ۋۇۋېي

ئورنى Wikipedia

ۋۇۋېي (خەنزۇچە: 武威) گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان ، شەرقى نىڭشيانىڭ مەركىزى يىنچۈەن بىلەن غەربى چىڭخەي ئۆلكىسى شىنىڭ ، جەنۇبىي لەنجۇنىڭ ئۆلكە مەركىزى بىلەن ، شىمالىي تەرىپى دۇنخۇاڭ قاتارلىق جايلار بىلەن تۇتىشىدۇ.

تارىخى[تەھرىرلەش]

ۋۇۋېي گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، قەدىمدە لياڭجۇ دەپ ئاتالغان. ئالتە سۇلالە دەۋرىدىكى ئالدىنقى لياڭ، كېيىنكى لياڭ، جەنۇبىي لياڭ، شىمالىي لياڭ پادىشاھلىقلىرى، تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى دالياڭ پادىشاھلىقى بۇ يەرنى پايتەخت قىلغان. كېيىنكى دەۋرلەردە ۋىلايەت، ئايماق مەھكىمە تۇرۇشلۇق جاي بولغان. قەدىمكى دەۋردە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن غەربىي يۇرتنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالاقىسىدىكى مۇھىم جاي، «يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ» بولغان، بىر مەزگىل شىمالنىڭ بۇددا دىنى مەركىزى بولغان. داڭلىق لياڭجۇ نەزمىسى، ئەلنەغمىسى، لياڭجۇ غەربىي لياڭ مۇزىكىسى، ئايال چالغۇچىلار بۇ يەردە بارلىققا كەلگەن ۋە راۋاجلانغان.

شەھەرنىڭ قىمىتى[تەھرىرلەش]

جۇڭگو 3 - چوڭ شەھىرى ، بىر مەھەل غەربىي شىمال ھەربىي ، مەمۇرىي مەركىزى ، ئىقتىساد ، مەدەنىيەت مەركىزى ، ۋە « جۇڭگونىڭ ساياھەت ئاستانىسى » ، « ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېۋەتكەن شەھەر » ، « جۇڭگودىكى مۇنەۋۋەر ساياھەت شەھىرى » ، « جۇڭگونىڭ ئۈزۈم ھارىقى شەھىرى » ، « جۇڭگۇ ئۈزۈم ھارىقى يۇرتى » ۋە « جۇڭگونىڭ ئادەمگىياھ مېۋىسىنى ماكانى » قاتارلىق دېگەن كاتتا نامى بار .

يادىكارلىقلىرى[تەھرىرلەش]

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن خۇاڭنياڭنياڭ(خانىش) راۋىقى، يېڭى تاش قوراللار مەدەنىيىتى خارابىسى، تاڭ سۇلالىسىدىكى دايۈن ئىبادەتخانىسىنىڭ مىس قوڭغۇرىقى، خەيساڭ ئىبادەتخانىسى، لوشې مۇنارى، كۇڭزى ئىبادەتخانىسى، قوڭغۇراق مۇنارى، لېيتەي راۋىقى ۋە ئابىدىسى قاتارلىقلار بار. لېيتەيدىكى خەن سۇلالىسى قەبرىستانلىقىدىن چىققان مىستىن ياسالغان چېپىپ كېتىۋاتقان ئات ھەيكىلى دۆلەتنىڭ قىممەتلىك ئاسارئەتىقە بۇيۇمى ھېسابلىنىدۇ

مائارىپ ئىشلىرى[تەھرىرلەش]

2013 - ۋۇۋېي ھەر قايسى مەكتەپ ۋە بالىلار باغچىسى 1098 گە يىتىپ ، 2012 - يىلدىكىدىن 14 ى كۈپەيگەن ، مەكتەپتىكى ۋە بالىلار باغچىسى ئوقۇغۇچىلار 312042 نەپەر، 43192 ئازايغان . بۇنىڭ ئىچىدە : كەسپىي ئالىي مەكتەپ 4 ، ئوقۇغۇچىسى 16 مىڭ ئۇقۇغۇچى ، 1078 كىشى كۆپەيگەن ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ 19 ، ئوقۇغۇچىسى 17258 نەپەر، 109 ئادەم ئازايغان .

ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش مەكتىپى بىر ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ 24 ، ئوقۇغۇچىسى 54800 نەپەر ، 2470 ئازايغان ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ 119، ئوقۇغۇچىسى 69632 نەپەر ، 15841 ئازايغان 735 باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇش نۇقتىسى 152 ، ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپى 2 ، 17 ئازايغان ، ئوقۇغۇچىسى 111605نەپەر ، 26630 ئازايغان بالىلار باغچىسى 196 بولۇپ ، 30 كۆپەيگەن ، باغچىدىكى بالا 42044 نەپەر ، 780 كۈپەيگەن . باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى ، تۇراقلاشقان . ئوقۇش پۈتتۈرۈش نىسبىتى % 100 كە يەتكەن .

تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى % 9 ، مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى % 99.97 بولغان ، ئوقۇش پۈتتۈرۈش نىسبىتى  % 99.98 بولدى . تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى 90.44% بولغان ، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى 99.01% غا يەتكەن .

تەبئىي بايىقلىرى[تەھرىرلەش]

ۋۇۋېيدا بايقالغان تەبئىي بايلىقلار قارا مېتال تۆمۈر ، مانگان، ۋانادىي ، مولبىدىن ، رەڭلىك مېتال مىس ، قوغۇشۇن سىنىك ، نىكېل ، ئېسىل مېتال ئالتۇن ، كۈمۈش ، سىرەك توپا ، لانتان ، سېرىي ، كۆمۈر مايلىق سىلانس ، خىمىيە سانائىتى ، شور ، كۆل تۇزى ، ئۇششاق تاش ۋە كالتسىي ، گۈڭگۈرتلۈك تۆمۈر ، بىناكارلىق ماتېرىياللىرىدىن گەج ، ھاك تاش ، قۇم شېغىل ماتېرىيال خىش - كاھىش سېغىز توپا ، مېتاللورگىيە ، قوشۇمچە ماتېرىياللار، دولومىت ، كۋارتس ۋە باشقا غەيرىي مېتال قېزىلما بايلىقى سىياھ ، كائولىن توپىسى ، كۆك سېغىز ، خرۇستال ۋە يەر ئىسسىقلىقى ، مىنېرال سۇ قاتارلىق 10 خىل ، 36 تۈرى . 2012 -يىلى بايقالغان 100 دىن ئارتۇق تۈرلۈك كان ۋە كان نۇقتىسى بار ، بۇنىڭ ئىچىدە كۆمۈرنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان زاپىسى 1 مىليارد 660 توننا ، مايلىق سىلانس زاپىسى بويىچە 880 مىليۇن توننا ، شور زاپىسى 8 مىليون توننا ، گەج زاپىسى 980 مىليون توننا ، ھاك تېشى زاپىسى 4.02مىليون توننا ، سۈرمە زاپىسى 0.04مىليون توننا .

ئورمان ۋە سۇ بايلىقى[تەھرىرلەش]

2010 - يىلى ئورمان كۆلىمى 757.96 تۈمەن مو ، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى 12.06 پىرسەنت بولغان .

ۋۇۋېيدا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان سۇ بايلىقى مىقدارى يېتەرلىك ئەمەس ،تېرىلغۇ يەرنى مو بېشىغا ئوتتۇرىچە توغرا كېلىدىغان سۇ بايلىقى مىقدارى 220 كۇب مېتىر بۇلۇپ پۈتۈن ئۆلكىنىڭ سەۋىيىسىنىڭ مالنىڭ 1 / 3 ۋە مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىن بولغان ، مەملىكەت بويىچە ئەڭ قۇرغاق ، سۇ قىس رايونلارنىڭ بىرى .

ئىقتىسادى ئەھۋالى[تەھرىرلەش]

2013 - يىلى ۋۇۋېي ئىشقا ئاشۇرغان ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 381.18 مىليون يۈەن بولۇپ ، سېلىشتۇرما باھا بويىچە ھېسابلىغاندا ، 2011 - يىلىدىكىدىن % 12.8 ئاشقانبۇنىڭ ئىچىدە 1 - كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى <89.2 مىليون يۈەن ، 6.83 پىرسەنت ئاشقان 2 كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 166.17 مىليون يۈەن ، % 16.4 ئاشقان .

سىرتقى ئۇلىنىش[تەھرىرلەش]