ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﺧﻪﻟﻖ جۇمھۇرىيىتى نىكاھ قانۇنى

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﺧﻪﻟﻖ جۇمھۇرىيىتى نىكاھ قانۇنى

(1980-ﻳﯩﻞ 9-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 10-ﻛﯜﻧﻰ 5-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯩﻨﯩﯔ 3-ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﻣﺎﻗﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ، 2001-ﻳﯩﻞ 4-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 28-ﻛﯜﻧﻰ 9-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ 21-ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻨﯩﯔ «ﺟﯘﯕﺨۇا ﺧﻪﻟﻖ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴىتى ﻧﯩﻜﺎﮪ ﻗﺎﻧﯘﻧىغا ﺗﯜﺯﯨﺘﯩﺶ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﺵ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍﺭ»ﯨﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺗﯜﺯﯨﺘﯩﻠﮕﻪﻥ)

باپلار[تەھرىرلەش]

1.ﺑﺎﺏ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭗ[تەھرىرلەش]

1. ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺑﯘ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻧﯩﻜﺎﮪ ﯞﻩ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﭖ ﻣﯩﺰﺍﻧﻰ.

2-ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻧﯩﻜﺎﮬﺘﺎ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺧﻮﺗﯘﻧﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﺋﻪﺭ-ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻧﯩﻜﺎﮪ ﺗﯜﺯﯛﻣﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﯞﻩ ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻲ ﮬﻮﻗﯘﻕ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﯩﺘﻰ ﻗﻮﻏﺪﯨﻠﯩﺪﯗ. پلاﻨﻠﯩﻖ ﺗﯘﻏﯘﭖ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺪﯗ.

3-ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻧﯩﻜﺎﮬﻘﺎ ﭼﺎﺕ ﻛﯧﺮﯨﯟﯦﻠﯩﺶ، ﻧﯩﻜﺎﮬﺘﺎ ﺳﻮﺩﯨﻠﯩﺸﯩﺶ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﻧﯩﻜﺎﮪ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻼﺭ ﻣﻪﻧﺌﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻧﯩﻜﺎﮬﺘﯩﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﭘﯘﻝ-ﻣﺎﻝ ﺋﯜﻧﺪﯛﺭﯛﯞﯦﻠﯩﺶ ﻣﻪﻧﺌﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻗﻮﺵ ﻧﯩﻜﺎﮬﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﻪﻧﺌﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺟﻮﺭﯨﺴﻰ ﺑﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻱ ﺗﯘﺗﯘﺷﻰ ﻣﻪﻧﺌﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﻧﺌﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺧﻮﺭﻟﯩﺸﻰ، ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺸﻰ ﻣﻪﻧﺌﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

4-ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺋﻪﺭ-ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﺎﺩﯨﻖ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﮬﯚﺭﻣﻪﺗﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ؛ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ ﭼﻮﯕﻼﺭﻧﻰ ﮬﯚﺭﻣﻪﺗﻠﻪﭖ، ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺰﺯﻩﺗﻠﯩﺸﻰ، ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ، ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭ، ﺋﯩﻨﺎﻕ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻲ ﻧﯩﻜﺎﮪ ﯞﻩ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

2-ﺑﺎﺏ ﻧﯩﻜﺎﮬﻠﯩﻨﯩﺶ[تەھرىرلەش]

5-ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻧﯩﻜﺎﮬﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﻪﺭ-ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺷﻪﺭﺕ، ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻨﭽﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﻰ ﺯﻭﺭﻟﯩﺸﯩﻐﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﯟﯦﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.

6-ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻧﯩﻜﺎﮬﻠﯩﻨﯩﺶ ﻳﯧﺸﻰ ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ 22ﺩﯨﻦ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ 20 ﺩﯨﻦ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺷﻪﺭﺕ. ﻛﯧﭽﯩﻜﯩﭗ ﻧﯩﻜﺎﮬﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ، ﻛﯧﭽﯩﻜﯩﭗ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪ ﺋﯩﻠﮭﺎﻡ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ.

7-ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻧﯩﻜﺎﮬﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﻪﻧﺌﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ:

ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﺵ ﺗﯘﻏﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﯞﻩ ﺋﯜﭺ ﺋﻪۋلاﺩ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﯩﺮﻩﻡ ﻗﺎﻧﺪﺍش ﺗﯘﻏﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ؛ ﺗﯩﺒﺒﯩﻲ ﭘﻪﻧﺪﻩ ﻧﯩﻜﺎﮬﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ.

8-ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻧﯩﻜﺎﮬﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭ-ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻧﯩﻜﺎﮪ ﺗﯩﺰﯨﻤﻼﺵ ﺋﻮﺭﮔﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﺘﯩﺸﻰ ﺷﻪﺭﺕ. ﺑﯘ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﻮﻱ ﺧﯧﺘﻰ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺗﻮﻱ ﺧﯧﺘﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻞ ﺋﻪﺭ-ﺧﻮﺗﯘﻧﻠﯘﻕ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻧﯩﻜﺎﮪ ﺗﯩﺰﯨﻤﻼﺗﻤﯩﻐﺎﻧﻼﺭ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﭖ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﺘﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

9-ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻧﯩﻜﺎﮪ ﺗﯩﺰﯨﻤﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﺷﻜﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ، ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﻪﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﻪﺭ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

10-ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻧﯩﻜﺎﮪ ﻛﯜﭼﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ:

(1) ﻗﻮﺵ ﻧﯩﻜﺎﮬﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ؛

(2) ﻧﯩﻜﺎﮬﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻣﻪﻧﺌﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ؛

(3) ﻧﯩﻜﺎﮬﻠﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﭘﻪﻧﺪﻩ ﻧﯩﻜﺎﮬﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﻧﯩﻜﺎﮬﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﺎﻗﺎﻳﻤﯩﻐﺎﻥ؛

(4) ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻧﯩﻜﺎﮬﻠﯩﻨﯩﺶ ﻳﯧﺸﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ.

11-ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻧﯩﻜﺎﮪ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻲ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻻﻧﻐﯘﭼﻰ ﻧﯩﻜﺎﮪ ﺗﯩﺰﯨﻤﻼﺵ ﺋﻮﺭﮔﯩﻨﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﺳﻮﺕ ﻣﻪﮬﻜﯩﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺷﯘ ﻧﯩﻜﺎﮬﻨﻰ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻻﻧﻐﯘﭼﻰ ﻧﯩﻜﺎﮬﻨﻰ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﻨﻰ ﻧﯩﻜﺎﮪ ﺗﯩﺰﯨﻤﻼﻧﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﻮﻳﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﻰ ﻗﺎﻧﯘﻧﺴﯩﺰ ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﻧﯩﻜﺎﮬﻨﻰ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﻨﻰ ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﻮﻳﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

12-ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻛﯜﭼﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻧﯩﻜﺎﮪ ﺑﺎﺷﺘﯩﻼ ﻛﯜﭼﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭ-ﺧﻮﺗﯘﻧﻠﯘﻕ ﮬﻮﻗﯘﻗﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯚﻱ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﻣﺎﻝ-ﻣﯜﻟﻜﯩﻨﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ؛ ﻛﯧﻠﯩﺸﻪﻟﻤﯩﺴﻪ، ﺧﻪﻟﻖ ﺳﻮﺕ ﻣﻪﮬﻜﯩﻤﯩﺴﻰ ﺳﻪﯞﻩﻧﻠﯩﻚ ﻳﻮﻕ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ. ﻗﻮﺵ ﻧﯩﻜﺎﮬﻠﯩﻨﯩﺶ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﻧﯩﻜﺎﮪ ﻛﯜﭼﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻣﺎﻝ-ﻣﯜﻟﯜﻛﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ، ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯘﻕ ﻧﯩﻜﺎﮬﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻠﺮﻧﯩﯔ ﻣﺎﻝ-ﻣﯜﻟﯜﻙ ﮬﻮﻗﯘﻕ-ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﯩﺘﯩﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﻧﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﺸﻘﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﯘ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﻠﻪﺭ ﺗﻪﺗﺒﯩﻘﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

3-ﺑﺎﺏ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ[تەھرىرلەش]

13-ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺋﻪﺭ-ﺧﻮﺗﯘﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭ.

14-ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺋﻪﺭﻣﯘ، ﺧﻮﺗﯘﻧﻤﯘ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﻓﺎﻣﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﮬﻮﻗﯘﻗﻠﯘﻕ.

15-ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺋﻪﺭﻣﯘ، ﺧﻮﺗﯘﻧﻤﯘ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ، ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ، ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺶ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ، ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺑﯩﺮ ﺗەرﻩﭘﻨﻰ ﭼﻪﻛﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﯟﯦﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.

16-ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺋﻪﺭﻧﯩﯖﻤﯘ، ﺧﻮﺗﯘﻧﻨﯩﯖﻤﯘ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻖ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ.

17-ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺋﻪﺭ-ﺧﻮﺗﯘﻧﻨﯩﯔ ﻧﯩﻜﺎﮪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﺎﺭ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻝ-ﻣﯜﻟﻜﻰ ﺋﻪﺭ-ﺧﻮﺗﯘﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﻣﺎﻝ-ﻣﯜﻟﻜﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

(1) ﻣﺎﺋﺎﺵ، ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ ﭘﯘﻟﻰ؛

(2) ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ، ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﺗﺎﭘﺎﯞﯨﺘﻰ؛

(3) ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﯜﻟﯜﻙ ﮬﻮﻗﯘﻗﻰ ﺗﺎﭘﺎﯞﯨﺘﻰ؛

(4) ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻳﺎﻛﻰ ﮬﻪﺩﯨﻴﻪ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﻣﺎﻝ-ﻣﯜﻟﻜﻰ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﻗﺎﻧﯘﻧﻨﯩﯔ 18-ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ 3-ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﭽﯩﺴﯩﺪﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﯩﻨﻰ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ؛

(5) ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﯩﮕﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣال-ﻣﯜﻟﯜﻙ.

ﺋﻪﺭ-ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﯩﮕﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﺎﻝ-ﻣﯜﻟﯜﻛﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭ ﮬﻮﻗﯘﻗﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ.

18-ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ، ﻣﺎﻝ-ﻣﯜﻟﯜﻙ ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﻛﻰ ﺧﻮﺗﯘﻧﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ:

(1) ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﻧﯩﻜﺎﮬﻠﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﻣﺎﻝ-ﻣﯜﻟﻜﻰ؛

(2) ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﺯﻩﺧﻤﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﭘﯘﻟﻰ، ﻣﯧﻴﯩﭙﻼﺭ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ؛

(3) ﯞﻩﺳﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﻛﻰ ﮬﻪﺩﯨﻴﻪ ﺗﻮﺧﺘﺎﻣﯩﺪﺍ ﺋﻪﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﺧﻮﺗﯘﻧﻐﺎ ﺗﻪﯞﻩ ﺩﻩﭖ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﻣﺎﻝ-ﻣﯜﻟﯜﻙ؛

(4) ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺧﺎﺱ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺑﻮﻳﯘﻣﻠﯩﺮﻯ؛

(5) ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺗﻪﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎﻣﺎﻝ-ﻣﯜﻟﯜﻙ.

19-ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺋﻪﺭ-ﺧﻮﺗﯘﻥ ﻧﯩﻜﺎﮪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﺎﺭ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻝ-ﻣﯜﻟﻜﻰ، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﻧﯩﻜﺎﮬﻠﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﻣﺎﻝ-ﻣﯜﻟﻜﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ-ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺋﯩﮕﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﯩﮕﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ-ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺋﯩﮕﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﯩﮕﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﺷﺴﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﭘﯜﺗﯜﻡ ﻳﺎﺯﻣﺎ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﭘﯜﺗﯜﻡ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﭘﯜﺗﯜﻡ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ، ﺑﯘ ﻗﺎﻧﯘﻧﻨﯩﯔ 17-، 18-ﻣﺎﺩﺩﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻪ ﺗﻪﺗﺒﯩﻘﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

ﺋﻪﺭ-ﺧﻮﺗﯘﻧﻨﯩﯔ ﻧﯩﻜﺎﮪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﺎﺭ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻝ-ﻣﯜﻟﻜﻰ، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﻧﯩﻜﺎﮬﻠﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﻣﺎﻝ-ﻣﯜﻟﻜﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯜﺗﯜﻣﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭼﻪﻛﻠﻪﺵ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ.

ﺋﻪﺭ-ﺧﻮﺗﯘﻥ ﻧﯩﻜﺎﮪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﺎﺭ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻝ-ﻣﯜﻟﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ-ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺗﻪﯞﻩ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﺷﻜﻪﻥ، ﺋﻪﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﻪﺭﺯﺩﺍﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺑﯘ ﭘﯜﺗﯜﻣﻨﻰ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﯘ ﻗﻪﺭﺯﻧﻰ ﺋﻪﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﻪﯞﻩ ﻣﺎﻝ-ﻣﯜﻟﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯚﻟﻪﻳﺪﯗ.

20-ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺋﻪﺭ-ﺧﻮﺗﯘﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯧﻘﯩﺶ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ.

ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺑﯧﻘﯩﺶ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺑﯧﻘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺑﯧﻘﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﮬﻮﻗﯘﻗﻠﯘﻕ.

21-ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯧﻘﯩﭗ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺵ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ؛ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ.

ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯧﻘﯩﭗ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺵ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻗﯘﺭﺍﻣﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻛﻪﭼﯜﺭﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﻘﯩﭗ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺵ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﮬﻮﻗﯘﻗﻠﯘﻕ.

ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﻳﻮﻕ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻰ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﮬﻮﻗﯘﻗﻠﯘﻕ.

ﺑﯘﯞﺍﻗﻨﻰ ﺗﯘﻧﺠﯘﻗﺘﯘﺭﯗﯞﯦﺘﯩﺶ، ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺶ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺯﯨﻴﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻼﺭ ﻣﻪﻧﺌﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

22-ﻣﺎﺩﺩﺍ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻓﺎﻣﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻓﺎﻣﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

23-ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﺍﻣﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺵ ﮬﻮﻗﯘﻗﻰ ﮬﻪﻡ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ. ﻗﯘﺭﺍﻣﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﻪﺭ ﺩﯙﻟﻪﺕ، ﻛﻮﻟﻠﯧﻜﺘﯩﭗ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻧﺪﻩ، ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻕ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﺟﺎﯞﺍﺑﻜﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ.

24-ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺋﻪﺭ-ﺧﻮﺗﯘﻧﻨﯩﯔ ﻣﯩﺮﺍﺳﻘﺎ ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮬﻮﻗﯘﻗﻰ ﺑﺎﺭ.

ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﺮﺍﺳﻘﺎ ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮬﻮﻗﯘﻗﻰ ﺑﺎﺭ.

25-ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻧﯩﻜﺎﮬﺴﯩﺰ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﻻ ﻧﯩﻜﺎﮬﻠﯩﻖ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﮬﻮﻗﯘﻗﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ، ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺷﯩﮕﻪ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.

ﻧﯩﻜﺎﮬﺴﯩﺰ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺑﺎﻗﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺷﯘ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎﻛﻰ ﺷﯘ ﺑﺎﻻ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻛﻪﭼﯜﺭﻩﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻐﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

26-ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯘﻕ ﺑﯧﻘﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﻨﻰ ﻗﯩﻮﻏﺪﺍﻳﺪﯗ. ﺑﯧﻘﯩﯟﺍﻟﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯧﻘﯩﯟﯦﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﮬﻮﻗﯘﻗﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﻪﺭﺯﻩﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

ﺑﯧﻘﯩﯟﯦﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﺎﻻ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻮﻗﯘﻕ ﯞﻩ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﺑﯧﻘﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻮﻗﺎﻳﺪﯗ.

27-ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺋﯚﮔﻪﻱ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﮔﻪﻱ ﺑﺎﻻ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺧﻮﺭﻻﺵ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.

ﺋﯚﮔﻪﻱ ﺋﺎﺗﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﮔﻪﻱ ﺋﺎﻧﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯧﻘﯩﭗ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﯚﮔﻪﻱ ﺑﺎﻻ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻮﻗﯘﻕ ﯞﻩ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﻣﯘﺷﯘ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

28-ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻧﻪﯞﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﺑﯧﻘﯩﭗ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﺑﺎﺭ ﺑﯘﯞﺍ-ﻣﻮﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﺎﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻗﯘﺭﺍﻣﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﻧﻪﯞﺭﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯧﻘﯩﭗ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺵ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ. ﺑﯘﯞﯨﺴﻰ، ﻣﻮﻣﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﺑﺎﺭ ﻧﻪﯞﺭﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺭﯨﻴﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘﯞﯨﺴﻰ، ﻣﻮﻣﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ.

29-ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺋﯩﻨﯩﺴﻰ، ﺳﯩﯖﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﻘﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﺑﺎﺭ ﺋﺎﻛﺎ، ﺋﺎﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﺎﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻗﯘﺭﺍﻣﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﻨﯩﺴﻰ، ﺳﯩﯖﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯧﻘﯩﺶ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ. ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ، ﺋﺎﭼﯩﺴﻰ ﺑﯧﻘﯩﭗ ﭼﻮﯓ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯧﻘﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﺑﺎﺭ ﺋﯘﻛﺎ، ﺳﯩﯖﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﻛﻪﻣﭽﯩﻞ ﮬﻪﻡ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﻳﻮﻕ ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ، ﺋﺎﭼﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯧﻘﯩﺶ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ.

