ھەمراخان مەنسۇر

ئورنى Wikipedia

1965-يىلى ھەمراخان دەل 13 ياشتا ئىدى، ئۇنىڭ ئوقۇشى ياخشى بولغاچقا مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئەۋەتىلدى. 1969-يىلى مەكتەپتىن ھەربىيلىككە قاتنىشىدىغان بىر كىشىلىك سان چېقىپ قالدى، نەتىجىسى ئەلا بولغان ھەمراخان بۇ پۇرسەتكە ئېرىشتى، ئەمما ئۇ قايسى ئارمىيەگە  قاتنىشىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتى. پويىزدا كىيىم تارقاتقاندا كۆكۈچ كۈلرەڭ ھەربىي فورمىلارنى كۆرۈپ، «نېمىشقا يېشىل رەڭدە بولمايدۇ؟ خاتا بولۇپ قالدىمۇ قانداق» دەپ ئويلىدى، شۇندىلا ئۆزىنىڭ گۇاڭجۇغا بېرىپ جەنۇبىي دېڭىز فىلوتىنىڭ دېڭىز ئارمىيەسىگە قاتنىشدىغانلىقنى بىلدى.

ساقچى ئالاقە لىيەنى،  خەۋەرلىشىش ئىستانسىسى ۋە دوختۇرخانا قاتارلىق ھەر قايسى ئىش ئورۇنلىرىنىڭ ھەممىسدە  ياخشى ئىشلەپ، ھەربىي دوختۇرخانا سېستىرالار مەكتىپىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلدى، 1972-يىلى قىسىمدا ۋەزىپىگە تەيىنلىنىپ ئايال ئوفىتسېرى بولدى.

ئىزچىل تۈردە ئېغىر رېماتىزم ۋە ئۇلترا بىنەپشە نۇر زىيادە سەزگۈرلىكىگە گىرىپتار(قانداقلا بولمىسۇن شىنجاڭ بىلەن جەنۇبىي دېڭىزنىڭ كىلىمات پەرقى بەك چوڭ) بولغاچقا، جەنۇبىي دېڭىز فىلوتى ئۇنىڭ شەخسىي سالامەتلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنى ھەربىي پاراخوتتىن ۋاقتىنچە ئايرىلىشقا دەۋەت قىلىپ، ئۇنى بېيجىڭ دېڭىز ئارمىيە باش دوختۇرخانىسىدا ئىشلەشكە ئەۋەتمەكچى بولدى. ھەمراخان يۇرتىنىڭ داۋالاش شارائىتى ئۆزىگە تېخىمۇ ئېھتىياجلىق دەپ قاراپ ھەم تىل ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولغاچقا (ئۇيغۇرچە، قازاقچە، خەنزۇچە) شىنجاڭغا قايتىپ خىزمەت قىلىشنى قارار قىلدى.

ئەسلىدىكى ئۈرۈمچى ھەربىي رايونى باش دوختۇرخانىسى سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە ئۆزىنىڭ ھەربىي دوختۇرلۇق ھاياتىنى داۋاملاشتۇردى. ھەمراخان پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئىزچىل ئارمىيە ۋە سەپداشلىرىنى ياد ئېتىپ تۇردى، قىزىغا دۆلىتىمىزنىڭ ئاۋىياماتكىسىغا بېرىپ كۆرۈپ باققۇسى بارلىقىنى ئېيتتى. لياۋنىڭ ناملىق ئاۋىياماتكا جەنۇبىي دېڭىز فىلوتىغا تەۋە بولمىغاچقا، كونا سەپداشلىرىمۇ بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلالمىدى.

