ۋېنىتسىيە خەلقئارا كىنو فېستىۋالى

ئورنى Wikipedia

1932 - يىلى بېنىتو مۇسسۇلىن سۇ شەھىرى ۋېنتسىيىدە دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم خەلقئارالىق كىنو فېستىۋالىنى ئۆتكۈزگەن.

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە نامى :ۋېنتسىيە خەلقئارا كىنو فېستىۋالى


چەتئەلچە نامى :Mostra Internazionale d'Arte Cinematografica di Venezia

قۇرۇلغان ۋاقتى :1932-يىلى

باش ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن :ۋېنىتسىيە سەنئەت بايرىمى

قىسقىچە چۈشەنچە[تەھرىرلەش]

ۋېنتسىيە خەلقئارا كىنو فېستىۋالىۋېنىتسىيە خەلقئارالىق كىنو فېستىۋالى دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇنقى خەلقئارا كىنو فېستىۋالى بولۇپ، ئۇ 1932-يىلى تەسىس قىلىنغان ، مەقسىتى كىنو خىزمەتچىلىرىنىڭ ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ،كىنونىڭ بەدىئىي سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن قۇلايلىق يارىتىشتىن ئىبارەت .ۋېنىتسىيە كىنو فېستېۋالى ھەر يىلى كۆپىنچە 8-، 9- ئايلار ئارىلىقىدا ئۆتكۈزىلىدۇ ،ۋاقتى ئىككى ھەپتە

1932 - يىلى بېنىتو مۇسسۇلىن سۇ شەھىرى ۋېنتسىيىدە دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم خەلقئارالىق كىنو فېستىۋالىنى ئۆتكۈزگەن. ئۇنىڭ مەقسىتى، كىنو خادىملىرىنىڭ ئۆزئارا بېرىش - كېلىش ۋە ھەمكارلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كىنو ستۇدىيىلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىغا قۇلايلىق يارىتىش ئىدى. كېيىن، كىشىلەر ئۇنى «خەلقئارا كىنو فېستىۋالىنىڭ ئاتىسى» دەپ ئاتىغان.

كىنو فېستىۋالىنىڭ ئالاھىدىلىكى[تەھرىرلەش]

بۇ كىنو فېستىۋالى نادىر فىلىملەرنى باھالاپ تاللاش ۋە مۇكاپاتلاشتىن سىرت، يەنە كۆپلىگەن فىلىملەر (باشقا خەلقئارا كىنو فېستىۋاللىرىدا مۇكاپاتلانغان ياكى تاللىنالمىغان فىلىملەر) نى قويۇپ كۆرۈش، ھەر خىل مۇھاكىمە يىغىنلىرى، خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىش، كىنو بازىرىنى ئېچىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەرنى ۋېنتسىيىگە كېلىپ ساياھەت قىلىشقىمۇ جەلپ قىلىدۇ. ھەر قېتىمقىسىدا بىر تېما بولۇش − بۇ كىنو فېستىۋالىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى.

مۇكاپات تۈرلىرى[تەھرىرلەش]

2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرىكى مۇكاپات تۈرلىرى: ئەڭ ياخشى فىلىم مۇكاپاتى، ئەڭ ياخشى رېژىسسور مۇكاپاتى، ئەڭ ياخشى ئەر ئاكتيور مۇكاپاتى، ئەڭ ياخشى ئايال ئاكتيور مۇكاپاتى، ئەڭ ياخشى چەت ئەل فىلىمى مۇكاپاتى، ئەڭ ياخشى ئىتالىيە كىنوسى مۇكاپاتى، ئالاھىدە مۇكاپاتلاردىن ئىبارەت ئىدى. 1946 - يىلىدىن كېيىن ئۇلارغا سان ماركو ئالتۇن شىر مۇكاپاتى، سان ماركو كۈمۈش شىر مۇكاپاتى قاتارلىقلار قوشۇلدى.

ئالاقىدار بايان[تەھرىرلەش]

ۋېنتسىيە خەلقئارا كىنو فېستىۋالى 1934 - يىل ئىككىنچى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن ھەر يىلى بىر قېتىم (2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يەتتە يىل توختاپ قالغان)، كۆپىنچە سەككىز - توققۇزىنچى ئايلاردا ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن، مۇددىتى ئىككى ھەپتە بولغان.

1992-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ۋېنتسىيە كىنو فېستىۋالىدا، جۇڭگولۇق رېژىسسور جاڭ يىمو رېژىسسورلۇق قىلغان فىلىم «چيۇجۈنىڭ ئەرز قىلىشى» ئەڭ ئالىي مۇكاپات − ئالتۇن شىر مۇكاپاتىغا، شۇ فىلىمدە باش رول ئالغان ئاكتيور گۇڭ لى ئەڭ ياخشى ئايال ئاكتيور مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ، جۇڭگو كىنوسى ۋە جۇڭگو ئاكتيورىنىڭ تۇنجى قېتىم ۋېنتسىيە كىنو فېستىۋالىدا ئالىي مۇكاپاتقا ئېرىشىشى ئىدى.

مەنبە:ئىزدە قامۇسى