ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﺧﻪﻟﻖ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ
ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﺧﻪﻟﻖ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ
( 1984 - ﻳﯩﻞ 5 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 31 - ﻛﯜﻧﻰ 6 - ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ 2 - ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﻣﺎﻗﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ، 2001 - ﻳﯩﻞ 2 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 28 - ﻛﯜﻧﻰ 9 - ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ 20 - ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻨﯩﯔ << < ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﺧﻪﻟﻖ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ > >>ﻏﺎ ﺗﯜﺯﯨﺘﯩﺶ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﺵ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍﺭﻯ >>ﻏﺎ ﯪﺳﺎﺳﻪﻥ ﺗﯜﺯﯨﺘﯩﻠﮕﻪﻥ )
ﺳﯚﺯ ﺑﯧﺸﻰ
[تەھرىرلەش]ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﺧﻪﻟﻖ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ _ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻫﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯚﭖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯙﻟﻪﺕ . ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ _ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﯩﻚ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﻣﺎﺭﻛﺴﯩﺰﻡ - ﻟﯧﻨﯩﻨﯩﺰﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯜﭖ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ، ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﭖ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺗﯜﺯﯛﻣﻰ .
ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺗﺎﺵ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﻜﯩﺪﻩ، ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﯮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ، ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﺵ ﺩﯦﻤﻪﻛﺘﯘﺭ . ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﺷﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﯲﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﻐﺎ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻫﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺭﻭﻫﻨﻰ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﻪﻧﺪﯛﺭﺩﻯ، ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭﻟﯩﻜﻰ، ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﯮﺭﺗﺎﻕ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﯩﺪﺍ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﻪﻧﺪﯛﺭﺩﻯ .
ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﻫﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﯲﺯ ﺋﯩﺸﯩﻐﺎ ﯲﺯﻯ ﺧﻮﺟﺎ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﯪﻛﺘﯩﭙﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺷﺘﺎ، ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭﻟﯩﻚ، ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻖ، ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﯪﺳﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻨﻰ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺷﺘﺎ، ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻫﻜﻪﻣﻠﻪﺷﺘﻪ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻨﯩﯔ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﻪ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺭﻭﻝ ﯮﻳﻨﯩﺪﻯ . ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﻨﻰ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﯞﻩ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ، ﺑﯘ ﺗﯜﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﯨﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ ﻻﺯﯨﻢ .
ﯬﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﺪﯨﻜﻰ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﯴﭼﯜﻥ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﯞﻩ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯲﺯ ﻳﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﯬﻣﻪﻟﯩﻲ ﯬﻫﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ ؛ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻛﺎﺩﯨﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﺗﯧﺨﻨﯩﻚ ﺋﯩﺸﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﭘﻠﻪﭖ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﯛﺵ ﻻﺯﯨﻢ ؛ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﯲﺯ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﺋﯩﺶ ﻛﯚﺭﯛﺵ، ﺟﺎﭘﺎ - ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻜﻪ ﭼﯩﺪﺍﭖ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺭﻭﻫﯩﻨﻰ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﭖ، ﯲﺯ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﯴﭼﯜﻥ ﺗﯚﻫﭙﻪ ﻗﻮﺷﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ؛ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﭘﯩﻼﻧﯩﻐﺎ ﯪﺳﺎﺳﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﺘﯩﺸﯩﮕﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﻛﯜﺭﯨﺸﯩﺪﻩ، ﭼﻮﯓ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ، ﯪﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﭼﻮﯓ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻻﺯﯨﻢ، ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻜﯩﻤﯘ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻻﺯﯨﻢ .
ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻫﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ، ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﯩﻚ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﻜﯩﺪﻩ، ﻣﺎﺭﻛﺴﯩﺰﻡ - ﻟﯧﻨﯩﻨﯩﺰﻡ، ﻣﺎﯞ ﺯﯦﺪﯗﯓ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺩﯦﯔ ﺷﻴﺎﯞﭘﯩﯔ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﺧﻪﻟﻖ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻴﯩﺴﻰ ﺩﯨﻜﺘﺎﺗﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ، ﺋﯩﺴﻼﻫﺎﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ، ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﯟﯦﺘﯩﺸﺘﻪ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﺟﯘﯕﮕﻮﭼﻪ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺰﻡ ﻗﯘﺭﯗﺵ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﻼﭖ، ﻛﯜﭼﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﯨﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻨﻰ، ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻠﯩﻚ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﭗ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﺘﯩﭗ، ﺷﯘ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻼﺷﻘﺎﻥ، ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﯮﺭﺗﺎﻕ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ، ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﺎﻱ - ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻠﯩﻚ، ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻚ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻲ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﯴﭼﯜﻥ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ .
<< ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﺧﻪﻟﻖ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ >> ﯪﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻚ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﯗﺭ .
ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ
1 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﺧﻪﻟﻖ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﺧﻪﻟﻖ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﯪﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻐﺎ ﯪﺳﺎﺳﻪﻥ ﺗﯜﺯﯛﻟﺪﻯ .
2 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﯮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺪﯗ .
ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻥ، ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﯮﺑﻼﺳﺖ، ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯚﻟﯜﻧﯩﺪﯗ . ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﺧﻪﻟﻖ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﯪﻳﺮﯨﻠﻤﺎﺱ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﯗﺭ .
3 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯗﺭ .
ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻴﻪ - ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺵ ﺗﯜﺯﯛﻣﻰ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺪﯗ .
4 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯪﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﺎﻧﯘﻧﻨﯩﯔ ﯴﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ 5 - ﭘﺎﺭﺍﮔﺮﺍﻓﯩﺪﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﺪﯗ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ، ﯪﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﺍ ﯞﻩ ﻣﯘﺷﯘ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﺍ، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﺎﻧﯘﻧﻼﺭﺩﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻫﻮﻗﯘﻕ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﺪﯗ، ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﯞﻩ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯲﺯ ﺟﺎﻳﯩﻨﯩﯔ ﯬﻣﻪﻟﯩﻲ ﯬﻫﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯩﺰﭼﯩﻠﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .
ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﯮﺑﻼﺳﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﻩ ﺭﺍﻳﻮﻥ، ﻧﺎﻫﯩﻴﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﻪﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﺪﯗ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﺪﯗ .
5 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﯨﺸﻰ، ﯲﺯ ﺟﺎﻳﯩﺪﺍ ﯪﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﺎﻧﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺭﯨﯫﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .
6 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻛﯜﭼﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﯨﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ .
ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯲﺯ ﺟﺎﻳﯩﻨﯩﯔ ﯬﻫﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ، ﯪﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﯘﻧﻼﺭﻏﺎ ﺧﯩﻼﭘﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻰ ﯪﺳﺘﯩﺪﺍ، ﯪﻻﻫﯩﺪﻩ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﯞﻩ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﻫﻮﻗﯘﻗﻠﯘﻕ .
ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﭘﯩﻼﻧﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ، ﯬﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﯪﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﯬﻣﮕﻪﻙ ﯴﻧﯜﻣﺪﺍﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﯴﻧﯜﻣﻨﻰ ﯴﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﯲﺳﺘﯜﺭﯛﭖ، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ، ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﯨﻨﭙﻪﻱ ﯲﺳﺘﯜﺭﯨﺪﯗ .
ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﯬﻧﯭﻧﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﯞﻩ ﯰﻧﻰ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﭖ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ، ﻫﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﺋﯧﯖﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﭘﻪﻥ - ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﯴﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﯲﺳﺘﯜﺭﯨﺪﯗ .
7 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﯮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻣﻪﻧﭙﻪﯬﺗﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﯮﺭﯗﻧﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﻏﺎﻥ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﭘﺎﯪﻝ ﯮﺭﯗﻧﺪﯨﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ .
8 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﺷﯩﮕﻪ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﯞﻩ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ، ﯰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﺘﯩﺸﯩﮕﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ .
9 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭﻟﯩﻚ، ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻖ، ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﯪﺳﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ، ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰ ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯧﺰﯨﺸﻨﻰ ﻣﻪﻧﺌﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯘﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻣﻪﻧﺌﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .
10 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯲﺯ ﺟﺎﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﯲﺯ ﺗﯩﻞ - ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﯞﻩ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﯬﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﯩﮕﻪ، ﯲﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﯲﺭﭖ - ﯪﺩﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﺴﻼﻫ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯬﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .
11 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﯬﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .
ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯮﺭﮔﯩﻨﻰ، ﺟﺎﻣﺎﯬﺕ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰ ﯞﻩ ﺷﻪﺧﺲ ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭﻧﻰ ﺩﯨﻨﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺯﻭﺭﻟﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ، ﺩﯨﻨﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭﻧﯩﻤﯘ، ﺩﯨﻨﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭﻧﯩﻤﯘ ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﻻﺯﯨﻢ .
ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﭘﺎﯪﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﻳﺪﯗ .
ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﯩﻨﻰ ﺑﯘﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ، ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﺎﯪﺭﯨﭗ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﮕﻪ ﺗﻮﺳﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .
ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭ ﯞﻩ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﭼﻪﺕ ﯬﻝ ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﯧﻘﯩﻨﻤﺎﻳﺪﯗ .
ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ﯞﻩ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ
12 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﯮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺷﯘ ﺟﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻨﻰ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻼﺭﻧﻰ ﯪﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﯬﻫﯟﺍﻟﻨﻰ ﻫﯧﺴﺎﺑﻘﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺑﯩﺮ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺗﻮﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﯮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﻰ ﯪﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻱ ﻗﯘﺭﯗﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﯮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻳﯧﺰﯨﻼﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯗ .
ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﯲﺯ ﺟﺎﻳﯩﻨﯩﯔ ﯬﻣﻪﻟﯩﻲ ﯬﻫﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ، ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﯪﻫﺎﻟﯩﺴﻰ ﯮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﯪﻫﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﺷﻪﻫﻪﺭ - ﺑﺎﺯﺍﺭﻻﺭﻧﻰ ﯲﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﯪﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
13 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ، ﯪﻻﻫﯩﺪﻩ ﯬﻫﯟﺍﻟﻼﺭﻧﻰ ﻫﯧﺴﺎﺑﻘﺎ ﯪﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻳﻪﺭ ﻧﺎﻣﻰ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻧﺎﻣﻰ، ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﯮﺭﯗﻥ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﯜﺯﯛﻟﯩﺪﯗ .
14 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻨﻰ، ﺭﺍﻳﻮﻥ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﯪﻳﺮﯨﻠﯩﺸﯩﻨﻰ، ﻧﺎﻣﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﺯﯛﻟﯜﺷﯩﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯪﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﯪﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻛﯧﯖﯩﺸﯩﭗ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ، ﯰﻧﻰ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺭﻩﺳﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻠﯩﺘﯩﺪﯗ .
ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺷﯘ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﺘﯩﻦ ﯲﺗﻜﯜﺯﻣﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﯬﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﻮﺷﯘﯞﯦﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ؛ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﯰﻧﻰ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﺘﯩﻦ ﯲﺗﻜﯜﺯﻣﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﯲﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ؛ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﯬﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎ، ﻗﻮﺷﯘﯞﯦﺘﯩﺸﻜﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﯲﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺸﻜﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟﺴﻪ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﯪﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻛﯧﯖﯩﺸﯩﭗ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺗﻪﺭﺗﯩﭗ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻠﯩﺘﯩﺪﯗ .
15 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ، ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﯮﺑﻼﺳﺘﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﺎﻳﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻖ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯗﺭ .
ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻖ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﯲﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﺎﻳﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﯲﺯﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﺭﯨﺠﻪ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯪﻟﺪﯨﺪﺍ ﺟﺎﯞﺍﺑﻜﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﯰﻻﺭﻏﺎ ﯲﺯ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ، ﯲﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﻨﻠﯩﺮﻯ ﯪﺭﯨﻠﯩﻘﯩﺪﺍ، ﺷﯘ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻠﯩﺮﻯ ﯪﻟﺪﯨﺪﺍ ﺟﺎﯞﺍﺑﻜﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﯰﻻﺭﻏﺎ ﯲﺯ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻖ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﮔﻮﯞﯗﻳﯜﻩﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺗﺎﺵ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯗﺭ، ﯰﻻﺭ ﮔﻮﯞﯗﻳﯜﻩﻧﮕﻪ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﯩﺪﯗ .
ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﯞﻩ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﯪﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﯘﻧﻼﺭﻏﺎ ﯪﺳﺎﺳﻪﻥ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻧﯩﺰﺍﻣﯩﺪﺍ ﻳﺎﻛﻰ ﯪﻳﺮﯨﻢ ﻧﯩﺰﺍﻣﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .
16 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ، ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ، ﺷﯘ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﺍ ﯮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺳﺎﻧﺪﺍ ﯞﻩﻛﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .
ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ، ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﯞﻩ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻼﺭﻏﺎ ﯪﺳﺎﺳﻪﻥ، ﯲﻟﻜﯩﻠﯩﻚ، ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ، ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﯰﻧﻰ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﯬﻧﮕﻪ ﯪﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯗ .
ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻨﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﺎﻳﻠﯩﺮﻯ ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﺩﯨﺮ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯘﯪﯞﯨﻦ ﻣﯘﺩﯨﺮﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﯲﺗﯩﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﻠﯩﻚ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .
17 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ، ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﯮﺑﻼﺳﺘﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ، ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻫﺎﻛﯩﻤﻰ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﻠﯩﻚ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ، ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﯮﺑﻼﺳﺘﻠﯩﻖ، ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺳﻪﭘﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .
ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻖ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ، ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﯮﺑﻼﺳﺘﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ، ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻫﺎﻛﯩﻤﻰ ﻣﻪﺳﯱﻝ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺗﯜﺯﯛﻣﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺪﯗ . ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ، ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﯮﺑﻼﺳﺘﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ، ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻫﺎﻛﯩﻤﻰ ﺷﯘ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﯪﻳﺮﯨﻢ - ﯪﻳﺮﯨﻢ ﺭﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .
18 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺭﯨﻤﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﺎﺩﯨﺮﻟﯩﺮﻯ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺳﻪﭘﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .
ﯴﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻫﻮﻗﯘﻗﻰ
19 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﺎﻳﻠﯩﺮﻯ ﺷﯘ ﺟﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﯪﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﯪﺳﺎﺳﻪﻥ، ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻧﯩﺰﺍﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﯪﻳﺮﯨﻢ ﻧﯩﺰﺍﻣﻼﺭﻧﻰ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﺎ ﻫﻮﻗﯘﻗﻠﯘﻕ . ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻧﯩﺰﺍﻣﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﯪﻳﺮﯨﻢ ﻧﯩﺰﺍﻣﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﯲﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯜﭼﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﯮﺑﻼﺳﺖ، ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻧﯩﺰﺍﻣﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﯪﻳﺮﯨﻢ ﻧﯩﺰﺍﻣﻠﯩﺮﻯ ﯲﻟﻜﯩﻠﯩﻚ، ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ، ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﯲﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯜﭼﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻐﺎ ﯞﻩ ﮔﻮﯞﯗﻳﯜﻩﻧﮕﻪ ﯬﻧﮕﻪ ﯪﻟﺪﯗﺭﯗﻟﯩﺪﯗ .
20 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍﺭ، ﺑﯧﻜﯩﺘﻤﻪ، ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻴﻮﺭﯗﻗﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯬﻣﻪﻟﯩﻲ ﯬﻫﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﯰﻳﻐﯘﻥ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧﺪﻩ، ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺷﯘ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﯩﻨﻰ ﯪﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﺗﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ؛ ﺷﯘ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﻭﻛﻼﺗﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ 60 ﻛﯜﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﻻﺯﯨﻢ .
21 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯲﺯ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ، ﺷﯘ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻧﯩﺰﺍﻣﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻪ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ، ﺷﯘ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﻛﻪﯓ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺧﯩﻞ ﺗﯩﻞ - ﻳﯧﺰﯨﻘﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯗ ؛ ﯲﺯ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﻛﻪﯓ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺧﯩﻞ ﺗﯩﻞ - ﻳﯧﺰﯨﻘﻨﻰ ﺗﻪﯓ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯩﻞ - ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﯪﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
22 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ، ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺷﯘ ﺟﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻫﻪﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻛﺎﺩﯨﺮﻻﺭﻧﻰ، ﭘﻪﻥ - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ، ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﺗﯧﺨﻨﯩﻚ ﺋﯩﺸﭽﯩﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﭘﻠﻪﭖ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﯨﺪﯗ، ﯰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯨﺪﯗ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﯪﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻫﻪﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻛﺎﺩﯨﺮﻻﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ، ﺗﯧﺨﻨﯩﻚ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭﻧﻰ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﯬﻫﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ .
ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﻰ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ، ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .
ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺶ، ﺭﯨﻐﺒﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺟﻪﻟﭗ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯴﭼﯜﻥ ﯪﻻﻫﯩﺪﻩ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
23 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭ، ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﯮﺭﯗﻧﻼﺭ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﯪﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ، ﯪﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﻳﯧﺰﯨﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﯞﻩ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﯪﻫﺎﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﯪﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
24 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﺗﯜﺯﯛﻣﻰ ﯞﻩ ﯲﺯ ﺟﺎﻳﯩﻨﯩﯔ ﯬﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ، ﮔﻮﯞﯗﻳﯜﻩﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﯲﺗﻜﯜﺯﯛﭖ، ﯲﺯ ﺟﺎﻳﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﯪﻣﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﻣﺎﯬﺕ ﺧﻪﯞﭘﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
25 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﭘﯩﻼﻧﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ، ﯲﺯ ﺟﺎﻳﯩﻨﯩﯔ ﯪﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﯞﻩ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﻓﺎﯕﺠﯧﻦ، ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﯞﻩ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ، ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯲﺯ ﯪﻟﺪﯨﻐﺎ ﯮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯨﺪﯗ .
26 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺰﻡ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﯩﺪﺍ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺷﻪﺭﺗﻰ ﯪﺳﺎﺳﯩﺪﺍ، ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﯞﻩ ﯲﺯ ﺟﺎﻳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﯪﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﯪﺳﺎﺳﻪﻥ، ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﻨﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺗﻪﯕﺸﻪﻳﺪﯗ، ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ .
ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻣﯜﻟﯜﻛﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﯪﺳﺎﺳﯩﻲ ﮔﻪﯞﺩﻩ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ، ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﻣﯜﻟﯜﻛﭽﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯪﺳﺎﺳﯩﻲ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺗﯜﺯﯛﻣﺪﻩ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ، ﯮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻣﯜﻟﯜﻛﭽﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺭﺍﯞﺍﺟﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ .
27 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﮔﻪ ﯪﺳﺎﺳﻪﻥ، ﯲﺯ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﻳﻼﻕ ﯞﻩ ﯮﺭﻣﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﮕﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﯰﻻﺭﺩﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ .
ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﻳﻼﻕ ﯞﻩ ﯮﺭﻣﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻣﯘﻫﺎﭘﯩﺰﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﻛﯚﭼﻪﺕ - ﺟﯩﺮﯨﻢ ﺗﯩﻜﯩﺶ ﯞﻩ ﯮﺕ - ﭼﯚﭖ ﺗﯧﺮﯨﺸﻘﺎ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺕ ﻳﺎﻛﻰ ﺷﻪﺧﺴﻨﯩﯔ ﻳﺎﻳﻼﻕ ﯞﻩ ﯮﺭﻣﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﯞﺍﺳﯩﺘﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘﺯﻏﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻣﻪﻧﺌﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﻳﺎﻳﻼﻕ ﯞﻩ ﯮﺭﻣﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﯮﺕ - ﭼﯚﭖ ﯞﻩ ﺩﻩﻝ - ﺩﻩﺭﻩﺧﻠﻪﺭﻧﻰ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯧﺮﯨﻠﻐﯘ ﻳﻪﺭ ﺋﯧﭽﯩﺸﻨﻰ ﻣﻪﻧﺌﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .
28 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﯪﺳﺎﺳﻪﻥ، ﯲﺯ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯨﺪﯗ ﯞﻩ ﯪﺳﺮﺍﻳﺪﯗ .
ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﯞﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺗﺎﺵ ﯮﻣﯘﻣﯩﻲ ﭘﯩﻼﻧﯩﻐﺎ ﯪﺳﺎﺳﻪﻥ، ﯲﺯﻯ ﯪﭼﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﻨﻰ ﯪﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﯪﭼﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﯰﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .
29 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﭘﯩﻼﻧﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ، ﯲﺯ ﺟﺎﻳﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ، ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ، ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﯪﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﯲﺯ ﯪﻟﺪﯨﻐﺎ ﯮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ .
30 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯲﺯ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭ ﯞﻩ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﯮﺭﯗﻧﻼﺭﻧﻰ ﯲﺯ ﯪﻟﺪﯨﻐﺎ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯨﺪﯗ.
31 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﯩﻨﺎﯬﻥ، ﺗﺎﺷﻘﯩﻲ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﭘﺎﯪﻟﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﺳﻮﺩﺍ ﭘﺎﯪﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﺪﯗﺭﺳﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﮔﻮﯞﯗﻳﯜﻩﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺳﻮﺩﺍ ﺋﯧﻐﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯘﺭﺳﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
ﭼﻪﺕ ﯬﻟﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯧﮕﺮﯨﺪﺍﺵ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﮔﻮﯞﯗﻳﯜﻩﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯧﮕﺮﺍ ﺳﻮﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﺪﯗﺭﯨﺪﯗ .
ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ - ﺳﻮﺩﺍ ﭘﺎﯪﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﻫﺮﯨﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
32 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﻟﯩﻴﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﺎﻟﯩﻴﯩﺪﯗﺭ، ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﺎﻟﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﯗﺭ .
ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﺎﻟﯩﻴﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ . ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﺗﯜﺯﯛﻟﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﺗﻪﯬﻟﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻜﻰ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﻛﯩﺮﯨﻤﯩﻨﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯲﺯ ﯪﻟﺪﯨﻐﺎ ﯮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯗ .
ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺗﺎﺵ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﺗﯜﺯﯛﻟﻤﯩﺴﻰ ﯪﺳﺎﺳﯩﺪﺍ، ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﺎﻟﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﻳﯚﺗﻜﻪﭖ ﭼﯩﻘﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﻗﯧﻠﯩﭙﻼﺷﻘﺎﻥ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺷﻰ ﯪﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﺎﻟﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﻫﺮﯨﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﺧﺎﻡ ﭼﻮﺕ ﭼﯩﻘﯩﻤﯩﺪﺍ، ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﯪﺳﺎﺳﻪﻥ، ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺕ ﻣﻪﺑﻠﯩﻐﻰ ﯮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯗ، ﺑﯘ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺯﺍﭘﺎﺱ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﻡ ﭼﻮﺗﺘﺎ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﯪﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﻧﯩﯖﻜﯩﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﺧﺎﻡ ﭼﻮﺗﯩﻨﻰ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ، ﯪﺭﺗﯘﻕ ﻛﯩﺮﯨﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﭼﯩﻘﯩﻤﺪﯨﻦ ﺗﯧﺠﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﻪﺑﻠﻪﻏﻨﻰ ﯲﺯ ﯪﻟﺪﯨﻐﺎ ﯮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯗ .
33 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯲﺯ ﺟﺎﻳﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﭼﯩﻘﯩﻢ ﯲﻟﭽﻪﻣﻠﯩﺮﻯ، ﺋﯩﺸﺘﺎﺗﻰ ﯞﻩ ﻧﻮﺭﻣﯩﺴﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻼﺭﻏﺎ ﯪﺳﺎﺳﻠﯩﻨﯩﭗ ﯞﻩ ﯲﺯ ﺟﺎﻳﯩﻨﯩﯔ ﯬﻣﻪﻟﯩﻲ ﯬﻫﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ، ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻪ ﯞﻩ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ﭼﺎﺭﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﯩﺪﯗ . ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻪ ﯞﻩ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ﭼﺎﺭﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﮔﻮﯞﯗﻳﯜﻩﻧﮕﻪ ﯬﻧﮕﻪ ﯪﻟﺪﯗﺭﯗﻟﯩﺪﯗ ؛ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﯮﺑﻼﺳﺖ، ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﻠﻪﺭ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻪ ﯞﻩ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ﭼﺎﺭﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﯲﻟﻜﯩﻠﯩﻚ، ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ، ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﯲﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﺷﻪﺭﺕ .
34 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﺎﺝ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻨﻰ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ، ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺗﺎﺵ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯧﺠﻰ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﻛﯧﻤﻪﻳﺘﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﻛﯩﺮﯨﻤﯩﮕﻪ ﺗﻪﯬﻟﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻫﻪﻡ ﺑﺎﺝ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﯞﻩ ﺭﯨﻐﺒﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﺗﯜﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﺟﻨﻰ ﻛﯧﻤﻪﻳﺘﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﯮﺑﻼﺳﺖ، ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﺟﻨﻰ ﻛﯧﻤﻪﻳﺘﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﺷﺘﻪ، ﯲﻟﻜﯩﻠﯩﻚ، ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ، ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ ﺷﻪﺭﺕ .
35 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﯲﺯ ﺟﺎﻳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻐﺎ ﯪﺳﺎﺳﻪﻥ، ﻗﺎﻧﯘﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻪ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ، ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺳﻮﺩﺍ ﺑﺎﻧﻜﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﺷﻪﻫﻪﺭ - ﻳﯧﺰﺍ ﯪﻣﺎﻧﻪﺕ - ﻗﻪﺭﺯ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
36 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﺎﯪﺭﯨﭗ ﻓﺎﯕﺠﯧﻨﯩﻐﺎ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﯪﺳﺎﺳﻪﻥ، ﯲﺯ ﺟﺎﻳﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﯪﺭﯨﭗ ﭘﯩﻼﻧﯩﻨﻰ، ﻫﻪﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ، ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ، ﯮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﻨﻰ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺷﻪﻛﻠﯩﻨﻰ، ﯮﻗﯘﺗﯘﺵ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻨﻰ، ﯮﻗﯘﺗﯘﺷﺘﺎ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯩﻠﻨﻰ ﯞﻩ ﯮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﭼﺎﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ .
37 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﺎﯪﺭﯨﭙﻨﻰ ﯲﺯ ﯪﻟﺪﯨﻐﺎ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ، ﺳﺎﯞﺍﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻨﻰ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﺪﯗ، ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﯪﭼﯩﺪﯗ، ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻲ ﻣﺎﯪﺭﯨﭙﻨﻰ ﯮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ، ﯪﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﯮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﺎﯪﺭﯨﭙﻨﻰ ﯞﻩ ﯮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻛﻪﺳﯩﭗ - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻣﺎﯪﺭﯨﭙﯩﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﺷﻪﻛﯩﻞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ، ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﯞﻩ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ، ﯪﻟﯩﻲ ﻣﺎﯪﺭﯨﭙﻨﻰ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ، ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺨﺘﯩﺴﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﭖ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﯨﺪﯗ .
ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﯞﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﯬﻫﯟﺍﻟﻰ ﻗﯩﻴﯩﻦ، ﯮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﺗﺎﺭﻗﺎﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺗﺎﻏﻠﯩﻖ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﯮﻗﯘﺷﻨﻰ ﯞﻩ ﯮﻗﯘﺵ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﯪﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ، ﯮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﻣﺎﯪﺭﯨﭙﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﺪﯨﻜﻰ ﯮﻗﯘﺷﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﯮﻗﯘﺵ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ ﺷﯘ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﺎﻟﯩﻴﯩﺴﻰ ﻫﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺷﯘ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﺎﻟﯩﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .
ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﯮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﯪﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭ ( ﺳﯩﻨﯩﭙﻼﺭ ) ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﺎﯪﺭﯨﭗ ﯪﭘﭙﺎﺭﺍﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻰ ﻳﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻜﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺩﻩﺭﺱ ﯲﺗﯜﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ؛ ﯬﻫﯟﺍﻟﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺳﯩﻨﯩﭙﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺳﯩﻨﯩﭙﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﻰ ﺩﻩﺭﺳﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯮﻣﯘﻣﯩﻲ ﯬﺩﻩﺑﯩﻲ ﺗﯩﻠﻨﻰ ﯞﻩ ﻗﯧﻠﯩﭙﻼﺷﻘﺎﻥ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﯮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻻﺯﯨﻢ .
ﻫﻪﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯜﺯﯛﺵ - ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﺎﺭ - ﻳﯚﻟﻪﻙ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻻﺯﯨﻢ .
38 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺷﻪﻛﯩﻞ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﯬﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ، ﺳﻪﻧﯭﺕ، ﯪﺧﺒﺎﺭﺍﺕ، ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺕ، ﺭﺍﺩﯨﯯ، ﻛﯩﻨﻮ، ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯲﺯ ﯪﻟﺪﯨﻐﺎ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ . ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺳﯧﻠﯩﻨﻤﯩﻨﻰ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﭗ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﯘﯬﺳﺴﻪﺳﻪﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﭗ، ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭﺍﯞﺍﺟﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﺘﯩﺪﯗ .
ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯪﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﯮﺭﯗﻧﻼﺭ ﯞﻩ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﭘﻼﺵ، ﺭﻩﺗﻠﻪﺵ، ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﺕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ، ﯲﺯ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ، ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﯪﺳﺎﺭ - ﯬﺗﯩﻘﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻲ ﻣﯩﺮﺍﺳﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﻳﺪﯗ، ﺋﯧﺴﯩﻞ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯬﻧﯭﻧﯩﯟﻯ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﯰﻧﻰ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ .
39 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯲﺯ ﺟﺎﻳﯩﻨﯩﯔ ﭘﻪﻥ - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﭘﯩﻼﻧﯩﻨﻰ ﯲﺯ ﯪﻟﺪﯨﻐﺎ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ، ﭘﻪﻥ - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ .
40 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯲﺯ ﺟﺎﻳﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ - ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﭘﯩﻼﻧﯩﻨﻰ ﯲﺯ ﯪﻟﺪﯨﻐﺎ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ، ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯬﻧﯭﻧﯩﯟﻯ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ - ﺩﻭﺭﯨﮕﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ .
ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ، ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﯪﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻫﻪﻡ ﯰﻻﺭﻧﻰ ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﻪﺵ ﯞﻩ ﯪﻧﺎ - ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺪﯗ، ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ - ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﻳﺪﯗ .
41 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﻧﺘﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯲﺯ ﯪﻟﺪﯨﻐﺎ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯬﻧﯭﻧﯩﯟﻯ ﺗﻪﻧﺘﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﭘﺎﯪﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﺪﯗﺭﯗﭖ، ﻫﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﯩﻨﻰ ﯪﺷﯘﺭﯨﺪﯗ .
42 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﺎﯪﺭﯨﭗ، ﭘﻪﻥ - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ - ﺳﻪﻧﯭﺕ، ﺳﻪﻫﯩﻴﻪ، ﺗﻪﻧﺘﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﻫﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯪﻻﻗﻪ ﯞﻩ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻨﻰ ﭘﺎﯪﻝ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﺪﯗﺭﯨﺪﯗ .
ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﯞﻩ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﯮﺑﻼﺳﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﯪﺳﺎﺳﻪﻥ، ﻣﺎﯪﺭﯨﭗ، ﭘﻪﻥ - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ - ﺳﻪﻧﯭﺕ، ﺳﻪﻫﯩﻴﻪ، ﺗﻪﻧﺘﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﻫﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﭼﻪﺕ ﯬﻟﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯪﻻﻗﻪ ﺑﺎﻏﻠﯩﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
43 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﯪﺳﺎﺳﻪﻥ، ﯪﻗﻤﺎ ﻧﻮﭘﯘﺳﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﭼﺎﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ .
44 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻖ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﯞﻩ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﯘﻏﯘﺵ - ﯮﺑﺪﺍﻥ ﺑﯧﻘﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ، ﻫﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻧﻮﭘﯘﺳﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﻨﻰ ﯲﺳﺘﯜﺭﯨﺪﯗ .
ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﯪﺳﺎﺳﻠﯩﻨﯩﭗ ﯞﻩ ﯰﻧﻰ ﯲﺯ ﺟﺎﻳﯩﻨﯩﯔ ﯬﻣﻪﻟﯩﻲ ﯬﻫﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ، ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻖ ﺗﯘﻏﯘﺗﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﭼﺎﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ .
45 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻣﯘﻫﯩﺘﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﯧﻜﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻫﯩﺘﻨﻰ ﯪﺳﺮﺍﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﻳﺪﯗ، ﺑﯘﻟﻐﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﯪﭘﻪﺗﻨﯩﯔ ﯪﻟﺪﯨﻨﻰ ﯪﻟﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﯰﻧﻰ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﺪﯗ، ﻧﻮﭘﯘﺱ، ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻣﯘﻫﯩﺖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﯕﻜﻪﺵ ﺭﺍﯞﺍﺟﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﯪﺷﯘﺭﯨﺪﯗ .
ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻖ ﺳﻮﺕ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻖ ﺗﻪﭘﺘﯩﺶ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﻠﯩﺮﻯ
46 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻖ ﺳﻮﺕ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻖ ﺗﻪﭘﺘﯩﺶ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ﯲﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ ﯞﻩ ﯰﻧﯩﯔ ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﯪﻟﺪﯨﺪﺍ ﺟﺎﯞﺍﺑﻜﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﭘﺘﯩﺶ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ﻳﻪﻧﻪ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﺗﻪﭘﺘﯩﺶ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ﯪﻟﺪﯨﺪﺍ ﺟﺎﯞﺍﺑﻜﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﺳﻮﺕ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﻮﺕ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﯪﻟﯩﻲ ﺧﻪﻟﻖ ﺳﻮﺕ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺧﻪﻟﻖ ﺳﻮﺕ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻖ ﺗﻪﭘﺘﯩﺶ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﯪﻟﯩﻲ ﺧﻪﻟﻖ ﺗﻪﭘﺘﯩﺶ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﺗﻪﭘﺘﯩﺶ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﻜﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﺳﻮﺕ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻖ ﺗﻪﭘﺘﯩﺶ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﯞﻩ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﻰ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .
47 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻖ ﺳﻮﺕ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻖ ﺗﻪﭘﺘﯩﺶ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ﺩﯦﻠﻮﻻﺭﻧﻰ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﯞﻩ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﺘﻪ، ﺷﯘ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﻛﻪﯓ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯩﻠﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺷﯘ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﻛﻪﯓ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺗﯩﻞ - ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﯮﺑﺪﺍﻥ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭﻧﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺳﻪﭘﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﺷﯘ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﻛﻪﯓ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯩﻞ - ﻳﯧﺰﯨﻘﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻩﯞﺍ ﺋﯩﺸﺘﺮﺍﻛﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻫﯚﺟﺠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯬﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ، ﺷﯘ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﻛﻪﯓ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺧﯩﻞ ﻳﯧﺰﯨﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﺰﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﻫﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﻩﯞﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﯲﺯ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﻞ - ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﻫﻮﻗﯘﻗﻰ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .
ﺑﻪﺷﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ
48 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯲﺯ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭﻟﯩﻚ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﻫﺮﯨﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .
ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻛﺎﺩﯨﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﯪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ، ﯰﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﯪﻛﺘﯩﭙﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻗﻮﺯﻏﺎﻳﺪﯗ .
49 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻛﺎﺩﯨﺮﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯩﻞ - ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﯲﮔﯩﻨﯩﺶ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻛﺎﺩﯨﺮﻻﺭ ﺷﯘ ﺟﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻞ - ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﯲﮔﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻛﺎﺩﯨﺮﻟﯩﺮﻯ ﯲﺯ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﻞ - ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﯲﮔﯩﻨﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ، ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯮﻣﯘﻣﯩﻲ ﯬﺩﻩﺑﯩﻲ ﺗﯩﻠﻨﻰ ﯞﻩ ﻗﯧﻠﯩﭙﻼﺷﻘﺎﻥ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﯩﻤﯘ ﯲﮔﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .
ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺷﯘ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﻛﻪﯓ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻠﺪﯨﻦ ﯪﺭﺗﯘﻕ ﺗﯩﻞ - ﻳﯧﺰﯨﻘﻨﻰ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻼﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ .
50 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯲﺯ ﺟﺎﻳﯩﺪﺍ ﺗﻮﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﯮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﯲﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻱ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻳﯧﺰﺍ ﻗﯘﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ .
ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯲﺯ ﺟﺎﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ، ﻣﺎﯪﺭﯨﭗ، ﭘﻪﻥ - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ، ﺳﻪﻫﯩﻴﻪ، ﺗﻪﻧﺘﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ .
ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯲﺯ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﻩ ﺗﺎﺭﻗﺎﻕ ﯮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﯪﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﯞﻩ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ .
51 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯲﺯ ﺟﺎﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﺎﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯪﻻﻫﯩﺪﻩ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ، ﯰﻻﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻛﯧﯖﯩﺸﯩﺸﻰ، ﯰﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﯩﻜﺮﯨﮕﻪ ﻫﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺷﻪﺭﺕ .
52 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯲﺯ ﺟﺎﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﯪﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﻖ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﻫﺮﯨﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﯰﻻﺭﻏﺎ ﯲﺗﻪﺷﻜﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﻖ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﯪﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ .
53 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩﺗﻪﻧﻨﻰ ﺳﯚﻳﯜﺵ، ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺳﯚﻳﯜﺵ، ﯬﻣﮕﻪﻛﻨﻰ ﺳﯚﻳﯜﺵ، ﭘﻪﻧﻨﻰ ﺳﯚﻳﯜﺵ، ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺰﻣﻨﻰ ﺳﯚﻳﯜﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﯬﺧﻼﻗﻨﻰ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﯲﺯ ﺟﺎﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﻯ ﯪﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻚ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﻰ، ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﯩﻚ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ، ﻫﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻛﺎﺩﯨﺮﻟﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﯪﻣﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺶ، ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﯲﮔﯩﻨﯩﺶ، ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ، ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯩﻞ - ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ، ﯲﺭﭖ - ﯪﺩﯨﺘﻰ ﯞﻩ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﯨﻐﺎ ﻫﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ .
ﯪﻟﺘﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘﺭﭼﻰ
54 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍﺭﻟﯩﺮﻯ، ﺑﯧﻜﯩﺘﻤﯩﻠﯩﺮﻯ، ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻴﻮﺭﯗﻗﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯬﻣﻪﻟﯩﻲ ﯬﻫﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﯰﻳﻐﯘﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻻﺯﯨﻢ .
55 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺋﯩﺴﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺗﯜﺯﯛﺵ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﯞﻩ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ، ﻣﺎﯪﺭﯨﭗ، ﭘﻪﻥ - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ، ﺳﻪﻫﯩﻴﻪ، ﺗﻪﻧﺘﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺗﯧﺰ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ، ﭘﯘﻝ ﻣﯘﯪﻣﯩﻠﯩﺴﻰ، ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﯬﺷﻴﺎ، ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﯞﻩ ﺋﯩﺨﺘﯩﺴﺎﺳﻠﯩﻖ ﺧﺎﺩﯨﻢ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﻫﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .
ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯜﺯﯛﭖ، ﺋﯩﭽﻜﻰ - ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻣﻪﺑﻠﻪﻏﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ .
ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﭘﯩﻼﻧﯩﻨﻰ ﺗﯜﺯﯛﺷﺘﻪ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﻏﺎ ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ .
56 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺗﺎﺵ ﯮﻣﯘﻣﯩﻲ ﭘﯩﻼﻧﻐﺎ ﯞﻩ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻐﺎ ﯪﺳﺎﺳﻪﻥ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﯪﺳﺎﺳﯩﻲ ﻣﯘﯬﺳﺴﻪﺳﻪ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﯪﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﯮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ . ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﯪﺳﺎﺳﯩﻲ ﻣﯘﯬﺳﺴﻪﺳﻪﻟﻪﺭﮔﻪ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﺳﺎﻟﻤﯩﻘﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﺑﺎﻧﻜﺎ ﻗﻪﺭﺯ ﭘﯘﻟﻰ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺳﺎﻟﻤﯩﻘﯩﻨﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﯪﺷﯘﺭﯨﺪﯗ .
ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﯪﺳﺎﺳﯩﻲ ﻣﯘﯬﺳﺴﻪﺳﻪ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﯮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜﺭﯛﺷﻠﻪﺷﻜﻪﻥ ﻣﻪﺑﻠﯩﻐﯩﮕﻪ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﯮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﯬﻫﯟﺍﻟﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ، ﻳﯜﺭﯛﺷﻠﻪﺷﻜﻪﻥ ﻣﻪﺑﻠﻪﻏﻨﻰ ﯪﺯﺍﻳﺘﯩﺶ ﯞﻩ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ .
ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯬﻣﻪﻟﯩﻲ ﭘﻪﻥ - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻛﻪﺷﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﭘﻪﻥ - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺭﯦﯫﻝ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﯪﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﺘﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ، ﯬﻣﻪﻟﯩﻲ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺭﺍﯞﺍﺟﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﻳﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ، ﻳﯧﯖﻰ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻨﻰ ﺯﻭﺭ ﻛﯜﭺ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ، ﺋﯩﺨﺘﯩﺴﺎﺳﻠﯩﻖ ﭘﻪﻥ - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﯧﻘﯩﺸﯩﻐﺎ ﭘﺎﯪﻝ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯚﺗﻜﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩ، ﺷﯘ ﺟﺎﻳﻨﯩﯔ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ، ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ، ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺏ ﯴﺳﻜﯜﻧﻪ ﯞﻩ ﻫﯜﻧﻪﺭ - ﺳﻪﻧﯭﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﻳﺪﯗ .
57 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﯪﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﯞﻩ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻐﺎ ﯪﺳﺎﺳﻪﻥ، ﭘﯘﻝ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ ﯞﻩ ﻛﺎﭘﯩﺘﺎﻝ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﻨﻰ ﻫﻪﺭ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻤﻪ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﭘﯘﻝ ﻣﯘﯪﻣﯩﻠﯩﺴﻰ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﺎﺭ - ﻳﯚﻟﻪﻙ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﺎﻟﻤﯩﻘﯩﻨﻰ ﯪﺷﯘﺭﯨﺪﯗ . ﭘﯘﻝ ﻣﯘﯪﻣﯩﻠﻪ ﯪﭘﭙﺎﺭﺍﺗﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ ﻣﯜﻟﯜﻛﻜﻪ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﻪﺳﯩﭗ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﯰﻳﻐﯘﻥ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﺶ، ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻧﻰ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﮕﻪ ﻧﯘﻗﺘﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﺭ - ﻳﯚﻟﻪﻙ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻻﺯﯨﻢ .
ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺳﻮﺩﺍ ﺑﺎﻧﻜﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﯩﻠﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﺮﯦﺪﯨﺖ ﺳﯧﻠﯩﻨﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺷﯘ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﮕﻪ ﭘﺎﯪﻝ ﻣﻪﺩﻩﺕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ .
58 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ، ﭘﯘﻝ ﻣﯘﯪﻣﯩﻠﯩﺴﻰ، ﺋﯩﺨﺘﯩﺴﺎﺳﻠﯩﻖ ﺧﺎﺩﯨﻢ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﻫﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﻛﻪﺳﯩﭗ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﮕﻪ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﯜﺷﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯨﺪﯗ .
ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﺎ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﯲﮔﯩﻨﯩﺸﯩﮕﻪ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﺕ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﺎ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ .
59 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺧﺎﺱ ﻣﻪﺑﻠﻪﻏﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭ - ﻳﯚﻟﻪﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺧﺎﺱ ﻣﻪﺑﻠﻪﻏﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﯮﺭﯗﻧﻨﯩﯔ ﯪﺯﺍﻳﺘﯩﯟﯦﺘﯩﺸﯩﮕﻪ، ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻐﺎ، ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﯰﻧﻰ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺧﺎﻡ ﭼﻮﺕ ﻛﯩﺮﯨﻤﻰ ﻫﯧﺴﺎﺑﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﯞﯦﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .
60 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺳﻮﺩﺍ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﯩﻠﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻐﺎ ﯪﺳﺎﺳﻪﻥ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﻮﺩﺍ، ﺗﻪﻣﯩﻨﺎﺕ - ﺳﻮﺩﺍ ﯞﻩ ﺗﯩﺒﺒﯩﻲ ﺩﻭﺭﯨﮕﻪﺭﻟﯩﻚ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﻨﻤﺎ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ، ﭘﯘﻝ ﻣﯘﯪﻣﯩﻠﯩﺴﻰ، ﺑﺎﺝ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﻫﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﺎﺭ - ﻳﯚﻟﻪﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
61 - ﻣﺎﺩﺍ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯜﺯﯛﭖ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ - ﺳﻮﺩﯨﻨﻰ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭ - ﻳﯚﻟﻪﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺳﻮﺩﺍ ﺗﯩﺠﺎﺭﯨﺘﯩﺪﻩ ﯲﺯ ﯪﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﯩﺶ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﭼﻮﯕﺎﻳﺘﯩﺪﯗ، ﯴﺳﺘﯜﻧﻠﯜﻛﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﻪﻫﺴﯘﻻﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻜﯩﺴﭙﻮﺭﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ، ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﯪﺳﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﯧﮕﺮﺍ ﺳﻮﺩﺍ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ .
62 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺭﺍﯞﺍﺟﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﯞﻩ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﻛﯩﺮﯨﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﺸﯩﺸﯩﻐﺎ ﯬﮔﯩﺸﯩﭗ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﻣﺎﻟﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﻳﯚﺗﻜﻪﭖ ﭼﯩﻘﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺳﺎﻟﻤﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﯩﻲ ﯪﺷﯘﺭﯨﺪﯗ . ﯪﺩﻩﺗﺘﯩﻜﯩﺪﻩﻙ ﻣﺎﻟﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﻳﯚﺗﻜﻪﭖ ﭼﯩﻘﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺗﯜﺭ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﺎﻟﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﻳﯚﺗﻜﻪﭖ ﭼﯩﻘﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﺎﻟﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﻳﯚﺗﻜﻪﭖ ﭼﯩﻘﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯧﻠﯩﻨﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﭗ، ﯰﻧﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﺘﯩﺸﯩﮕﻪ ﺳﻪﺭﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺷﯘ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﻪﺭﻗﯩﻨﻰ ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﯩﻲ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﺘﯩﺪﯗ .
63 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ، ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ، ﯮﺭﻣﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﻫﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺳﯘﭼﯩﻠﯩﻖ، ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ، ﺋﯧﻨﯧﺮﮔﯩﻴﻪ، ﯪﻻﻗﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﯪﺳﺎﺳﯩﻲ ﻣﯘﯬﺳﺴﻪﺳﻪﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﻨﻤﺎ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ، ﭘﯘﻝ ﻣﯘﯪﻣﯩﻠﯩﺴﻰ، ﺑﺎﺝ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﻫﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﺎﺭ - ﻳﯚﻟﻪﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ؛ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯲﺯ ﺟﺎﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ، ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺳﺎﻧﺎﯬﺗﻨﻰ، ﻳﯧﺰﺍ - ﺑﺎﺯﺍﺭ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﯮﺗﺘﯘﺭﺍ، ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭﻧﻰ، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﯪﻻﻫﯩﺪﻩ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ ﺗﺎﯞﺍﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩ ﯬﻧﯭﻧﯩﯟﻯ ﻗﻮﻝ ﺳﺎﻧﺎﯬﺕ ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭ - ﻳﯚﻟﻪﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
64 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻛﯚﭖ ﻗﺎﺗﻼﻣﻠﯩﻖ، ﻛﯚﭖ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻚ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﺪﯗﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ، ﻣﻪﺩﻩﺕ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭ، ﻣﺎﯪﺭﯨﭗ، ﭘﻪﻥ - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ، ﺳﻪﻫﯩﻴﻪ، ﺗﻪﻧﺘﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﯜﺭﺗﻜﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .
65 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﺶ، ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﭙﻪﯬﺗﯩﮕﻪ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ، ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﯮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻰ، ﺷﯘ ﺟﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﻣﻪﻧﭙﻪﯬﺕ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺗﯚﻟﻪﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ .
ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﯲﺯ ﯪﺭﺍ ﭘﺎﻳﺪﺍ - ﻣﻪﻧﭙﻪﯬﺕ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯧﻠﯩﺸﯩﻐﺎ، ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻨﻰ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﺪﯗﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﺕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ .
66 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺯﻭﺭ ﺋﯧﻜﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﻠﯘﻗﻰ، ﻣﯘﻫﯩﺖ ﻣﯘﻫﺎﭘﯩﺰﯨﺘﯩﻨﻰ ﻫﻪﺭ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻤﻪ ﺗﯜﺯﻩﺵ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﭘﯩﻼﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﭖ، ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺗﺎﺵ ﯮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﻻﺯﯨﻢ .
ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯧﻜﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﻠﯘﻗﻰ، ﻣﯘﻫﯩﺖ ﻣﯘﻫﺎﭘﯩﺰﯨﺘﯩﮕﻪ ﺗﯚﻫﭙﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯰﻻﺭﻏﺎ ﻣﻪﻧﭙﻪﯬﺕ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺗﯚﻟﻪﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ .
ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺕ ﻳﺎﻛﻰ ﺷﻪﺧﺲ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﺶ، ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ، ﯴﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺷﯘ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻣﯘﻫﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﯧﻜﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻫﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﯨﺸﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺸﻰ، ﺑﯘﻟﻐﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﯪﭘﻪﺗﻨﯩﯔ ﯪﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﯰﻧﻰ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .
67 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﯮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﯪﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ، ﯪﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﯪﻟﯩﺪﯗ .
ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭ، ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﯮﺭﯗﻧﻼﺭ ﺷﯘ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﻐﺎ ﻫﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ، ﺷﯘ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻧﯩﺰﺍﻣﻠﯩﺮﻯ، ﯪﻳﺮﯨﻢ ﻧﯩﺰﺍﻣﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻧﯩﺰﺍﻣﻠﯩﺮﻯ، ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺭﯨﯫﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ، ﺷﯘ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .
68 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﯪﻟﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﻚ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﻨﻰ ﯲﺯﮔﻪﺭﺗﺴﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .
69 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯞﻩ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﻏﺎ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ، ﭘﯘﻝ ﻣﯘﯪﻣﯩﻠﯩﺴﻰ، ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﯬﺷﻴﺎ، ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ، ﺋﯩﺨﺘﯩﺴﺎﺳﻠﯩﻖ ﺧﺎﺩﯨﻢ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﻫﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﯚﻟﻪﺵ ﺳﺎﻟﻤﯩﻘﯩﻨﻰ ﯪﺷﯘﺭﯗﭖ، ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﯪﻫﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺗﯧﺰﺭﻩﻙ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ، ﻫﺎﻟﻠﯩﻖ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ .
70 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯲﺯ ﺟﺎﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻫﻪﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻛﺎﺩﯨﺮﻻﺭﻧﻰ، ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﺗﯧﺨﻨﯩﻚ ﺋﯩﺸﭽﯩﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﭘﻠﻪﭖ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﯛﺷﯩﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ ؛ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻐﺎ ﯪﺳﺎﺳﻪﻥ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﯴﭼﯜﻥ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺳﺎﻧﺪﺍ ﯮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ، ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻻﺭ، ﭘﻪﻥ - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯬﯞﻩﺗﯩﺪﯗ، ﯰﻻﺭﻏﺎ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺗﻪﻣﯩﻨﺎﺗﻰ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ .
71 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﺎﯪﺭﯨﭗ ﺳﯧﻠﯩﻨﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﺪﯗ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﯪﻻﻫﯩﺪﻩ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﻣﺎﯪﺭﯨﭙﯩﻨﻰ ﺗﯧﺰ ﯮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﺎﯪﺭﯨﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯧﺰ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﻫﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﭘﻪﻥ - ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﯲﺳﺘﯜﺭﯛﺷﯩﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ .
ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻳﺎﻛﻰ ﯪﺳﺎﺳﻪﻥ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﯮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﯪﭼﯩﺪﯗ، ﯪﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﻩ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺳﯩﻨﯩﭗ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯘﺭﺳﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﻧﯩﺸﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻧﯩﺸﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﻪﻗﺴﯩﻤﻠﻪﺵ ﭼﺎﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﯪﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﻮﻣﻼﺭ ﻳﯧﯖﻰ ﯮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ، ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻥ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﯮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯲﻟﭽﯩﻤﻰ ﯞﻩ ﺷﻪﺭﺗﯩﻨﻰ ﻻﻳﯩﻘﯩﺪﺍ ﻛﻪﯕﺮﻩﻙ ﻗﻮﻳﯘﯞﯦﺘﯩﺪﯗ، ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ ﭘﻪﯞﻗﯘﻟﯫﺩﺩﻩ ﯪﺯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻥ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﯮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﯪﻻﻫﯩﺪﻩ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . ﻫﻪﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ، ﯪﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﯮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﯮﻗﯘﺷﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ .
ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﺩﺍ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﯮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﯪﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﯮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﻩ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺳﯩﻨﯩﭙﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﯮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﺎﯪﺭﯨﭙﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ .
ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﯮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﯛﺷﯩﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻫﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﯮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﯮﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﻫﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﯮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﯞﻩﺯﯨﭙﻪ ﯲﺗﻪﺵ ﺷﻪﺭﺗﯩﮕﻪ ﯰﻳﻐﯘﻥ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻣﺎﯪﺭﯨﭗ، ﯮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﯰﻻﺭﻏﺎ ﺗﻪﻣﯩﻨﺎﺕ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ .
72 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻛﺎﺩﯨﺮﻟﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﯪﻣﻤﯩﺴﻰ ﯪﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺸﻰ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﯞﻩ ﯪﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﻗﺎﻧﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﯚﺭﻣﻪﺗﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﯬﻫﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﻰ ﻻﺯﯨﻢ .
ﻳﻪﺗﺘﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺏ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﻗﺎﺋﯩﺪﻩ
73 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﮔﻮﯞﯗﻳﯜﻩﻥ ﯞﻩ ﯰﻧﯩﯔ ﯪﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﯲﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻫﻮﻗﯘﻗﻰ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﺪﻩ، ﺑﯘ ﻗﺎﻧﯘﻧﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﯴﭼﯜﻥ، ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﻧﯩﺰﺍﻡ، ﻗﺎﺋﯩﺪﻩ، ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮ ﯞﻩ ﭼﺎﺭﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﯪﻳﺮﯨﻢ - ﯪﻳﺮﯨﻢ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .
ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﯞﻩ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﻜﯩﺪﻩ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﯮﺑﻼﺳﺖ، ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﻧﺎﻫﯩﻴﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯲﻟﻜﻪ، ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﺎﻳﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﯰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻠﯩﺮﻯ ﯲﺯ ﺟﺎﻳﯩﻨﯩﯔ ﯬﻣﻪﻟﯩﻲ ﯬﻫﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ، ﺑﯘ ﻗﺎﻧﯘﻧﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺷﻨﯩﯔ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ﭼﺎﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ .
74 - ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺑﯘ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ ﻣﺎﻗﯘﻟﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، 1984 - ﻳﯩﻠﻰ 10 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 1 - ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﻩﻥ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺪﯗ .