ۋاڭ خۇنىڭ

ئورنى Wikipedia
ۋاڭ خۇنىڭ

 ۋاڭ خۇنىڭ، ئەر، خەنزۇ، 1955- يىلى 10- ئايدا تۇغۇلغان، شەندۇڭ لەيجۇدىن، 1977- يىلى 2- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1984- يىلى 4- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا سىياسىي فاكۇلتېتىنىڭ خەلقئارا سىياسىي كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئاسپىرانت، قانۇنشۇناسلىق ماگىستىرى، پىروفېسسور.

  ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى.

  1972- يىلىدىن 1977- يىلىغىچە شاڭخەي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى كادىرلار مەكتىپىنىڭ چەت ئەل تىلى سىنىپىدا ئوقۇغان.

  1977- يىلىدىن 1978- يىلىغىچە شاڭخەي شەھەرلىك نەشرىيات ئىدارىسىنىڭ كادىرى بولغان.

  1978- يىلىدىن 1981- يىلىغىچە فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا سىياسىي فاكۇلتېتىنىڭ خەلقئارا سىياسىي كەسپىدە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان.

  1981- يىلىدىن 1989- يىلىغىچە فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا سىياسىي فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دوتسېنتى، پىروفېسسورى بولغان.

  1989- يىلىدىن 1994- يىلىغىچە فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا سىياسىي فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  1994- يىلىدىن 1995- يىلىغىچە فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  1995- يىلىدىن 1998- يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسى سىياسىي گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولغان.

  1998- يىلىدىن 2002- يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

  2002- يىلىدىن 2007- يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  2007- يىلىدىن 2012- يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  2012- يىلىدىن 2014- يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  2014- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  2017- يىلىدىن باشلاپ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى.

  16- ، 17- ، 18- ، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 17- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى