ۋاڭ مىڭشەن

ئورنى Wikipedia

ۋاڭ مىڭشەن (ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەنچە: 王明山، پىنيىن: Wang mingshan ) گەنسۇ ئۆلكىسى ۋۇۋېي شەھىرىدىن بولۇپ، 1986-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتى فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ سىمسىز تېلېگراف كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، ئەينى چاغدىكى ئىلى ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسىنىڭ رازۋېدكا خىزمىتىگە تەقسىم قىلىنغان، شۇندىن باشلاپ ئىلىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى سېپىدە 23 يىل ئىشلىگەن. 2009-يىل 12-ئايدا، ۋاڭ مىڭشەن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى (مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك)، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ پارتكوم شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ۋەزىپىسىدىن ئۆستۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايون مەركىزىي شەھىرى ئۈرۈمچىنىڭ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتى ئەزاسى (نازىر دەرىجىلىك)، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ پارتكوم شۇجىسى، ئىدارە باشلىقىلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن، كېيىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن.

2015-يىل 11-ئايدا، ۋاڭ مىڭشەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن شۇجىسىلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن. 2017-يىل 2-ئايدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىرى، باش تەپتىشى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. 2018-يىل 1-ئايدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ پارتكوم مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىرى، باش تەپتىشى ۋەزىپىسىگە ئۆستۈرۈلگەن. 2019-يىل 4-ئايدىن ھازىرغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ پارتكوم شۇجىسى، نازىرى، باش تەپتىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ كەلگەن.

2020-يىلى سېنتەبىردە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ پارتكوم شۇجىسى، نازىرى، باش تەپتىشىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ۋاڭ مىڭشەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان.