈرسۈتۈپ، شىئىر ئېيتىپ، خەلقنى مۇسۇلمانلارغا قارشى قوزغاش بىلەن ۋەزىپىلەنگەن كىشى ئىدى. ئەبۇ ئىززا بەدرە غازىتىدا قولغا چۈشۈپ ئۇيەردە باشقا ئەسىرگە چۈشكەنلەر قاتارىدا تۆت مىڭ تەڭگىدىن مىڭ تەڭگىگىچە تۆلەم تۈلەپ بۇشۇتولغانلار قاتارىدا بۇشۇتولغان ئىدى. ئەمما بۇ ئادەمنى رەسۇلۇللاھ بىر تەڭگىمو ئالماي بىكارغا قويوۋەتكەن ئىدى. ئەمما، شۇنداق بىر شەرت بىلەن قويۇپ بەرگەن ئىدىكى. قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئىككىنچى مۇسۇلمانلارغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان شېئىر ئوقىمايدىغان، بۇندىن كېيىن ئىسلام دىنىغا قارشى ھېچ بىر ھەركەتتە بولمايدىغان، مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇرۇشقا چىققان ئەسكەرلەرگە قوشۇلوپ كەلمەيدىغان، شەرتلەرنى قوبۇل قىلغاچقا شۇ ۋەدىسى بويىچە قويۇپ بېرىلگەن ئىدى. لېكىن بۇ ئادەم مەككىگە بارغاندىن كېيىن، ــ«ھەممە ئادەم مۇھەممەددىن پۇل تۈلەپ قۇتۇلغان بولسا، مەن قۇرۇق سۇ بىلەن ئۇنى ئالداپ، قۇتۇلدۇم» ـ دەپ بۇرۇنقىدىنمۇ، يامانراق ئەسكى ئىشلارنى قىلغان ئىدى. ۋەدىسىگە ۋاپا قىلماي ئۇھود ئۇرۇشىگە چىققان كۇففارلار قوشۇنىغا قوشۇلوپ، بىرگە كەلگەن ئىدى. بۇ قىلغان يامانلىقى ئۆز بېشىغا بالا بولۇپ، بۇ قېتىم يەنە قولغا چۈشۈپ قالدى. رەسۇلۇللاھ دەرھال ئۇنى ئۆلۈمگە بۇيرۇدى. ئۇدېدىدكى:

― ئەي مۇھەممەد. مېنىڭ گۇنايىمدىن كەچگىن. ياش قىز بالىلىرىم ئۈچۈن بولسىمۇ مىنى ئۆلۈمدىن قالدۇرغىن. ئىككىنچى مۇنداق قىلماسلىققا ئەھدە بېرەي، دېدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ دېدى:

: «مۆمىن كىشى بىر چۈشكەن تۈشۈككە ئىككىنچى قېتىم قايتا ئۆزىنى چۈشۈرمەيدۇ، سەن بىزنى بىر قېتىم ئالدېدىڭ، ئەمدى يەنە بىزنى ئالدىماقچىمو سەن»دېدى.

بۇ سۆزدىن رەسۇلۇللاھنىڭ بارلىق ئۇممەتلىرى ئىبرەت ئالدى. بىر زىيان كۈرگەن ئىشتىن، ئىككىنچى ئۆزىنى تارتمىغان كىشى ئەقىللىقلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالالمايدۇ. شۈھبىسىزكى. سىياسەت ئىگىلىرى، ئەسكەر باشلىقلىرى بۇنداق ئىشدا بەكمۇ سەگەك بولۇشى لازىم.

شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ساق سالامەت مەدىنىگە قايتىپ كەلدى. ئۇھوددىن قايتىپ بۇ غازاتقا چىققىنىغا بەش كۈن بولغان ئىدى. كەلگەن كۈنى قۇرەيش كاپىرلىرنىڭ جاسۇسلىرىدىن مۇئاۋىيا ئىبنى مۇغىرا دېگەن قولغا چۈشتى. بۇ مۇنداق ئىش ئىدى. ئۇھود ئۇرۇشى تۈگەپ قۇرەيش قوشۇنلىرى مەككىگە كەلگەندىن كېيىن. بۇ كىشى ئۆز مەيلىچە ئۇلاردىن ئايرىلىپ قېلىپ، يوشۇرۇن رەۋىشتە مەدىنە شەھىرىگە كىردى. توغرا ھەزرىتى ئوسمان ئۆيىگە كېلىپ ئىشىكىنى قاقتى. ئۇنىڭ ئايالى پەيغەمبىرىمىزنىڭ قىزى ئۇممۇ گۇلسۇم ئىدى. «بۇ كىم؟ » دەپ سورىدى. ـ ئۇ.ئوسماننىڭ يېقىن قىرىندىشىمەن. بىر تۆگە ئالغان ئىدىم، ئۇنىڭ پۇلىنى بېرىش ئۈچۈن كەلدىم. چاقىرىپ قويسىڭىز» ـ دېدى. شۇ ئارادا ھايال ئۆتمەي، ھەزرىتى ئوسمان كېلىپ قېلىپ، ئۇرۇش تۈگىگىنىگە بىر كۈن بولمىدى، ئىككى ئارىدا شۇنچە قان تۆكۈلگەن تۇرسا، بۇنداق جىددىي ۋاقىتتا نېمە دەپ كەلگەندۇ، دەپ ھەزرىتى ئوسمان قاتتىق چۇچۇدى. چۈنكى بۇ كىشى ئۇنىڭ يېقىن قىرىندىشى ئىدى. ئەرەبلەرنىڭ ئۈرپە ئادىتى بويىچە دۋشمەندىن ئۆز قېرىنداشلىرىنى ساقلىماسلىق ناچار ئەيىب ئىشلاردىن ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەزرىتى ئوسمان ئۇنى كۆرگەندە:

:«مېنىمۇ ھالاك قىلدىڭ، ئۆزۈڭنىمۇ ھالاك قىلدىڭ» ـ دېدى. ئاندىن ئۇ:

بۇ يەردە سەندىن باشقا يېقىنراق قىرىندىشىم يوق. سىنى پانا تىلەپ كەلدىم. ئەمدى مېنى ئۆز پانايىڭغا ئالغايسەن، دېدى.

شۇنىڭ بىلەن ھەزرىتى ئوسمان ئۆيىنىڭ بىر چېتىگە ئەككىرىپ قويۇپ، شۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ ئاڭلىغاندەك،مۇئاۋىيا ئىبنى مۇغىرا جاسۇسلوق بىلەن مەدىنىگە كەپتۇ، دەپ ئاڭلاپ تېزلىك بىلەن ئۇنى تىپىش لازىم، دەپ سۈرۈشتە قىلغاچ ئادەملەر توغرا ھەزرىتى ئوسماننىڭ ئۆيىگە كىردى. ئۇ قورقىنىدن ئۆيىگە يوشۇرنىۋالغان ئىدى. ئۇنى ئۆيدە كۈرمىگەچ، ئۇممۇ گۇلسۇم ئۇنىڭ ياتقان جايىنى كۆرسىتىپ، ئىملاپ قويدى. ئۇيەردىن تۇتۇپ رەسۇلۇللاھ ھوزورىغا ئېلىپ كەلدى. دەرھال ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى. بۇنى كۆرۈپ ھەزرىتى ئوسمان:

يا رەسۇلۇللاھ، سىزنى ھەق پەيغەمبەر قېلىپ ئەۋەتكەن. ئاللاھ ئاتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇ كىشى مېنىڭ يىنىمغا ئامانلىق سوراپ كەلگەن ئىدى. يا رەسۇلۇللاھ بۇنىڭ قىنىنى ماڭا بىغىشلاڭ، ـ دېدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ دېدىدكى:

ساڭا بۇ كىشىنى بىغىشلىدىم. ئەمما، شەرتى شۇكى بۇ ئادەم مەدىنىدە ئۈچ كۈندىن ئارتوق تۇرمايدۇ. ئەگەر بۇ شەرت بۇزۇلسا، ئاللاھ ھەققى ئامان قالمايدۇ. ــــــــــ دېدى

