ۋېرسال سارىيى

ئورنى Wikipedia

دۇنياغا مەشھۇر ۋېرسال سارىيى (خەنزۇچە: 凡爾賽宮) پارىژنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 18 كىلومېتىر كېلىدىغان ۋېرسالغا جايلاشقان ، ئۇ ئىنسانلار سەنئەت خەزىنىسى نۇرلۇق مەرۋايىت بولۇشقا مۇناسىپ .

ۋېرسال سارىيى ھەققىدە[تەھرىرلەش]

ھازىرقى ۋېرسال سارىيى ساراي دەپ ئاتىلىدىغان باشقا ئېلسى سارىيى، ئاقساراي ۋە كىرىمىل سارىيىنىڭ ئەكسىچە ھۆكۈمەت تۈسىنى ئالمىغان ساراي بولۇپ فىرانسىيىدىكى ئەڭ مەشھۇر ئاسارە ئەتىقە. ئۇ ئەسلىدە فرانسىيە پادىشاھلىرىنىڭ ئەسلىدىكى ئوردىسى بولۇپ فرانسىيەدە پادىشاھلىق تۈزۈمنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ ۋېرسال سارىي فرانسىيىنىڭ مەدەنى يادىكارلىق ۋە قىممەتلىك سەنئەت بۇيۇملىرىنى ساقلايدىغان مۇزېي بولۇپ قالغان.

ۋېرسال سارىيى ھەيۋەتلىك بىناكارلىق ئۇسلۇبى بىلەنلا ئەمەس بەلكى يېقىنقى زامان تارىخىنىڭ گۇۋاھچىسى ئىكەنلىكى بىلەن مەشھۇر. 1919-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندا غەلىبە قىلغان دۆلەتلەر بىلەن يېڭىلگەن دۆلەتلەر مۇشۇ يەردە «ۋېرسال شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان.

جۇغراپىيەلىك ئورنى[تەھرىرلەش]

ۋېرسال سارىيى پارىژنىڭ غەربى جەنۇبىدىن 18 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئېفلىن ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى ۋېرسال شەھرىگە جايلاشقان.

قۇرلۇش سەۋەبى[تەھرىرلەش]

ئوتتۇرا ئەسىردە فرانسىيە پادىشاھلىرىنىڭ ئوۋ-ئوۋلاپ كۆڭۈل ئاچىدىغان جايى ئىدى

17-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا فىرانسىيە پادىشاھى لۇئىXIII بۇ يەرگە ئوۋ ئوۋلىغىلى كەلگەندە تۇرىدىغان كىچىك ساراي سالدۇرغان، لۇئىXIV تەختكە ھىققاندىن كېيىن، بۇ يەرگە تەڭداشسىز ئوردا سېلىشنى قارار قىلغان. 1622-يىلى ۋېرسال سېرىيىنىڭ قۇرۇلۇشى باشلانغان ۋە 40مىڭغا يېقىن ئۇستىكارنىڭ 20يىلدىن كۆپرەك كېچە-كۈندۈز ئىشلىشى ئارقىلىق پادىشاھ ئوردىسىنىڭ دەسلەپكى گەۋدىسى تاماملانغان. 1683-يىلى پادىشاھ لۇئىXIV بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن، كېيىنكى پادىشاھلاردىن لۇئىXV ، لۇئىXVI دەۋرىدە بۇ يەرگە يەنە نۇرغۇن يانداش ساراي ۋە زاللار سېلىنىپ 18-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە ۋېرسال سارىيىنىڭ ھازىرقى ھالىتى شەكىللەنگەن.

تۈزۈلىشى[تەھرىرلەش]

ۋېرسال سارىيى ئاساسلىق ساراي ۋە زاللاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ كۆلىمى بىر كۋادىرات كىلومېتىردىن، ئاساسلىق زالنىڭ ئۇزۇنلۇقى 400مېتىردىن ئاشىدۇ، چوڭ -كىچىك ساراي-زاللارمۇ 500ئېغىزدىن كۆپرەك بولۇپ مەركىزىگە پادىشاھ ئوردىسى، ئىككى تەرىپىگە پادىشاھ جەمەتى ۋە ۋەزىرلەرنىڭ ئوردىسى، چېركاۋ، تىياتىرخانا قاتالىقلار بار. ھەممە ئوردا ۋە زاللارنىڭ تۇرۇسى ھەشەمەتلىك نەقىش ۋە تام رەسىملىرى بىلەن بېزەلگەن بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە پادىشاھ مۇراسىم ئۆتكۈزىدىغان ئەينەك زال ئەڭ ھەشەمەتلىك. بۇ زالنىڭ ئۇزۇنلۇقى 73 مېتىر، كەڭلىكى 11مېتىر، ئىگىزلىكى 12.3 مېتىر بولسىمۇ ئوڭ تەرىپىدىكى 17دانە چوڭ ئەينەك ۋە سول تەرىپىدىكى گۈمبەزسىمان چوڭ دەرىزىلەر ، دەرىزە سىرتىدىن ۋە ئۇدۇل تامدىكى ئەينەكلەردىن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ئوردا سىرتىدىكى باغچىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ، كەچقۇرۇن يېقىلىدىغان نەچچە مىڭ شامنىڭ ئەينەكلەرگە چۈشۈپ تۇرىدىغان نۇرى ۋېرسال سارىيىنى ياۋروپادىكىلا ئەمەس دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ساراي بولۇش شەرىپىگە ئېرىشتۈرگەن.

بۈگۈنكى ۋېرسال[تەھرىرلەش]

بۈگۈنكى ۋېرسال سارىيى كۈندە يىلىغا 2مىلىيۇندىن ئارتۇق ساياھەتچى ساياھەتچىنى كۈتىۋالىدىغان فرانسىيە مەدەنىيەت-سەنئىتىنىڭ «نۇرلۇق مەرۋايىتى» غا ئايلىنىپ تۇرماقتا.

ئۇ ئىنسانلار سەنئەت غەزنىسىدىكى نۇرلۇق مەرۋايىت بولۇشقا مۇناسىپ .

قۇرلۇش سەنئىتى[تەھرىرلەش]

ۋېرسال سارىيىغا كلاسسىزم ئۇسلۇبى مىمارچىلىق ، تىك يۈزى ئۆلچەم قىلىدىغان ئۈچ بۆلەكلىك بىر تەرەپ قىلىش ، تىك ، توغرا ، ئۈچ بۆلەك ، بىناكارلىق ، ئوڭ - سول سىممېتىرىك شەكىل ئىزناسى رەتلىك ، سالاپەتلىك ۋە ھەيۋەتلىك بولۇپ ، ئەقلىي گۈزەللىك ۋەكىلى دەپ ئاتالغان . ئىچكى بېزەش بولسا ، باروك ئۇسلۇبىنىڭ ئاساس قىلىش ، ئاز ساندىكى زال روكوكو ئۇسلۇبىنى ئاساس قىلغان.

ئۇ جۇڭگونىڭ كىلاسسىك خانلىق ئۇسلۇبقا ئىگە، پۈتۈنلەي سۈنئىي ئۇسۇلدا ئويۇپ ياسالغان بولۇپ ، ئىنتايىن ئەھمىيەت رەسىملىرى ۋە گېئومېتىرىيىلىك شەكىللەر چۈشۈرۈلگەن .

سىرتقى ئۇلىنىش[تەھرىرلەش]