ۋان كۆلى

ئورنى Wikipedia

ۋان كۆلى (خەنزۇچە: 凡湖) تۈركىيىنىڭ شەرقىي قىسىم رايونىنىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇقىدىكى تۇزلۇق كۆل .

بۇ جاي ئەسلى يەر قاتىلىمىنىڭ چۆككەن قىسمى بولۇپ، مىلادىيە 1441-يىلى نېمرات يانار تېغى پارتلىغان ۋاقىتتا چىققان ۋولقان لاۋىلىرى دەريا يولىنى توسۇۋالغانلىقتىن، كۆل شەكىللەنگەن.[1]

جۇغراپىيەلىك ئورنى[تەھرىرلەش]

تۈركىيىنىڭ شەرقىي قىسىم رايونىنىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇقىدىكى تۇزلۇق كۆل. بۇ جاي ئەسلى يەر قاتىلىمىنىڭ چۆككەن قىسمى بولۇپ، مىلادىيە 1441-يىلى نېمرات يانار تېغى پارتلىغان ۋاقىتتا چىققان ۋولقان لاۋىلىرى دەريا يولىنى توسۇۋالغانلىقتىن، كۆل شەكىللەنگەن. كۆلنىڭ شەكلى ئۈچ بۇرجەك بولۇپ، يەر مەيدانى 3738 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئوتتۇرا شەرق بويىچە ئىراندىكى رېزايى كۆلىدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ كۆل دېڭىز يۈزىدىن 1646 مېتىر ئېگىز بولۇپ، پەسىلگە قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئەڭ چوڭقۇر جايى 100 مېتىردىن ئاشىدۇ.

ۋان كۆلىنىڭ قىممىتى[تەھرىرلەش]

كۆل ئەتراپىدىكى تۈزلەڭلىك ئورۇنلاردا مېۋە-چېۋە، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىلىدۇ تۇز ئايرىيدۇ ، كۆلدىن بېلىق تۇتۇلىدۇ، تۈركىيە ئارقىلىق ئىرانغا بارىدىغان پويىزلارنىڭ كۆلنىڭ غەربىي ياقىسىدىكى تىئو شەھىرىدىن شەرقىي ياقىسىدىكى ۋان شەھىرىگە پاراخوت ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلىدۇ، كۆلنىڭ ئەتراپىدا نۇرغۇنلىغان ساياھەتئ ورۇنلىرى قۇرۇلغان بولۇپ، تۈركىيىنىڭ مۇھىم ساياھەت رايونىنىڭ بىرسىگە ئايلانغان.

پايدىلانما[تەھرىرلەش]

  1. Lua error in package.lua at line 80: module 'Module:Citation/CS1/Suggestions' not found.