قايتا تەلەپ قىلىش نەتىجىسدە، دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 68 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە ئۈلگۈرۈپ، 2017-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى ھەمراخان جەنۇبىي دېڭىز فىلوتىغا قايتىپ كەلدى. 4000 تونناژلىق 054A يېڭى تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق قوغدىغۇچى پاراخوت خۇاڭشەن ناملىق پاراخوتنىڭ پالوبىسىدا تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ھاياجانلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى. ئەينى چاغدىكى جەنۇبىي دېڭىز فلوتىدا پەقەت بىر قىسىم كىچىك زەمبىرەك قېيىقى، قۇرۇقلۇققا چىقىش كاتىرى ۋە بېلىقچىلىق كېمىسدىن ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان قوراللىق چارلاش پاراخوتىلا بار ئىدى، ھەمراخان ھەر نەچچە ئايدا دېڭىز ئارىلىغا بېرىپ جەڭچىلەرنى داۋالىغان چاغدا بىر قېتىم كاتىرغا ئولتۇرالايتتى. خۇاڭشەن ناملىق پاراخوتنىڭ پالۇباسىدا، فىلوتتىكى 16 نەپەر ئوفىتسېر-ئەسكەر ئاق رەڭلىك دېڭىز ئارمىيە كىيىمى كىيىپ، رەتلىك تىزىلىپ، بۇ پېشقەدەم جەڭچىگە ئېھتىرام بىلدۈردى. خۇاڭشەن ناملىق پاراخوتنىڭ سىياسىي كومىسسارى لى ۋېيجۈن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

ئاخىرقى ئۆمرىدە مېڭە تىقىلمىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان موماي نۇرغۇن ئىشلارنى ئۇنتۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن كونا سەپدىشىنى كۆرۈپ ھەممىنى ئېنىق ئىسىگە ئالدى، يەنە سەبدىشىدىن «سېنىڭ يۈزۈڭدىكى مەڭ نېمىشقا يوقاپ كەتتى؟» دەپ سورىدى. ( بۇ ئاچاش كېيىنكى چاغلاردا مەڭ كۈچۈرۈش ئوپراتسىيەسى قىلغۇزغان ئىدى)، قىزى ئۇنىڭغا سەن يالغاندىن كىسەل بۇلۋالدىڭمۇ دەپ چاقچاقمۇ قىلدى.

موماي ئاخىرىدا سالامەتلىكى ۋە ھەر قايسى جەھەتلەردىكى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاۋىياماتكىغا چىقالمىغان بولسىمۇ، لېكىن قىزى تەييارلىغان رەسىملىرىنى لياۋنىڭ ناملىق ئاۋياماتكىغا ئېلىپ كېلىپ، لياۋنىڭ ناملىق ئاۋياماتكىنىڭ شەرەپ ئۆيىگە تىزىپ قويدى. تۆۋەندىكى رەسىمدە لياۋنىڭ ناملىق ئاۋىياماتكىدىكى بىر قانچە ئۇيغۇر ئايال جەڭچى بۇ رەسىم  بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

قىزى ئارزىگۈل يەنە ئانىسىنىڭ ئۈرۈمچى ھەربىي دوختۇرخانىسىدا يۇقىرى كەسمە پالەچ بولۇپ قالغان بىر خەنزۇ چېگرا مۇداپىئە ئەسكىرىنىڭ ھالىدىن 20 يىل خەۋەر ئالغانلىقنى تىلغا ئالدى، بۇ ئەسكەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرى يوق بولۇپ، جان ئۈزۈش ئالدىدا ھەمراخاننىڭ ھالىدىن كۆپ يىل خەۋەر ئالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، ئاپىسىمۇ يىغلاپ كەتتى.

ئېرىشكەن شەرەپلەر[تەھرىرلەش]

ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك نەمۇنىچىسى، پۈتۈن ئارمىيە بويىچە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى، پۈتۈن ئارمىيە بويىچە مۇنەۋۋەر سېسترا، پۈتۈن ئارمىيە بويىچە ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى ئىلغار شەخس، نانتىنگال(南丁格尔奖) مۇكاپاتى، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئىككى قېتىم 3-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن.