ۋېينامە. قانقىللار تەزكىرىسى

ئورنى Wikipedia

«ۋېينامە. قانقىللار تەزكىرىسى»(魏书.高车传)

«ۋېينامە» شىمالى چى پادىشاھلىقى (557-550-يىللار) دەۋرىدە ئۆتكەن ۋېي شۈ (572-506- يىللار) قاتارلىق تارىخشۇناسلار تەرىپىدىن تۈزۈلگەن، شىمالىي ۋېي پادىشاھلىقىنىڭ (534-386- يىللار) خاس تارىخى خاتىرلەنگەن. جەمئىي 130 جىلدىلىق تەزكىرە- يىلنامە شەكىلىدە يېزىلغان تارىخى ئەسەر. ۋېي شۈ ئەسلىدە شىمالىي ۋېي پادىشاھلىقىدا خىزمەت قىلغان. كېيىن شىمالىي چى پادىشاھلىقى دەۋرىگە كەلگەندە ھۈدەيچى بەگ قۇشۇمچە پۈتۈكچى بەگلىككە تاينىپ، «ۋېينامە» نىڭ جوڭگو تارىخشۇناسلىقىدىكى ئەڭ زور مۇۋاپىقىيتى شۇكى، ئۇ ئېلىمىز فېئوداللىق جەمئىيتىدىكى «رەسمىي تارىخ»لارنىڭ ئىچىدە تۇنجى بولۇپ ئاز سانلىق مىللەت يۇقىرى قاتلام گۇرۇھلىرىنى ھوكۈمرانلىقلار قاتارىغا كىرگۈزگەن. ئۇنىڭدا ئاساسلىقى جۇڭگونىڭ شىمالىدىكى سىبىر تابغاچلىرىنىڭ (سىيانپى توغباتلىرىنىڭ) مىلادىيە 4- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 6- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە بولغان تارىخى خاتىرلەنگەن. « ۋېينامە »نىڭ مىللەتلەر تارىخىنى خاتىرلەش جەھەتتىككى بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنۇڭدا تابغاچ قەبىلىسدىن باشقا سىبىر قەبىلىلىرنىڭ تارىخى خاتىرلىنىپ، مەزمۇن دائىرىسى شەرقىي شىمال، غەربىي شىمال، غەربىي يۇرۇت ۋە شىمالدىكى نۇرغۇنلىغان مىللەتلەرگە چېتىلغان .

«ۋېينامە»نىڭ جىلىد «قانقىللار تەزكىرىسى(高车传) دە ئاساسلىقى قانقىللارنىڭ قەدىمكى قىزىل دىللاردىن (赤狄)كېلىپ چىققانلىقى دەسلەپ (狄历)دەپ ئاتالغانلىقى ، كېيىن شىمالدىكىلەرنىڭ چىلى (敕勒)، شىيالىقلارنىڭ قانقىل ، دىڭلىڭ (丁零)دەپ ئاتغانلىقى، قانقىللارنىڭ ئالتە قەبىلىسى، 12 ئۇرۇقنىڭ بارلىقى ئۇلارنىڭ ئۆرۈپ- ئادەتلىرى، جۇرجانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ، كېيىن جۇرجانلارغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ئالتاي ۋە تەڭرىتاغ رايۇنلىرىدا قانقىل خانلىقنى قۇرۇش جەريانلىرى، خانلىق قۇرۇلغانىدىن كېيىن جۇرجان، سىبىر، ئېغتالىت قاتارلىق مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئاخىرقى خاندالىقىنىڭ ئاغدۇرلىشى قاتارلىق ئىنتايىن قىممەتلىك تارىخى مەلۇماتلار خاتىرلەنگەن. بۇ مەلۇماتلار كەرچە ئىنتايىن قىسقا، ئاددىي بولسمۇ، لېكىن ئۇ نۆۋەتتە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرنىڭ مىلادىيە 4- ئەسىردىن 6- ئەسىرگىچە بولغان تارىخىي جەرياندىكى ئەگرى- تۇقاي تارىخىي مۇساپىنى ۋە جەمئىيەت ئەھۋالىنى تەتقىق قىلشنىڭ بىرىنچى قول يازما ماتېريالى بولۇپ سانالماقتا. چۈنكى، ئىلىم ساھەسىدىكىلەر نۆۋەتتە دىڭلىڭ (丁零)، قانقىل (高车) ۋە تېلىلار ((铁勒 نى بۈگۈنكى ئۇيغۇر مىللىتنىڭ ئەجداتلىرى ، دىڭلىڭ ، قانقىل ۋە تېلىلارنىڭ تارىخىنى بۈگۈنكى ئۇيغۇر مىللىتنىڭ يىراق قەدىمكى زامان تارىخىنىڭ مۇھىم تەركىنىي قىسمى ، «ۋېينامە. قانقىللار تەزكىرىسى»دە خاتىرلەنگەن قانقىللارنىڭ ئالتە قەبىلىسنىڭ بىرى بولغان يۈەنخې(袁纥) نامنى ئۇيغۇرلار نامىنىڭ تۇنجى قېتىم خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلنىشى، دەپ ھېسابلايدۇ [26].