ۋېنتۋورس مىللېر

ئورنى Wikipedia

ۋېنتۋورس مىللېر Wentworth Miller ) 1972 ) - يىل 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئەنگلىيە نىڭ ئوكىسفوردتادا تۇغۇلغان، ئامېرىكا كىنو-تېلېۋېزىيە ئارتىسى، سىنارىست.

دۆلەت تەۋەلىكى ئامېركا
تۇغۇلغان ۋاقتى 1972 - يىلى 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى
خەنزۇچە نامى 温特沃斯·米勒
بوي ئېگىزلىكى 185 سانتىمىتېر
كەسپى ئارتس، سىنارىست
ئۇيغۇرچە ئىسمى ۋېنتۋورس مىللېر
يۇرتى ئەنگىلىيە ئوكىسفورد

قىقىچە تۇنۇشتۇرۇش[تەھرىرلەش]

ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن نيۇركقا كۆچۈپ بارغان. بالىلىق دەۋرىنى شۇ يەردە ئۆتكۈزگەن. ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇ پۇلستون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەنگلىيە ئەدەبىياتى كەسپىدە ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇ لوس ئانژېلېسقا بېرىپ ئۆزىنىڭ سەنئەت ھاياتىنى باشلىغان. 1991 - يىلى « دىنوزاۋرلار ئىمپېرىيىسى» فىلىمىدە داۋىدنىڭ رولىنى ئالغان. 2005-يىلى تېلېۋېزىيە تىياتىرى <<تۈرمىدى قېچىش>> تا Michael Scofield نىڭ رولىنى ئېلىپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن، شۇنىڭ بىلەن بىراقلا كىنوچىلىق ساھەسىدىكى داڭلىق شەخسلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

ئارتىسلىق ھاياتى[تەھرىرلەش]

1998-يىلى، تېلېۋېزىيە تىياتىرى <<قان شورىغۇچى ئوۋچى بافى>> دا، ئاخىرىدىكى غەلىتە دېڭىز سۇ ئۈزۈش ئەتىرىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى Gage Petronzi نىڭ رولىنى ئالغان

  2000-يىلى، سىرتتىن قاتنىشىدىغان تېلېۋېزىيە تىياتىرى(سەنايى نەپىسە ھەۋەسكارى) <<ئېقىپ يۈرۈش-Popular>> دە، تىياتىردىكى Adam ئىسىملىك سىرلىق پەيدا بولغۇچىنىڭ رولىنى ئالغان.
ئارقىدىن، <<سىنىڭ ھاياتىڭ>> دىكى Nelson نىڭ رولىنى ئالغان. شۇ يىلى، سىرتتىن قاتناشقۇچىلار تېلېۋېزىيە تىياتىرى <<جىددىي قۇتقۇزۇش ئىشخانىسىدىكى ھېكايە>>دا، توپ تىپىۋېتىپ يېقىلىپ چۈشكەن ئالىي مەكتەپ پۇتبول كوماندىسىنىڭ توپچىسى رولىغا چىققان. ئارقىدىن، Colin Cox رېژېسورلوق قىلغان كىنو <<رومىيو ۋە جۇلېت>> تا، جۇلېتنىڭ توي سەۋەبلىك ھەسەتتە پۇچىلانغان گرافنىڭ رولىنى ئالغان.

2001-يىلى 2-ئايدا، ۋېنتۋورس قارا تەنلىك ئايال رېژېسور Erma Elzy-Jones رېژېسورلوق قىلغان قىسقا فىلىم <<302-ئۆي>> دە رول ئالدى.

2001-يىلى 2-ئايدىن 2002-يىلىغىچە ئۇ ئارتىس تەربىيلەش سىنىپىغا قاتناشقان.

2001-يىلى، ۋېنتۋورس ئارتىسلىق كەپسىي ھاياتىدىسىكى بىرىنچى مۇھىم رول --ئامېرىكا فانتازىيە يازغۇچىسى James Gly نىڭ ھېكايىسى << دىنوزاۋر ئىمپېرىيىسى >> گە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن تېلېۋېزىيە تىياتىرىدا رول ئالغان، تىياتىردا ۋېنتۋورس، ئىنتايىن سەزگۈر، ئىچ مىجەزلىك ئەر داۋېينىڭ رولىغا چىققان.

2003-يىلى، Miramax  رېژېسورلوق قىلغان ئانتونى خوپكىنس باش رول ئالغان كىنو <<ئىنسان تەبىئىتىدىكى قارا داغ>> دا، تىياتىردىكى Coleman Silk نىڭ ياشلىق دەۋرىدىكى رولغا چىققان. بۇ ئۇنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك ئۆز ئورنىنى بەلگىلىيەلمەي كەلگەن رولچىغا نىسبەتەن بىر ياخشى سىگنال بولغان بۇلۇپ، چۈنكى رېژېسسور ئۇنى جەزىملەشتۈرگەن.
  2005-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا، <<تۈرمىدىن قېچىش>> فىلىمىدە ئاساسىي رول ئالدى. مەزكۇر فىلىمدە ۋېنتۋورس Michael Scofield دىن ئىبارەت ئەقىللىق، ئېغىر-بېسىق، چوڭقۇر ھېسىياتى بىلەن، ئاق تەنلىك ۋە قارا تەنلىك ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى ھەل قىلغان، ئىنتايىن پىلانلىق ھالدا ئاكىسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن سىرلىق تۈرمىدىن قېچىش ھەركىتىنى تەشكىللىگۈچى، ئىنتايىن تىزلىكتە تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.
2009-يىلى، ئۇ يەنە سىرتتىن قاتناشقۇچىلار تېلېۋېزىيە فىلىمى <<ھەجىۋىي ئائىلە>> نىڭ 7-قىسىمىدا رولغا چىقتى.

2005-يىلى تېلېۋېزىيە تىياتىرى <<تۈرمىدى قېچىش>> تا Michael Scofield نىڭ رولىنى ئېلىپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن، 2010-يىلى، Milla Jovovich بىلەن بىرلىكتە <<بىئو-خېمىيە كىرىزىسى 4: ئاخىرەت>> تە باش رولغا چىققان.

2012-يىلى، پۇ زەن يۈ (كورىيەلىك داڭلىق رېژېسور، 1963-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى كورىيەنىڭ سېئولدا توغۇلغان) رېژېسورلوق قىلغان، Colin Firth ،Nicole Kidma باش رولغا چىققان فىلىم < > (بۇ شۇ يەردىكى بىر جاينىڭ نامى) نىڭ ئاساسىي سىنارىيەسىنى يازغان.

2013-يىلى، <<بىئوخىمىيىلىك تۇيۇقسىز ھۇجۇم>> دا، بىر سەلبىي رولغا چىققان.

2014-يىلى، قورقۇنچلۇق فىلىم <<بالىخانا>> دا رولغا چىقتى. <<چاقماق پالۋان>> دا، ئەترەت باشلىقى رولىغا چىقتى.

2014-يىلى، <<چاقماق پالۋان>> دا ئەترەت باشلىقى رولىنى ئالىغان.

شان-شەرەپلىرى[تەھرىرلەش]

2006-يىلى ئالتۇن نامىنى ئاتاش توپ مۇكاپاتى تېلېۋېزىيە تىياتىرى تۈرى بويىچە ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ئامېرىكا ئالتون توپ مۇكاپاتى

2006-يىلى، 63-نۆۋەتلىك، تېلېۋېزىيە تۈرىدە، تىياتىرچىلىقتىكى ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس تۈرمىدىن قېچىش ئىسمنى ئاتاش مۇكاپاتى

ساتۇرن مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن

2006-يىلى، 32-نۆۋەتلىك، ئەڭ ياخشى تېلېۋېزىيە ئەر باش رولچى تۈرمىدىن قېچىش ئىسمنى ئاتاش مۇكاپاتى

ياش ئۆسمۈرلەر تاللاش مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.

2008-يىلى، 10-نۆۋەتلىك، ئەڭ ياخشى ھەركەتلىك TV ئەر باش رولچى تۈرمىدىن قېچىش ئىسمنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.

2007-يىلى، 9-نۆۋەتلىك، ئەڭ ياخشى ھەركەتلىك TV ئەر باش رولچى تۈرمىدىن قېچىش ئىسمنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.

2006-يىلى، 8-نۆۋەتلىك، ئەڭ ياخشى بۆسۈش ھاسىل قىلغان TV چولپان تۈرمىدىن قېچىش ئىسمنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.

2006-يىلى، 8-نۆۋەتلىك، ئەڭ ياخشى TV ئەر ئارتىس تۈرمىدىن قېچىش ئىسمنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.

شەخىسكە بىرىلگەن باھا[تەھرىرلەش]

ۋېنتۋورس مىللېر تىگىدىن ئەدەبىيات سەنئەتچى، كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، باشقىلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىدۇ، ئەتراپىدىكى ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە كۆزىتىشنى ياقتۇرىدۇ، ئۆزىنىڭ سىنارىيە غايىسى ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشىۋاتىدۇ.