ھەممە مەۋجۇداتلار ھەرىكەت قىلىدۇ

ئورنى Wikipedia

مېڭىپ كېتىۋاتقان ئادەملەر توپى، ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان ئاپتوموبىل، ئۇچۇپ يۈرگەن قۇشلار، يۈرۈۋاتقان پاراخوت … قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولىدۇ. ئۇنداقتا، يىراقتىكى يېشىل تاغ، كۆۋرۈك، يېقىندىكى ئۆي - ئىمارەتلەر، تۇرخۇنلار… مۇ ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولامدۇ؟ شۇنداق، تەبىئەتتىكى ھەممە مەۋجۇداتلار ھەرىكەت قىلىدۇ، مۇتلەق ھەرىكەت قىلمايدىغان جىسىم مەۋجۇت ئەمەس. كۆپچىلىككە مەلۇم، يەر شارى كېچە - كۈندۈز توختىماستىن ئۆز ئوقىدا ئايلىنىدۇ، يېشىل تاغ، كۆۋرۈك، ئۆي - ئىمارەت ۋە تۇرخۇن قاتارلىقلار يەر شارىغا مۇقىم جايلاشقان بولۇپ، قارىماققا ھەرىكەت قىلمايدىغاندەك تۇرىدىغان بۇ جىسىملارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە يەر شارى بىلەن بىرلىكتە ئايلىنىدۇ. ئەگەر سىز ئېكۋاتوردا ئولتۇرسىڭىز يەر شارى بىلەن بىللە ئايلىنىپ، بىر كېچە - كۈندۈزدە40 مىڭ كىلومېتىر يۆتكىلىسىز، تەخمىنەن ھەر سېكۇنتتا460 مېتىردىن كۆپرەك يۆتكىلىسىز. ئەمما، يەرشارىدا تۇرۇپ ھېچكىم يەر شارىنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىنى كۆرۈۋالالمايدۇ، يەر شارىدىن ئايرىلىپ چىقىپ ئالەم بوشلۇقىدا يۈرۈۋاتقان ئالەم ئۇچقۇچىسىلا يەر شارىنىڭ ئايلىنىۋاتقان ئاجايىپ مەنزىرىسىنى كۆزىتەلەيدۇ.

ئاسماندىكى يۇلتۇزلارمۇ ھەرىكەت قىلىدۇ. دەسلەپ قارىغاندا ئۇلار ئالەم بوشلۇقىدا تىپتىنچ توختاپ تۇرغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئەمما، كۆڭۈل قويۇپ نەچچە كۈن، نەچچە ئاي، نەچچە يىل … كۆزەتكەندە، ئۇلارنىڭ ئورنىنىڭمۇ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى بايقىغىلى بولىدۇ. ئاسترونومىيە بىزگە شۇنى ئېيتىپ بەردىكى، ئاي يەر شارىنى چۆرگىلەپ سېكۇنتىغا تەخمىنەن1 كىلومېتىر يۆتكىلىدۇ، يەر شارى قۇياشنى چۆرىدەپ ئوربىتىلىق ئايلىنىپ سېكۇنتىغا30 كىلومېتىر يۈرىدۇ، قۇياش سىستېمىسى سامانيولى سىستېمىسىنى چۆرىدەپ سېكۇنتىغا تەخمىنەن250 كىلومېتىردىن كۆپرەك يۈرىدۇ، سامانيولى سىستېمىسى يەنە ئومۇمىي يۇلتۇزلار سىستېمىسىدا تېخىمۇ چوڭ تېزلىكتە ھەرىكەت قىلىدۇ.

تەبىئەتتە مۇتلەق ھەرىكەت قىلمايدىغان جىسىم مەۋجۇت ئەمەس، پەقەتلا بەزى ھەرىكەت ھادىسىلىرى ئىنتايىن كىچىك ھەم ئاستا بولغانلىقتىن، ئاسانلىقچە بايقىغىلى بولمايدۇ. مەسىلەن، مەملىكىتىمىزنىڭ شىزاڭ ئېگىزلىكىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان چومولاڭما چوققىسى يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشى، ئوربىتىلىق ئايلىنىشى بىلەن بىللە ئايلانغاندىن باشقا، ئۇنىڭ يەر شارى سىرتقى يۈزىگە نىسبەتەن ئېگىزلىكى يىلىغا1 ~5 سانتىمېتىر تېزلىكتە ئېگىزلەپ بارىدۇ. مىكرو دۇنياسىدىكى مولېكۇلا ۋە ئاتوملارنىڭ ھەرىكىتىنى كىشىلەر كۆزى بىلەن ھەرگىز بىۋاسىتە كۆرەلمەيدۇ، پەقەت تەخمىنەن1 مىليون ھەسسە چوڭايتالايدىغان ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپ ئارقىلىقلا ماددىلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مەڭگۈ توختىماستىن ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدىغان بۇ ئاجايىپ دۇنيانى بايقىغىلى بولىدۇ.