بۇ ئىشتىن كېيىن قۇرەيش قوشۇنىنىڭ ئالدىنى توسوپ. ھەمرا ئۇل ئەسەد سەپىرىگە چىقتى. بۇ سەپەردىن قايتىپ كەلگۈچىلىك بولغان ئىشلارنى قۇرەيشكە يەتگۈزۈش ئۈچۈن، قىلغان شەرتىنىڭ ئەھدىسىگە قارىماي، يەنە تىڭ ـ تىڭلاپ مەدىنىدە يۈرگەن ئىكەن، تۆتىنچى كۈنى رەسۇلۇللاھنىڭ كېلىۋاتقان خەۋىرىنى ئاڭلاپ، دەرھال قېچىپ يولغا چىقتى. بۇ ئىشنى رەسۇلۇللاھ ئاڭلىغاچ، بۇنىڭ ئارقىسىدىن تۇتۇپ كېلىش ئۈچۈن، ئىككى كىشىنى ئەۋەتتى. بىرى ئاممار ئىبنى ياسىر، ئىككىنچىسى زەيىد ئىبنى ھارىسە ئىدى. «ئەلبەتتەئۇنى بۇنداق ئىش ئۈستىدە تاپقايسىلەر» ــ دېدى. رەسۇلۇللاھ قانداق جاينى ئېيتقان بولسا، نەق شۇ جايدىن تۇتۇپ ئۆلتۈردى. بۇ سەپەردە مۇسۇلمانلاردىن ئىككى كىشى شېھىت بولغان بولسىمۇ. كاپىرلاردىن بۇ ئىككى كىشى ئۆلتۈرۈلۈپ، ئىنتىقامى ئىلىندى. مانا شۇ يولدا ھەزرىتى فاتىمەدىن ئىمام ھەسەن تۇغۇلدى. ئۇممۇ گۇلسۇم قىزىنى پەيغەمبىرىمىز ھەزرەت ئوسمانگە شۇيىلى نىكاھ قىلغان ئىدى. بۇندىن ئىلگىرى روقىيە دېگەن قىزىنى بەرگەن بولۇپ، ئۇ ۋاپات بولغان ئىدى. ھەزرىتى ئوسمان رەسۇلۇللاھنىڭ ئىككى قىزى بىلەن نىكالاندى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ لەقىمى زۇننۇراين بولدى. مەنىسى: ـ ئىككى نۇر ئىگىسى دېگەن بولىدۇ.

يەنە شۇ يىلى ئۇھود ئۇرۇشىدىن كېيىن، قۇرئان ھۈكمى بىلەن ھاراق ھارام قىلىندى. ئۇنىڭ ھەققىدە ئۇشبۇ ئايەت نازىل بولدى

«ئەي ئىمان ئېيتقان مۆمىنلەر، ھۆكۈم شۇ ئىكەنكى، بۇندىن كېيىن ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، بۇدلارغا سەجدە قېلىش،پالغا ئىشىنىش، بۇ تۆت نەرسە شەيتاننىڭ چاقىرغان ئىشىدىن بىر ئەڭ ئېغىر نىجىس ئىشدۇر. ئەلۋەتتە بۇ ئىشتىن ساقلىنىشىڭلار كېرەك. ھەممە يامانلىقلاردىن قۇتۇلۇسىلەر، ھاراق ئىچىپ، قىمار ئوينىغاندا شەيتان ئارىڭىزغا قاتتىق دۋشمەنلىك سالىدۇ، ۋە يەنە ئاللاھنى ياد ئىتىشتىن، ۋە ھەم ناماز ئۆتەشتىن، سىلەرنى چەكلەيدۇ. ئەمدى بۇ نەرسىلەر ئىنسانغا شۇنداق زىيان سىلىۋاتسا نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭدن ساقلانمايسىلەر. ئەلبەتتەئۇلاردىن ساقلىنىش لازىمدۇر» ـ دېدى.