30-ﻣﺎﺩﺩﺍ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻧﯩﻜﺎﮪ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻐﺎ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ، ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻧﯩﻜﺎﮬﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﯞﻩ ﻧﯩﻜﺎﮬﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻐﺎ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﯟﺍﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻧﯩﻜﺎﮪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﻤﺎﻳﺪﯗ

31-ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺋﻪﺭ-ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﺸﻘﺎ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻧﯩﻜﺎﮪ ﺗﯩﺰﯨﻤﻼﺵ ﺋﻮﺭﮔﯩﻨﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺷﻪﺭﺕ. ﻧﯩﻜﺎﮪ ﺗﯩﺰﯨﻤﻼﺵ ﺋﻮﺭﮔﯩﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﯞﻩ ﻣﺎﻝ-ﻣﯜﻟﯜﻙ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﺶ ﺧﯧﺘﻰ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.

32-ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺋﻪﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺗﺎﺭﻣﺎﻕ ﻣﯘﺭﻩﺳﺴﻪ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﺳﻮﺕ ﻣﻪﮬﻜﯩﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺩﻩﯞﺍ ﻗﯩﻠﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

ﺧﻪﻟﻖ ﺳﻮﺕ ﻣﻪﮬﻜﯩﻤﯩﺴﻰ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﺶ ﺩﯦﻠﻮﺳﯩﻨﻰ ﺳﻮﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﻣﯘﺭﻩﺳﺴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ؛ ﺋﻪﺭ-ﺧﻮﺗﯘﻧﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺑﯘﺯﯗﻟﯘﭖ، ﻣﯘﺭﻩﺳﺴﻪ ﺋﯜﻧﯜﻡ ﺑﻪﺭﻣﯩﺴﻪ، ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﺸﻘﺎ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﯘﺭﻩﺳﺴﻪ ﺋﯜﻧﯜﻡ ﺑﻪﺭﻣﯩﺴﻪ، ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﺸﻘﺎ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ:

(1) ﻗﻮﺵ ﻧﯩﻜﺎﮬﻼﻧﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺟﻮﺭﯨﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻱ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ؛

(2) ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪﺯﺍﺳﯩﻨﻰ ﺧﻮﺭﻟﯩﻐﺎﻥ، ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻥ؛

(3) ﻗﯩﻤﺎﺭ ﺋﻮﻳﻨﺎﺵ، ﺯﻩﮬﻪﺭ ﭼﯧﻜﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ-ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺑﻪﺭﺳﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻤﯩﮕﻪﻥ؛

(4) ﭼﯩﻘﯩﺸﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻞ ﺗﻮﺷﻘﺎﻥ؛

(5) ﺋﻪﺭ-ﺧﻮﺗﯘﻧﻠﯘﻕ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘﺯﯗﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺳﻪﯞﻩﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ.

ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻳﻮﻗﺎﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ ﺩﻩﭖ ﺟﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻨﯩﭗ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﺶ ﺩﻩﯞﺍﺳﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﺸﻘﺎ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

33-ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﮬﻪﺭﺑﯩﻴﻨﯩﯔ ﺟﻮﺭﯨﺴﻰ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺷﯘ ﮬﻪﺭﺑﯩﻴﻨﯩﯔ ﻣﺎﻗﯘﻟﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺳﻪﯞﻩﻧﻠﯩﻚ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.

34-ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﮬﺎﻣﯩﻠﯩﺪﺍﺭ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ، ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﮬﺎﻣﯩﻠﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯨﯟﻩﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺋﺎﻱ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ، ﺋﻪﺭ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﺳﻮﺕ ﻣﻪﮬﻜﯩﻤﯩﺴﻰ ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﺶ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎ، ﺑﯘ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻤﺎﻳﺪﯗ.

35-ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﻪﺭ-ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻳﺎﺭﯨﺸﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﻧﯩﻜﺎﮪ ﺗﯩﺰﯨﻤﻼﺵ ﺋﻮﺭﮔﯩﻨﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻳﺎﺭﯨﺸﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻨﻰ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﺘﯩﺸﻰ ﺷﻪﺭﺕ.

36-ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﻪﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻮﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﺎﺟﺮﺍﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺑﺎﻗﺴﯘﻥ، ﺋﯘ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺷﯘ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ.

ﺋﺎﺟﺮﺍﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻤﯘ، ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯧﻘﯩﺶ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺵ ﮬﻮﻗﯘﻗﻰ ﮬﻪﻡ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

ﺋﺎﺟﺮﺍﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ئېمىتىۋاتقان ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺑﯧﻘﯩﺸﺘﺎ ﺋﯩﻤﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﻘﯩﺸﻰ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ئېمىتمەيدىغان ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺑﯧﻘﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺗﺎﻻﺵ-ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯚﺭﯛﻟﯜﭖ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﭘﯜﺗﯜﺷﻪﻟﻤﯩﺴﻪ، ﺧﻪﻟﻖ ﺳﻮﺕ ﻣﻪﮬﻜﯩﻤﯩﺴﻰ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﮬﻮﻗﯘﻕ-ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﯩﺘﯩﮕﻪ ﯞﻩ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ.

37-ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺋﺎﺟﺮﺍﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺑﯧﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ زﯙﺭﯛﺭ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﯩﺮﺍﺟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﺗﯚﻟﻪﺵ ﻣﯘﺩﺩﯨﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯗ؛ ﻛﯧﻠﯩﺸﻪﻟﻤﯩﺴﻪ، ﺧﻪﻟﻖ ﺳﻮﺕ ﻣﻪﮬﻜﯩﻤﯩﺴﻰ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ.

ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻢ ﻳﺎﻛﻰ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﻐﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻢ ﻳﺎﻛﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﺪﻩ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﻮﻳﯘﺷﯩﻐﺎ ﺩﻩﺧﻠﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ.

38-ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺋﺎﺟﺮﺍﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺑﺎﻗﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺗﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﮬﻮﻗﯘﻗﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﺶ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﺵ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ، ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯗ؛ ﻛﯧﻠﯩﺸﻪﻟﻤﯩﺴﻪ، ﺧﻪﻟﻖ ﺳﻮﺕ ﻣﻪﮬﻜﯩﻤﯩﺴﻰ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ.

ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﺷﻰ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﯞﻩ ﺭﻭﮬﯩﻲ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺧﻪﻟﻖ ﺳﻮﺕ ﻣﻪﮬﻜﯩﻤﯩﺴﻰ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺪﯗ؛ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺶ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﻳﻮﻗﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

39-ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺋﻪﺭ-ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺋﺎﺟﺮﺍﺷﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﻣﺎﻝ-ﻣﯜﻟﻜﯩﻨﻰ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ؛ ﻛﯧﻠﯩﺸﻪﻟﻤﯩﺴﻪ، ﺧﻪﻟﻖ ﺳﻮﺕ ﻣﻪﮬﻜﯩﻤﯩﺴﻰ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ﻣﺎﻝ-ﻣﯜﻟﯜﻙ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ، ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﮬﻮﻗﯘﻕ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ.

ﺋﻪﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪﺭ ﮬﯚﺩﺩﯨﮕﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﯩﺠﺎﺭﯨﺘﯩﺪﻩ ﺑﻪﮬﺮﯨﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﻮﻗﯘﻕ-ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﯩﺘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻗﻮﻏﺪﯨﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

40-ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺋﻪﺭ-ﺧﻮﺗﯘﻥ ﻧﯩﻜﺎﮪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﺎﺭ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻝ-ﻣﯜﻟﻜﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ-ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺗﻪﯞﻩ ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﻣﺎ ﭘﯜﺗﯜﺷﻜﻪﻥ، ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺑﯧﻘﯩﭗ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺵ، ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻛﯜﺗﯜﺵ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﮬﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﺸﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﺍ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﺎﺟﺮﺍﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﮬﻪﻕ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﮬﻮﻗﯘﻗﻠﯘﻕ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﮬﻪﻕ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

41-ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺋﻪﺭ-ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺋﺎﺟﺮﺍﺷﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﺭﺯﻧﻰ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺗﯚﻟﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﻣﺎﻝ-ﻣﯜﻟﯜﻙ ﻗﻪﺭﺯﻧﻰ ﺗﯚﻟﻪﺷﻜﻪ ﻳﻪﺗﻤﯩﺴﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﺎﻝ-ﻣﯜﻟﯜﻙ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ-ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺗﻪﯞﻩ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﭗ ﺗﯚﻟﻪﻳﺪﯗ؛ ﻛﯧﻠﯩﺸﻪﻟﻤﯩﺴﻪ، ﺧﻪﻟﻖ ﺳﻮﺕ ﻣﻪﮬﻜﯩﻤﯩﺴﻰ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ.

42-ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺋﻪﺭ-ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺋﺎﺟﺮﺍﺷﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﻗﯩﻴﻨﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺗﯘﺭﺍﻟﻐﯘﺳﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﻣﺎﻝ-ﻣﯜﻟﻜﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ﭼﺎﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯗ؛ ﻛﯧﻠﯩﺸﻪﻟﻤﯩﺴﻪ، ﺧﻪﻟﻖ ﺳﻮﺕ ﻣﻪﮬﻜﯩﻤﯩﺴﻰ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ.

5-ﺑﺎﺏ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺟﺎﯞﺍﺑﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻰ[تەھرىرلەش]

43-ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﻨﺴﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﺧﻮﺭﻻﻧﺴﺎ، ﺯﯨﻴﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﯘﭼﻰ ﺋﯩﻠﺘﯩﺠﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﮬﻮﻗﯘﻗﻠﯘﻕ، ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﺎﮬﺎﻟﻪ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ، ﻛﻪﻧﺖ ﺋﺎﮬﺎﻟﻪ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﻧﻪﺳﯩﮭﻪﺕ، ﻣﯘﺭﻩﺳﺴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺯﯨﻴﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﯘﭼﻰ ﺋﯩﻠﺘﯩﺠﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﮬﻮﻗﯘﻗﻠﯘﻕ، ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﺎﮬﺎﻟﻪ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ، ﻛﻪﻧﺖ ﺋﺎﮬﺎﻟﻪ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﻧﻪﺳﯩﮭﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺝ ﺥ ﺋﻮﺭﮔﯩﻨﻰ ﺗﻮﺳﯘﺷﻰ لازىم

ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﺧﻮﺭﻻﻧﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺯﯨﻴﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﯘﭼﻰ ﺋﯩﻠﺘﯩﺠﺎ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺝ ﺥ ﺋﻮﺭﮔﯩﻨﻰ ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺟﺎﺯﺍﻻﺷﻘﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﻗﺎﻧﯘﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﺟﺎﺯﺍ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

44-ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﯦﺘﯩﻠﺴﻪ، ﺯﯨﻴﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﯘﭼﻰ ﺋﯩﻠﺘﯩﺠﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﮬﻮﻗﯘﻗﻠﯘﻕ، ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﺎﮬﺎﻟﻪ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﻛﻪﻧﺖ ﺋﺎﮬﺎﻟﻪ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﻧﻪﺳﯩﮭﻪﺕ، ﻣﯘﺭﻩﺳﺴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻧﺪﻩ، ﺯﯨﻴﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﯘﭼﻰ ﺋﯩﻠﺘﯩﺠﺎ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺧﻪﻟﻖ ﺳﻮﺕ ﻣﻪﮬﻜﯩﻤﯩﺴﻰ ﺑﯧﻘﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﻰ، ﺑﯧﻘﯩﭗ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺵ ﮬﻪﻗﻘﻰ، ﻗﺎﺭﺍﺵ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

45-ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻗﻮﺵ ﻧﯩﻜﺎﮬﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪﺯﺍﺳﯩﻨﻰ ﺧﻮﺭﻻﭖ، ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻧﻠﻪﺭ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺟﯩﻨﺎﻳﻰ ﺟﺎﯞﺍﺑﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺯﯨﻴﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﯘﭼﻰ ﺟﯩﻨﺎﻳﻰ ئىشلار ﺩﻩﯞﺍ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻪ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺧﻪﻟﻖ ﺳﻮﺕ ﻣﻪﮬﻜﯩﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؛ ﺝ ﺥ ﺋﻮﺭﮔﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﻪﮬﻘﯩﻘﻠﯩﺸﻰ، ﺧﻪﻟﻖ ﺗﻪﭘﺘﯩﺶ ﻣﻪﮬﻜﯩﻤﯩﺴﻰ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

46-ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﻛﯚﺭﯛﻟﯜﭖ، ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﺸﻘﺎ ﺳﻪﯞﻩﭖ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺳﻪﯞﻩﻧﻠﯩﻚ ﻳﻮﻕ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺯﯨﻴﺎﻧﻨﻰ ﺗﯚﻟﻪﺷﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﮬﻮﻗﯘﻗﻠﯘﻕ:

(1) ﻗﻮﺵ ﻧﯩﻜﺎﮬﻠﯩﻨﯩﺶ؛

(2) ﺟﻮﺭﯨﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻱ ﺗﯘﺗﯘﺵ؛

(3) ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ؛

(4) ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪﺯﺍﺳﯩﻨﻰ ﺧﻮﺭﻻش، ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺶ.

47-ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺋﺎﺟﺮﺍﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺋﻪﺭ-ﺧﻮﺗﯘﻧﻐﺎ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﻣﺎﻝ-ﻣﯜﻟﯜﻛﻨﻰ ﻳﻮﺷﯘﺭﻏﺎﻥ، ﻳﯚﺗﻜﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻥ، ﺳﯧﺘﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻥ، ﺑﯘﺯﯨﯟﻩﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﻪﺭﺯ ﺋﻮﻳﺪﯗﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﻣﺎﻝ-ﻣﯜﻟﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﻏﻪﺭﯨﺰﯨﺪﻩ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﻪﺭ-ﺧﻮﺗﯘﻧﻐﺎ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﻣﺎﻝ-ﻣﯜﻟﯜﻛﻨﻰ ﺑﯚﻟﮕﻪﻧﺪﻩ، ﺋﻪﺭ-ﺧﻮﺗﯘﻧﻐﺎ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﻣﺎﻝ-ﻣﯜﻟﯜﻛﻨﻰ ﻳﻮﺷﯘﺭﻏﺎﻥ، ﻳﯚﺗﻜﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻥ، ﺳﯧﺘﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻥ، ﺑﯘﺯﯗﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﻪﺭﺯ ﺋﻮﻳﺪﯗﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺋﺎﺯ ﺑﯚﻟﯜﭖ ﺑﯧﺮﯨﻠﺴﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯚﻟﯜﭖ ﺑﯧﺮﯨﻠﻤﯩﺴﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺟﺮﺍﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻨﻰ ﺳﻪﺯﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺧﻪﻟﻖ ﺳﻮﺕ ﻣﻪﮬﻜﯩﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﺩﻩﯞﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﻪﺭ-ﺧﻮﺗﯘﻧﻐﺎ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﻣﺎﻝ-ﻣﯜﻟﯜﻛﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺑﯚﻟﯜﺷﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

ﺧﻪﻟﻖ ﺳﻮﺕ ﻣﻪﮬﻜﯩﻤﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﺘﺎ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﮬﻪﻕ ﺗﻪﻟﻪﭖ ھوقۇقىغا ﺩﻩﺧﻠﻰ تەرۇز ﻗﯩلىش قىلمىشىنى ﮬﻪﻕ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﺩﻩﯞﺍ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻪ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺟﺎﺯﺍﻻﻳﺪﯗ.

48-ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺑﯧﻘﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﻰ، ﺑﯧﻘﯩﭗ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺵ ﮬﻪﻗﻘﻰ، ﻗﺎﺭﺍﺵ ﮬﻪﻗﻘﻰ، ﻣﺎﻝ-ﻣﯜﻟﯜﻛﻨﻰ ﺑﯚﻟﯜﺵ، ﻣﯩﺮﺍﺳﻘﺎ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯧﺴﯩﻢ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﺴﺎ، ﺧﻪﻟﻖ ﺳﻮﺕ ﻣﻪﮬﻜﯩﻤﯩﺴﻰ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻲ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯨﺪﯗ. ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺷﻪﺧﺲ ﯞﻩ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺭ ﺋﯩﺠﺮﺍﻏﺎ ﮬﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﺸﯩﺶ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ.

49-ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﺎﻧﯘﻧﻼﺭﺩﺍ ﻧﯩﻜﺎﮪ ﯞﻩ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﮕﻪ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻗﯩﻠﻤﯩﺶ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺟﺎﯞﺍﺑﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺷﯘ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻪ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

6-ﺑﺎﺏ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭗ[تەھرىرلەش]

50-ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ ﺷﯘ ﺟﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﯩﻜﺎﮪ ﯞﻩ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ، ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻪ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻘﺎ ﮬﻮﻗﯘﻗﻠﯘﻕ. ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺋﻮﺑﻼﺳﺖ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﻠﻪﺭ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻪ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ، ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻐﺎ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻠﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻛﯜﭼﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻪ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻐﺎ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻠﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯜﭼﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

51-ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺑﯘ ﻗﺎﻧﯘﻥ 1981-ﻳﯩﻞ 1-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 1-ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺪﯗ.

1950-ﻳﯩﻞ 5-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 1-ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ «ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﺧﻪﻟﻖ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻧﯩﻜﺎﮪ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ» ﺑﯘ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.