Jump to content

ۋارىس ئابابەكرى

ئورنى Wikipedia
ۋارىس ئابابەكرى ، 2015-يىلى ئۈرۈمچى
ۋارىس ئابابەكرى ، 2015-يىلى ئۈرۈمچى

ۋارىس ئابابەكرى ( Waris Ababekri ، خەنچە: 瓦尔斯·阿巴拜克)1966 - يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ۋەتەنپەرۋەر پائالىيەتچى. خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن شېھىت بولغان.

1985-يىلىدىكى "12-دېكابىر ئوقۇغۇچىلار نامايىشى"نى تەشكىللەشكە قاتناشقان. 1987-يىلى دولقۇن ئەيسا، روشەن ئابباس قاتارلىق ساۋاقداشلىرى بىلەن بىرگە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئىستۇدېنتلار پەن-مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسى» نى قۇرغان. 1988-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى يەنە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار نامايىشىنى تەشكىللىگەنلىكى ئۈچۈن شۇ يىلى 9-ئايدا دولقۇن ئەيسا بىلەن بىرگە مەكتەپتىن قوغلانغان.

ۋارىس ئابابەكرى 1995-يىلى 10-ئاينىڭ5-كۈنى شىنجاڭ كومپاس پەن-تېخنىكا ئۇچۇر مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ، خەلقىمىزنى ھەر خىل پەن-تېخنىكا ۋە بېيىش ئۇچۇرلىرى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىللىگەن.

2000-يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا ئائىت سىنارىيەلەر يازغان، < بۇ ئائىلىگە قاراڭ> ناملىق كۆپ قىسىملىق فىلىملەر ئىشلىگەن، رېژىسسورلۇق قىلغان، ژۇرناللار نەشىر قىلدۇرغان بىر شەخس ئىدى.

1980-يىللاردىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان ۋارىس ئابابەكرىنىڭ2019- يىلى 11-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى لاگېردىن قويۇپ بېرىلىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن، يەنى 24-نويابىر كۈنى ئۈرۈمچىدە نامەلۇم «كېسەللىك سەۋەبى» دىن قازا قىلغانلىق خەۋىرى ئاشكارىلاندى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ سىرلىق ئۆلۈمى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا زور غۇلغۇلا قوزغىدى.

مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]