بۇ ئايەتنى ئاڭلىغان بارلىق ساھابىلەر ــــــ «ساقلىنىمىز» دەپ جاۋاب بىرىشتى. مۇشۇنداق بولغاچ. ئەمدى ھەر دەۋىرنىڭ مۇسۇلمانلىرىمۇ شۇ جاۋابنى بېرىپ، ئۇشبۇ زىيانلىق نەرسىلەردىن ساقلىنشلىرى ئەلۋەتتە لازىمدۇر. يۇقىرىدىكى ئايەتتەئېيتىلغان تۆت نەرسىنىڭ بىرسىسى ـ «ئەزلان» بولۇپ، بۇنى «فال ئوقلىرى» دېدۇق، بۇنىڭ ئوچۇق مەنىسى شۇنداق ئىكەنكى، ئۇچىدا ئوقى يوق، ئۈچ دانە ئوق يايىنىڭ بىرىنچىسىگە ــ «ئىفەل» ئىككىنجسىگە ـ «لا تەفال» سۆزى يېزىلغان. ئۈچىنچىسىگە ھېچ نەرسە يېزىلمىغان قۇرۇق. مانا بۇ ئۈچ ياغاچ ئوق بىر خالتىغا سىلىنىپ، كەئبىگە ئېسىپ قويولغان ئىدى. بىرنجى سۆزنىڭ مەنىسى، ـ قىل، ئىككىنچىسى ـ قىلما، ئۈچىنچىسى ـــ سۆز يوق، قېلىش قىلماسلىق ئۆز ئىختىيارىدا، كەئبىگە ئېسىلغان ئوقتىن باشقا ھەر قايسى ئەرەبنىڭ ئۆيىدە، ئاشۇنداق ئوقلەرمۇ ئېسىلغان ئىدى. مانا شۇنىڭ بىلەن بۇلاردىن بىركىشى سەپەرگە چىقماقچى ياكى ئۇرۇشقا بارماقچى، ياكى بىرەر مۇھىم ئىش قىلماقچى بولسا، ئۇ كىشىى كېلىپ، خالتىغا قول سالىدۇ. ئۇنىڭ قولىغا قايسى ئوق چىقسا شۇنىڭغا قاراپ ئىشى قىلىدۇ. مەسىلەن:«ئىفال» چىقسا، ئۇ كىشى شۇنى قىلىدۇ. ئەكسىنچە، يېزىلمىغان چىقسا، قېلىش قىلماسلىقى ئۈىنىڭ ئىختىيارىدا بولىدۇ. مانا شۇنداق بولغاچ ئىسلام شەرىئىتىدە، بۇ ئىشلار ئايەت ھۈكمى بىلەن ھارام قىلىندى. ئەمدى مۆمىنلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشى شۇكى. ئەگەر شەرىئەتگە سىغىدىغان بىر ئىشنى قىلماقچى بولسا، پايدا زىيىنىنى ئاۋۋال تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، ئاللاھقا تەۋەككۈل قېلىش لازىم. بۇلار بۇلمىغۇر ئىشلارغا شەك كەلتۈرۈپ، ئىمانى بوش كىشىلەردەك ھەر نەرسىىگە فال ئىچىپ، ئۆزىگە پايدىلىق ئىشلاردىن قۇرۇرق قالماسلىقى لازىم. چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئاندا شۇنداق دەيدۇ:

:«بىر ئىشنى قىلماقچى بولساڭ. ئاللاھقا تەۋەككۈل قىل».

بۇ ئايەتتدىن چىققان ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئاساسەن، ھەر ئىشنىڭ ياخشى ـ يامانلىقىنى تەكشۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، ئۇئىشنى قېلىش ـ قىلماسلىقتا، ئەلۋەتتە ئاللاھقا تەۋەككۈل قېلىش، ھەر بىر مۆمىن كىشىگە پەرز بولدى. يۇقىرىدىكى ئايەتتەئېيتىلغان تۆت نەرسىنىى «شەيتان ئىشلىرىدىن بىر پال يامان ئىشدۇر، ئەلبەتتەبۇنىڭدىن ساقلىنىڭلار» ـ دەپ ئاللاھتەئالا بەندىلىرىگە بۇيرودى. بۇلارنىڭ يامان ئىكەنلىكى، ئەگەر ئويلاپ قارالسا، ھەر قانداق كىشىگىمۇ، مەلۇم بولىدۇ. شەك شۈھبىسىزكى. ھاراق بىلەن قىمار، دىنغا ۋە دۇنيا تۇرمۇشىغا ئەڭ قاتتىق زىيان سالىدىغانلىقىنى بۇ ئايەتتە ئاللاھتەئالا ئوچۇق كۆرسىتىپ بەردى. چۈنكى ئىنسانلاردە ئەڭ قىممەتلىك نەرسە، بەلكى ئىنساننىڭ ئىنسانلىقى ئۇنىڭ ئەقلى بىلەندۇر. ئىچكېلىككە بېرىلگەن كىشىلەر، شۇنداق ئۇلۇغ نىھمەتلەردىن باھاسى يوق گەۋھەردىن ئايرىلىپ قالىدۇ. چۈنكى ھاراق ئىچىپ، مەست بولۇش، ئىنسان سالامەتلىكىنى سىتىپ، تەلۋە بولۇش دېمەكدۇر. بۇنىڭ روھانى تەرىپىدىن قانداق زىيىنى كۆپ بولسا، جىسمانىي تەرەپتىنمۇ تەننىڭ سالامەتچىلىكىگەشۇنداق زىيىنى كۆپتۇر.

