ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

ﻛﺮﻭﺭﺍﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯩﺮﯨﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ _ ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ

ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 1900 - ﻳﯩﻠﻰ 3 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 28 - ﻛﯜﻧﻰ ﭘﻪﯞﻗﯘﻟﺌﺎﺩﺩﻩ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ، ﻗﯘﻡ ، ﺗﻮﭘﺎ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﻛﯚﻣﯜﻟﯜﭖ ، ﻏﺎﻳﯩﺐ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻐﺎ 1500 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ ﻛﺮﻭﺭﺍﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﻳﻘﯩﻠﯩﺸﻰ ﺷﯩﯟﯨﺘﺴﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻮﻥ ، ﺋﯧﻜﯩﺴﭙﯩﺪﯨﺘﺴﯩﻴﯩﭽﻰ ﺳﯩﯟﯦﻦ ﮬﯧﺪﯨﻦ ( 1865 - 1952 )ﻧﻰ ﺑﯩﺮﺍﻗﻼ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪﻥ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﺧﺘﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﻯ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻛﺮﻭﺭﺍﻥ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻥ ، ﺑﯩﺮ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎﯞﻯ ﺷﺎﻥ - ﺷﯚﮬﺮﻩﺗﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺸﯩﮕﻪ ﺷﻪﺭﺕ - ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﮬﺎﺯﯨﺮﻻﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﺩﻯ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﻛﺮﻭﺭﺍﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺷﻪﮬﯩﺮﻯ ﺑﺎﻳﻘﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻳﯘﺭﺗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﺩﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﺑﯘ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺩﻩﻝ ﺑﯩﺰ ﻣﯘﺷﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺪﻩ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﺗﯜﺳﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺷﻪﺧﺲ ، ﻟﻮﭖ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯔ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻚ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ 1860 - ﻳﯩﻠﻰ ﻛﯚﻧﭽﻰ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺳﺎﮬﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﺎﺭﺍ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻛﯚﻝ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻛﯚﻝ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ ﻛﯚﻧﭽﻰ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺳﺎﮬﯩﻠﯩﺪﺍ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺋﻮﯞﭼﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯩﭙﯩﻚ ﻟﻮﭘﻠﯘﻗﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺪﻯ . ﺷﯘﯕﺎ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻛﯚﻝ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﻏﻠﯩﻐﺎ ﺩﻩﺭﻳﺎ - ﻛﯚﻟﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﯜﺯﯛﭖ ، ﻛﯚﻛﺘﻪ ﭘﻪﺭﯞﺍﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺧﺎﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﺎﮬﺎﺭﺩﯨﻦ ﺋﻪﯓ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺩﯦﺮﻩﻙ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﻪ ﻗﯘﺷﻰ ﺋﯚﺭﺩﻩﻛﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﻗﻮﻳﺪﻯ .

ﺋﯚﺭﺩﻩﻛﻨﯩﯔ ﺑﻮﯞﯨﺴﻰ ﺋﻮﻣﺎﻕ ﺋﯚﺗﻪﯓ _ ﻗﯘﺭﯗﻗﺘﺎﻍ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻳﺎﻳﻼﻕ ( ﻳﻪﻧﻰ ﺷﯩﻨﺪﻯ _ ﻳﯧﯖﯩﻴﻪﺭ )ﺗﯩﻦ ﻛﻮﻧﺎ ﭼﺎﺭﺍﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﺳﺘﺎ ﺋﻮﯞﭼﻰ ، ﻣﺎﮬﯩﺮ ﺋﯩﺰﭼﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎﻥ ﻗﻮﺷﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﯜﻙ ﻳﯧﺸﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﯞﯨﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺋﻮﯞﭼﯩﻠﯩﻖ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﯟﻩﺗﺘﻰ . ﺋﯘ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﯞﻩ ﻛﯚﻧﭽﻰ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺋﯧﻘﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻳﯧﺮﯨﮕﻪ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ ﺋﺎﻳﺎﻕ ﺑﺎﺳﺘﻰ . ﺋﻮﯞﭼﯩﻠﯩﻖ ، ﺋﯩﺰﭼﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺗﻮﻏﺮﺍﻕ ﻳﺎﻏﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻤﻪ - ﻗﯧﻴﯩﻖ ، ﭼﺎﺭﺍ ( ﺗﻪﯕﻠﻪ ) ، ﺋﯧﮕﻪﺭ ﭼﯧﭙﯩﺸﻨﻰ ﭼﯚﭼﻪﻙ ( ﻳﺎﻏﺎﭺ ﺗﺎﯞﺍﻕ ) ، ﮬﺎﯞﺍﻧﭽﺎ ﺋﻮﻳﯘﺷﻨﻰ ، ﻗﻮﺷﯘﻕ ، ﭼﯚﻣﯜﭺ ﻳﺎﺳﺎﺷﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﯟﺍﻟﺪﻯ . ﺋﯘ ﻟﻮﭖ ﺋﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺟﺎﯕﮕﺎﻟﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺑﯩﭙﺎﻳﺎﻥ ﺗﻮﻏﺮﺍﻕ ﺋﻮﺭﻣﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﺶ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺭﻗﯘﻣﺴﯩﺰ ، ﻣﻪﺭﺩﺍﻧﻪ ﯞﻩ ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻥ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﻰ . ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﯞﭼﯩﻠﯩﻖ ، ﺋﻮﻳﻤﯩﭽﯩﻠﯩﻖ ﻛﻪﺳﭙﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺧﯘﻱ - ﻣﯩﺠﻪﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎ -ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ، ﻗﻮﻟﯘﻡ - ﻗﻮﺷﻨﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻳﯘﺭﺗﺪﺍﺷﻼﺭﻏﺎ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯚﭘﻨﯩﯔ ﺩﯗﺋﺎﺳﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﭼﻜﻪ ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ << ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ >> ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﺘﻰ . ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﯩﻚ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ ﻟﻮﭖ ﺋﯧﻠﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﺯﯗﻟﯘﻕ ﻳﯘﺭﺕ ﺋﻮﻏﻠﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻧﯩﺪﻯ .

ﻳﯧﯖﻰ ﺗﺎﺵ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺩﻩﯞﺭﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﮔﻪﻥ ، ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﺎﺯﺍ ﺭﻭﻧﺎﻕ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ، ﮬﻪﺷﻪﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﻪﻟﺌﻪ - ﻗﻮﺭﻏﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ، ﻛﺎﺗﺘﺎ ﻗﻪﺳﯩﺮ - ﺳﺎﺭﺍﻳﻠﯩﺮﻯ ، ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﯞﯗﻥ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﻛﯚﺯ ﭼﺎﻗﻨﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ - ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺩﯗﺭﺩﺍﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﺮﻭﺭﺍﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻳﯩﺮﺍﻕ - ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﯨﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ، ﺷﻪﺭﻕ ﯞﻩ ﻏﻪﺭﺑﻨﯩﯔ ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﯩﻴﻪ ﮬﻪﻡ ﺳﻮﺩﺍ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻧﯘﻗﺘﯩﻐﺎ ، ﻛﺎﺭﯞﺍﻥ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﯚﺗﻜﻪﻟﮕﻪ ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﯖﻪﻳﻤﯩﭽﻰ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺷﯚﻟﮕﯩﻴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻗﻘﯘﺯﯗﭖ ، ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯩﺰﺍﺭﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﭗ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﻟﺠﺎ ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺋﯩﺮﺍﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﯨﻦ 2 - ﺋﯩﺮﺍﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﻼﭖ ﺧﺎﺭﺍﺑﻠﯩﺸﯩﺶ ، ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﯦﺘﯩﻠﯩﺶ ، ﻗﯧﺰﯨﺶ ، ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﻪﻙ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﯘ ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻥ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﻯ 19 - ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ << ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ >> ﯞﻩ ﻗﯧﺪﯨﺮﯨﭗ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﺷﯩﯟﯨﺘﺴﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﯧﻜﯩﺴﭙﯩﺪﯨﺘﺴﯩﻴﯩﭽﻰ ﺳﯩﯟﯦﻦ ﮬﯧﺪﯨﻦ 1899 - ﻳﯩﻠﻰ 8 - ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻟﻮﭖ ﻛﯚﻟﯩﻨﯩﯔ ﻳﯚﺗﻜﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺗﺎﺭﯨﻢ ، ﻛﯚﻧﭽﻰ ﺩﻩﺭﻳﺎﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻕ ﺋﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯧﺪﯨﺮﯨﭗ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ، ﻟﻮﭖ ﺋﯧﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﯞﭼﯩﻠﯩﻖ ، ﺋﯩﺰﭼﯩﻠﯩﻘﺘﺎ ﻣﻮﻝ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ، ﺯﯦﺮﻩﻙ ، ﻗﻮﺭﻗﯘﻣﺴﯩﺰ ، ﺟﺎﭘﺎﻏﺎ ﭼﯩﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﻣﻪﺭﺩ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻚ ﺗﻪﺭﯨﭙﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﺎﻟﻼﻳﺪﯗ . 1900 - ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯘﺯﺳﯩﺰ ﻛﯚﻝ _ ﻗﺎﺭﺍﻗﻮﺷﯘﻥ ﻛﯚﻟﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ ﻟﻮﭖ ﻛﯚﻟﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﺗﺮﻩﺗﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ . 3 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 27 - ﻛﯜﻧﻰ ( ﺳﻪﻳﺸﻪﻧﺒﻪ ) ﺋﯘﻻﺭ ﻗﺎﺭﺍﻗﻮﺷﯘﻥ ﻛﯚﻟﯩﮕﻪ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 3 - 4 ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﻳﻮﻝ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﺑﯩﺮ ﻳﯘﻟﻐﯘﻧﻠﯘﻗﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ، ﻗﯘﺩﯗﻕ ﻗﯧﺰﯨﭗ ﺳﯘ ﺋﺎﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﺒﯩﺮ ﻗﯧﺰﯨﺶ ﻗﻮﺭﺍﻟﻰ _ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﮔﯜﺭﺟﻪﻛﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻗﻮﻧﺎﻟﻐﯘﺩﺍ ( ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﺪﻩ ) ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺳﻪﭘﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﯘ ﮔﯜﺭﺟﻪﻙ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺯﺍﺩﯨﻼ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ، ﺳﯩﯟﯦﻦ ﮬﯧﺪﯨﻦ << ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﺘﺎ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻛﻮﻣﭙﺎﺳﺘﻪﻙ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﻩﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ >> ﺋﯚﺭﺩﻩﻛﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﯜﺭﺟﻪﻛﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﺪﯗ . ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﺎﺋﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯜﻥ ﻛﻪﭼﻜﻪ ﻗﯩﻴﯩﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﻏﯘﺭ - ﻏﯘﺭ ﭼﯚﻝ ﺷﺎﻣﯩﻠﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ، ﻗﯘﻡ - ﺷﻮﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﯘﭼﯘﺭﯗﭖ ، ﻣﯧﯖﯩﺸﻨﻰ ﻗﯩﻴﯩﻨﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ . ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﺋﻪﺩﻩﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﯘﻡ ، ﺑﻮﺭﺍﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ ﺋﯚﺯ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺴﮕﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ، ﺑﻮﺭﺍﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻗﯩﻴﭙﺎﺵ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪﻳﺪﯗ . ﭼﯚﻝ ﺷﺎﻣﯩﻠﻰ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﺎﺭﺍ ﺑﻮﺭﺍﻧﻐﺎ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﻰ ﻗﯘﻡ - ﺗﻮﭘﺎ ﻗﺎﭘﻼﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ ﭼﯩﺸﯩﻨﻰ ﭼﯩﺸﯩﻐﺎ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪﭖ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺭﺩﺍﯕﻠﯩﻘﻘﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ - ﺩﻩ ، ﻳﺎﺭﺩﺍﯕﻠﯩﻘﺘﺎ ﺑﻮﺭﺍﻧﺪﯨﻦ ﺩﺍﻟﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﭽﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯗ . ﺗﺎﯕﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﺭﺍﻥ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﺋﻪﺗﺮﺍﭖ ﻳﻮﺭﯗﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻘﺎ ﺳﯩﻨﭽﯩﻼﭖ ﻗﺎﺭﺍﯞﯦﺘﯩﭗ ، ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﻼ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺑﻮﯞﯨﺴﻰ ﺋﻮﻣﺎﻕ ﺋﯚﺗﻪﯓ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺑﻪﻙ ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯘ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻧﻪﭘﯩﺲ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﻏﺎﭺ ﺑﯧﺰﻩﻛﺘﯩﻦ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ، ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﺴﯩﮕﻪ ﭘﯜﻛﯜﯞﯦﻠﯩﭗ ﮔﯜﺭﺟﻪﻛﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﺷﻜﻪ ﻣﺎﯕﯩﺪﯗ . ﺋﯘ ﮔﯜﺭﺟﻪﻛﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﻳﯧﯖﻰ ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﯩﭽﻪ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﻡ ﺑﺎﺭﺧﺎﻧﻰ ، ﮬﻪﺭ ﺗﯜﭖ ﻳﯘﻟﻐﯘﻥ ، ﺗﻮﻏﺮﺍﻕ ﯞﻩ ﭼﻮﻗﭽﯩﻴﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ﺩﻭﻗﺎﻝ - ﺗﯚﻣﺒﻪﻟﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﻪﻟﮕﻪ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻣﺎﯕﯩﺪﯗ . ﺋﯚﺭﺩﻩﻛﺘﯩﻦ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻪﭘﺴﯩﻼﺗﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﺳﯩﯟﯦﻦ ﮬﯧﺪﯨﻦ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﭼﺎﭼﺮﺍﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ، ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﯞﺳﯩﺰ ﺋﯩﺸﻘﯩﻼﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ، ﭼﺎﻻ - ﺑﯘﻻ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺗﯩﻠﺪﺍ : << ﺷﯘ ! ﺩﻩﻝ ﺷﯘ ! >> ﺩﻩﭖ ﺗﻮﯞﻻﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﮬﺎﻳﺎﻟﺴﯩﺰ ﺋﻪﺗﺮﻩﺗﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻥ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ . ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﺎﺯ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﺋﯘ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﻧﯧﺮﯨﺪﺍ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﭖ ، ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ . ﺧﯧﻠﻰ ﺋﯘﺯﺍﻗﻘﯩﭽﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﺋﯘ ﻳﻪﺭﻧﻰ ﻛﻮﻻﭖ ، ﺑﯘ ﻳﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻗﺘﯘﺭﯗﭖ ، ﺋﯘﻧﻰ - ﺑﯘﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﺪﯗ . ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗ ، ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﺯﺩﯗﺭﯨﺪﯗ ، ﻳﯩﻐﺪﯗﺭﯨﺪﯗ . ﺋﯚﺯﻯ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚﭖ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﯨﺪﯗ ، ﺳﯩﺰﯨﺪﯗ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎﺯﺩﯗﺭﻏﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺯ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ . ﺑﯘ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﺎﻧﺪﯗﻗﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﯞﺍﻳﻼﭖ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﻗﺎﭼﯩﻠﯩﺘﯩﺪﯗ .

ﺑﯘ ﺩﻩﻝ 1900 - ﻳﯩﻠﻰ 3 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 28 - ﻛﯜﻧﻰ ( ﭼﺎﺭﺷﻪﻧﺒﻪ ) ﺋﯩﺪﻯ . ﺳﯩﯟﯦﻦ ﮬﯧﺪﯨﻦ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﺮﺍﮬﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﺭﺩﺍﯕﻠﯩﻘﺘﺎ ﻛﯧﺴﻪﻛﺘﻪ ﻗﻮﭘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﮔﻤﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﭖ ﻛﻮﻻﻳﺪﯗ . ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻜﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﺋﯩﺸﯩﻜﺘﯩﻦ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺑﯧﻘﯩﺸﻘﺎ ﭘﯧﺘﯩﻨﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺳﯩﯟﯦﻦ ﮬﯧﺪﯨﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ ﺋﯩﺸﯩﻜﺘﯩﻦ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ . ﻗﺎﺭﯨﺴﺎ ، ﺋﯚﻱ ﺋﯩﭽﻰ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﭼﻮﯓ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﺋﯚﻳﺪﻩ ﺋﯚﺭﻩ ﺗﯩﻜﻠﻪﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ، ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻗﯘﭼﯩﻘﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻛﻪﻟﮕﯜﺩﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﻏﯘﻻﭺ ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻜﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﭽﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﯘﭖ ﻳﺎﺳﯩﻐﺎﻥ ﺳﺎﻧﺪﯗﻗﺴﯩﻤﺎﻥ ﺟﺎﮬﺎﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ . ﺋﯘﻧﻰ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﻛﻪﺗﻜﯜﺯﯨﯟﯦﺘﯩﭗ ﺳﯩﯟﯦﻦ ﮬﯧﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﺎﻏﺰﯨﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ . ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﯧﺘﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻣﺎﯕﯩﺪﯗ . . . ﺳﯩﯟﯦﻦ ﮬﯧﺪﯨﻦ ﺳﯘ ، ﺋﻮﺯﯗﻕ ، ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﯞﺍﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺮﻯ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﺴﻰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﻛﯧﺰﯨﺸﻨﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﻛﯧﻠﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﻛﯚﯕﻠﯩﮕﻪ ﭘﯜﻛﯜﭖ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ . ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯘ ﺧﺎﺭﺍﺑﻪ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻗﯧﺪﯨﺮﯨﭗ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﻟﯜﭖ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻏﺎﻳﯩﺐ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻣﯩﯔ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯜﺯ ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﻛﺮﻭﺭﺍﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﺗﺎﯓ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯗ . ﺷﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﺪﺍ ﺑﯘ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﭖ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﻛﯚﻣﯜﻟﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻗﻮﺭﻗﻤﺎﻱ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺳﺎﻧﺪﯗﻗﺴﯩﻤﺎﻥ ﺟﺎﮬﺎﺯﯨﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﺸﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ، ﺳﯩﯟﯦﻦ ﮬﯧﺪﯨﻦ ﺋﯚﺭﺩﻩﻛﻜﻪ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻛﯚﭖ ﮬﻪﻕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . ﺑﯘ ﺩﻩﻝ ﺋﯚﺭﺩﻩﻛﻨﯩﯔ 38 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﺗﻘﺎﻥ ، ﺗﺎﺯﺍ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻪﺭﺩﻩﻡ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ . ﺩﯦﻤﻪﻙ ، ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ 38 ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﭘﻪﯞﻗﯘﻟﺌﺎﺩﺩﻩ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻳﻘﺎﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﺎﺵ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﺭ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻼ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 5 - ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻦ 15 ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺋﯩﺰ - ﺩﯦﺮﻩﻛﺴﯩﺰ ﻳﻮﻗﺎﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺑﯚﺷﯜﻛﻰ ، ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻥ ﺷﻪﮬﯩﺮﻯ _ ﻛﺮﻭﺭﺍﻧﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ، ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﭼﻤﻪﺱ ﺗﯚﮬﭙﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ ، ﺳﯩﯟﯦﻦ ﮬﯧﺪﯨﻨﮕﯩﻤﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪﻥ ﺳﺎﮬﻪﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺷﯚﮬﺮﻩﺕ ﺗﺎﺟﻰ ﻛﯩﻴﺪﯛﺭﮔﻪﻥ . ﺳﯩﯟﯦﻦ ﮬﯧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ 2 - ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺋﯧﻜﯩﺴﭙﯩﺪﯨﺘﺴﯩﻴﯩﺴﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﺸﯩﭗ 8 ﺗﻮﻣﻠﯘﻕ << 1889 - 1902 - ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﻪﺭ >> ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺩﻭﻛﻼﺗﻰ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﯩﻨﻰ ﺗﯜﺯﯛﭖ ، 1904 - ، 1907 - ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯨﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻟﻮﭖ ﺋﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯧﻜﯩﺴﭙﯩﺪﯨﺘﺴﯩﻴﯩﺪﻩ ﺳﺎﺩﯨﻖ ﻳﻮﻟﺒﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺩﻭﺳﺖ ، ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻠﯩﻚ ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯚﺭﺩﻩﻛﻨﯩﯔ ﺑﺎﻻ - ﭼﺎﻗﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯘﺭﺗﯩﻐﺎ ﺋﯚﺯ ﻓﻮﻧﺪﯨﺪﯨﻦ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﭘﯘﻝ ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﯞﻩﺳﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .

ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ 1901 - ﻳﯩﻠﻰ 12 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 29 - ﻛﯜﻧﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﺳﯩﯟﯦﻦ ﮬﯧﺪﯨﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻮﺷﻼﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﻳﯘﺭﺗﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯚﺯﻯ ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﺴﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﯧﻜﯩﺴﭙﯩﺪﯨﺘﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﮬﻪﻣﺪﻩ 1910 - ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﻡ ﺑﺎﺭﺧﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻳﺪﯗ . ﺑﯘ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ << ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ >> ، << 5 - ﻧﻮﻣﯘﺭﻟﯘﻕ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ >> ، << ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ >> ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﻯ . 1927 - 1935 - ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﻘﺎﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮ - ﺷﯩﯟﯨﺘﺴﯩﻴﻪ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ﺋﯧﻜﯩﺴﭙﯩﺪﯨﺘﺴﯩﻴﻪ ﺋﻪﺗﺮﯨﺘﻰ ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ، ﺗﺎﺭﯨﻢ ﯞﻩ ﻛﯚﻧﭽﻰ ﺩﻩﺭﻳﺎﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ 1921 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻗﯘﻡ ﺩﻩﺭﻳﺎ ( ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ ، ﻛﯚﻧﭽﻰ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯧﻘﯩﻨﻰ ) ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ ﻟﻮﭖ ﻛﯚﻟﯩﮕﻪ ﻗﯘﻳﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺑﯩﺮ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﺎ ﻛﯧﻤﻪ ﺋﻪﺗﺮﯨﺘﻰ ﺳﯘ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻟﻮﭖ ﻛﯚﻟﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . 1934 - ﻳﯩﻠﻰ 4 - ﺋﺎﻳﺪﺍ ، ﺳﯩﯟﯦﻦ ﮬﯧﺪﯨﻨﻨﯩﯔ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﭼﺎﺭﺍﺩﯨﻜﻰ ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺳﺎﺩﯨﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ، ﺩﻩﺭﻳﺎﺩﺍ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺳﯩﯟﯦﻦ ﮬﯧﺪﯨﻨﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﯩﺪﯗ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺸﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ 30 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻛﻪﭼﯜﺭﻣﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﺘﺎ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . ﺳﯩﯟﯦﻦ ﮬﯧﺪﯨﻦ ﮬﻪﻣﺮﺍﮬﻰ ، ﺷﯩﯟﯨﺘﺴﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﺭﺧﯧﺌﻮﻟﻮﮒ ﻓﻮﻥ ﺑﺮﮔﻤﺎﻥ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﺎ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﭖ ، ﺋﯚﺭﺩﻩﻛﻨﯩﯔ ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﺸﯩﺪﺍ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮﻥ ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﺰﺩﻩﺷﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ 1934 - ﻳﯩﻠﻰ 6 - ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻤﯘ ﻛﺮﻭﺭﺍﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺷﻪﮬﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻩﯞﺭﺩﺍﺵ ﮬﻪﻡ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺗﻪﯞﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻟﻮﭖ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﺘﻪ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺯﻭﺭ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﺪﻯ . ﺑﯘ ﻗﻪﺑﺮﻩ ﻗﯧﺪﯨﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ 70 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﺎﺷﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﻮﯞﺍﻳﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ . ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﺎﺭﺧﯧﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ 1500 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺧﯩﺴﻠﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺋﯚﻣﺮﯨﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻏﯘﻝ ، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ _ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ . ﻗﯩﺰﻯ ﮔﯚﺩﻩﻙ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﯨﻼ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ . ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺳﺎﺩﯨﻖ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺩﻩﺷﺖ - ﺑﺎﻳﺎﯞﺍﻥ ، ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺟﺎﯕﮕﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﻛﯧﺰﯨﭗ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻥ ﺋﻮﻏﻠﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ . 1934 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﺮﻭﺭﺍﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﺴﯩﮕﯩﭽﻪ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ . ﺋﯘ ﺋﺎﯞﺭﯨﻞ ﺳﺘﻪﻳﻨﮕﯩﻤﯘ ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘ ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ، ﻳﻪﻧﻰ 1940 - ﻳﯩﻠﻰ 2 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 28 - ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ . ﺳﺎﺩﯨﻘﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﻯ ﻧﯩﻴﺎﺯﺧﺎﻥ ﮬﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﮬﺎﻳﺎﺕ ، ﺋﯘ 70 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﺎﺷﻼﺭﺩﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻟﻮﭘﻨﯘﺭ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ﺷﯩﯖﭙﯩﻚ ﻳﯧﺰﺍ ﺗﯘﯕﭽﯩﻜﻪ ﻛﻪﻧﺘﯩﺪﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯨﺪﯗ . ﻧﯩﻴﺎﺯﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﯩﺴﻤﺎﻳﯩﻞ ﺳﺎﺩﯨﻖ ﻟﻮﭘﻨﯘﺭ ﺗﺎﺷﻴﻮﻝ ﺋﻮﭼﺎﺳﺘﯩﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﯧﺸﻘﻪﺩﻩﻡ ﺋﯩﺸﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﭘﯧﻨﺴﯩﻴﯩﺪﻩ . ﺧﻮﺗﯘﻥ - ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯜﻙ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﻣﻪﻛﺘﻪ . ﮔﻪﭘﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﺳﺎﻕ ، ﺋﯘ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎ ﺧﯩﺮﻗﻰ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﭼﺎﺭﺍ ، ﻳﯧﯖﯩﺴﯘ ، ﺋﺎﺑﺪﺍﻝ ، ﺋﺎﺭﻏﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻛﯧﻠﯩﭗ - ﻛﯧﺘﯩﭗ ، ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﭙﺎﻳﺎﻥ ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ، ﺑﯚﻙ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺗﻮﻏﺮﺍﻗﺰﺍﺭﻻﺭﺩﺍ ﯞﻩ ﺗﻮﻗﺎﻱ - ﺟﺎﯕﮕﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ . ﺋﯘ 1944 - ﻳﯩﻠﻰ 84 ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﻳﯧﯖﯩﺴﯘ ، ﺋﺎﺭﻏﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ . ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻟﻮﭘﻨﯘﺭ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ، ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ ﯞﻩ ﻟﻮﭖ ﺋﯧﻠﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﮬﻪﻡ ﺗﻪﻗﻠﯩﺪﯨﻲ ﺑﯘﻳﯘﻣﻼﺭ ﻳﯩﻐﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺑﯘ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺸﯩﻐﺎ ﯞﻩ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻤﻪﻛﺘﻪ . ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ _ ﻟﻮﭖ ﺋﯧﻠﯩﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﭖ ، ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﺪﺍ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﻛﯚﭼﯜﺭﮔﻪﻥ ، << ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﺘﯩﻜﻰ ﻳﻮﻟﻼﺭﻧﻰ ﺑﻪﺵ ﺑﺎﺭﻣﺎﻗﺘﻪﻙ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ >> ( ﻓﻮﻥ ﺑﯩﺮﮔﻤﺎﻥ ) ، ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ ﭘﯜﺗﯜﻟﮕﻪﻥ ، ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﺧﯧﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﯩﻚ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯧﻜﯩﺴﭙﯩﺪﯨﺘﺴﯩﻴﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺗﯘﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺷﻪﺧﺴﺘﯘﺭ .

ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﻐﺎﻥ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭ :

(1) ﻣﯚﻳﺪﯨﻦ ﺳﺎﺑﯩﺖ : << ﻟﻮﭘﻨﯘﺭ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﯩﻠﯩﺮﻯ >> ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 2003 - ﻳﯩﻞ 4 - ﺋﺎﻱ 1 - ﻧﻪﺷﺮﻯ

(2) ﻏﺎﻟﯩﭗ ﺑﺎﺭﺍﺕ ﺋﻪﺭﻙ : << ﻛﺮﻭﺭﺍﻥ ﺋﯧﻠﯩﺪﻩ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﮬﺎﻳﺎﺕ >> ، ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻧﯘﺳﺨﺎ

(3) ﺋﺎﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻦ : << ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺕ ﺗﺎﺷﻜﯧﻤﯩﺮ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ >> ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1998 - ﻳﯩﻞ 8 - ﺋﺎﻱ 1 - ﻧﻪﺷﺮﻯ