ۋاڭ يەندې

ئورنى Wikipedia

ۋاڭ يەندې (خەنچە: 王延德، ئوقۇلغۇسى: Wáng Yándé) (1006 — 939) بۈگۈنكى خىتاينىڭ خېبېي ئۆلكىسى خەندەن شەھىرى دامىڭ ناھىيەسىدىن بولۇپ، شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى ياشاپ ئۆتكەن دۆلەت ئەربابى، ئەلچى.

981 - يىلى ئالتىنچى ئايدا قوچۇ ئۇيغۇر قاغانلىقىغا ئەلچىلىككە ئىبەرىلگەن، 985 - يىلى سۇڭ خانبالىقىغا قايتقان. خانبالىق كەيفىڭدا ئەلچىلىك يولۇچىلىقى ھەققىدە بىر دوكلات يېزىپ خانغا سۇنغان. بۇ ساياھەتنامە ئۆز دەۋرىدىكى ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ ساياھەتنامەنىڭ تەرجىمىسى ئىدىقۇتقا ئەلچىلىك خاتىرىسى[1] نامىدا تۇرپان ژۇرنىلى 2002 - يىللىق 4 - سانىدا ئېلان قىلىنغان.

ئۇلىنىش[تەھرىرلەش]

  1. http://www.maqale.uyghurkitap.com/makale-31f994afb73f37f583c6