ۋەيران بولۇش

ئورنى Wikipedia

ۋەيران بولۇش كارخانا ۋە شەخسنىڭ پۈتۈن مال - مۈلكى قەرزىنى قايتۇرۇشقا يەتمىگەن ۋاقىتتا، سوت مەھكىمىسىنىڭ قەرزدار ياكى ھەقدارنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، ئۇنىڭ مال - مۈلكى ياكى سۇندۇرۇپ سېتىشتىن ئېرىشكەن كىرىمىنى ھەقدارغا تەقسىملەپ بېرىش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ. قەرزدارنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى سوت مەھكىمىسى ئېلان قىلىدۇ. ۋەيران بولغانلىقى ئېلان قىلىنغان قەرزدار مال - مۈلۈك ئەھۋالىنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى ۋە ھەقدار بىلەن قەرزدارنىڭ ھېسابات تەكشۈرۈش تىزىملىكىنى تاپشۇرۇشى كېرەك، ئۇنىڭ مال - مۈلكىنى سوت مەھكىمىسى بەلگىلىگەن ھېسابات ئېنىقلىغۇچى كىشى ساقلايدۇ. ھەرقايسى ھەقدارلار بەلگىلىك مۇددەت ئىچىدە راسچوت قىلغۇچىغا ئۆزىنىڭ ھەقدارلىق ھوقۇقىنى ئىلتىماس قىلىدۇ. ھېسابات ئېنىقلىغۇچى كىشى ۋەيران بولغۇچىنىڭ كىرىم - چىقىمىنى بېكىتىدۇ، ئۇنىڭ مال - مۈلكىنى ئېنىقلايدۇ. ئېنىقلانغاندىن كېيىنكى بارلىق مال - مۈلۈك قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ ۋە نىسبەت بويىچە، ھەقدار كىشىگە قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ. ۋەيران بولۇش تەرتىپى ئارقىلىق قەرز ئېنىقلاپ چىقىلغاندىن كېيىن، ھەقدار قايتۇرۇشقا تېگىشلىك سوممىغا تولۇق ئېرىشەلمىسە، قەرزدار قەرز تۆلەش مەسئۇلىيىتىنى يەنە ئۈستىگە ئالمايدۇ. ھەرقايسى ھەقدارنىڭ قەرزدارنىڭ مال - مۈلكىدىن باراۋەر تۆلەمگە ئېرىشىش ھوقۇقىنى، ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن، ھەرقايسى دۆلەتلەر مەخسۇس ۋەيران بولۇشقا ئائىت قانۇنلارنى تۈزۈپ چىقتى. گەرچە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ۋەيران بولۇش قانۇنىنىڭ تۈزۈلۈش تەرتىپى ئوخشىمىسىمۇ، بىراق ھەممىسىلا ۋەيران بولۇشنى ئىلتىماس قىلىش، ئېلان قىلىش، قەرز قايتۇرۇش، ھەقدار بىلەن قەرزدارنى كېلىشتۈرۈش قاتارلىقلارغا ئائىت قانۇن - بەلگىلىمىلەردۇر.1986 - يىل12 - ئاينىڭ12 - كۈنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى كارخانا ۋەيران بولۇش قانۇنى (سىناق نۇسخا)» ئېلان قىلىندى. ۋەيران بولۇش قانۇنىنى يولغا قويۇش ھەقدار ۋە قەرزدارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش، دۆلەتنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي تۇرمۇشنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.[1]

مەنبەلەر[تەھرىر]