ئىسلام ھوكۈمالىرىنىڭ ئۇستازلىرىدىن ئەبۇ ئەلى ئىبنى سسىنا: ئىچىملىككە بېرىلگەن ئادەملەر كۈندىن كۈنگە شال ياكى قالتىراق كەبى قورقونچاقلىق دەرد كېسىلىگە مۇپتىلا بولىدۇ، دەيدۇ. رەسۇلۇللاھمۇ مۇنداق دېگەن ئىدى.

:«ھاراق گۇنانىڭ خەزىنىس ۋە بارلىق يامانلىقنىڭ ئانىسى» ئەگەر بىر ئادەم ئۆزى بىلىپ تۇرۇرپ قىز پەرزەنتىنى ھاراقكەشكە بەرسە، ئۇ كىشى ئۆز قىزىنى زىنناغا تۇتۇپ بەرگەننىڭ گۇنايىنى تاپىدۇ، ــ دېدى. ئەمدى بۇنداق تۇرۇقلۇق ھەر بىر مۆمىن مۇسۇلمانلار بۇ ئايەت ھەدىس مەزمۇنىگە ئەمەل قېلىپ، بۇنداق ئېغىر گۇنادىن ئۆزىنى تارتىشى، ۋە نەچچە سائەتلىك باش ئاغرىغىنى كەيفىنى قېلىش خىيالى بىلەن ئۆزىنى خوش قېلىپ. دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىنى خاراب قىلماسلىقى لازىم

يەنە ئۆز سۆزىمىزگە كەلسەك. مەككىدىن مەدىنىگە رەسۇلۇللاھ ھىجرەت قېلىپ، كەلگەندىن كېيىن يىگىرمە يەتتەقىتىم ئۆزى قوشۇنغا باش بولۇپ، ئۇرۇشقا چىقتى. باشقا ئۇرۇشقا ئۆزى مەدىندە قېلىپ، ئەسكەر چىقارتتى. پەيغەمبىرىمىز باش بولۇپ، ئۇرۇشقا چىققاندا، ئۇنى غازات سەپىرى دەپ ئاتايمىز. ئەگەر ئۆزى چىقماي، ئازدۇر كۆپتۇر ئەسكەر چىقارتقان بولسا، ئۇنى ئىلغار سەپىرى دەپ ئاتايمىز.

ئۇھود ئۇرۇشى ئۆتۈپ، بىر نەچچە ئايدىن كېيىن رەسۇلۇللاھقا شۇنداق خەۋەر كەلدى. بەنى ئەسەد قەبىلىسىنىڭ رەئىسلىرىدىن تەلھا ۋە سەلەمە دېگەن كىشىلەر باش بولۇپ، ئۇرۇش قېلىش ئۈچۈ ن ئەسكەر توپلاشقا كىرىشىپتۇ. بۇنى ئاڭلاپ، دەرھال بىر يۈز ئەللىك كىشىلىك بىر بۇلوك ئەسكەر چىقىرىپ ئابۇ سەلەمەنى ئەسكەرگە باشلىق قىلدى. بۇ سەپىرى ھىجرەتنىڭ تۆتىنچى يىلى، مۇھەررەم ئىيىنىڭ باشلىرى ئىدى. بۇ ئەسكەر تېزلىك بىلەن دۈشمەننىڭ ئالدىغا يېتىپ بېرىپ، تۇيۇقسىزدىن دۋشمەن ئۈستىگە باستۇرۇپ كەلدى. دۋشمەننىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش قۇدرىتى قالمىدى. مال بېقىپ يۈرگەن ئۈچ قۇلنى قالدۇرۇپ، قالغىنى تاغلارگە قېچىپ چىقىپ كېتىپ تارقېلىپ قاچتى. ئۇلارنىڭ تاشلاپ قاچقان قوي ئۆچكە، تۆگەلىرنى ھەيدەپ، ئون كۈن ئىچىدە سالامەت ئىسلام ئەسكەرلىرى مەدىنىگە قايتىپ كەلدى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى