ﺋﺎﻏﺎﺧﺎﻥ IV

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search
His Highness the Aga Khan (15760993697).jpg

ﺋﺎﻏﺎﺧﺎﻥIV- مىلادى 1936-ﻳﯩﻠﻰ 12-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺷﯩﯟﯨﺘﺴﺎﺭﯨﻴﻪﻧﯩﯔ ﺟﻪﻧﯟﻩ ﺷﻪﮪﺮﯨﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ, 1957-ﻳﯩﻠﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻠﯩﻴﻪ ﻣﻪﺯﮪﯩﺒﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻤﺎﻣﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ, ﮪﺎﺯﯨﺮ ﻳﻪﺗﻤﯩﺶ ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺋﺎﻏﺎﺧﺎﻥ IV, ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﻣﯘﮪﻪﻣﻤﻪﺩﺷﺎﮪ ﺋﺎﻏﺎﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﯜﻟﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﯞﻩ ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ, ﺷﯩﯟﯨﺘﺴﺎﺭﯨﻴﻪﺩﻩ ﻳﻪﺭ-ﻣﯜﻟﯜﻙ ﯞﻩ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﺳﻮﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﭘﺎﻳﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ, ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﯩﻴﺎﺭﺩ 500ﻣﯩﻠﯩﻴﯘﻥ ﺩﻭﻟﻼﺭﻟﯩﻖ ﻣﯜﻟﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ 1995-ﻳﯩﻠﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﯩﺪﻩ 311-ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﺍ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺖ ﻗﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ, ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ 200ﻣﯩﻠﯩﻴﯘﻥ ﺩﻭﻟﻼﺭ ﺗﯚﻟﻪﻡ ﺗﯚﻟﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ, ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﮪﯩﻨﺪﻯ ﺋﻮﻛﻴﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺷﻘﯩﻦ ﺋﺎﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﺋﯜﭼﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺑﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺳﻪﺭﭖ ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ, 2007-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﻏﺎﺧﺎﻥIV ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ ﺩﻭﻟﻼﺭﻟﯩﻖ ﺷﻪﺧﺴﻰ ﻣﯜﻟﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ, ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﻪ ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﻪ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯖﻤﯘ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺗﯩﺰﯨﻠﯩﭗ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺋﻮﻧﯩﻨﭽﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ «ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪ» ﮪﯩﺴﺎﭘﻼﻧﺪﻯ.

ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺮﺍﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ﮔﯘﺭﯗﮪﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﺎﻥ ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭﻩﮪﺒﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻏﺎﺧﺎﻥIV ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﺷﯩﺌﻪ ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻠﯩﻴﻪ ﻣﻪﺯﮪﯩﺒﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﻣﻪﺯﮪﯩﺒﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻧﯩﺰﺍﺭﻯ ﺋﯧﻘﯩﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻤﺎﻣﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺩﯨﻨﻰ ﺋﯜﻧﯟﺍﻥ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻦ ﺳﯜﻧﻨﻰ ﻣﻪﺯﮪﻪﺑﻨﯩﯔ ﺧﻪﻟﯩﭙﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ 12 ﺋﯩﻤﺎﻡ ﻣﻪﺯﮪﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻳﺎﺗﯘﻟﻼﮪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭ ﮪﯩﺴﺎﺑﻼﻧﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻠﯩﻴﻪ ﻣﻪﺯﮪﯩﺒﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮﻩﺭﻣﯘ ﺩﯙﻟﻪﺗﺘﻪ ﮪﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﻗﯘﺭﺍﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺳﺎﺩﯨﻘﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﻤﺎﻡ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﺴﯩﻨﻰ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ. ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﺋﺎﻏﺎﺧﺎﻥIV ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﯞﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﺗﻪﯓ ﺗﯘﺗﯘﻟﻐﺎﻥ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﭖ ﺋﯚﺯ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯜﻧﮕﻪ ﻣﯘﺳﺘﻪﮪﻜﻪﻣﻠﯩﻤﻪﻛﺘﻪ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻠﯩﻴﻪ ﻣﻪﺯﮪﯩﺒﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺧﺎﻟﯩﺲ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ.

ﺋﺎﻏﺎﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﻮﯞﯨﺴﻰ ﺋﺎﻏﺎﺧﺎﻥ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ(ﮪﻪﺳﻪﻥ ﺋﻪﻟﻰ ﺷﺎﮪ 1804-1885) ﺋﯩﺮﺍﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻠﯩﻴﻪ ﻣﻪﺯﮪﯩﺒﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻤﺎﻣﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻧﻪﺳﻪﭖ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻦ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺷﯩﺌﻪ ﻣﻪﺯﮪﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻓﺎﺗﯩﻤﯩﻴﻪ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺩﻯ ﺋﯩﺪﻯ. 1818-ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺮﺍﻥ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪﻰ ﺋﻪﻟﻰ ﻗﺎﺟﺎﺭﺧﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﻰ ﺋﯩﺘﯩﭙﺎﻗﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ, ﻏﻪﻳﺮﻯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺴﻪﭖ ﺗﯜﺯﯛﺵ ﻣﻪﻗﺴﯩﺪﯨﺪﻩ ﺷﺎﮪ ﺋﺎﻏﺎﺧﺎﻥ ﺋﯜﻧﯟﺍﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﺘﯩﻦ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﯞﻩ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﺎﮪﺎﻟﯩﺴﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻠﯩﻴﻪ ﺋﻪﮔﻪﺷﻜﯜﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺮﻣﺎﻥ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﯞﺍﻟﯩﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.

ﺋﯩﺮﺍﻧﺪﺍ 12ﺋﯩﻤﺎﻡ ﻣﻪﺯﮪﯩﺒﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ, ﺋﺎﻏﺎﺧﺎﻥ ﺋﯩﺮﺍﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻠﯩﻴﻪ ﻣﯘﺭﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺟﯘﯕﮕﯘ ﺗﺎﺷﻘﻮﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻠﯩﻴﻪ ﻣﻪﺯﮪﯩﺒﯩﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﺟﯩﻜﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ 1848-ﻳﯩﻠﻰ ﮪﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﯘﭖ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ ﯞﻩ ﮪﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﻨﻰ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﺗﯩﯟﺍﺭﻻﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﺎﻏﺎﺧﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ1885 - ﻳﯩﻠﻰ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻠﯩﻴﻪ ﻣﻪﺯﮪﯩﺒﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻤﺎﻣﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﺗﯩﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﻪﺯﮪﻪﭖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻥ. 

ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﺎﻏﺎﺧﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﮪﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻠﯩﻴﻪ ﻣﯘﺭﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺷﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﯞﻩ ﺑﻮﻣﺒﺎﻱ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﺍﮪﯩﻴﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ, ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﮪﻪﺯﺭﯨﺘﻰ ﺋﻪﻟﯩﻨﯩﯔ 47 - ﺋﻪﯞﻻﺩﻯ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﮪﻪﺗﺘﺎ ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪﻠﯩﻖ ﺗﯜﺯﯛﻣﻨﻰ ﺗﯩﺮﯨﻠﺪﯛﺭﯛﺷﻜﻪ ﺋﯘﺭﯗﻧﻐﺎﻥ. ﺋﺎﻏﺎﺧﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﮪﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﺗﻮﭘﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﭼﻪﯞﻩﻧﺪﺍﺯﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﯕﻖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ, ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻳﯩﻐﯩﭗ ﺋﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﺍﯕﻘﻰ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ-ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﭘﯘﺭ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺋﺎﻏﺎﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ, ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﺪﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻣﯘﺧﻠﯩﺴﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ. 

1906-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﻏﺎﺧﺎﻥ ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﺍ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﮪﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺗﯜﺳﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﮪﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﺭﻩﺋﯩﺴﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺋﺎﻏﺎﺧﺎﻥ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ(1877-1957) ﻛﺎﺭﺍﭼﯩﺪﺍ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮪﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﺘﯩﭙﺎﻗﯩﺪﺍ ﺳﯜﻧﻨﻰ ﻣﻪﺯﮪﻪﭘﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﻨﻰ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﻪﭖ ﺋﺎﻏﺎﺧﺎﻥ ﻗﻮﻟﻼﺷﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﻪﮔﻪ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺳﯜﺭﯨﻴﻪ, ﮪﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ, ﺋﻮﻣﺎﻥ ﯞﻩ ﺯﺍﻧﺰﯨﺒﺎﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯩﻜﻰ ﺋﻮﻧﺒﻪﺷ ﻤﯩﻠﯩﻴﯘﻥ ﻣﯘﺧﻠﯩﺲ ﺋﺎﻏﺎﺧﺎﻧﻨﻰ «ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﺗﻮﻏﺮﺍ», «ﻧﯘﻗﺴﺎﻧﺴﯩﺰ, ﻛﺎﻣﯩﻞ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ», «ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻟﯩﻖ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﻰ» ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ, ﮪﻪﺭ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻛﯩﺮﯨﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ.

1945-ﻳﯩﻠﻰ ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻏﺎﺧﺎﻥ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺏ ﺩ ﺕ ﺩﺍ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﮪﻮﻟﻠﯩﯩﯟﻭﺩ ﭼﻮﻟﭙﯩﻨﻰ ﺭﯨﺘﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. 60-ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭘﯘﻝ-ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍﻟﯩﺸﯩﭗ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﺭﺍﯞﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﭼﻜﻪ ﺋﺎﻏﺎﺧﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺷﺮﻩ ﻳﯩﻐﻤﯩﻘﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﭼﻜﻪ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ ﺗﯧﺰ ﻛﯚﭘﻪﻳﮕﻪﻥ. 

ﺋﺎﻏﺎﺧﺎﻥ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪﯞﺭﯨﺴﻰ, ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﺩﺍ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﭖ, ﻛﯩﻨﯩﻴﻪﺩﻩ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﯘﭖ,  ﻟﻮﺱ ﺋﺎﻧﺠﯩﻠﯩﺴﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻛﯚﭼﻤﻪﻧﻠﻪﺭ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﻏﺎﺧﺎﻥ ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ (ﻛﻪﺭﯨﻢ ﺋﻪﻟﻰ ﮪﯜﺳﻪﻳﯩﻦ) ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻟﻮﺱ ﺋﺎﻧﺠﯩﻠﯩﺴﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ, 1977-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﯩﺪﯨﻦ «ﺋﺎﻏﺎﺧﺎﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ»ﻧﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﺪﻯ. 

ﺋﯜﭺ ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﻪﯓ ﻧﺎﺩﯨﺮ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﯚﮪﭙﻪ ﻗﻮﺷﻘﯘﭼﯩﻐﺎ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻏﺎﺧﺎﻥ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ, 500ﻣﯩﯔ ﺩﻭﻟﻼﺭ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ ﺳﻮﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺳﻮﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﮪﯩﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﮪﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﻣﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ, ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﻣﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ, ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﻣﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ, ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮔﯩﺮﯨﺘﺴﯩﻴﻪ ﻣﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ, ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺮﺍﻕ ﻣﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ, ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﯩﺮﯨﻼﻧﻜﺎ ﻣﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ, ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻣﺎﻻﻳﺴﯩﻴﻪ ﻗﻮﺷﻤﺎﻕ ﻧﯧﻔﯩﺖ ﻣﯘﻧﺎﺭﯨﻨﻰ ﻻﻳﯩﮭﻪﻟﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻣﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﻟﺪﻯ.[1]

مەنبە[تەھرىرلەش]